قىتان خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئايال سىياسىيون — شۇلۇ يۆلىدۇ
(ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن) غەيرەتجان ئوسمان
قىتانلار ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربىي شىمالىي تەرىپىدە ياشىغان مانجۇ – توڭغۇس تىللىق قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. مىلادى Ⅳ ئەسىردە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي، خۇاڭخې دەرياسى (سارمورېن دەرياسى) ۋە تۇخې دەرياسى (لوخا دەرياسى) ۋادىلىرىدا قىتانلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان. قىتانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. بەزىلەر توڭغۇس تىپىدىكى خەلق دېسە، بەزىلەر موڭغۇل تىپىدىكى قەبىلە، يەنە بەزىلەر تۈرك تىپىدىكى خەلق دەپ قارايدۇ.
قىتانلار تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، ئۈزۈكسىز زورىيىپ تۇرغان. مىلادى 552 – يىلى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندا، بىر قىسىم قىتان قەبىلىلىرى بۇ خانلىق تەۋەسىدە بولغان، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، قىتانلار بۇ خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا 100 يىلچە ياشىغان (فەن ۋېنلەن «جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى» 6 – توم 23 – بەت). ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، قىتانلار بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان. 901 – يىلى ئاباگىنىڭ قىتانلارغا ھۆكۈمران بولۇشى بىلەن قىتان مىللىتىنىڭ تارىخى يىپيېڭى سەھىپىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قىتان خانلىقى (916 — 1125) ۋە غەربىي لياۋ سۇلالىلىرىنى قۇرۇپ، ئېلىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا شانلىق سەھىپىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.
قەدىمكى موڭغۇل دالاسىدا ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا قىتانلار بۇ خانلىققا قارىغان. شۇ چاغدا ئۇيغۇر خانلىقى رۇسى دېگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارنى قىتانلارغا نازارەتچى ئەمەلدار قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن يەنە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇ يەرگە بارغان، 840 – يىللىرى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن قەبىلىلەر تەرەپ – تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن، قىتانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلەر ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار موڭغۇلىيەدىكى ئورقۇن دەرياسى ساھىلىگە قايتىپ كەتمەي، ئاۋۋالقىدەكلا قىتانلار يېرىدە قېلىپ، قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇلقىلغان. بىر مەزگىل تىرىكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇرلار بىر قەبىلەبولۇپ زورايغان ۋە بىرقانچە جەمەتكە بۆلۈنگەن، «شۇلۇ» بىر جەمەتنىڭ ئىسمى بولغان. قىتانلارنىڭ خان جەمەتى بىلەن قۇدا – باجا بولۇشالايدىغان يۇقىرى ئىمتىيازنى مۇستەھكەملىگەن، شۇلۇ يۆلىدۇ خانىشنىڭ ئوغلى، قىتانلارنىڭ تەيزۇڭ خانى بولمىش ياللۇغ دېگۇڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خانىش (ئانىسى شۇلۇ يۆلىدۇنى دېمەكچى — نەقىلچىدىن)نىڭ جەمەتى چوڭ كونا ئارچىنىڭ يىلتىزىغا ئوخشايدۇ، يۆتكەش مۇمكىن ئەمەس» («ئومۇمىي ئۆرنەك» 286 – جىلد، «كېيىنكى خەن تەزكىرىنىڭ بىرىنچىسى») دېگەن.
«لياۋ تارىخى. خانىشلار تەزكىرىسى»دە مۇنداق دېيىلگەن: «تەيزۇنىڭچۈن چىن خانىشى شۇلۇ ئۇرۇقىدىن، يوشۇرۇن ئىسمى پىڭ، ئەركىلەتمە ئىسمى يۆلىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى (مۇنۇلار)، ئۇيغۇر رۇسى ۋېي نىڭشېلىنى تاپقان، ۋېينىڭ (شېلى) جېنىسمېيلىنى تاپقان. جېنىس (مېيلى) پوگۇمېيلىنى تاپقان. پوگۇ (مېيلى) يۈندى جياۋاڭ (لياۋتەيزۇ ياللۇغ ئاباگىنىڭ بوۋىسى يۇندىشى — نەقىلچىدىن)نىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن. ئۇلار قىتانلارنىڭ ئوڭ تەرەپ قەبىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن، پوگۇنىڭ ئىسمى يۆۋەن بولۇپ باۋليەن ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلى بولغان، دېمەك، شۇلۇ يۆلىدۇ مىلادى 879 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان بولساق، رۇسى ئۇنى چوڭ بوۋىسى، يەنى 4 – بوۋىسى بولۇپ، ئارىلىقتا ئۈچ ئەۋلاد ئۆتكەن. ھەربىر ئەۋلاد 30 يىلدىن ھېسابلانغاندا بۇنىڭغا تەخمىنەن 100 يىل بولغان، يەنە بۇنىڭغا رۇسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ، يۆتكىلىپ ماكانلاشقان ۋاقتىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئومۇمەن شۇلۇ يۆلىدۇ خانىشنىڭ ئەجدادى قىتانلارغا بېرىپ ماكانلاشقان ۋاقتى مىلادى 750 -، 760 – يىللار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىت ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ كۈچەيگەن چاغلىرى ئىدى.
