- تىزىملاتقان
- 2013-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2381
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
  12.7%
|
سىگانلار ھەققىدە ھىكايەت
سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 10مىلىيون ئۆپچۆرىسىدە، ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30 مىلىيون، ياۋروپادا 15 مىلىيون سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500 مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.
سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى تەخمىنەن ئىككى مىلىيوندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىتان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5-ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10-ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھورۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغىرلىق قىلدى ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئۇلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەرئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ 2010-يىلىدىكى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.
بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16 ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ، دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا. سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسى بولۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش : ئىنكاسىڭىزغا دىققەت قىلىڭ |
|