قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1094|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ تارىختىكى ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 18:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ تارىختىكى ئىجتىمائىي ئورنى ۋە رولى

غەيرەتجان ئوسمان   
(ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن)




        جەمئىيەتنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى بايىقىنى ئەر – ئاياللار ئورتاق ياراتقان. تارىختا ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، ئەر – ئاياللار بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ كەلگەن. ماركىس: «تارىختىن سەللا خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇكى، ئاياللاردىن ئىبارەت بۇ ئېچىتقۇ بولمىغان بولسا، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئاياللارنىڭ (سەتلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ» دېگەن ئىدى، شۇڭا، مەلۇم بىر دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەش ئاياللارنىڭ ئەركىنلىككە قاراپ مېڭىش دەرىجىسى بىلەن ماسلاشقان بولىدۇ. جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاياللار ئەركىنلىكىنىڭ كېمىيىش دەرىجىسى بىلەن ماسلاشقان بولىدۇ ياكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىشى ھەر قانداق ئىجتىمائىي ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى (فۇريى).
     تارىختا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ئوخشاش بولمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئوخشمىغان دەرىجىدە ئۆز رولىنى جارى قىلىپ كەلدى، باشلانغۇچ ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۇلار جەمئىيەتتە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان شارائىتتا، ئۇرۇق شۇ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي ھۈجەيرە ئىدى. «تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا ئاساسىي رول ئوينىغان ۋە ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئىگىلىگەن سىنىپ ياكى ئىجتىمائىي گۇرۇھ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مۇقەررەر ھالدا بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ». باشلانغۇچ جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىگىسى ھېسابلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى، ئاساسلىق ۋەزىپىنى ئۆز خەنزۇلار ئىچىدىكى تارىخىي شەخسلەر بولسۇن ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى تارىخىي شەخسلەر بولسۇن، ھەممىسىگە بىر خىل ئۆلچەم قوللىنىپ، مىلىي باراۋەرلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تارىخىي ۋەقەلەرگىمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ. ئەگەردە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە شىمالىي يۈەن سۇلالىسىنى يوقىتىش توغرا دېيىلىسە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپىدىكى جەنۇبىي مىڭنى يوقىتىشمۇ توغرا بولىدۇ. شىمالىي يۈەن جەنۇبىي مىڭ ھەممىسى ئاغدۇرۇلغان چىرىك پادىشاھلىقنىڭ قالدۇق كۈچلىرى، ھەممىسى يوقىىتلىشى كېرەك. جۇيۈەنجاڭىڭ ئەسكەر يۆتكەپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى تاجاۋۇزچىلىق بولمىغاندەك، شۇنجىنىڭ ئەسكەر يۆتكەپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشىمۇ تاجاۋۇزىچلىق دەپ قارالماسلىقى كېرەك ھەممىسى يېڭى قۇرۇلغان پادىشاھلىقلارنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى، شۇنداقلا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. يۈەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاسى شۇندى ۋە شىمالىي يۈەن سۇلالىسىدىكىلەرنى قوغدىغۇچىلار ھېسداشلىققا ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. پۇ ۋاڭ (مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھسى شىنزۇڭنىڭ نەۋرىسى ت) تاڭ ۋاڭ، گۈي ۋاڭ (مىڭ سۇلالىسى شىنزۇڭنىڭ نەۋرىسى) نى قوغدىغۇچىلارمۇ قوللاشقا ئىگە بولالمايدۇ. بىر تەرەپكە قىزغىن، بىر تەرەپكە سوغاق مۇئامىلە قىماي، «مۆتىدىل» مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوقىتىلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇشى، جۇڭگونىڭ مۇنقەرز بولغانلىقى ئەمەس. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۈەن سۇلالىسىنى يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىشى، جۇڭگونىڭ قايتىدىن بارلىققا كەلگەنلىكى ئەمەس. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تارىخىي مۇساپىسىدكى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان ھەرىكەتلەر. پەقەت بىر ئۆلچەمنى مۇشۇنداق ئىشلەتكەندە، تارىخ تەتقىقات دائرىىسىدە مىللىي باراۋەرلىك قاتارلىق پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرغان بولىمىز؛ پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكگىلا باراۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ قالماي، ئاز سانىق مىللەتلەرنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە ئۈلۈشكىۈنىگىمۇ باراۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ مىللىي باراۋەرلىك سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنگەن ھەمدە ئىزچىل ئىجرا قىلغان بولىمىز.
      باراۋەرلىك تەڭ تەقسىماتچىلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە، مىللىي باراۋەربلىكتە چىڭ تۇرۇش، خەنزۇلارنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ھەم خەنزۇلارنىڭ جۇڭگو تارىخ تەرەققىياتىدىكى رولىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس. كىشىلەرمۇ «ساتقۇن» نى «ۋەتەن خائىنى» بىلەن تەڭ قويغانلىققا، «خەنزۇ تىلى» نى ئادەتتە «جۇڭگو تىلى» دەپ ئاتايدىغان ھادىسىلەرگە قاراپ غەزەپلىنىپ، بۇنى چوڭ خەنزۇچىلىق دېمەسلىكى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، بۇ تارىختا شەكىللەنگەن ھەم ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنغان.
     ئۈستىگە ئالغانلىقىدىندۇر. ئوي ھايۋانلىرىنى ئەڭ بۇرۇن ئاياللار كۆندۈرۈپ باققان، دېھقانچىلىقنى ئاساسەن ئاياللار ئىختىرا قىلغان. قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ھەر خىل ئىلشەپ چىقىرىش سايمانلىرىنى ياساش ئىشلىرىدا، ساپال قاچىلارنى ئىختىرا قىلىشتا. ئەڭ بۇرۇن ئاياللار تەشەببۇسكارلىق رول ئوينىغان. شۇنداقلا، بۇ دەۋردە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمشۇىمۇ يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. ئاياللارنىڭ ئەقلىي مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىدىن بۇرۇنراق يېتىلگەن. سەۋەب، ئاساسلىق ئەمگەك پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇرۇنراق شوغۇللانغىنىدا، دېمەك، يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق جامائەسى بۇ دەۋردە ئومۇميۈزلۈك گۈللەندى. شۇڭا، «ئانا ھوقۇقىغا ئاساسلانغان ئۇرۇق تارىخ پەنى ئۈچۈن ئاساسىي تايانچ بولدى، ئۇ مانا شۇ تايانچ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولدى».
     ئەدەبىيات – سەنئەتتىمۇ ئەڭ دەسلەپ ئاياللارنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەنگەن. بولۇپمۇ، ساپالچىلىق تېخنىكىسى ئاياللار ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى بولغاچقا، قەدىمكى ئەپسانە، رىۋايەتلەردە ئايال ئىلاھلارنىڭ ئىجادكارلىق روھى مەدھىلەنگەن ھېكايىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئەپسانىلاردا «... ئاياللارنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئەرلەردىن بۇرۇنراق بولغان. مېتال پىششىقلاپ ئىشلەشتىن باشقا سەنئەت ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكتىكى بىرىنچى تۈركۈم ئىجادىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەر ئىلاھلارغا ئەمەس، ئايال ئىلاھلارغا مەنسۇپ». دېمەك، مانا شۇ «ئەپسانىلاردىكى ئايال ئىلاھلارنىڭ ئورنى بىزگە تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئەركىنرەك ۋەئىززەتلىگىرەك ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».
    يۇنان ئەپسانىلىرىدا يارىتىلغان 12 خۇدانىڭ ئوبرازىمۇ ئەنە شۇ ئانىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئانىمىستىك روھ سىڭدۈرۈلگەن. 12 ئىلاھنىڭ بىرى ئاتىنا، ئافىنالىقلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئىلاھلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئايال بولۇپ، پاراسەت ئىلاھىدۇر. ئاتىنا گرېكلارغا يىپ ىگىرىش، رەخت توقۇش، ھارۋا قېقىش، كېمە ياساش، مېتال ئېرىتىش، چويۇن قويۇش، ئاياق كىيىمى تىكىش، نەقىش ئىشلەش ماھارەتلىىنى ئۆگەتكەن. ئۇ يەنە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنىچلىك، ئۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئىلاھى دەپمۇ قارىلىدۇ.
    خەنزۇلارنىڭ قەدىمكى ئەپسانىسى «ئاسمان ئىلاھى نۇيۋا» دىكى ئايال ئىلاھ نۇيۋانىڭ لايدىن ئادەم ياسىغانلىقى، قومۇش كولى بىلەن كەلكۈن سۈيىنى تىزگىنلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىكى بىر چوڭ مەبۇد بولۇپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
    دېمەك، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمدە چوقۇنغان نەرسىسى ئايال مەبۇدلار بولغان. ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئاياللارغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان. مەسىلەن: ئاسمان بىلەن يەر ئىنسانلارنى بېقىپ ئۆستۈرىدىغان ئايال ئىلاھ دەپ قارالغان. قەدىمكى مەدەنىيەت خارابىلىرىدىن تېپىلغان ئاياللارنىڭ ھەيكىلى ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئاياللارغا چوقۇنغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەرلەرنىڭ ھەيكىلى بولسا، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنقار دەريسى بويىدىكى مالتا كەنتىدىن تېپىلغان ئايال ئوبرازىدىكى قوچاق مەبۇدە، قەدىمكى سىبىرىيە خەلقلىرىنىڭ ياغاچ، سۆڭەك، ساپالدىن ئايال قوچاق ياساپ ئۇنىڭغا سېغىنغانلىقى مانا شۇنىڭ ئىپادىسى.