شۇلۇ يۆلىدۇ قىتانلارنىڭ دۆلەت قۇرغۇچى خانى لياۋتەيزۇ ياللۇغ ئاباگىغا ياتلىق بولغان. دادىسى يۆۋەن ياۋليەن قەبىلىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئازاگېزىسى (ئەمەل نامى — ئاتامان مەنسىپىدە بولسا كېرەك) بولغان. ياللۇغ ئاباگى 907 – يىلى خان دەپ ئاتالغاندا، شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرنى توپلاپ، ھەربىي تەييارلىقلارنى ئىشلىگەن. 913 – يىلى 3 – ئايدا ئاباگىغا قارشى ئىنىسى لاگى ئىسيان كۆتۈرگەن. ئىسيانچىلار بىرقانچە قەبىلىلەرنى ئەگەشتۈرۈۋالغان بولغاچقا كۈچىمۇ خېلى زور بولغان. بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئاباگى ئالدىن يۈرەر قىسىمغا قوماندانلىق قىلىپ، لاگى قاتارلىقلارنى قوغلاش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان. شۇلۇ يۆلىدۇ ئوردا مۇھاپىزەت لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، يېندىشى باشچىلىقىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن، يەنە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ، ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئاباگى خانلىقىنىڭ سىمۋولى بولغان تۇغ – سۇتۇقنى ۋە ئاباگىنىڭ ئاتا – بوۋىسىدىن مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان «قۇتلۇق چېدىرىسى»نى قايتۇرۇپ كەلگەن، («جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 6 – قىسىم، 40 – بەت).
916 – يىلى ئاباگى (لياۋ تەيزۇ) قىتان قۇلدارلىرىنىڭ باش رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى خانلىق تۈزۈمىنى تىكلىگەن، پادىشاھلىق نامىنى قوللىنىپ، «ئۆزىنى تەڭرى خان» دەپ ئاتىغان، خوتۇنى شۇلۇ يۆلىدۇغا «لاياقەتلىك، دانىشمەن زېمىن خانىش» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ قىتان پادىشاھلىقىنىڭ ھەربىي، دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا شۇلۇ خانىش قاتنىشىدىغان بولغان ۋە سىياسەت – تەدبىر بەلگىلىگەن.
ئۇ ئەقىللىق، باتۇر، ھەربىي ئىشلارغا پىششىق بولغاچقا، يېڭىدىن تىكلەنگەن ئاباگى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن لەشكىرىي تەييارلىقلارنى پۇختىلىغان. ئەينى چاغلاردا قىتانلارنىڭ ھەربىي تۈزۈمى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلىغان. قىتان ئارمىيەسىنىڭ غوللۇق قىسمى پادىشاھنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى زەربىدار قوشۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئاباگى بۇ قوشۇننى «پىشى قوشۇن» («پىشى» قىتانچە سۆز بولۇپ، قەيسەر، باتۇر دېگەن مەنىدە) ۋە «خاس قوشۇن» دېگەن قىسىملارغا بۆلگەن. «پىشى قوشۇن» زېمىندىكى نادىرلاردىن تاللانغان بولۇپ، 30 مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىل تاپقان. «خاس» — «ئەتىۋارلىق» دېگەن مەنىدىمۇ بولۇپ، بۇ شۇلۇ خانىش تەرىپىدىن 20 مىڭ چەۋەندازدىن تەشكىللەنگەن.
926 – يىلى 7 – ئايدا لياۋتەيزۇ ئاباگى بۇخەيلىكلەرنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، خانىش شۇلۇ يۆلىدۇ نايىپ شاھ بولۇپ، خاقانلىقنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۆز قولىغا تۇتقان. 927 – يىلى 11 – ئايدا ھەربىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغان ئەمىر لەشكەر ياللۇغ دىگۇاڭ خانىش شۇلۇ يۆلىدۇنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا خانلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، خانىش شۇلۇ يۆلىدۇ 953 – يىلى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى پۈتۈن ئوي – پىكرى قىتانلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلىشىپ، ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىش، ھالقىلىق پەيتلەردە تەدبىر بەلگىلەش بىلەن بولغان.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى 1997-يىللىق 12-سانى
|