- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
6.58%
|
كەپتەرلەر ( 6)
نۇري تېيىپ
قەيسەر مىجىت يوللانمىسى
ساقچىلار ئۇدۇل مەن تەرەپكە كەلمەكتە. " ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك " دېگەن گەپنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىزغۇ ھە ... ئەمما مېنىڭكى ئۇنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇۋەتتى. ئورنۇمدا ئولتۇرالمايلا قالدىم . بىر دەم دېرىزە تەرەپكە قارىدىم، بىردەم يەردىن بىر نەرسە ئالغان بولۇپ يەرگە ئېڭىشىممۇ باقتىم. ئالقانلىرىمدىن چىققان تەرلەرنى پاچىقىمغا سۈركەپتۇ باقتىم. بېشىمدىكى شەپكەمنى ئېپمۇ باقتىم، كىيىپمۇ باقتىم، كۆك كۆزلىرىم بەلكىم پاقىراپ، پىل- پىل - پىل بولۇپمۇ كەتكەندۇ، قارچۇقلىرى راستىنلا، ھېلىقى چوشقىنىڭ چاقچىقىدەك ئۈندەش بەلگىسىگە ئوخشاپمۇ قالغاندۇ... مۇشۈكنىڭ كۆزىدەك.
ساقچىلار مەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدىكى رەتكە كېلىپ توختىدى.
نى چىلەي .( قوپە ئورنۇڭدىن ) دېمەمدۇ .... ...
لىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم .
بۈشى نى . نى ( سەن ئەمەس . سەن ) دېدى.
مېنىڭ ئارقامدىكىدى رەتنىڭ دېرىزە تەرىپىدە ئولتۇرغان، ئوتتۇرا ياشلىق بىرسىنى كۆرسىتىپ .
ئۇف.......... دېدىم ۋە ئۆزۈمنى ئورۇندۇققا تاشلىدىم. ساقچىلار ئۇ خەننى " زو - زو. ماڭ - ماڭ " دەپ ئىتتىرىپ، دۈشكەلەپ، ئايروپىلاندىن ئېلىپ چۈشۈپ كەتتى .
ئايروپىلان يەنە قوزغالدى . لېكىن مەن تېخىچە جايىمغا چۈشەلمەي، " بۇدا يەنە بىر توختىسا، ئۆچىرەت چوقۇم ماڭا كېلىدۇ جۇما " دەپ دەكە - دۈككىدە ...
ئايروپىلانغا 1- قېتىم چىقىشىم بولغاچ، بۇ يوغان تۆمۇر قانداقمۇ، شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئېلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلەلەيدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنى كىچىكىمدىن تارتىپلا بىلگۈم كېلەتتى . جىددىچىلىكتە ئۇلارنى خىيال قىلىپ، ئايروپىلاننىڭ يەردىن كۆتۈرۈلۈشىنى كۆزىتىدىغان نەدە ئارامچىلىق دەيسىز؟ كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتقىنى ھېلىقى تاياق يېگۈچى بىلەن ساقچىلار ...
بۇ ئايروپىلانمۇ خۇددى يەردە ماڭىدىغان ئايروپىلاندەك، ھىچ بىر ئۇچىدىغاندەك ئەمەس پۈتۈن ئايرودرومنى ئايلىنىپ بولدى . ئاخىرى تۇيۇقسىز " غوئوئوڭ" قىلىپ ئاۋازىنى ئۆزگەرتتى .
" بېلىڭلارنى باغلىمىساڭلار بولمايدۇ، ھازىر ئايروپىلان قوزغىلىدۇ " دەيدىغان ئۇزۇن گەپلەردىن كېيىن ، ئايروپىلاننىڭ تېزلىكى ئاشتى . " غوئوئوڭ. .. غوڭ" لا قىلغان بولدى، ئايروپىلان يەر يۈزىدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ، مېنى بىزار قىلغان شەھەردىن ئايرىلدى .
مەن بېشىمنى ئورۇندۇققا يۆلەپ، كۆزۈمنى يۇمۇپ، ياشلىقتا ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمنى، بىر قۇر ئەسلىدىم . بۇ 3-4 ئاي ئىچىدىكى جىددىچىلىكلەرنى، ئۇرۇش - جېدەل، تالاش - تارتىشلارنى بىرمۇ - بىر قايتا ئەسلىدىم . كۆزۈمگە ھېلىقى، ماڭا ئىككى يىلچە ھەمرا بولغان، چىرايلىق ئالتۇن بېلىقلىرىم، " پىلتىڭ - پىلتىڭ " قىلىپ كۆرۈنۈپ كەتتى .
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مۇشۇ يەردە مەن، مەن ئۇچۇپ كەتكەندىن كيىنكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە، ئىدارىدە بولغان ئىشلارنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتەي، (بۇنى ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋۇ مېنى ئۇزۇتۇپ قويغان دوستۇمدىن ئاڭلىغان .) بولمىسا كېيىن ياپونىيىگە بېرىپ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماي يەنە ...
دوستۇم مېنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئىدارىگە قايتىپ كەپتۇ .قارىسا ئىشخانىلاردا بىرەر ئادەممۇ يوق تۇرغۇدەك بۇ 1990- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى . ھەممە ، ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ يىغىن زالىدا ئولتۇرغۇدەك . ئۇچۇپ كەتتى . مانا ھازىر ئۇنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كېلىشىم ، دەپتۇ يىغىندىكىلەرگە .
- دىمىدىممۇ ؟! ھە ئەمدى نېمە دېيىشسە؟ تېز بىر تەرەپ قىل، بولمىسا قاچىدۇ دېسەم، مانا ئەنە دەپ ئارقىغا سۈرۈشتۈڭ، ھە ئەمدىچۇ؟ خوپ بولدىما؟ دەپ تاياق يېگۈچى ئاكىمىز يىغىن زالىنى بېشىغا كىيىپتۇ.
ئاۋۇ ماڭا ئۆچ ئادەملەر، ئىدارە رەھبىرىگە " سىلەر بۇ مەسىلىگە سەل قارىدىڭلار، بۇ ئىشىڭلار بولمىدى " دېيىشىپ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى، نارازىلىقلىرىنى بىردەك بىلدۈرۈشۈپتۇ .
مەن بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشىلار، قاقاقلاپ كۈلۈپ، " يارايدۇ، بۇ بالا زادى ئەقىللىق بالا ئۆزىمۇ ... قارا ئىشىنى بىر ئەپچىل جايلىغىنىنى ..." دىيىشىپ مېنىڭ ساق - سالامەت ئۇچۇپ كەتكىنىمنى تەبرىكلەپتۇ .
خوش . ھۈرمەتلىك ئوقۇرمەن . مېنىڭ مەسىلەمنى بىر تەرەپ قىلىش يىغىنى مانا شۇ يىلنىڭ 4- ئاينىڭ 3- كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئۇنى تەسادىپىي بولغان ئىش دەپ ئويلامسىز؟ ۋە ياكى، ۋاي، بۇ قالايمىقان ئاداشنى تۇتۇپلاۋالسىچۇ؟ جىمىپمۇ قالار بولغىيتتى دەپ ئويلاۋاتقاندۇرسىزمۇ؟ ئۇنداق دەپمۇ ئويلاپ كەتمىگەيسىز، ھۈرمەتلىك ئوقۇرمەن . ھەممە سەۋەنلىك ، تەنتەكلىكتىنلا كېلىپ چىقىۋاتىدىغۇ ...
ياق .ئۇ ھەرگىزمۇ تاساددىپىي بولغان ئىش ئەمەس، دەپ مەن ئويلايمەن . بۇ ھېلىقى ئىدارە باشلىقىمىز ۋە بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ :
بىر ئۇيغۇر ياش، شوخ بولسىمۇ، پوق بولسىمۇ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋالسۇن . بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشى ئاسان ئەمەس. ئەرزىمەس جېدەللەر بىلەن ياش بىر بالا تۈرمىلەرگە تاشلانمىسۇن. بۇلار پەقەت ياشلىقلا قىلىۋاتىدۇ. كېيىنچە ئاللا ئىنساۋىنى بېرە ... گەپ كەلسە بىزگە كەلسۇن . دېگەندەك ئۇلارنىڭ پىداكارلىقىدىن، ئالىجاناپلىقىدىن كەلگەن. مانا مەن ھازىر، 25 يىل ئالدىدا قىلغان، ئەشۇ ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا، رەخمەت ئېيتىپ تۇرۇپتىمەن . ئاللا ئۇلارغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ...
چارچاپمۇ كېتىپتىكەنمەن، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ، كۆك ئاسماننىڭ پەيزىنى سۈرۈش، دېگەنلەرنى ئويلاپمۇ قويماي، ئۇيقىغا كېتىپتىمەن . چۈشۈمدە كۆرگۇنۇممۇ، نەق شۇ ئايروپىلاندىكى ئىشلار، چۈشۈمدە ئەسكىلەرنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتىپ، ئايروپىلاننى، ئۆزۈم ھەيدەپ توكيوغىلا كېپتىمەن .
ھازىر توكيو ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتىمىز. يەنە بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئايروپىلان يەرگە قونىدۇ .بەللىرىڭلارنى باغلاپ، بەلەن ئولتۇرۇڭلار ئەمسە ...دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئويغاندىم . خېلىلا پەسلەپ قالغان ئايروپىلان دېرىزىسىدىن پەسكە قارىدىم .
ۋويجون ... ياپون دېگەن مۇشۇكەندە ... نېماندا جىق ماشىنا ھۇي بۇ ... 1- بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققىنى، ئايروپىلان ئىستانسىسى ئەتىراپىغا رەت - رەت تىزىلغان، سەرەڭگە قېپىدەك تۇرۇپ كەتكەن ماشىنىلار بولدى. بۇرۇن بۇنداق كۆپ ماشىنىلارنى پەقەت ياپونىيەنىڭ كىنولىرىدىلا كۆرگەن .ئەشۇ كىنولاردا دۇچۇنىڭ قاچە - قاچ قىلىپ يۈرگەن جايى ياپونىيە، ئاشۇ توكيو، مانا ھازىر، مەن قونىمەن دەپ تۇرىۋاتقان بېكەت . ئالدىراش، جاپالىق ھاياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇرۇختۇرۇم ئىچىدە ئۆتكەن، خورلۇق، ئېزىلىش، چەتكە قېقىلىش، كەمسىتىلىش ئىچىدە ئۆتكەن، كۆڭۈلسىز ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان قايناق شەھەر. ۋەتەن، مىللەت ئۇچۇن، بىر ئۇيغۇر يىگىتىگە ئاز بولسىمۇ، بىلىم بېرىمەن، ئۇنىڭ كۆزىنى تېخىمۇ ئېچىپ، مىللىتى ئۈچۈن، ئۆمۈر بويى جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى ئۆگىتىمەن دەپ، مېنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان شەھەر .ئاپىسىغا ئەركىلەپ، ئاپىسىنىڭ تاماقلىرىدىن خىجىل بولماي قۇسۇر تېپىپ، " ماۋۇ ئوخشىماپتۇ، تۇزلۇق بوپ كېتىپتۇ، لەغمەننىڭ چۆپى توم بوپ قاپتۇ، كىيىملىرىمگە دەزمالنى ياخشى سالالماپسە، بۇنى بۇنداق كىيسەم قىزلار نېمە دەپ قالىدۇ " دەپ بالىلىق قىلغان، بەڭۋاش بالىنى، تۆۋە قىلدۇرىدىغان،" ھە تويدۇڭمۇ؟ ئاناڭنى قاخشىتامسە؟ تامىقىنى سېغىندىڭمۇ؟ يەنە ھۆتۈت - پۆتۈت دەمسە؟ دەپ قايتا - قايتا سوراققا تارتىمەن، دەپ قاراپلا تۇرغان شەھەر .كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، شۇ جەمئىيەت ۋە تۇزۇمنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، قەدەملىرىنى تېز - تېز ئېلىپ، خۇددى يۈگۈرگەندەكلا، ئالدىراش تۇرمۇش كەچۈرىشىۋاتقان بىر شەھەر.
توكيوغا چۈشۈپ ئۈچ كۈن ئۆتتى . مۇستەقىل ھاياتنىڭ گۈدۈكى چېلىندى كاللىنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ ئوخشاشلا قېتىق. ئوقۇش پۇلى، ئۆي پۇلى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم- كېچەك پۇلى ... ھېلىقى تاياق يېگۈچىگە تۆلەيدىغان پۇل . ھەممىسى :
-ھە ، بولمامسەن، ئىتتىك - ئىتتىك ماڭمامسەن! ئاۋۇ ھېلىقى ئىدارەڭدىكىدەك لاغايلاپ يۈرسەڭ، ئىشىڭ چاتاق جۇما ... ھە ماۋۇ شەھەر خېلى - خېلى نوچىنى يۈگۈرتىۋېتىدىغان شەھەر جۇما...
دەپ مېنى يۈگۈرتۈپ ھالىمنى قويمىدى .يېڭى كەلگەچ، تىلىمدا تېخىچە ھىچ قانداق ئۆزگۈرۈش يوق، قۇلاققا كىرىپ تۇرۇۋاتقان ياپون تىلى :
تاراق - تۇرۇق، جالاق - جۇلۇق، موشى - موشى توخو گۆشى، ھايت - پايت ئويۇڭگە قايت ، كوننىچىۋا - ھەجەپ ئوخشاپتۇ ماۋۇ كاۋا ، ئىشلىمىسەڭ بىرەر ئامال باما؟ ... دېگەندەكلا ئاڭلىنىدۇ.
دېمەك، تىلدا راۋان بولمىغان ئىكەنمەن، مەندە بارى كۇچقۇ ...
كېچىسى، ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن، ھەم ئۇزۇن ھەم ئېگىز، ماشىنىلاردىن يۈك چۈشۈرۈش ئىشى، ماڭا تازا مۇۋاپىق كەلدى . ياپونىيەلىكلەرمۇ يامان ئىكەن، ئۇلار مېنى كۈچى بار، تىلى يوق ، ئۆزى بار پۇلى يوق دەپ، ھەر كۈنى سەھەردە ياپونىيەنىڭ شىمال قىسمى يەنى ھوككائىدودىن كېلىدىغان كالا خۇرۇمى لىق بيسىلغان ماشىنىنى دوست قىلىپ قويدى .ئىشلىنىپ تەييار بولغان، يۆگەكلىك كالا خۇرۇمى، ماشىنا بىلەن چۈشۈرۈلمەي، ئاساسەن قول بىلەن چۈشۈرۈلىدىكەن .ئۇ يوغان ماشىنىنى ئويلاپ بېقىڭ، قانچىلىغان خۇرۇم پاتىدۇ؟ 6 ئاي مۇشۇ ئىشنىلا قىلدىم .ئوڭغا ماڭ دېسە سولغا، سولغا ماڭ دېسە ئوڭغا، ئېگىزگە كۈتەر دىسە، پەسكە، ماڭ دىسە توختاپ، توختا دىسە مېڭىپ، ئىش قىلىپ راسا ئىشلىدىم. بىلەكنىڭ موسكۇللىرى بۇرۇن ئالى مەكتەپتە چېنىقىپ چىقىرالمىغان يەرگىچە، ئۆزىلا كەپمۇ قالدى .كۆكرەكلەرمۇ يېگەن - ئىچكەندەك، ھە ... گەپ باما؟ دېيەلىگۈدەك بوپمۇ قالدى .كۇچمۇ بۇرۇنقىدىن ئارتتى. بۇ جەرياندا مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىتتىك - ئىتتىك ماڭىدىغان بولۇپمۇ قالدىم .لېكىن يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۇ جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدىن خېلىلا يىراقمىش ...
ئەمما خېلىغىچە ، ئىشقا بېرىۋالساق، قايتىشتا ئۆيۈمنى تاپالمايدىغان، ئىشقا ماڭغاندا توكيونى بىر ئايلىنىپ، ئاندىن ئىشقا كېچىكىپ كېلىدىغان، كۈلكىلىك ئىشلارنىمۇ كۆپ قىلىپ تۇردۇم .
بۇ كاساپەتلەرنىڭ پويىز ئىستانسىسى ئالامەت ئىكەن ئەمەسمۇ .... بىرىدىن چۈشۈپ، يەنە بىرىگە ئالمىشىپ ھەتتا بەزى بېكەتلەر 3 قەۋەت، 4 قەۋەت. قايسى قەۋىتىدە ماڭسام، ماڭا ئوخشاشلا، گال - گۇللا، ۋال - ۋۇللا كۆرىنىدۇ .كۆزۈمگە سىرتقا چىقىش ئىشىكلىرى ئوخشاشلا كۆرىنىدۇ ... بېكەتلەر، پويىز ئىچىلىرىگە " كالدىر - كۇلدۇر " بىرنېمىلەرنى دەپ، سۆزلەپمۇ تۇرىدۇ. لېكىن بىرەر ئېغىز گېپىنى چۈشەنسەم ... يا لەلەڭشىپ ئاستا ماڭغىلى بولمىغان ...
ھەي مۇشۇ ئوخشاۋاتىدۇ جۇما، دەپ " لىككىدە" چىقىۋالغان تېز پويىزلار، ۋايجان ... توكيونىڭ سىرتلىرىنى ئايلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ...
كۈنلەر مۇشۇنداق پالاقشىپ يۈگرەپ، كۆزلەرنى توشقاننىڭ كۆزىدەك قىپ - قىزىل قىلىپلا، بەزىدە توق، بەزىدە ئاچ ئۆتكىلى تۇردى . ئۇخلىدىم ، كىيىم - پىيىمنى سېپ تاشلاپ، يوتقاننى گالغىچە يۆگەپ ئارامخۇدا ئۇخلاشلار بىلەن ئاللىقاچان خوشلاشتىم. ئۇيقۇلار ئۈزۈك - ئۈزۈك، نەچچىگە بۆلۈنگەن. مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت، كېلىپ ئىككى سائەت، ئىش ۋاقتىنىڭ دەم ئېلىشىدا 50 مىنۇت ... بۇنداق بولسا ھەر قانچە بېجىرىم كۆز بولسىمۇ، توشقاننىڭكىگىلا ئوخشىماي ئامالى يوقكەنغۇ ...
تاماق ئېتىش . ۋاھ ۋاھ ۋاھ ۋاھ ... ھەي ئاپا، جېنىم ئاپا ... شۇ تاماقلىرىڭنى قانداق ئەتكەن بولغىيتتىڭ؟ ھەجەپ قەدرىگە يەتمەپتىكەنمەنا ... " غىڭ - غىڭ" قىلىپ، ئەركىلەپ ئولتۇرماي ، قانداق قىلىدىغاننى، بىر كۆرۈۋالغان بولسامچۇ. مانا ھازىر، سېنىڭكىگە ئوخشىتىپ ئېتەلمىسەممۇ، يىگۈدەك بىر نېمە قىلار بولغىيتتىم . نېمىنىڭ ئارقىدىن نېمىنى سالىدۇ، ماينى قانچىلىك قۇيىدىغاندۇ؟ ئاپامنىڭ قورۇمىلىرى " پاج - پۇج " لا قىپ قالاتتى، لەغمەنلىرى " ۋاس - ۋاس " قىلىپ تارتىلىپ بىر دەمدىلا ئۇستەلگە كېلەتتىيا ... تېخى ئۇ تاماقلارنى ئانچە ئوخشىماپتۇ . يېمەيمەن مەن، ھە . دەپ .... ئىسىت ئىسىت ... ئىسىت !!!
تويە مانە ... ئەمدى تازا، ئوخشىغىنىنى ئۆزەڭ بىر قوللۇق ئېتىۋەتمەمسەن ... ھوي يىگىت؟ قاراپلا تۇرىسەنغۇ يىگىت. قانداق گەپ بوپ كېتىپ بارىدۇ ھۇييي....
كىچىكىمدە دادام دەيدىغان :
- بالام، سەن بىرئاسمانغا پىچاق ئاتىمەنلا دەيدىغان بالا بولۇۋاتىسەن .قۇلىقىڭغا قۇيۇپ قويايكى، ھەر قانچە نوچى بوپ كەت، ئاشپەزلىك بىلەن توكچىلىقنى ئۆگۈنۈپ قوي. دۇنيانىڭ نەرىگە بارساڭ ئەسقاتىدۇ .راست دەپتىكەن دادام دەيسە ... دەپ پات - پاتلا پەيزىمنى ئۇچۇرۇپ قوياتتى .
ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ گەپلەر، قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلانغان ئىدى . ئاشپەزمۇ بولامدۇ؟ مەن بىر تەنتەربىيىچى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرسام ... ھەي تاڭ... دەۋېرىدۇ چوڭلا دېگەن ... " ھ " لا دەپ قويسام قۇتۇلىمەنغۇ ...
مانا ھازىر، قازان بېشىدا، بىر دەم قازانغا، بىر دەم توغراپ قويغان گۆش - كۆكتاتلارغا قاراپ :
ئالدىدا پىيازنى سالايمۇ گۆشنىمۇ؟ يا تەڭلا سېلىپ ئېلەشتۈرۈپلا ئالايمۇ؟ پولونىڭ گۇرۇچى بىلەن سەۋزىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭلا قورامدۇ ياكى گۆشىنى ئالدىدا قورىۋالامدۇ؟ ئاپام مانداق - مۇنداقلا قىلىۋەتەتتىيا ... قانداق بولغىيتتى .... ، دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قوساق بولسا ...ھىممممم ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ.
داۋامى بار
|
|