ئۇيغۇر خەلقىمۇ قەىدمكى دەۋرلەردە دەسلەپ قىلىپ ئايال ئىلاھلارغا چوقۇنغان. بۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى:
       ئۇماي: تۈرك رىۋايەتلىرىدە «ئۇماي» دەپ ئاتالغان بىر پەرى بار، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئالەمنىڭ ئۈستى قەۋىتىدە «تەڭرى» ئىسىملىك بىر ياراتقۇچى ئىلاھ تۇرارمىش. بۇ، يورۇقلۇق، نۇرلۇق دۇنيا (يارۇق) دەپ ئاتالغانمىش. نۇرلۇق دۇنيا بىلەن ئالەمنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتى (قاراڭغۇ زۇلمەت دۇنيا يەنى قارا يەر) نىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئەۋلادلارنى يەر ۋە سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغۇچى بەخت ئىلاھى (ئېدۇق) — ئۇماي تۇرارمىش. («ئۇماي» دېگەن ئىسىم كېيىنكى دەۋرلەردە، يەنى 11 – ئەسىردىكى مەھمۇد كەشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن كىتابىدا «ئانا» دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرۈلگەن). دېمەك، ئۇيغۇرلار تۇتېمىزىم ۋە شامال دىنىغا ئىشەنگەن دەۋرلەردە مانا شۇ ئۇ ماي ئىلاھىغا چوقۇنغان. ئۇ مۇھەببەت ئىلاھى، ئېغىر ئاياق ئاياللار، ئۇششاق بالىلار چوقۇنىدىغان ئىلاھ، دەپمۇ قارىلىدۇ. ئادەتتە، چوڭ ئاياللار، ئۇششاق بالىلار ئۇ مايغا سېغىندۇق. دېيىشىدۇ.
قىش ۋە ياز ئىلاھلىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرىدە، قىش ۋە ياز ئىلاھلىرى بولغان. «شىمالىي جۇخاندانلىقى تارىخى تۈركلەر قىسسىسى» دەپ مۇنداق دېيىلگەن: «... ئېل كىنتىشتۇ. ئالاھىدە سەگەك، ئۆكتۈر بولۇپ، شامال بىلەن يامغۇرنى چاقىرىپ كېلەلەيدىكەن. ئىككى قىزغا ئۆيلەنگەن. بۇ قىزلارنىڭ بىرى ياز ئىلاھىنىڭ، يەنە بىرى قىش ئىلاھىنىڭ قىزى ئىكەن». بۇ يەردە، ئىلاھلارنىڭ ئىسمى ئاتالمىغان بولسىمۇ، شۇنداق ئىككى ئىسلاھ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
      ئاي ئىلاھى: قەدىمكى ئىنسانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان. ئاتا – بوۋىلىرىمىز كۈن – ئايغا چوقۇندى. كۆپ ھاللاردا، كۈن – ئەرلىك تەڭرىسى، ئاي – ئاياللىق تەڭرىسى دەپ قارالدى. ئۇ دەۋردە كىشىلەر ئۆز خاقانلىرىنى تەڭرى مەنىسىدە تونۇغاچقا، بەىت ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس كىشى، يەنى يورۇقلۇق بەىش ئەتكۈچى «كۈن» دەپ ئاتاشتى. بۇ نۇقتىدىن تەڭرى، كۈن، خاقان، كۆك (ئاسمان) دېگەنلەر ئوخشاش مەنىدىكى ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىلدى. «ئوغۇزنامە» دە: «... كۈنلەردىن بىر كۈن ئاي قاغاننىڭ كۆزى يورۇپ بوشاندى» دېگەن تەسۋىرلەر بار. بۇ يەردىكى ئاي قاغان (ئايال جىنسى) «تەڭرى» مەنىسىدە قوللىنىلغانلىقى چۈشىنىشلىك، ئۇيغۇرلار ىېلى بۇرۇنلا كۈن – ئايغا وچقۇناتتى. قەدىمكى بوۋىلىرىمىز قۇياش كۆتىرىلىدىغان تەرەپنى قەدىرلەپ، ئويلىرىنىڭ دەرۋازىسىنى شەرققە قارىتىپ سالاتتى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز بولغان ھونلار ئايغا ئالاھىدە چوقۇنغان ئۇلار دائىم ئاي تولۇنلىغاندا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاي كىچىكلىگەندە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئايغا قاراپ تۈكۈرمەسلىك، ئايدىڭدا ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىقتەك ئەقىدە ساقلانماقتا. بۇ دېمەك، «ئايال تەڭرى» نىڭ سىمۋولى ئايغا قىلىنغان ھۆرمەتنى كۆرسىتىدۇ.
     يېڭى تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، خۇسۇسىي مۈلۈكنىڭ پەيدا بولۇشى، سىنىپنىڭ بىخ ئۇرۇپ چىقىشى، شۇنداقلا، سۇغۇرۇش ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇش، سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرى مۇرەككەپلىشىپ ۋە ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىقتا بارا – بارا ئەرلەر ئاساسلىق رول ئويناپ، بۇنىڭ بىلەن ئانا جەمەت ئۇرۇقى ئاتا جەمەت ئۇرۇقىغا ئايلىنىش جەريانى باشلىنىدۇ. ئۇرۇقداشلىقنىڭ ئورنىنى ئائىلە ئېلىپ، ئائىلە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي ھۈجەيرىسى بولۇپ قالغان. خۇسۇسىي مۈلۈك راۋاجلىنىپ، دۆلەت پەيدىنپەي شەكىللىنىپ،ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشلانغۇچ كوممۇنىزم جەمئىيىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئاياللارنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تەشكىللەش رولىنىڭ يوقىتىلغانىقى ياكى «ئانىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى، ئاياللارنىڭ ئەلەمشۇمۇل تارىخىي ئەھمىيەكە ئىگە مەغلۇبىيىتى» بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئۇلار يەنىلا جەمئىيەتتىكى ئاساسىي بىر كۈچ سۈپىتىدە تارىخ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىپ كەلدى. چۈنكى بۇنداق جەمئىيەتتە يەنىلا ئىش، ئىش تەقسىماتى بولىدۇ. «... ئۇ ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ئەرلەر ئۇرۇش قىلىدۇ، ئوۋغا چىقىدۇ، بېلىق تۇتىدۇ، يېمەك ماتېرىياللىرىنى تاپىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان قوراللارنى ياسايدۇ. ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ، تاماق ۋە كىيىم تەييارلايدۇ. پىشۇرىدۇ، توقۇيدۇ، تىكىدۇ. ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ ئۆز ئىش ساھەسىنىڭ خوجايىنى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزى ياسىغان ۋە ئىشلەتكەن قوراللارنىڭ ئىگىسى بولىدۇ. ئەرلەر قورال – ياراقنىڭ. بېلىقچىلىق ئەسۋابلىرىنىڭ (ئوۋچىلىق ئەسۋابلىرىنىڭ) ئىگىسى، ئاياللار ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئىگىسى» . دېمەك، ئاياللارنىڭ ئەينى دەۋردىكى رولىنى ئىنكار قىلىش تارىخنى ماتېرىيالىستىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن چۈشەندۈرۈشكە خىلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ياراتقۇچىلارنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ.

× × ×

    ئىسلامىيەتتىن خېلى بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا ئانىلىق ھوقۇقچىلىقى ئاخىرلاشقان، ئاياللارنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تەشكىللەش رولى ئاساسەن ئاجىزلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ئېنگلېس ئېيتقاندەك: «ياش بوغۇننى ئۆستۈرگۈچىلەر شۇ ئانىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى چوڭ ئېتىبارغا ئىگە ئىدى ۋە ئىززەت ھۆرمەت قىلىناتتى ... ئاياللار مۇنداق چوڭ ئېتىبارغا ئىگە بولغانىلىرى ئارقىسىدا ھەتتا تولۇق ھۆكۈمرانلىق دەرىجىسىگە ئېرىشكەن» دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردە ئاياللارنىڭ ھوقۇقسىز دەۋرىدىكى ئورنى ئوخشاش بولمىغان. يۇنان ۋە ئەرەبلەردە ناھايىتى پەس كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە، «گېرمانلاردا ئاياللار ناھايىتى چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىغا تەسىرىمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى»، «رىملىقلاردا ئاياللار تېخىمۇ كۆپرەك ئەركىنلىككە ۋە ھورمەتكە ئىگە ئىدى» . جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئاياللار ناھايىتى چوڭ ھۆرمەتكە، ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن جامائەت ئىشلىرىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى مەۋقەلىرى شۇقەدەر مۇھىم بولغانكى، ئائىلىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى يالغۇز ئەركەكلەردىلا ئەمەس، ئەر – ئايال ھەر ئىككىسىگە ئورتاق ئىدى. تارىخقا نەزەر تاشلىساق، قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرىدە ئەمىر – پەرمانلارنى يالغۇز ىاقان نامىدىلا ئەمەس، خاقان ۋە قاتۇن نامى بىلەن ئورتاق ئىمزا قويۇپ، رەسمىي خالايىق ئارىسىدا ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئېنگلېس مۇشۇنىڭغا ئائىت مىساللارنى شەرھىلەپ: «بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاياللىرى قىلغان ئىش بىزنىڭ تەسەۋۇر قىلغىنىمىزدىنمۇ كۆپ. بۇ مىللەتلەر ئاياللارنى كۆپىنچە بىز ياۋورپالىقلارغا قارىغاندا، خېلى ئارتۇق دەرىجىدە ۋە چىن كۆڭلىدىن ئىززەتلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختا ىېلى بۇرۇنلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇغداي تېرىپ يېمەك ماتېرىياللىرىنى تەييارلىغان. خېلى مۇكەممەل قول ھۈنەرۋەنىچلىك تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، تۈرلۈك چىغ سېۋەتلەرنى نەپىس توقۇيالىغان. شۇنداقلا، خېلى بۇرۇنلا، يىپ بىلەن تېشىدىن ئالماپ ئاياق تىكىش تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان. بۇ دېمەك، ئاياللارنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشى ئاياللار ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىدىمۇ، ئومۇمەن ئېيقتاندا، ئاياللار ئەمگىكى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا شەھەر ھاياتىغا قەدەم قويغان. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قەشقەر، تۇرپان، خوتەن، يەكەن شەھەرلىرى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. شەھەر ھاياتى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي نوپۇزىغا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىك. لېنىن: «شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەش نەتىجىسىدە كونا ئاتىلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەر ئاجىزلىشىپ بارىدۇ، ئاياللارنى تېخىمۇ مۇستەقىل، ئەرلەر بىلەن ھوقۇقتا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. قەدىمدە ئۇيغۇرلاردا ئائىلە مۈلكى ئىقتىسادىغا ئەر – ئاياللار تەڭ ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. ئاياللار قارمىقىدا يەر، چارۋا، باغ ۋە باشاق تەئەللۇقاتلار بولاتتى، ئەر ئۆلسە، بارلىق مۈلۈك ئايالغا قالاتتى. شۇنداقلا، ئەگەر ئەر ئەمەلدار بولسا، بەزىدە ئەمەەلدارلىق ھوقۇقىمۇ ئاياللارغا قالاتتى. دېمەك، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك ئىجتىمائىي جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇڭ ئەلچىسى ۋاڭ يەندې «قۇجۇ ئۇيغۇر خاقانىنىڭ قاتۇنى ۋە تىگىنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يىلىقلىرى بارلىقىنى، بەلگىلىرىگە قاراپ ئايرىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.»
بىرىنچى قاراخانىلار دەۋرىدە (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 550 - يىللار) ئۇيغۇر ئاياللىرى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن ھۆرمەتلىنەتتى. ئۇلارنىڭ مەخسۇس ھۆرمەت نامى بولاتتى. خاقاننىڭ ئايالى ناھايىتى ئىززەتلىنىپ «قانۇن» دەپ ئاتالسا، خاقان ئەۋلادلىرى، ئاغىچە – خېنىملار ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن ئەڭ چوڭ دەريانىڭ نامى بىلەن «ئالتۇن تارىم» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ دەۋرگە مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر قەھرىمان تۇمارىسنى تىلغا ئېلىش ئەھمىيەتلىك بولسا كېرەك.
      ئايال قەھرىمان تۇمارىس تارىخىي شەخس ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6 – ئەسىردە ئىران شاھى كەيغىسراۋ بىلەن قەھرىمانانە ئېلىشىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئۆز قولى بىلەن تېنىدىن جۇدا قىلغان. كەپخىسراۋ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرىپ، كۆپ ئەللەرنى مۇقەرز قىلغاندا، تۇمارىس ئۆز يۇرتى ۋە قەبىلىلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلىدۇ. ئۇ ئەرەنچە ياسىنىپ 20.000 ئايالنى ئەرەنچە ياساندۇرۇپ، 30.000 ئەر بىلەن زور قوشۇن تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىپ غەلىبە قىلغان ئىدى. تۇمارىس ئىگىلمەس قەھرىماننىڭ شانلىق ئۈلگىسى، شۇنداقلا، ئۇ ئۆز قەبىلىسىنىڭلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ تىنچلىق ۋە پاراغىتىنى ئىستىگەن ئىدى.
     ھون تەڭرىقۇتلىقى كۈچەيگەن دەۋرلەردە (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 250 – يىلدىن، مىلادىيەدىن كېيىنكى 90 - يىللارغىچە) ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئىدى. خاقاننىڭ ئاياللىرى، ئانىلىرى، مەلىكە – ئاغىچىلىرى ئىنتايىن ھۆرمەتلىنىپ، گۈزەل بىر خىل ئەڭلىكنىڭ ئىسىم بولغان «ئالچى» (قىزىلچى) دەپ ئاتىلاتتى. بۇنىڭدىن كۆرىمىزكى، قۇدرەتلىك ھون تەڭرىقۇتلىقىنى ئۆز قولىدا ئايلاندۇرۇۋاتقان باتۇرنىڭ سىياسىى، ھەربىي ئىشلىرىدىن ئىبارەت ھايت – ماماتىغا مۇناسىۋەلتىك ھالقىلىق پەيتىدە ئالچىنىڭ ياكى ئايالنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. مەشھۇر خەنزۇدىرا ماتورگ ساۋ يۇ «ۋاڭ جاۋجۇن» ناملىق تارىخىي درامىسىدا، ھون ئودىلىرىدىكى ئايال ئەسكەرلەر تەسۋىرلەيدۇ. بۇ ئەلۋەتتە، ئاشۇ تارىخىي رىياللىقنىڭ ئىنكاسى ئىدى.
     قەدىمكى كۆسەن (كۇچا) خانلىقىدا خوتۇن – قىزلار ناھايىتى ھۆرمەتلىنەتتى. كۈسەن مۇتەپەككۇرى كومىراجىۋانىڭ ئانىسى، كۆسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى جىۋا ئاقارى ئەينى چاغدىكى خان ئوردىسىدا مۆتىۋەر خانىش ھېسابلانغا. مىلادى 6-، 7 ـ ئەسىرلەردە تۇرپاندا مەخسۇس ئاياللار (ئاتاقلىق ئاياللار بولۇشى مۇمكىن) ھەققىدە شەجەرىلەر يېزىلاتتى. خۇاڭ ۋىنشى ئەپەندى تۇرپاندىن 644 – يىلقى كاڭ پومى ۋە فۇدۇ خانىم شەجەرىسىنى تاپقان.
    ئۇيغۇر ئورخۇن خاقانلىقى دەۋرىدە (605 – يىللاردىن 1336 - يىلىغىچە) ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرىلدى. ئاياللار دۆلەتنى باشقۇرۇش، ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىشتىن تارتىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگىچە كىرىپ، ئەركىن، دادىل خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇ خانلىقنىڭ 5 – خاقانى بازغان ئايال ئىدى. ئۇ 20 يىل (661 - 648) غا يېقىن تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. 100 مىڭ كىىشلىك زور قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يات كۈچلەرگە قارشى غەلىبىلىك جەڭ قىلغان. بۇ دەۋردە خاقانلار تەختكە سايلىنىش بىلەن ئاياللارمۇ ئوىشش دەرىجىگە كۆتىرىلگەن. ئەرلەر «خاقان» ئۇنۋانىنى ئالغاندا، ئاياللار «قاتۇن» ئۇنۋانىنى ئالاتتى. خاقانلار «قاتۇن» لىققا كۆتىرىلمىگەن ئاياللىرىنى دۆلەت ئىشلىرىغا ئۆز شەخسىيىتى بىلەن ئارىلشتۇرۇلمايتتى. «تېرخۇن مەڭگۈ تېشى» (753 - يىل) دا مۇنداق قۈملە بىار: «تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن، خاقان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ چاغدا ئۆتۈكەننىڭ غەربىي چېتىدە تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا بارگاھ قۇرغۇزۇدۇم»، (ئۆزۈمنى) قاغان، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ، بارگاھىمنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۇڭۇزباشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم دەپ يېزىلغان. بىز بۇنىڭىدىن خاقانلارنىڭ «قاتۇن» نىنىڭ ئوخشاشلا مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
     «قامۇسنامە» 226 – جىلدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بوگۇخان ئوردىسىنى كۆركەم ياسىغاندىن باشقا، ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس شەھەر «قاتۇن بالىق» نى ياسىتىپ، ئاجايىپ كۆركەم نەقىشلەر بىلەن زىننەتلىگەن. يەنە نىڭشانىڭ شىمالىدىكى گۈزەل، ھاۋالىق جاي ئىرسىن دەرياسىنىڭ ياقىسىدىكى كۆل بويىغا «قاتۇن بالىق» شەھىرىنى ياساتقان. ئۇ 759 – يىلدىن كېيىنكى ئىشلار. 759 – يىلدىن بۇرۇنلا، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيە دائىرىسىدە 5 چوڭ ئۇيغۇر شەھىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىككىسى «قاتۇن بالىق» ئىدى.

× × ×

    ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيولوگىيەسىدە، تەبىئەت، جەمئىيەت قارىشىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش پەيدا بولدى. دىنىي مەسىلە — بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئېتىقاد مەىسلىسى، يەنە بىر تەرەپتىن، كىشىلەر، مىللەتلەر، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان زور ئىجتىمائىي مەسىلە. دىن — ئىجتىمائىي ئۇستقۇرۇلمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى؛ ئۇ مەلۇم سىنىپ، ھۆكۈمران تەبىقە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىدىيولوگىيەنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغاندىن كېيىن، دۆلەت باشقۇرۇلۇشىدىكى ھوقۇق قارىشى شۇ دىننىڭ ئىسكەنجىسىگە (مەلۇم نىسبەتتە بولسىمۇ) ئۆتكەن بولىدۇ. دەرۋەقە، ئۇستقۇرۇلمىغا تەۋە بولغان ھوقۇق قاراش مۇئەييەن جەمئىيەت ئىقتىسادى ۋە سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھوقۇق قاراش پەيدا بولغان ھامان، ئۇنىڭدىمۇ ئۆزىگە خاس نىسبىتى مۇستەقىللىق بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىقتىدادىي بازىس پەقەت بىر خىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ماددى كۈچ سۈپىتىدە ھوقۇق قاراشنى تۈپ خاراكتېر جەھەتتىن ئۆزگەرتكىنى بىلەن پۈتۈنلەي يىپيېڭى ھوقۇق قاراشنى يارىتىپ چىقالمايدۇ. ئۇ پەقەتلا يېڭى سىنىپ، يېڭى سىياسىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ھوقۇق قارشنىڭ تەرەققىيات نىشانىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. خالاس. يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى ھوقۇق قاراش كون ھوقۇق قارىشى بىلەن ھېچقانداق ئالاقە باغلىماستىن، ئۇشتۇمتۇتلا پەيدا بولمايدۇ. ھوقۇق قاراشنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تامامەن يىپ – يېڭى ھوقۇق قاراشنى يارىتىپ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھوقۇق قاراشنىڭ مۇنداق تارىخىي ۋارىسلىقى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيولوگىيەلىك خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن؛ ھەرقانداق بىر ئىجتىمائىي ئىدىيولوگىيە پەيدا بولۇشتا ھامان ئۆز ساھەسىدە ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.چۈملىدىن، ھەربىر دەۋردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى دەۋرىدىكى ھوقۇق قارىشى تەرەققىياتىنىڭ ئىزنالىرى (ماتېرىياللىرى) بولىدۇ. ھەرقانداق سىياسەت بەلگىلىگۈچى ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئاشۇ ھوقۇق قارىشىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن، ھەمىشە ئوزۇقلىنىدۇ. ئەنئەنە بولۇپ كەلگەن ھوقۇق قاراشنى ئاز بوسلىمۇ ئۆگىنىدۇ ۋە تەجرىبە قوبۇل قىلىدۇ. ئەجدادتلارنىڭ نۇرغۇن ئەسىرلىك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى، ئەمەلىيەتلىرى جەريانىدا يارىتىپ چىققان قانۇنىيەتلىك نەرسىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئىجتىمائىي پائالىيىتى ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرىدۇ. خۇلاسىلىغاندا، مەيلى ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن، مەيلى نەزەرىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بوسلۇن، ياخشى ھوقۇق قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭى ھوقۇق قارىشىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. مۇنداق زۆرۈرىيەتلىكنى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ پۈتكۈل ئىدىيەۋى تەرەققىيات تارىخىدىن ناھايىتى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەڭ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە خوتۇن – قىزلارنىڭ ئورنى ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن، ئەنئەنە ئاساسىدا داۋامىق ئۇلۇغلاندى. يۇقىرى ئورۇن، ھۆرمەتكە ئىگە بولدى. بۇنداق بولۇشى تارىختىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىدىيولوگىيەسى، ھوقۇق قارىشىنىڭ راۋاجى ۋە داۋامى بولغانلىقىدا.
      ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قانۇنلىرىغا قارىغاندا، مەجلىس ۋە قۇرۇلتايلاردا چوڭلارنىڭ قاتۇنلىرى بەگلەر ۋە دەيخۇلئىسلاملار بىلەن بىرگە بولاتتى. قاتۇنلار قولىدىن كېلىدىغان ھەربىر ئىشلىرىدا ئەركەكلەرگە ياردەمدە بولاتتى، جەڭلەرگە بىرگە قاتنىشاتتى، ئەرلەردەك ئاتلىق چەۋەندازلىق قىلاتتى. خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ناھايىتى قەدىمكى چاغدىلا ئۇيغۇر قىزلىرى توپقا ئوخشاش نەرسىنى تېپىپ ئوينايتتى. شۇنداق ھاللاردا ئۆز تەبىئىتى بىلەن يالاڭباش يۈرەتتى. 10 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقىي شىمالدىكى تۈركلەر ئارىسىدا يۈرگەن ئەرەب ساياھەتچىسى ئىبىن فارلارن بىر تۈرك بېگىننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا، ئۆيدىكى ئايال ۋە قىزلارنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا ياغلىقسىز، ئەركىن يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەيران قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە، ئوچۇق يۈرگەن بۇ ئاياللارنىڭ شۇ قەدەر دۇرۇس ۋە ئىپپەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارا يامان مۇئامىلىدە بولۇش ۋە يېقىنلىشىشقا ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى يېزىپ قالدۇرغان. قاراخان يۈسۈپ قىدىرخان خوتەنگە غازات قىلىپ بارغاندا (1009) ئۇ يەرنى بويسۇندۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، خوتەن خان جەمەتىدىن قابىلىيەتلىك، دۆلەت ئىشلىرىغا كامىل، بىلىملىك بىر ئايالنى خوتەننىڭ ھۆكۈمرانى قىلىپ تەيىنلەپ، رەسمىي خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، قايتىپ كەلگەن. بۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئاياللارنىڭ نوپۇزىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىشەنچلىك ماتېرىيال. بۇ ئايال ھۆكۈمدارنىڭ ئاقساقاللارنى يغىىپ، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرى ھەققىدە كېڭەش ئۆكتۈگەنلىك سۆھبەت خاتىرىسى ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ھەققىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىك سۆھبەت خاتىرىسى ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىدا ساقلانماقتا. قاراخانىلار دەۋرىدە ئادەتتىكى ئاياللار «ئوراغۇت» دەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاياللار، خان جەمەتى، مەلىكىلەر «قاتۇن»، «ئاغچا»، «ئىنال»، «تۈركەن قاتۇن» ناھايىتى ھۆرمەتلىكلىرى «ئالتۇن ئۈزۈك»، «ئەردىنى ئۈزۈك» دەپ ئاتىلاتتى. مەھمۇد كەشغەرى مەخسۇس ئاياللارغا خاس 10 نەچچە سۆزلەمگە تەپسىلى ئىزاھات بەرگەن. بۇ دەۋردە ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى، ئېنىق قىلغاندا، مالىيە، غەزىنە ئىشلىرىنى ئايال ۋەزىرلەر باشقۇراتتى. ئاياللار دائىملىق سەپەرلىرىدە «كەزلەك» دەپ ئاتىلىدىغان پىچاق ياكى ھەر خىل ئۇرۇش قوراللىرىنى يېنىغا ئېسىپ يۈرەتتى. قاراخان مەلىكىسى تۈركەن قاتۇن تۈرك سالچۇق خاقانى مەلىك شاھقا ياتلىق بولۇپ، باغداتقا بارغاندا، ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ سىياسى، مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ كىچىك خانىش بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇۋلېىپ، چوڭ خانىشلاردىن بولغان شاھزادىلارنى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن چەتتە قالدۇرۇپ، ئۆز ئوغلىنى خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزغان. ئەمما ئەمەلىي ھوقۇق تۈركەن قاتۇن ئۇنۋانلىق ئاشۇ خانىشنىڭ قولىدا بولغان (بەزىلەر 20 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەيدۇ). مەھمۇد كەشغەرى قەشقەر مەلىكىلىرىنىڭ يۈرەكلىكلىكى ھەققىدىكى مۇنداق ماقالىنى خاتىرىلىگەن: «قىز بىلەن چېلىشما، چۈنكى، قىزلار كۈچلۈك كېلىدۇ، سېنى يىقىتىپ قويىدۇ... بۇ خاقانىيە قىزلىرىدىن بىرىنىڭ سۇلتان مەسئۇدىنى تېپىپ يىقىتىۋەتكىنى ئۈچۈن، خاقانىيەلىكلەر ئارىسىدا سۇلتان مەسئۇد توغرۇلۇق چىقىرىلغان ماقال»
      قاراخان خاقانلىرى ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىشى، ھەربىي ماھارەت ئۆگىنىشى، ئورنى، نوپۇزى، ئائىلە ۋە نىكاھ ئىشلىرىغا دائىم دىققەت قىلىپ كەلگەن. تەڭسىزلىك، خورلىنىش، يەكلىنىشكە قارىتا تەدبىرلەرنى كۆرگەن ھەم باشلامچىلىق قىلىپ، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش جەھەتتە نەمۇنە كۆرسەتكەن. داستانچى روزى مەھەممەت «غېرىپ سەنەم» داستانى ھەققىدە مۇنداق يازغان. سەنەمجان غېرىپىنى ئىزلەپ بۇغراخان (سۇلتان ساتۇق بۇغراخان) نىڭ پايتەختىگە بېرىپ قالغان. سەنەمجان ئۆزىنىڭ مۇھەببەت دىشۋارچىلىقىدا تارتقان ئازاپ – كۈلپەتلىرىنى بۇغراخانغا بايان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ غېرىپ ۋە سەنەمگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىپ، خانلىق سەلتەنىتى بىلەن شاھى ئابباسخانغا «نامە» يېزىپ، ئىككى ئاشىق – مەشۇققا زۇلۇم سالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
     ئاياللارنى ئۇلۇغلاش مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى بولغانىقى، دۇنيادا مەدەنىيەتكە بۇرۇنراق قەدەم قويغان مىللەت ۋە خەلقلەر تارىخى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن، سەئىدىلەر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار مەدەنىي ھاياتىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرى داۋاملىق ئىززەتلەندى. بۇ پىكرىمىزنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكانتى ۋە شائىرەسى مۇقامشۇناس ئاماننىسانىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئابدۇرېشىتخانىڭ ئاماننىساغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
     ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۈرك دۆلىتى — تىمۇرىلەر دەۋرىدە خوتۇن – قىزلار ئىززەتلەندى. ھىندىستاندىكى تاج مەھەر گۇمبىزى ئۆتكەن ئەسىرلەردە سېلىنغان داڭلىق، ئەڭ زور قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، خانىش ئۈچۈن سېلىنغان. ئۇ ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ككزىنى قاماشتۇرۇپ، شەرق تۈرك مەدەنىيەتنىڭ كۆرۈنەرلىك نامايەندىسى بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنى تىمۇرىلەردىن شاھ جاھان (1657 - 1628) ئۆلگەن خانىشى ئۈچۈن بىرقانچە ئون مىڭ ھىندى پۇلىنى سەرپ قىلىپ، 20 يىلدا پۈتتۈرگەن. قەبرە – سارايلار، راۋاق، ئۇچلۇق مۇنارلار ۋە گۈللەردىن تەركىب تاپقان، ھەممىسىلا كاتتا مەرمەردىن ياسالغان. ئەينەك، ھىقىق بىلەن بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، خۇددى مەرۋايىتتەك نۇرلۇق بېزەلگەن. قەشقەردىكى داڭلىق ھېيتكار جامەسىنى زۇلپىيە خېنىم دېگەن كاتتا باي، تۇل خوتۇن ياساتقان ئىدى. قومۇل داۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ئۆلگەندىن كېيىن خوتۇنى مېھرىبانۇ پۇچۇڭ خېنىم ۋاڭلىق ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، 10 نەچچە يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان. قەشقەرلىك باي ئابدۇللا خوجىنىڭ قىزى ئاغىچا ئايىم قوقان خانى خۇدايارنىڭ ھەرەم خوتۇنلىرى ئىچىدە ئەقىللىق، تەدبىرلىك ئاياللاردىن ئىدى. ئاغىچا ئايىم پۈتۈن ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بەزىدە، ئايىم مەملىكەت ئىشلىرىغىمۇ ئارىلىشاتتى. دېمەك، خاننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قەدىرى بەك يۇقىرى ئىدى.


× × ×

      «ئىنقىلاب تارىخىنىڭ پاراۋۇزى» (ماركىس). ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ئۆز تارىخىدا زورلۇق – زولۇمغا قارشى كۆپ قېتىم ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ، جەمئىيەتنىڭ روھىي قىياپىتىنى يېڭىلاشتا مۇئەييەن رول ئوينىغان. «چۈنكى، ئېىزىلگۈچى سىنىپلار ئازادلىق يولىغا قاراپ ھەر بىر قەدەم تاشلىغاندا ئاياللارنىڭ ئورنى بىر دەرىجە ياخشىلىنىپ بارغان» (ستالىن). ستالىن مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ ھەرىكىتى ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىسىز بولغان ئەمەس». بۇ ھۆكۈمنى ئۇيغۇر ئايالالىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلاشقا تامامەن مۇمكىن. 1756 – يىلى 2 – ئايدا ئۇچتۇرپاندا غالدان مانجۇ مۇستەبىتلىرىنىڭ يولسىزلارچە بوزەك قىلىشىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىدا كۆپلىگەن خوتۇن – قىزلار قاتناشقان، ھەتتا، بىر قىسىم باتۇر قىزلار سەينىڭ ئالدىدا دۈشمەنگە قارشى ئاتلىنىپ، قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. 1820 – يىللاردىكى قەشقەر قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلار ئىچىدە ئاياللارمۇ بار ئىدى. قەشقەر قىزى نۇزۇگۇم شۇلارنىڭ بىرى. 1931 – يىلى قۇمۇلدا ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىققا قارشى كۆتىرىلگەن ئىنقىلاب قەشقەرگە يېتىپ، تىپىك ئەھمىيەتلىك بولغىنى ئاتۇشتىن 86 نەپەر ئايال نوغۇچ، كالتەك، چوماق بىلەن قوراللىنىپ، ئۆزلىكىدىن قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، قوزغىلاڭغا مەدەت بەرگەن، 1937 – يىلى 7-، 8 – ئايلاردا قوزغىلاڭ كۇچادا داۋاملىشىۋاتقاندا مىڭلىغان خوتۇن – قىزلار قاتناشقان. ئايرودرومنى تالىشىش جېڭىدە كۆپلىگەن ئاياللار، ئۇششاق بالىلار ئۇرۇش بولۇۋاتقانغا قارىماي، ئۇرۇش مەيدانىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ئەرلەرگە لازىمەتلىكلەرنى توشۇپ بېرىپ، پىداكارلىق كۆرسەتكەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرى ئىچىدە كۆپلىگەن ئاياللار بار ئىدى. ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ پەخىرلىك قەھرىمانلىرى مەنىگاخان ۋە رىزۋانگۈللەر ئەنە شۇلارنىڭ بىر قانچىسى.

× × ×


      ئۇيغۇرلار تارىخىدا كۆپلىگەن ئايال شائىرلار، مۇزىكانتلار ئۆتكەن. ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ كۆپچىلىكى لېرىك شائىرلار، مۇڭلۇق غەزەلخانلار، يارىقىن قوشاقچىلاردۇر.
      تارىختا، ئۇيغۇر ئايال شائىرلىرىنىڭ نامى، ئەسەرلىرى دەۋرىمىزگە ناھايىتى ئاز يېتىپ كەلگەن. بۇلارنى ئەلۋەتتە، ئەنە شۇ جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي يۆنىلىشىدىن ئىزلەش كېرەك. قەدىمكى ئۇدۇن (خوتەن) نىڭ خان مەلىكىسى (قىزى) سامىرا كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرە ئىدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى چاقناپ تەۇرىدىغان كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان. سامىرا شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىر پارىژ مىللى موزېيىدا ساقلانماقتا. ھىندىستاندا قۇرۇلغان تېمۇرىلەر دەۋرىدە (1482 - 1530) زىبۇنىسا ناملىق تۈرك شائىرى ئۆكتەن ئىدى. ئۇ: «مېنىڭ يولدىشىم ھەم كىتاب، بەختىم ھەم كىتاب، ھەتتا جەننىتىم ھەم كىتابتۇر» - دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەسلىك چىقىپ تۇرىدۇ. رىياللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئادالەتسىزلىك قارىلانغان.
     زۇلپىيە قەشقىرى ئالدىنقى ئەسىردە ئۆتكەن شائىرە. ئۇ «دىۋان زۇلپىيە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ۋە «زۇلپىيە نامە» ناملىق داستان يازغان. دۈشمەن قېلىچى بوينىغا ئۇرۇلغانغا قەدەر جەڭگىۋار شېئىرلىرىنى توختاتمىغان باتۇر قەشقەر قىزى نۇزۇگۇمنىڭ ئوبرازى ھىلىھەم خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە نۇر چېچىپ تۇرماقتا. 19 – ئەسىرنىڭ ئادلىنقى يېرىمىدا مۇترىبان قەشقىرى ناملىق غەزەلخان ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى، مەردانە غەزەللىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرەك تارىلىرىنى تىترىتىپ كەلدى. بۇلاردىن باشقا مۇترىبە. مۇزەييىنە، سېكىنە، ئاجىزە، مەزلۇمە، رابىيە قاتارلىق شائىرەلەر ياشاپ ئۆتكەن. شۇنى قەيت قىلىمىزكى ئۇيۇغر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى ئاياللارنىڭ زور ئەمگىكىدىن ئايرىلمايدۇ. داڭلىق يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئانا – مومىلىرىدىن مۇڭلۇق ھېكايە، چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ ئوزۇق ئالمىغانلىرى ناھايىتى ئاز.


× × ×

     تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاساسىي منەۋقە بويىچە يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئىززەتلىنىپ كەلاگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇستەبىت زوراۋانلىقى، ھەر خىل دىنىي – خۇراپاتلىق، مۇتەئەسسىپلىك تۈپەيلىدىن، كەڭ ئەمگەكچى ئاياللار ئېزىلىش، خارلىنىش، تەڭسىزلىكتىن خالى بولالمىدى. جەمئىيەتتىكى قىگىشىلىك ئورنى دېگەندەك ئېتىبارغا ئېلىنماي ھوقۇقسىز، بىلىسمىز ئورۇندا تۇرۇپ، قوش زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلدى. لېنىن: «ئىنسانىيەتنىڭ يېرىمىنى تەشكىلى قىلىدىغان خوتۇن – قىزلار كاپىتالىزم دەۋرىدە ئىككى تەرەپلىمە ئېزىلىدۇ» دېگەن ئىدى. ستالىنمۇ: «ئەمگەكچى ئاياللار بارلىق ئېزىلگۈچىلەر ئىچىدە ھەممىدىن بەك ئېزىلگەن» — دېگەن ئىدى.
16 – ئەسىردە ياشىغان شائىر موللا نىياز ئاخۇن بىر خوتۇن نامىدىن يازغان «ئەرزنامە» سىدە مۇنداق يازغان ئىدى:

لىۋىم لەئىلى يەڭلىخ قەلەم قاش ئىدىم،
جۇۋان – چۇرىلەرگە پەقىر باش ئىدىم.
يىگىرمە ئىككى يىل بولۇپ بىر ئۆيدە بىز،
تېپىپ بەش بالا – ئۇچ ئوغۇل، ئىككى قىز.
دېدى: «ئەي قېرى!» بۇ ساقىلىمغا باق،
ساقىلىم قارادۇر، باشىڭ بولدى ئاق!
چىشىڭ ھەم چۈشۈپتۇر، بۇلۇپسەن قېرى،
خوشۇم يوق چىقىپ كەت كۆزۈمدىن نېرى

    ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇزاق يۈرگۈزگەن سىياسىتى تۈپەيلدىن كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق تېتىقسىز قاراش تارقىلىپ يۈردى: ئۇلارچە؛ «بىر خوتۇننىڭ ھىلىسى قىرىق ئىشەككە يۈك»، «خوتۇن كىشى تۆت تامنىڭ قۇلى»، «خوتۇنغا ئىشەنمە، تامغا يۆلەنمە»، «خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا»، «خوتۇن كىشى چەپ ياندىن پۈتۈلگەن» بولارمىش. ئادەتتە، خوتۇن كىشىنىڭ گۆرى ئەرلەرنىڭكىدىن چارەك ھەسسە چوڭقۇر كولىناتتى. چۈنكى، دىنىي قاراش بويىچە، خوتۇن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئەر بىلەن بىر دەرىجە تۇرۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمىش. ئاتالمىش قۇلدارلىق تۈزۈمىنىڭ دىنىي قانۇنلىرىدا: «ئاياللار ئەرلەرنىڭ قۇلى» ھەمدە «ئەر ئۆز خوتۇنىنى ئۇرۇشقا، چېچىنى يۇلۇشقا، قۇلىقىنى ئۈزۈۋېلىشقا ھەقلىق ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچقانداق جازا بېرىلمەيدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. دېمەك، مانا مۇشۇنداق قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ ۋەھشىلىك بىلەن تولغان قانۇن – قائىدىلىرى دىن ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ، مىڭ يىللاپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى چۇمبەردە ئىچىگە بەنت قىلىپ، ھاۋادىنمۇ ئەركىن نەپەس ئېلىشنى توساپ كەلگەن ئىدى.
     ئاياللارنى ئىجتىمائىي ھاياتتىن چەتلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت دىنىي – خۇراپات ئەقىدىلەرنىڭ زورلۇق بىلەن قوللانغان چارىلىرى بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەممە دەۋردە ئوخشاشلا يۈزدە – يۈز ئەمەلىيلىشىپ كەتكىنى يوق. ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆتكەن ئىلغار كۈچلەر، كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ئاياللارنىڭ تەڭ ھوقۇقلىقىنى، ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا ئاياللارنىڭ چۈمپەردە تارتىش، ئىجتىمائىي ھاياتتىن بەكمۇ ئايرىلىش ھادىسىلىرى دىننىڭ ئىسكەنجىسى كۈچلۈك شەھەرلەردە رەسمىلەشتۈرۈلگەن بىلەن، كەڭ يېزا – قىشلاقلاردا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئاياللار سىرتتا، ئۆيدە، ئاشخانىدا ياكى كەپىدە، ئادەتتە، ئەرلەردىن يۈزىنى يوشۇرماي ئىشلەۋېرىدۇ.
     زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق بار دېگەندەك، ئۇيغۇر ئاياللىرى خارلىنىش، يەكلىنىش، تەڭسىزلىككە قارشى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا داۋاملىق، ھەر خىل شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر مۇھەببەت داستانلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىسيانكارلىق روھ ئۆتمۈش رىياللىقنىڭ ھەر خىل دەرىجىدىكى ئىنكاسى بولپ، ئۇنى رىياللىق بىلەن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. «رابىيە - سەئىدىن» داستانىدىكى رابىيە مەۋجۇت تۈزۈمگە، فېئوداللىق نىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قارشى ئورنىدىن دەس تۇرغان رىيال شەخس ئىدى. نۇزۇگۇم فېئودالىزمغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ، رەسمىي كۈرەشكە ئاتلانغان ئايال جەڭچى. قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئايىمخان، ۋاڭنىڭ يولسىزلارچە تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ، تېز پۈكمەي ھۆكۈمرانلارغا قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، قۇربان بولغانلارنىڭ بىرى. شۇڭا خەلق ئارىسىدا.

تولۇن ئايدەك ئايىمخان،
پەرىزاتتەك يارالغان.
ئۆزۈڭ شېھىت بولساڭمۇ،
نامىڭ ئەلگە تارالغان.

دېگەندەك ناخشىلار تارقالغان ئىدى.
      جاھالەتلىك كونا جەمئىيەت ئاياللارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئورنى ئۇرغۇتۇپ تاۋلىدى. كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئاياللار ھەرقانداق جاپا – مۇشەققەت، مەغلۇبىيەتلەردىن قورقماي، زۇلمەتلىك فېئودالىزم تۈزۈمى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتىرىپ، ئازالدىققا ئىنتىلىپ كەلدى. بۇ كۈرەشلەردە نۇرغۇنلىغان قەھرىمان، ئۈلگىلىك ئاياللار مەيدانغا كېلىپ، كەڭ ئياللارنىڭ كۈرەش روھىغا ئىلھام بەردى. ئۇلاردىن بىر قىسمىنىڭ نامى قالغانلىرى: ئانارخان، پۇچۇنىان، مايىمخان، چىن مودەن، سارىخان، نازىگۈل، زەيتۇنخان، مەسئۇدە، زىننەتخان، زىلەيخان، نۇرۇننىسا، ئامىنەم، قەمبەرنىسا قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانلىق، ساپ ئەقىدىسى، ئىسيانكارلىقى، گۈزەل، چېچەن، ئىشچانلىقى بىلەن كەڭ خەلققە تونۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، كەڭ خەلق قوشاق – داستانلىرىنىڭ تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى.

× × ×

    ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋەتىنىمىزگە ماركسىزم – لېنىنىزمنى ئېلىپ كىرىدى. 1918 – يىلدىن بۇرۇن ۋە كېيىن، بىر قىسىم ئىلغار كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلىنىشقا باشلىدى. 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭىچە پەننى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى. ئاتاقلىق، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ۋە ئالىم ئابدۇقادىر داموللا (1862 - 1924) مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خوتۇن – قىزلارنىڭ بىلىم ئېلىشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان داڭلىق ئىسلاھاتچىلارنىڭ بىرى، 30 – يىللاردا ئالىم زىرائىدىننىڭ «مەشھۇر خوتۇن - قىزلار» ناملىق ئەسىرىدە 360 – نەچچە مەشھۇر، ھۆرمەتلىك خوتۇن – قىزلار تونۇشتۇرۇلغان. 1930 – يىللاردىن باشلاپ، ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ شىنجاڭغا تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدىنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. مەكتەپلەر كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، قىزلار رەسمىي، مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا باشلىدى (ئۇلارنىڭ ئايرىم مەكتەپ ۋە سىنىپلىرى بولاتتى) قىزلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايال ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەندى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرى جانلىنىشقا باشلىدى. جۈملىدىن «سانايى نەپىسە» تەشكىللىنىپ، ئاممىنىڭ ئەدەبىي – سەنئەت ئىشلىرى جانلاندۇرۇلدى. بىر مۇنچە چوڭ ئوپىرا، دراما، كومىدىيە ۋە كونسېرتلار سەھنىلەشتۈرۈلدى. بۇلاردا بىر مەزگىل ئەرلەر ئايالچە ياسىنىپ، ئاياللارنىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان بولسا، كېيىنچە، بىر قىسىم ئىلغار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇنجى قېتىم يۈزىنى ئېچىپ سەھنىگە چىقتى. بۇنىڭ بىلەن سەنئەت تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، ئاياللارنىڭ چۇمپەردىگە قارشى كۈرىشى دەسلەپكى قەدەمدە نامايەن قىلىدنى. بولۇپمۇ 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلدە، خوتۇن – قىزلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەتلەر ئىشلەندى.1948 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى غۇلجىدا: «شىنجاڭدا تىنچلىق دېموكراتىيەنى قوغداش ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، ئىتتىپاق ئاستىدا ئاياللار تەكشىلاتى تەسىس قىلىنىپ، «ئاياللار ساداسى» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىندى.

× × ×

       1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئاياللارغا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئېلىپ كەلدى. قانۇندا ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، بارلىق تەڭسىزلىكلەر بىكار قىلىندى. سوتسىيالىستىك نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. خوتۇن – قىزلار جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە جەلپ قىلىندى. چۈنكى، «سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ كەڭ ئەمگەكچى ئاياللار قاتناشماي تۇرۇپ، ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى» (لېنىن). ئاياللارنى ئازاد قىلىشنىڭ بىرىنچى ئالدىنقى شەرتى، بارلىق ئاياللارنىڭ قايتىدىن جامائەت ئەمگىكىگە قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كەڭ تۈردە ئىجتىمائىي ئەمگەككە جەلپ قىلىندى. «ئاياللارنى سىياسىي تۇرمۇشقا قەلپ قىلماي تۇرۇپ، ئاممىنى سىياسى تۇرمشۇشقا جەلپ قىلغىلى بولمايدۇ» غانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاياللار كەڭ كۆلەملىك سىياسى تۇرمۇشقا جەلپ قىلىنىپ، ماركسىزم – لېنىنىزم ۋە ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى تەربىيەسىگە ئىگە قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئارقىسىدا، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئايال كادىرلار يېتىشىپ چىقتى.
     پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا مىڭلىغان ئاياللار جەلپ قىلىنىپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرى يېتىشىپ چىقتى.

×       ×      ×

    ئۇزۇن تارىختىن بېرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاياللار ئۇلۇغلىنىپ كەلگەچكە، ئانىلارغا بولغان مەڭگۈلۈك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناشقان. مەسىلەن: «ئاناڭنى يەتتە قېتىم ھەرەمگە يۇدۇپ بارساڭ، كېچىدە بىر قېتىم قوپۇپ، بوشۇگۇڭنى تەۋرەتكەننىڭ قەرزىنى ياندۇرالمايسەن» دېگەن خەلقنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىدە، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ ئەمگىكى يۇقىرى باھالىنىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە سۆزلەشكەنلىرىدە ياكى ماقالە – ئەسەر يازغانلىرىدا: «ئانا يۇرت، ئانا ۋەتەن، ئانامدەك مېھرىبانىمسەن، ئانامدەك قەدىرلىكىم» دېگەن ئەڭ يۈكسەك ئوخشىتىش سۆزىنى ئىشلىتىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. «ئانا» دېگەن يالقۇنلۇق سۆز بىلەن ئۆز ئېلىنى، خەلقىنى، ئەڭ ياخشى كۆرگەن قەدىرلىك كىشىلىرىنى ئوخشاتقانلىقى ۋە تەڭلەشتۈرگەنلىكى «ئانا» دېگەن بۇ سۆزنىڭ نەقەدەر زور مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز، ئۇزاق ئەسىرلىك كۈرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا مۇنداق ھېكمەتلىك ماقال – تەمسىللەرنى قالدۇرۇپ كېتىشتى: «ئانا — تاغدەك پانا»، «ئانا ئايىغىدا جەننەت بار»، «ئانىلىق يېتىم گۈل يېتىم، ئاتىلىق يېتىم كۈل يىتىم»، «ئاتاڭنىڭ باغ ھويلىسى بىلەن قالغىچە، ئاناڭنىڭ پىلتە سېۋىتى بىلەن قالساڭچۇ».
بىز مۇندىن كېيىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي – پەزىلىتى بولغان ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلۇغلاش ئەنئەنىسىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە نوپۇزىغا زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، بىزنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ئارزۇسى يەردە قالمىغان بولىدۇ. شۇنداقلا، بۇ سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ئوچۇق تونۇتۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىمىزمۇ ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك پىرىنسىپىدىن ئايرىلمايدۇ، ئەلۋەتتە.

پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللار:
(1) «ماركس، ئېنگېلس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1979 – يىلى.
(2) «ك. ماركس، ف. ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» Ⅱ توم.
(3) «ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرىدىكى يۇنان، رىم ئەپسانىلىرى توغرىسىدا ھېكايىلار» گې باۋچۇەن تۈزگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980 – يىلى.
(4) مورگان: «قەدىمكى جەمئىيەت» 2 – توم، خەنزۇچە.
(5) «قىسقىچە دۇنيا تارىخى» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1982 –يىلى.

×      ×     ×
(6) مەھمۇد كەشغەرى: «تۈركى تىللار دىۋانى».
(7) مەھمۇت جوراس: «تارىخىي رەشىدى — زەئىلى».
(8) فۇئات كوپرۇلۇ: «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى» تۈركچە، ئىستامبول نەشرى.
(9) ئەھمەت قاباقلى: «تۈرك ئەدەبىياتى». ئىستامبول، تۈركچە، 1986 – يىلى.
(10) ل. كىلىموۋىچ: «ئىسلام دىنى ۋە خوتۇن - قىزلار»، «قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئەقىدىلىرى» شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1959 – يىل.
(11) ئا. مۇھەممەت ئىمىن: «ئۇيغۇر خەلق كىسلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام» مىللەتلەر نەشرىياتى، «شىنجاڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۆت زات كۆزقارىشى توغرىسىدا» (ماقالە).
(12) ئابدۇكېرىم راخمان: «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توغرىسىدا».
(13) شېرىپىدىن ئۆمەر: «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار».
(14) «ئۇيغۇر قىسقىچە تارىخى» (سىناق نۇسخىسى).
(15) «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ ھەرقايسى سانلىرى.
(16) «جۇڭگو تارىخى خەرىتىلەر توپلىمى» 7 – قىسىم، خەنزۇچە.
(17) بىر قاتار ئىلمىي ژۇرناللار، يەرلىك گېزىت – ژۇرناللاردىكى مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارغا قارالسۇن.

مەنبە:شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى،1983-يىللىق 2-سان.




①  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە»، 102 – بەت.
②  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە»، 623 – بەت.
③  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە»، 536 – بەت.
①  ئېنگلېس: «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى».
②  لافارك: «دىن ۋە كاپىتال».
③  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە»، 195 – بەت.
①  «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى».
①  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە».
①«ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە». 206 – بەت.
②  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە». 206 – بەت.
③  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە». 173 – بەت.
①  «تۈركى تىللار دىۋانى» 1 – توم.
①  «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە»538 – بەت.
②   «ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە».
①«ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە». 462- بەت.
①«ماركس، ئېنگلېس، لېنىن، ستالىن ئاياللار ھەققىدە».
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 10:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇماي: تۈرك رىۋايەتلىرىدە «ئۇماي» دەپ ئاتالغان بىر پەرى بار، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئالەمنىڭ ئۈستى قەۋىتىدە «تەڭرى» ئىسىملىك بىر ياراتقۇچى ئىلاھ تۇرارمىش. بۇ، يورۇقلۇق، نۇرلۇق دۇنيا (يارۇق) دەپ ئاتالغانمىش. نۇرلۇق دۇنيا بىلەن ئالەمنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتى (قاراڭغۇ زۇلمەت دۇنيا يەنى قارا يەر) نىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئەۋلادلارنى يەر ۋە سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرغۇچى بەخت ئىلاھى (ئېدۇق) — ئۇماي تۇرارمىش. («ئۇماي» دېگەن ئىسىم كېيىنكى دەۋرلەردە، يەنى 11 – ئەسىردىكى مەھمۇد كەشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دېگەن كىتابىدا «ئانا» دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرۈلگەن). دېمەك، ئۇيغۇرلار تۇتېمىزىم ۋە شامال دىنىغا ئىشەنگەن دەۋرلەردە مانا شۇ ئۇ ماي ئىلاھىغا چوقۇنغان. ئۇ مۇھەببەت ئىلاھى، ئېغىر ئاياق ئاياللار، ئۇششاق بالىلار چوقۇنىدىغان ئىلاھ، دەپمۇ قارىلىدۇ. ئادەتتە، چوڭ ئاياللار، ئۇششاق بالىلار ئۇ مايغا سېغىندۇق. دېيىشىدۇ.

«جۇمۇۋاڭ» قىسسسىسىدە دېيىلگەندەك : ئوماي راستىنلا بوغدا چوقىسىدا تۇرغانمۇ؟
خەنزۇ ئەر بىلەن مۇھاببەتلەشكەنمۇ؟

0

تېما

3

دوست

3896

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19286
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 1226
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 17:03:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
miskencn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 23:02
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم ياخشىمۇ  سىز بۇتىمىڭىزنى http://misken.c ...

توربەت قۇرۇشتىن بۇرۇن ئىملانى ئوبدان ئۆگىنىپ كەلسىڭىزچۇ؟

2

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23780
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 21:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز  بۇرادەرلەر بۇمەكتەپلار بالىلارغا بىلىم بەرەمدۇ ياكى بالارغا خەنزۇ ئىتىغادى بىلەن خەزۇ مەدىنىتىنى سىڭدۇرەمدۇ بالالارنى ئوقۇتىلى دىسەك بۇيىغا يەتكەن قىزلىرىمىزنىڭ ئويدىن يالاڭباش چىقمىسا مەكتەپتە ئوقۇيالماسا بۇجوڭگو قانۇن تۇزۇملۇك دولەتمۇ

0

تېما

1

دوست

2567

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 22:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
miskencn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 23:02
ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم ياخشىمۇ  سىز بۇتىمىڭىزنى http://misken.c ...

ھەممە  تىمىنى   يۆتكىۋالىدىكەنسىز   .  ئۇنداق  ئشىڭىز  بولسا  ياخشى  قىلىپ   ئەزالارنىلا  يۆتكىۋالمامسىز ؟

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

2503

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:03:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتىنىم جۇڭگو....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )