قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4595|ئىنكاس: 48

ئەلكۈن: سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپا سەنئەت سەپىرى (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4500

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1800
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 21:07:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەنۇبەر تۇرسۇن ياۋروپا سەنئەت سەپىرى (1)


لوندوندىن ئەلكۈن


      “قىتئەلەر ئارا قاناتلانغان كۈي- سەنۇبەر تۇرسۇن” ياۋروپادا قاناتلاندى….

      ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئاۋۋال سىلەرگە ۋەتىنىمىزدىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئارال دۆلەت بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىنىڭ سەھرىدىن سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم، مىجىت يونۇس ۋە ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىلار بىلەن بىللە سېغىنىپ سالام يوللايمىز!

       ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق سەنئەتكارى، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالغان ناخشىچى ۋە مۇزىكانت، ھازىر شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم بىلەن شىنجاڭ مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلىرى ۋ مۇزىكانتلاردىن مىجىت يونۇس ۋە ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىلاردىن تەشكىللەنگەن “سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلى” نامىدىكى ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى” رەسمىي باشلاندى!

          تۈنۈگۈن كەچ لوندون ۋاقتى  سائەت 5 دە سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم، مىجىت يونۇس ۋە ئابدۇكېرىم ئوسمان ئاكىلار لوندون  Gatwick ئايرودرومىغا سالامەت يېتىپ كەلگەن ئىدى.

    بۇ قېتىمقى “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سائەت سەپىرى” نى ئاگاخان مەدەنىيەت فوندى (The Aga Khan Trust for Culture -AKTC)  نىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتى (University of London SOAS) كەسپىي ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ سەپەر لوندوندىن باشلىنىپ 10 كۈن داۋام قىلىدۇ.

         “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سائەت سەپىرى” نىڭ تۇنجى بېكىتى لوندون بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسىتىدىغان كونسېرت بۈگۈن لوندون ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاسىيا ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ  Brunei Gallery Theatre - SOAS   تىياتىر خانىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۈگۈنكى  ونسېرت ھەقسىز بولۇپ لوندون  ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچىلار, لوندوندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە لوندوندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىدۇ.



London SOAS
http://www.soas.ac.uk/music/even ... f-central-asia.html


     سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر سائەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرى غەربىي ياۋروپادىكى سەنئەت تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى بىلەن تونۇشۇش، سەھنىلەردە كەسپىي ۋە ئىلمىي مەقسەتلەردە ئۇيغۇر سەنئىتىدىن نەمۇنىلەرنى كۆرسىتىش، سەنئەت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ناخشا، مۇزىكا سەنئىتىدىن تەلىم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    غەربتىكى خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرلەردىن لوندون، نىيو يورك، پارىژ دۇنيادىكى ھەر مىللەت ۋە خەلقلەر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۆز سەنئەت ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان خەلقئارالىق سەھنە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار 10 نەچچە يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ بۈيۈك بىرىتانىيەگە كېلىپ ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بېرىپ تۇرغان ئىدى .  



(بۇ  يۇقۇردىكى سىن  2003- يىلى ئەنگىلىيەگە كەلگەن شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ  Bath  شەھرىدىكى نەق مەيدان كونسېرت كۆرونىشى)

مەسىلەن: 1999- يىلى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدىن پاشا ئىشان، مەرھۇم غىياسىدىن بارات ۋە ھەسەنجان جامى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا پېشقەدەم ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز لوندونغا كەلگەن بولسا، 2003- يىلى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدىن مەمتىمىن، ئابدۇللا مەجنۇن، چىمەنگۈل، خەلچەم، ئەلىجان قاتارلىق 10 نەچچە سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگلىيەدە بىر ئاي تۇرۇپ ئەنگلىيەنىڭ ئاساسلىق چوڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر سەنئىتىدىن كونسېرت بەرگەن ئىدى.   دېمەك ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر سەنئىتى يەنە بىر قېتىم لوندون سەھنىلىرىدە قايتا نامايان بولىدۇ.

      سەنۇبەر تۇرسۇن خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىمىز لوندوندا ئەتىدىن باشلاپ لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ئافرىقا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى كۈن ئۇيغۇر سەنئىتىدىن مەشىق دەرسى بەرگەندىن كېيىن 15- ماي بىۋاسىتە پويىز بىلەن پارىژ غا بارىدۇ ۋە پارىژدىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ، سەنئىتىدىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدۇ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدۇ. 17- ماي پارژ  ۋاقتى 17:00 دە پارژ شەھىرىدىكى داڭلىق تىياتىرخانىلارنىڭ بىر بولغان  Théâtre des Abbesses  تىياتىرخانىسىدا كەسپىي كونسېرت بېرىدۇ (بېلەت سېتىلىدۇ).







THÉÂTRE DES ABBESSES
31 rue des Abbesses Paris 18
Box office open Tuesday-Saturday 17:00-20:00 French time
http://www.theatredelaville-pari ... siqueduXinjiang-683

     “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى” نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىتالىيەنىڭ  ۋېنىس  Venice شەھىرى بولۇپ، ئۇلار 18- ماي سەھەردە پارىژ دىن ئايروپىلان بىلەن ۋېنىسكە سەپەر قىلىدۇ.

    ئىتالىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق سۇ ئۇستى قەدىمىي شەھىرى ۋېنىس نىڭ  Auditorium Santa Margarita  تىياتىرخانىسىدا يەرلىك ۋاقىت 16 دە ئۇيغۇر مۇزىكىشۇناس تەتقىقاتچى دوكتور Rachel Harris خانىم ۋە Giovanni de Zorzi  ئەپەندى ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ ۋە لېكسىيىدىن كېيىن سەنۇبەر تۇرسۇن ئانسامبىلى يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلىدۇ.

Venice
Date: May 19, time: 4pm:  lecture by Rachel Harris and Giovanni de Zorzi
6pm: Concert Sanubar Tursun Trio

     بۈگۈن كەچ لوندون ۋاقتى سائەت 7 دە لوندون  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  Brunei Gallery Theatre  تىياتىرخانىسىدا خەلقىمىز سۆيگەن سەنئەتكار سەنۇبەر تۇرسۇن خانىمنىڭ سەنئەت مەخسۇس كونسېرت بولىدۇ. ئادرېسى: Brunei Gallery Room: Brunei Gallery Lecture Theatre, SOAS, University of LONDON.

    بىز چىن قەلبىمىزدىن “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى” نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.  جۈملىدىن بۈگۈن كەچ لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كونسېرتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن.

    مەن بۇ يازمامنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ، مەن ئۆتكەن يىل يازغان “قىتئەلەر قاناتلانغان كۈي - سەنۇبەر تۇرسۇن” ناملىق ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قوشۇپ قويدۇم - ./thread-20139-1-1.html   ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بۇ ماقالىنى ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.



    مەن “سەنۇبەر تۇرسۇن 2014- يىللىق غەربىي ياۋروپا سەنئەت سەپىرى” گە قوشۇلۇپ 15- ماي پارىژغا بىللە بارماقچى. مەن بۇ سەپەر جەريانىدا ۋاقتىم يار بەرسە كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر توغرىسىدا ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمەن.

       ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت!


      ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
     2014- يىلى 12- ماي. لوندون

1

تېما

4

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 22:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز، ئىشلار ياخشى بولغاي!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ھايات دۇنيا ، مەۋھۇم روھ !

5

تېما

21

دوست

4200

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27965
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 1334
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 22:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر سەنئىتى يەنە بىر قېتىم لوندون سەھنىلىرىدە قايتا نامايان بوپتۇ ..

1

تېما

2

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 22:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن،بىزمۇ كەچكىچە مەدەنىيەتنى ئىمپورت قىلىۋەرمەي،ئانچە-مۇنچە ئىكىسپورت قىلايلى.

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 22:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىىكنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تەشنابىز.............داۋاملىق خەۋەر بېرىپ تۇراسىز
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 00:17:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەل سۆيگەن ناخشچىمىزنىڭ ئىشلىرغا بەرىكەت تىلەيمەن .

0

تېما

0

دوست

1993

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 09:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چولپىنىمىزنىڭ ئۇتۇقلار بىلەن قايتىپ كېلىشىنى تىلەيمەن،بۇ چولپىنىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى مەنمۇ ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )