قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1109|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئايال ئاپتورلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

231

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15779
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 18:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئايال ئاپتورلار
(ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
غەيرەتجان ئوسمان





قسىقىچە مەزمۇنى:
   بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۆتكەن ئايال ئاپتورلار توغرىلىق ئېرىشىلگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا تىزىس خاراكتېرلىك ئۇچۇر بېرىلگەن. ئايال ئاپتورلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىشنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ماقالە مۇشۇ تېما بويىچە دەسلەپكى قېتىم يېزىلغان ماقالە ھېسابلىنىدۇ.
     ئىنسانىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن قاراشلىرىدىن بىرى شۇكى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدىب، ئاپتورلىرى ئانىلار — ئاياللار بولغان.
    بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخنى تەكشۈرىدۇ بولساق، يازما خاتىرىلەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە ئۇچۇرى يېتىپ كەلگەن بىرمۇنچە ئايال ئاپتورلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇلارنى تۆۋەندە قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

(1) باتىسقان ئانا
     (قورىغار — غەربىي خان ئانا).  ئۇ خەنزۇچە ھۆججەتلەردە «شىۋاڭمۇ» (西王母) دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى Ⅹ ئەسىرلەردە ئۆتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا تارىخچىلار ئۇنى غەربىي يۇرت قوۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى دەپ قارىشىدۇ. ئۇ قۇرۇم (كوئېنلون) تاغلىرىنى پائالىيەت مەركىزى قىلغان. بەزى تەتقىقاتچىلار باتىسقان ئانا ئۇيغۇر – تۈركىي خەلقلەر رىۋايەتلىرىدىكى ئىلاھە «ئوماي ئانا» نىڭ ئۆزى شۇ دەپ قارايدۇ. (西王母呤) ناملىق ئىككى پارچە شېئىرى ساقلىنىپ قالغان.

(2) جىۋا
    (324 - ؟). ئۇ قەدىمكى كۇچادىن.بۇددا ئۆلىماسى، بىلىملىك، ئىرادىلىك، مېھرىبان ئايال، تونۇلغان ئەمچى، قەدىمكى كۇچا تىلى ۋە سانسىكرىت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇ تېبابەتچىلىك ئىلمىغا ئالاھىدە نەزەر ئاغدۇرغان بولۇپ، «جىۋا ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» دېگەن كىتابنى قەدىمكى كۇچا تىلىدا (؟) يېزىپ چىققان. بۇ كىتابتا ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى ھەمدە ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار يېزىلغان. ئۇ مەشھۇر نومشۇناس كۇماراجىۋا (344 - 314) نىڭ ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.

(3) سېمىرا.
      ئۇ مىلادى Ⅹ ئەسىردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، قەدىمكى خوتەنلىك، خوتەن خانى ۋىسا سېمىرانىڭ قىزى. شائىرە، ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يېزىلغان «يۇرت سېغىنىش نەزمىسى» ناملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى بىر پارچە شېئىرى پارىژ مۇزېيىدا «P2027» نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ.

(4) سېلىغ تېگىن
     (Selio Tegin). ئۇ قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (850 - 1250) دە ئۆتكەن، ئۇيغۇر راھىبەسى ۋە شائىرە. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر پارچە شېئىرى ساقلىنىپ قالغان.

(5) شياۋ گۈەنيىن
    (萧观音 1039 – 1075). ئۇ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى دەۋرىدىكى ئاق سۆڭەك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەۋلادى. دادىسى ئۇيغۇر شياۋ خۇي قىتان خانلىقى (916 - 1125) غا باش ۋەزىر بولغان. شياۋ گۈەنيىن ئۆزى قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان.ئۇ ھۆسۈن – جامالدا تەڭداشسىز، سەنئەتتە تالانتلىق، سۆز قىلىشقا ماھىر، بەربارب چېلىشقا ئۇستا، شېئىرىيەتتە قابىل، درامىنىڭ كۈي – نەغمىلىرى ئۈچۈن بېيىت تۈزەشتە چىۋەر بىر ئايال ئىدى. قىتانلار خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغاچقا، «يوۋخولىندا پەرمان بىلەن يېزىلغانلار» (伏?林应制)، «كۆڭۈل ھويلىسىغا قايتىپ كېلىش» (回心院)، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش» (古怀)، «نامدىن جۇدا بولماق» (命词绝) قاتارلىق شېئىرلىرى ساقلىنىپ قالغان.

(6) شياۋ سېسې
    (萧瑟瑟، ؟-1121). ئۇ شياۋ گۈەنيىن بىلەن بىر ئۇرۇق، ئۇمۇ قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. شۇنداقلا سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئۆزىنىڭ بىر سىياسەتچىگە خاس ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. ئۇنىڭ «ھەجۋىيات» (讽?歌)، «تارىخنى كۈيلەش» (咏史) دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى بار.

(7) شې لەنلەن ياخشى
     (兰兰八哈石舍، ؟ - 1332). ئۇ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر راھبىبە، خەتتات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، ئۇ قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەۋلادى. «شې لەنلەن» ئۇنىڭ ئىسمى سۆزنى قوشۇپ ئاتىغان. شې لەنلەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ بۇددا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.شې لەنلەن خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»
(华严经)، «لىڭ يەن سۇترىسى» (楞严经)، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان «ساددارما پۇندارىكا سۇترىسى» (法华经)، «ئالتۇن يارۇق» (金光明经)، شۇنداقلا تىبەت يېزىقىدا «پىراجناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» (船若八千颂)، «ۋۇخۇ تورۇنى» (五护陀罗尼) قاتارلىق 10 پارچىدىن ئارتۇق بۇددا نوم – سۇترىلىرىنى كۆچۈرۈپ، ئالتۇن ھەل بىلەن بىزەپ چىققان.

(8) گۈەن يۇنشى قىزى
      (贯云石女). ئۇنىڭ ئىسمى نامەلۇم، يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى گۈەن يۇنشى — كۈن سىۋنچى (1286 - 1324) نىڭ قىزى. خەنزۇ ئەدىب ئۇياڭ شۈەن (1283 - 1357) گۈەن يۈنشىنىڭ ئوغلى ئارسىلان قىيانىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان «گۈەن يۈنشى ھەزرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» (贯公神道?) دېگەن ئەسىرىدە گۈەن يۈنشىنىڭ قىزى بىر، ئۇ «بىلىملىك، ماقالە – ئەسەر يازالايدۇ» دەپ يازغان.

(9) يۆلۈنىشى خۇدۇ
      (月伦石护笃). ئۇ يۈەن سۇلالىسى (1279 - 1368) دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر دانىشمىنى.ئۇنىڭ ئېرى شې جىدۇ قوچۇدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان ئەمەلدار ۋە شائىر كىشى، ئوغلى شۇ سۈنمۇ تونۇلغان شائىر ئىدى. «جىن خۇاخۇاڭ ئەپەندى ماقاللىرى» (华黄金先生文集) 39 – جىلد «ۋېي ئايمىقىنىڭ خانىمى ئۇيغۇر جەمەتىنىڭ قەبرە يادنامىسى» (魏郡夫人伟墓志铬) دېگەن ئەسەردە، «(خانىم يۆلۈنىشى خۇدۇ) ئەقىللىق تۇغۇلغان ... كىتابلارنى ئوقۇيالايدۇ. ‹ئەدەبنامە› (孝经)، ‹مۇھاكىمە ۋە بايان› (论语)، ‹قىزلار ئەدەبنامىسى› (女孝经)، ‹خانىم – قىزلار تەزكىرىسى› (列女传) قاتارلىقلارنى قىرائەت قىلالايدۇ» دېيىلگەن. يۆلۈنىشى خۇدۇ بالا تەربىيەلەشتە داڭ چىقارغان. ئۇنىڭ 10 ئوغۇل، ئۈچ قىزى بولۇپ، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ ئۆسكەن.

(10) ئاماننىسا
     (1523 - 1571). ئۇ يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن. مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ «نەفخسى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يازغان. «دىۋان نەفىسى»، «ئەخلاقىي جەمىلىيە»، «شورۇھۇل قۇلۇب» قاتارلىق كىتابلارنى يازان. «12 مۇقام» نى رەتلەشكە كۈچ چىقارغان ۋە بىر قانچە مۇزىكا ئاھاڭىنى ئىجاد قىلغان. دېمەك ئۇ ھەم ئەدىبە، ھەم مۇزىكانت ئىدى.

(11) زىلەيخا بېگىم.
      ئۇ يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ قوغان يېزىسىدىن. چوڭ ئىشان ئاپئاق خوجا (1626 - 1694) نىڭ ئانىسى. ئۆلىما ۋە تىجارەتچى مىر سەئىد جېلىل قەشقەرىنىڭ قىزى. «سىلسىلەتۈز زەھەب» (ئالتۇن زەنجىرلەر) ناملىق كىتابقا يېزىلغان خاتىرىدە، «زىلەيخا بېگىم تەڭداشسىز ئىستىدات ئىگىسى ئىدى، ئەرەبچىدە ۋە پارسچىدا ھېچكىم ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيتتى. شېئىر ۋە قەسىدە ئىجادىيىتىدە نۇقسانسىز ئىدى» دېيىلگەن. بۇ كىتابتا ئېيتىلىشىچە، زىلەيخا بېگىم ئاتاقلىق تاجىك – پارس شائىرى ھاپىز شىرازى (1300 - 1390) نىڭ شېئىرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ، مۇتالىئە قىلغان ۋە ئۇنى تۈركىي – ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
      ش ئۇ ئا ر مۇزېيدا «باياز» ناملىق بىر قول يازما بولۇپ، ئۇنىڭغا ھاپىز شىرازى غەزەللىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان 10 پارچە غەزەل كىرگۈزۈلگەن. ئىلمىي خادىملار «سىلىسلەتۈز زەھەب» گە كىرگۈزۈلگەن زىلەيخا بېگىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ھاپىز شىرازى غەزەللىرىنىڭ پارچىسى بىلەن «باياز» غا كىرگۈزۈلگەن تەرجىمە نۇسخىلارنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككى تەرجىمە نۇسخىنىڭ بىر كىشى يەنى زىلەيخا بېگىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى دەلىللەپ، بۇ 10 پارچە غەزەلنى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1990 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلدى.بۇ غەزەللەر سۈپەتلىك ياخشى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا زىلەيخا بېگىمنىڭ تەرجىمە ماھارىتى ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى شائىرلىق ئىقتىدارىمۇ نامايان قىلىنغان.

(12) زۇلفىيە قەشقەرى.
    ئۇ ⅦⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئاپئاق خوقا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان يىللار (1678 - 1694) دا ئىجادىيەت بىلەن لېرىكىلاردىن باشقا، «زۇلفىيە نامە» ناملىق داستانمۇ بار.

(13) بى بى مەسۇم ئەزىزەم
     ئۇ ⅧⅩ ئەسىردە يەكەندە ئۆتكەن شائىرە.

(14) مۇترىبە.
     ئۇ ⅨⅩ ئەسىردە ئۆتكەن شائىرە. ك. بوروفكوۋ «ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇش تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى» («تىل – ئەدەبىيات ھەم تارىخ مەسىلىلىرى»، 1984 – يىلى ئالمۇتا نەشرى) ناملىق ماقالىسىدە، «ئۆتكەن دەۋرلەردە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا يازغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. پەرغانىدە ياشىغان مۇترىبە دېگەن قەشقەر شائىرەسى ئۆز زامانىدا مەشھۇر ئىدى» دەپ يازغان.

(15) نۇزۇگۇم
      (؟1808 - ؟1827). ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل قەشقەر شەھىرىدىن. ئۇ 1826 – يىلدىكى ئىستىبداتلىققا ۋە زۇلۇمغا قارشى قەشقەر خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قەشقەردىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، تەلۋە ئەمەلدارغا مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا بۇيرۇلغان. قاتتىق ئەلەمدىن دەرغەزەبكە كەلگەن نۇزۇگۇم قورال (پىچاق) ئېلىپ، زالىم ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ، قومۇشلۇققا قېچىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ جاپالىق ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار شېئىر – قوشاقلىرىنى ياڭرىتىدۇ. ھېچقانداق باشپاناھ ۋە يۆلەنچۈككە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا تۇتۇۋېلىنىپ، جاللاتلارنىڭ ئىبلىس قولى بىلەن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.

(16) ئاخۇنئاغىچا.
     ئۇ خوتەندىن، ⅨⅩ ئەسىردە ئۆتكەن. 1860 – يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارىشى پارتلىغان خەلق ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى ئابدۇراخمان خان خوجا (1833 - 1863) نىڭ ئائىلىسى. داڭلىق قوشاقچى. ئۇ ئوغلى ھەققانىيەت يولىدا قۇربان بولغاندا، ئوغلىنىڭ قەھرىمانلىقى، خەلقچىللىقىنى مەدھىيىلەيدىغان، زۇلمەتلىك زاماندىن زارلىنىدىغان، ھەسرەت – نادامەت بىلەن تولغان قوشاقلارنى توقۇغان.

(17) ھەمراھ بۈۋى.
     ئۇ ⅨⅩ ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يېزىسىدا ئۆتكەن شائىرە.

(18) زۇمرەت.
    ئۇنىڭ خوتەندە ئۆتكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىشىلەر بولغان. شائىرەنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىل ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، ئۇنى ⅨⅩ ئەسىردە ئۆتكەن دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

(19) ئەسىرى.
     بۇ شائىرەنىڭ شېئىرلىرىمۇ خوتەندىن تېپىلغان. بىر شېئىردا بولسا «تا خوتەن شەھىرىگە كەلدىم ساكىن ئولدۇم باغ ئارا» دېيىلگەن. بۇ مىسرادىن شائىرەنىڭ خوتەننىڭ باشقا يېزىسىدىن ياكى قەشقەرنىڭ باشقا جايلىرىدىن خوتەن شەھىرىگە كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خوتەن شەھىرىدە بولغانلىقى بىلىنىدۇ. ئەسىرىنىڭ شېئىرى بىلەن زۇمرەتنىڭ شېئىرلىرى بىر يەردىن تېپىلغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

(20) قەشقەر قىزى ۋە ئايىشە ئايىم.
     بۇ ئىككى شائىرەنىڭ ئۆمۈر بايانى توغرىلىق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسسىز. ئەمما «قەشقەر قىزى» تەخەللۇسلۇق شائىرەنىڭ دوستى ئايىشە ئايىمغا يازغان بىر پارچە شېئىرىي سالام خېتى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1946 – يىلى 22 – مارت سانىغا بېسىلغان. بۇ ئەھۋالدىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىمىز.

(21) راھىلە (1860 - 1917).
      ئۇ قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدىن، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان يېڭىچە – پەننىي مەكتىپىنىڭ دەسلەپكى ئايال ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى. 1885 – يىلىدىن 1917 – يىلىغىچە ئاتۇشنىڭ ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئوبدان ئىگىلىگەن. گىرامماتىكا، جۇغراپىيە، ئالگېبىرا، تارىخ، تەبىئەت قاتارلىق پەنلەردىن خەۋەردار ئىدى. ئۇ «دەل ئىلۇل ئۆلۈم»(ئېلىمگە دالالەت قىلغۇچى) ناملىق كىتابنى يازغان. (بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقللانماقتا)، «قۇرئان كەرىم» نى ھۆسنخەت بىلەن تولۇق كۆچۈرۈپ چىققان.
     يۇقىرىقىلاردىن باشقا، قاراخانىلار دەۋرىدە رابىيە قەشقەرى، ⅨⅩ ئەسىردە مۇترىبان قەشقەرى، ئۆتكەن ئەسىردە موزەييىنە، سىكىنە، ئەزىزە، ئاجىزە، كاتىبە قاتارلىق شائىرىلەر ئۆتكەن. ھەمراھ، ئانارخان، مەسئۇدە، ساجىدە، ئامىنە، شازادىخان، خەيرىنىسا توختى قاتارلىق قوشاقچىلارمۇ ئۆتكەن.
بۇلاردىن باشقا، بالىلىرىنى ئالىم قىلىپ تەربىيەلىگەن ئوقۇمۇشلۇق ئاياللاردىن قاراخانىلار دەۋرىدىكى ئالىم ھۈسەيىن ئىبىن خەلەف قەشقەرى (مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى) نىڭ ئانىسى بۈبى سەلىمە، مەھمۇد كەشغەرىنىڭ ئانىسى بۈۋى رابىيە، يۈەن سۇلالىسى دۋرىدىكى ئۇيغۇر شائىرى دىڭگو نىيەننىڭ ئاچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى دىڭ يۆئى (؟ - 1360) ، داڭلىق شائىر ئارەزى (1869 - 1942) نىڭ ئانىسى بۈۋى ھەلىمە قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى ۋە پەزىلىتى بىلەن پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
    ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن بەزىلىرى خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مەسىلەن، خوتەن قاراقاشتىن بولغان موللا سۇلتان موللا قىزى 1837 – يىلى شاھ مۇھەممەت ئىبنى خوجا نىزامىدىن تەرىپىدىن ئوبۇلقاسىم پىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» سىنىڭ پارچىسىدىن «تەرجىمەئىي شاھنامە» دېگەن نام بىلەن نەسىرلەشتۈرۈلۈپ، تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىنى كۆچۈرۈپ چىققان. بەزى ئاياللار كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقارغان. مەسىلەن، 1869 – يىلى مۇھەممەد بېشىر ۋاڭنىڭ ئايالى مېھرىبانۇ خېنىم ۋاڭ بولغاندىن كېيىن،1866 – يىلى دايۈنەشۈەي يېغىلقىدا كۆيۈپ كەتكەن قومۇل ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى تولۇقلىغان ھەمدە يېڭى كىتابلارنى ئەكەلدۈرۈپ تۇرغان. كۇتۇپخانىدا ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، پارسچە، خەنزۇچە، مانجۇچە ۋە تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ئەسەرلەر ساقلانغان.
    يەنە بەزى ئوقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، ئەدىبلەر، تارىخچى – تەزكىرىچىلەرگە ھامى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. مەسىلەن، ئاخۇن موللا كالاننىڭ 1770 – يىلى قەشقەردە پارس تىلىدا يازغان «رىيازۇل مۇزەككىرىن» (ۋەز – نەسىھەت بەرگۈچىلەرنىڭ باغىچىس) ناملىق ئەسىرىنى 1790 – يىلى يەكەن ھۆكۈمدارى كىپەك بەگنىڭ قىزى ئايىشە خېنىمنىڭ تەكلىپى بىلەن موللا مۇھەممەد ئەيسا دېگەن كىشى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. داڭلىق تارىخشۇناس. شائىر ۋە ئالىم مۇھەممەد سادىق قەشقەرى (1725 - 1849) قەشقەر ھۆكۈمرانى مىرزا ئوسمان بەگنىڭ ئانىسى رەھىمە ئاغىچىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان. دېمەك، خوجىلار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بەزى ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تەشەببۇسكار بولغان ئاياللاردىن بىرقانچىسى بولغان.
    ئۆتمۈش جەمئىيەتتە، ئاياللار ئارىسىدىن بەزى ئاپتورلار، ئوقۇمۇشلۇقلار چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تارىخىي شارائىتتا ئاياللار قاتمۇقات زۇلۇم ئاستىدا بولغاچقا، تەبىئىيكى، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى كەڭ تارقىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان ۋە دەۋرىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىگەن. ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى تولىمۇ تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن، ھەتتا كىتاب ئوقۇشىمۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمائىلخاننىڭ قىزى بۈۋى زەينەپ 18 ياش چېغىدا زەلىلىنىڭ شېئىرلىرىنى يادلاپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆكتەم خوجىلار تەرىپىدىن قىزىق ياققا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈشتەك پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالغان.
    ئەسەرلىرى توغرىلىق ئازدۇر – كۆپتۇر ئۇچۇر بار ئايال ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئومۇمىي جەھەتتىن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىدىغان بولساق، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئىلغارلىق، ئۈمىدۋارلىق ئىدىيەلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتكە ئىنتىلىش، زامان زۇلمىدىن زارلىنىش، ھۆرلۈك، بەخت – سائادەت تەلەپ قىلىش، زالىم كۈچلەرگە باش ئەگمەسلىك قاتارلىق ئىدىيەلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، كەڭ تارىخ تەتقىقاتچىلىرى، جۈملىدىن ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇر ئايال ئاپتورلارنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئاسانلانغان مەنبەلەر:
① ليۇ جىڭمىن قاتارلىقلار تۈزگەن «غەربىي يۇرت ئاز سانلىق مىللەت شېئىرلىرىدىن تاللانما» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1988 – يىل نەشرى.
② ئا. قادىرى: «ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمكى ئەسەرلەر كاتولىكى ۋە ئۇلارغا ئىزاھات»، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ژۇرنىلى، 1992 – يىللىق 3 – سان.
③ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى› پىروگىراممىسى»، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1987 – يىللىق 4 – سان 1988 – يىللىق 6 – سان؛ «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1981 – يىللىق 1 – سان.
④ «شىنجاڭ داشۆسى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1983 – يىللىق 4 – سان.
⑤ ئايگۈل ئوسمان: «قىتان خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى ئۇيغۇر ئايال شائىر»، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1992 – يىلى 8 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىكى سانى.
⑥ «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ دىنلىرى ۋە ئەپسانىلىرى قامۇسى».
⑦ ئايگۈل ئسومان: «يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە زىلەيخا بېگىم»، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1992 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى سانى.
⑧ «ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 1981 – يىل نەشرى.
⑨ «ئۇيغۇر خەلق تارخىىي قوشاقلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 1981 – يىل نەشرى.
⑩ «ئۇيغۇر خەلق قوشقالىرى» (6)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1985 – يىل نەشرى.
⑪ «ئاخۇنئاغىچا قوشاقلىرى»، «يېڭى ھايات گېزىتى» نىڭ 1990 – يىل 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىكى سانى.
⑫ «تارىم» ژۇرنىلى، 1989 – يىللىق 4 – سان.
⑬ «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1980 – يىللىق 2 – سان.
⑭ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى (قوشۇمچە سان)، 1986 – يىللىق 3 – سان.
⑮ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1922 – يىللىق 2 – سان.
⑯ «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، 32 – سان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1992 – يىل نەشرى.
⑰ «ئىبراھىم مۇتىئى ئىلمىي ماقاللىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ 1991 – يىل نەشرى.
⑱ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت ئەربابلىرى تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ 1991 – يىل خەنزۇچە نەشرى.
⑲ «بۇلاق» ژۇرنىلى، 19 – سان 1980 – يىل، 1 – سان.
⑳ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى سانى.
21. ھاجى ئەھمەد: «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ نەشرى.
22. «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 1990 – يىل نەشرى».
23. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى، 1987 – يىللىق 4 – سان.

مەنبە:شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى،1993-يىللىق 3-سان      
                     

1

تېما

4

دوست

8184

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2113
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 20:35:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇر. رەھمەت يوللىغۇچىغا.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

513

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27385
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 142
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 20:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى مەزمۇن ئىكەن ،رەھمەت

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 21:17:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال ئاپتورلار ئەمەس، دائىملىق ئايال مۇنبەرداشلار كەمدىن- كەم تېپىلىدىغان بولۇپ كەتتى، بۇنداق ئەھۋال بۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىزنى چوقۇم ئويلاندۇرۇشقا تېگىشلىك زور ئىش. مەسئۇلىيەت كىمدە، ئەشۇنداق ئۇلۇغ تەپەككۇر ھەم ئىقتىدارغا ئىگە خوتۇن- قىزلىرىمىز بىزدە زادى كەممۇ ياكى بۇ دەۋرنىڭ سەۋەنلىكىمۇ؟!

1

تېما

4

دوست

8184

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2113
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 07:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ulughyar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-12 21:17
بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مەشھۇر ئۇيغۇر ئايال ئاپتورلار ئە ...

ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، تونۇش چىراي تورداش!

0

تېما

0

دوست

1308

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26995
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 10:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ ئاياللارنى يىغىپسىز، بەلكىم بۇلاردىنمۇ كۆپرەك بولىشى مۇمكىن.

1

تېما

4

دوست

8184

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2113
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 16:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مەشھۇر ئاياللاردىن:
مەرىپەتپەرۋەر -ئايخان ئانا.
‹‹3 ۋىلايەت ئىنقىلابى››نىڭ قەھرىمانى،‹‹ئازادلىق مېدالى››نىڭ ساھىبى--رىزۋانگۈل.

1

تېما

4

دوست

8184

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2113
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 18:30:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىڭ سوقۇشىدا  ئۇسسۇزلۇق ئازابىدا قالغان جەڭچىلەرگە  سۇ ئەكىلىش ئۈچۈن بېرىپ،تۈگمەنگە يوشۇرۇنۇۋالغان دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 17 ياشلىق --قەھرىمانىمىز--رۇشەنگۈل شاۋكەت.

‹‹جەڭگاھ خاتىرىلىرى››  ئەخمەت تۇردىيوف   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
‹‹تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت››كە قاراڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )