-4-
سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى(9)
سەلەپى(ۋاھابى) ھەرىكىتى بۈگۈنكى ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ دىننى بىدئەت ۋە خۇراپاتلىقتىن ئازات قىلىشتا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رولى بار. ھازىرقى زامان سەلەپى ھەرىكىتى 20-ئەسىر ئارىلىقىدا ئىلال پاسىنىڭ لىبې رالىيىسىدىن تارتىپ، ئىمام مۇھەممەد ئابدۇلنىڭ ئەقلانىي ھەرىكىتى ۋە ئابدۇلھەمىد بادىسنىڭ جىھاد ھەرىكىتىدىن ئۆتۈپ، مۇھىبۇدىن خېتىبنىڭ ھەدىسچىلىكىگە قەدەر خىلمۇ-خىل كۆرۈنۈشلىرى بىلەن شەكىللەندى. بىراق ئاخىردا ھەنبەلى يىلتىزلىق سەلەپى مەدرىسلىرى نامى ئاستىدا شەكىللەندى. سەئۇدىنىڭ نەجدىدە قۇرۇلغان سەلەپى ھەرىكىتى كۆپ ئەللەرگە تارقاپ، خەلقئارالىق ئىسلامى كۆرۈنۈشكە ئايلاندى. سەلەپى ھەرىكىتى يېقىنقى زامانغا قەدەر سىياسى ۋە جىھادى ئىسلام ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئىمتىيازى سەرمايىسى بولۇپ كەلدى. بىراق بۇھەرىكەت سىياسى كۈرەشتە ھەجمى، ئىلمى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان يۈكنى ئۆز ئۈستىگەئالمىغان ئىدى. سەلەپى ھەرىكەت ئالىملىرى ۋە يېتەكچىلىرى سىياسى خىزمەتكە نىسبەتەن ئەنسىرەش پوزتسىيىسىدە تۇرۇپ كەلدى. پىكىر قىلىش دائىرىسى ۋە تارىخى مىراسىي ئىدىيە دائىرسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى. تارىخى مىراس ئىدىيىسىدىن چىقىپ كەتسە، پىتنىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەش ۋە سىياسى ئىسلاھات كۈچلىرىگە قارىتا شۇملىنىش نەزەرى بىلەن قاراش بۇھەرىكەتنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. بىراق بۈگۈنكى سەلەپى ھەرىكىتى تولغاق باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. بىراق ھازىرقى تولغاق سەلەپى ھەرىكەت ئىدىيىسىنى ئۆزىنى دائىرىگە ئېلىۋالغان چەمبەردىن چىقىرىۋەتتى. ئەگەرئىسلام تەشۋىقاتچىلىرى-سەلەپى ۋە باشقىلار-بۇ تولغاقنى قانداق قىلىپ ياخشى ھىمايە قىلىشنى ھېس قىلىپ يېتەلىسە، تولغاق ئىسلام ئويغىنىشقا ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ. ئىسلام ساھەسىنى يېڭى قان ۋە يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئاكتىپلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، مىليونلىغان مۇسۇلمانلاردىكى دىندار بولۇش تاقىتىنى ئىسلامنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت يۆنىلىشىدىكى توغرا ئورنىدا قويالايدۇ. ھازىر سەئۇدىدىكى سەلەپى ھەرىكىتى ئىككى خىل يۆلۈنۈشتە ماڭماقتا: بىرسى:تەقلىدى سەلەپىلەر بولۇپ، بۇلار مۇجەددىد ئىبنى ئابدۇلۋاھاب يولغا قويغان پرىنسىپ ۋەمەسىلىلەرنى ياقىلاپ ماڭىدۇ. ئاساسەن «چوڭ ئالىملار ھەيئىتى» بۇ يۆلىنىشنى تەمسىل قىلىدۇ. يەنە بىرسى:سەلەپى ھەرىكىتىنى يېڭىلاۋاتقان ۋە ئىجتىھادنى دەۋرگە مۇناسىپ تۇتۇپ مېڭىۋاتقان ئىسلاھاتچى دەۋەتچىلەر ۋە مۇتەپەككۇرلار. مۇتەپەككۇر سالمان ئەۋدە، ئائىز قەرنى،دوكتۇر سەپەر ھەۋۋالى، دوكتۇر مۇسا شەرىف، شەيخ ئەلى ئۆمەر بادىھ، شەيخ سەئىد ناسىر غامىدى، ئىۋەز قەرنى ۋە شەيخ ئابدۇللاھ مەنىئ ۋە« ياشلار كېڭەش سورۇنى»دىن ئىبارەت.بۇلار«شەرىئەت ئالىملىرى بىرلەشمىسىدە»كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئالىملارنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان يېزىلغان ئەسەرلىرى يېڭىچە ئاڭ بىلەن يېزىلغان. باشقا ئەللەردىكى سەلەپى ھەرىكەتلەرنىڭ يۆلىنىشى ھەققىدە توختالمىدۇق. بىرقانچىلىغان سەلەپى ھەرىكەتلەر يېقىنقى زامانغا قەدەر، ئىدىيىۋى ۋە ئىلمى پروگراممىلىرىدا خاتا پرىنسىپلارغا ئۇچراپ تۇردى. سەلەپى ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيە تولغىقى ئۈنۈم بەرسۇن دەپ قارالسا ئىسلاھاتچىلار بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى لازىم.
بۇ ئىدىيەدىكى خاتالىقلار تۆۋەندىكىچە: 1.يېڭى دەۋردە «سەلەپ» دېگەن ئۇقۇم بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «ئەقىدىدىكى ساغلام پرىنسىپ»تىنپىقھى ئىشلىرىدىكى مەزھەپكە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئىش ھەر قانداق يېڭى بىر مەسىلىگە قەدىمقى ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن جاۋاپ ئىزدەش، ھازىرقى دەۋردە ئىسلامنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان، ئىسلام جەمئىيەتلىرى دۈچ كېلىۋاتقان قېيىن سوئاللار ۋە خەتەرلەرگە جاۋاپ بېرەلمەيدىغان تاماق قىياسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ ھەرىكەت سەلەپ سالىھلارنىڭ دەۋردە دەلىل يوق بولغان(يەنى ئۇ دەۋردە ئىزدەلمىگەن) ھەر قانداق يېڭى ئىجتىھادقا شەك نەزىرى بىلەن قارايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بېرىلگەن پەتىۋالارنىڭ ھايات يوللىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھازىرقى دەۋرگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىغادىققەت قىلمايۋاتىدۇ. 2. ھازىرقى بەزى يېڭى جامائەتلەر ئەقىدىنىڭ ئىنچىكە مەسىلىلىرىدە شەرئى سەۋەبسىز كۆپ سۆزلەيدىغان مەنتىق مەدرىسىگە ئايلىنىپ قالدى.بۇ ھالەت ئاددىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان سەلەپى پىرىسنىپى بىلەن ماسلاشمايدۇ. سەلەپى ھەرىكەتلىرى، بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان ئىسلام جەمئىيىتىنى پارچىلىۋەتكەن ۋە ئەھمىيەتسىز ئىشلاردا ئىدىيىۋى ۋە ئەمەلىي كۈچ قۇۋۋىتىنى بىكار قىلىۋەتكەن مەرىكىلەردىن ئىبرەت ئېلىشى لايىق ئىدى. كۆپ ساندىكى كىشلەر پايدىسى يوق مەسىلىلەر ھەققىدە تالاش-تارتىشقىلىپ ۋاقىتىنى زايا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق مەسىلە!. 3. دەلىلنىڭ ئېنىق ۋە كەسكى بولۇشى بىلەن ئىسپاتلانغان ئىجتىھاد قىلغىلى بولمايدىغان «ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى» بىلەن، ئىختىلاپ قىلسا بولىدىغان «ئەقىدىنىڭ تارماقلىرى»نى پەرقلەندۈرمەيدۇ. تارماق قىسىملىرىدا ئىختىلاپ قىلسابولىدۇ، ئەقىدىنىڭ شاخچە مەسىلىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مەسىلىنى ئىلمى بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ ۋە بۇ ئىش نەتىجە بەرمەيدۇ. ساھابىلەرمۇ ئەقىدىنىڭ بىر قىسىم تارماق مەسىلىلىرىدە تالاش-تارتىش قىلغان. مەسىلەن؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا كېچىسى پەرۋەردىگارىنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەنلىكى، ئىسرا ۋە مىئراجنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ جىسىمى بىلەن بولدىمۇ ياكى روھى بىلەن بولدىمۇ، ئائىلىسىنىڭ يىغلىشى سەۋەبلىك مېيىتنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش ئەقىدىنىڭ شاخچە مەسىلىلەردە تۈرلۈك قاراشلاردا بولغان. ھەر بىر ساھابە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى، ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇۋالمايتتى، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلمايتتى، قارشى ئىدىيىدىكى كىشلەرگە دۇئا قىلاتتى ۋە چىرايلىق سۆزلەرنى قىلاتتى. 4. بەزى سەلەپىلەر؛ بەزى بىدئەتلەرنى قىلىپ سالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئىللىق مۇئامىلە قىلماي ياكى مال- مۈلكىگە ئېتىبار بەرمەي ئىنكار قىلىدۇ. ھالبۇكى بىدئەت ۋە خۇراپاتنى ئەيىبلەپ قويغانلىق ئۇنى يوقىتىشقا كۇپايە قىلامدۇ؟ ئۇ كىشى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىنسا، ناچار مۇئامىلىدىن تەسىرلىنىپ بىدئەتتىن قول يىغارمۇ؟ مەقسىتىمىز بىدئەتنى خاتىرلەشمۇ ياكى ئۆزگەرتىشمۇ؟ بىر ئىشنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋەقارشى تەرەپتىكى كىشىنىڭ مەنپەئەتىنى ئېتىبارغا ئېلىشىڭىز لازىم. 5. بەزى سەلەپىلەر تارىخنى ياخشى بىلمىگەنلىكى، سەلەپ سالىھلەرنىڭ ھاياتىدىكى نۇرلۇق ۋە بەزى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى ئېچىپ تولۇق تەتقىق قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مەنبەدە ۋەھىي بىلەن تارىخنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان. پرىنىسپنى شەخىسلەردە مۇجەسسەملەشتۈرۈش كېسەللىك. چۈنكى ئۇلار ھەر قانچە كاتتا ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ كەتسىمۇ مەسۇم(خاتالىقتىن ساقلانغۇچى) ئەمەس.ئىشلەتكەن ئۇسۇل چارىلىرىدا نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، ئۇ چارىلەر ۋاقىت ۋە ئورۇن دائىرىسىدە بەلگىلەگلىك شارائىتقا مۇناسىۋەتلىك. «پرىنسىپ» بىلەن «شەخسلەر»نى ياكى «پرىنسىپ»بىلەن «ئۇسۇل چارىلەر»نى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئىدىيىۋى ۋە ئەمەلىي كېسەللەرنىڭ يامانراقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى:«مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋەمەنىدىن كېيىنىكى توغرا يولدا ماڭىدىغان خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار» دېگەن. نەزەر سالسىڭىز «توغرا بولسا» دېگەن سۆز ئېنىق، ھەر قانداق خەلىپە بولسا ئەگىشىڭلار دېمىدى. بۇ ھەدىستىن پرىنسىپ بىلەن شەخسلەر ئارىسىنى ئايرىشتاقىممەتلىك دەرس چىقىپ تۇرىدۇ. 6. شەرئى ئىلىمنىڭ تۇرمۇش ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى،دىننى ئومۇمى ھايات ئىشلىرىدا رولسىز قىلىپ قويىدۇ. شەرىئەت ئالىملىرنى دىنغا خىزمەت قىلمايدىغان سىياسى خىزمەتكە سېلىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. دىننىڭ جەمئىيەت ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئالىملارنىڭ چوڭ خاتالىقى ئەمەسمۇ؟ سەۋەبى سەلەپى يۆلۈنۈشىدىكىلەرنىڭ كۆپلىرى ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن يىراق تۇرىدۇ،«ئىدىيىۋى ۋە مەدەنىيەت ھۇجۇمىغا»ئۇچراپ كېتىشتىن قورقۇنچ ھېس قىلىۋاتقاندەك تەقلىدى پوزىتسىيىگە چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ. بۇئەھۋال ئۇلارنى ھازىرقى شارائىتتا دىننىڭ تەقەززاسىدىن يىراق ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ئۆتمۈشنىڭ بىدئەت ۋە خۇراپاتلىرى بىلەن كۆرەش قىلىشتا كۈچىنى زايا قىلىۋەتتى. كۆپلىگەن سەلەپىلەر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى«ئويغىنىش يېتەكچىلىرى»نىڭ كۆز قارىشىغا ئېسىلىۋالىدۇ. ئۇلار:مۇسۇلماننىڭ ھازىرقى زامان بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجى (تېخنىكا)ئىلمىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئىنسانىيەت ۋە پرىنسىپ بىلىملىرىگە ئېھتىياجى يوق دەپ قارايدىغان ئىدى. بۇ تار كۆز قاراش مۇسۇلمانلارنىڭ-خۇسۇسەن سەلەپىلەرنىڭ-ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى ئىدىيىۋى ۋە پرىنىسپ سەۋىيىسىدىن ئارقىدا قېلىشىغا ئېلىپ باردى. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار مۇھتاج بولۇۋاتقان ئىنسانىيەت ۋە پرىنسىپ بىلىملىرى ئەقىلنى ئازات قىلىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ياشلىقىنى يېڭىلايدۇ، ئىسلام مەدەنىيىتىدىن تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. 7. شەخسلەرنىڭ ئورنىغا ھېرىس بولۇپ، پرىنسىپلارنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىكار قىلىپ تاشلايدىغان دەرىجىدە سەلەپىلەرنى مۇداپىئە قىلىشتا تەسىرلىنىش، ھەزرىتى ئوسمان بىلەن كاتىپى مەرداننى مۇداپىئە قىلغان بىلەن ئوخشاش بىر ئىش. قارشى پىكىردىكىلەرگە ئىنساپ قىلماي ھۇجۇم قىلىش، پىقھى ۋە سىياسى چۈشەنچىسىگە زىت كېلىپ قالسا سەھى ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ پىكرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە قارشى پىكىرنى رەت قىلىشتا تەكەللۇپ قىلىش، ئاڭلىمىغان ياكى قولى يەتمىگەن دەلىللەرنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشقا ئوخشاش پرىنىسپ خاتالىقلىرى ھازىرقى زامان بەزى سەلەپى جامائەتلەرگە يۇقتى. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى ئىللەتلەردىنباشقا ئىسلام ھەرىكەتلىرىمۇ خالى بولالمىدى. سەلەپىلەر ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ تارىخىنى تەكشۈرمەي ئۇلارنىڭ تارىخىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلغان بولسا، باشقاھەرىكەتتىكى كىشلەر مۇراجىئەت قىلماي ۋە باھا بەرمەي ھەرىكەت شەخىسلىرىگە(قۇرغۇچىلىرىغا) مۇتەئەسسىپلىك قىلدى. سىرتقى كۆرۈنۈشتىن ھالقىپ چوڭقۇرغا چۆككەن كىشلەر: بەزى ئىسلامى ھەرىكەتلەرنىڭ- گەرچە سەلەپىلەرنى تەنقىد قىلسىمۇ- ئىدىيە ۋە ئەمەلدە سەلەپى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بەزى سەلەپى ھەرىكەتلەرنىڭ -گەرچە ئۇلار ئىلمى كالامچىلارغا ھۇجۇم قىلسىمۇ- ئىلمى كالامچى ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ھازىرقى سەلەپى ھەرىكەتلىرى ياشاۋاتقان ئىدىيىۋى ۋە سىياسى تولغاق، بۇ پرىنسىپ خاتالىقىنى تەدرىجى ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بىر تەرەپلىمە ئىزدىنىۋاتقان كىشىنىڭ ھازىرقى سەلەپى ھەرىكەت ئىدىيىسى ئۈممەتنىڭ غەم قايغۇسىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، تارىخنىڭ ئەسىرىدىن قۇتۇلىۋاتقانلىقى ۋە بەزى قاملاشمىغان نىزاملاردىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. سەلەپىلەرنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئەھمىيەتسىزپاراڭدىن يەڭگىللەپ، دەۋرنىڭ ئىشلىرىغا، ھاياتنىڭ قارشىلىقلىرىغا مەركەزلىشۋاتقانلىقى، سىياسى ۋە تەشكىللەش ساھەسىدە يېڭى دەۋر بىلىملىرىدىن پايدىلىنىشقا تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچ ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك:
(1).ئەرەب يېرىم ئارىلىدا 90- يىلىنىڭ باشلىرىدا تەشۋىقاتچىلار ئالغا ئىلگىرىلەپ، شەرىئەتنى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى قىلىپ قويغان نىزامنىڭ كىيىمىدىن چىقىپ، بىرىنچى قېتىم سەلەپى خىتابىنى ئازات قىلدى. شارائىتنىياخشى تەتقىق قىلىش ۋە يېڭى دەۋردىكى دىننىڭ تەقەززاسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىگە سەلەپى ياشلىرىنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى. (2).بەزى يۈزلۈك سەلەپى يېتەكچىلىرى بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە سىياسى ئىلگىرىلەش ئېلىپ بېرىپ، باشقا ئىسلام جامائەتلىرى بىلەن ھېكمەت ئىچىدە ھەمكارلىق ئورناتتى.بۇ كۆرۈنۈش ئالجىرىيەدىكى«ئىسلام قۇتقۇزۇش پرونتى»دا ئېنىق كۆرۈنىدۇ. (3). ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سەلەپى جامائەتلەر تەلىم-تەربىيە رولىنى ئېلىپ باردى. سەلەپى خىتابىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا بۇجامائەتلەرنىڭ رولى زور بولدى... ھازىرقى دەۋردە سەلەپى ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقا جانلىق ئىسلامى ھەرىكەتلەر ئارىسىدا يېقىنلىشىش باشلاندى، ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلەلەيدىغان نۇقتىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، بىر-بىرىگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلەقىلىشقا قەدەم باستى. بۇ ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى، بېقىندا كەلگۈسى ئىشلار تېخىمۇ ياخشىلانغۇسى!!!. بۇ ماقالە 2000- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى يېزىلغان.ئۇنىڭدىن كېيىن شارائىت ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولدى، بېسىم ۋە ئاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا بۇ ھەرىكەتنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ھالىتىنى باشقىدىن تەكشۈرۈشكە ۋە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:
1.دىن، مەزھەپ ۋە پارتىيىلەر ھەققىدە ئاسان ئېنىسكىلوپېدىيە. 2.مۇھەممەدئىبنى ئابدۇلۋاھاب ھەپتىلىكى....ئىمام سەئۇد ئۇنۋىرسېتىتى تەتقىقات مەركىزى؛دوكتۇر ئابدۇراخمان ئۇمەيرە، دوكتۇر ئابدۇراخمان ئۇۋەيس ۋە دوكتۇر ۋەھبە زۇھەيلى ماقالىسىگە مۇراجىئەت قىلىڭ! 3.ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى...ئەمىر شەكىپئارسىلان 4.ئىسلام تەشۋىقاتى شەرئى پەرز.....دوكتۇر سادىق ئەمىن
5.قوللىغۇچى ۋە تەنقىد قىلغۇچى ئارىسىدىكى ۋاھابىسەلەپىلىرى...(ماگىستىرلىق رىسالىسى نەشىر قىلىنمىغان)، ھورسى مۇھەممەد ھىلۇلە،1996- يىلى، مالىزىيا. 6.يېڭى مانار ژۇرنىلى 22-سان.. مۇھەممەد ئەبدە، سالمان ئەۋدە.. ماقالىلىرى.
ۋاھابى سەلەپى ھەققىدىكى بۇ تۆت ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋېلىڭ:
www.irxad.com/islam_idiyisi/selepiye.pdf
ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي
|