قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2419|ئىنكاس: 15

تۈركلەرنىڭ تارىختا ياشىغان زېمىنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-13 13:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        جۇڭگۇ تارىخنامىلىرىگە كۆرە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تارىختا ياشىغان زېمىنلىرى
      ئىلىمئەھلىگە مەلۇم بولغىنىدەك ، تۈركلەر تارىختا ناھايىتى كەڭ زېمىنلاردا ياشاپ، ئاۋۇۇپ، دەۋرىمىزگەكەلگەندە شەرقتە جوڭگۇدىن غەرپتە تۈركىيەگىچە ماكانلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگودا قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ياشىغان زېمىنلىرى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن قەدىمكى تۈركلەرگە دائىر تېپىلمىلارنىڭ ئازلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان يازما خاتىرىلىرىنىڭ تولىمۇ كەمچىل بولۇشى، ئۇلارنىڭ تارىختا پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولۇشى سەۋەپلىك، تاكى ھازىرغا قەدەر جۇڭگودا قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ياشىغان زېمىنلىرى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن قاراش مەيدانغا كەلمىدى. ھازىر جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدە « قەدىمكى ئۇيغۇرلار مىلادىيە 7-ئەسىردىن باشلاپ ئۆتۈكەن تېغى ۋە ئۇرخۇن دەرياسى بويلىرىنى مەركەز قىلىپ كەڭ موڭغۇلىيەيايلاقلىرىدا ياشىغان، كېيىن مىلادىيە 9- ئەسىردە ئۇرخۇن ئۇيغۇر  خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن جەنۇبقا ۋە غەربكە كۆچۈپ، جەنۇبقا كۆچكەن قىسمى ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ، نىڭشيا ، گەنسۇ ئەتراپلىرىغا ، غەربكە كۆچكەن قىسمى ھازىرقى تەڭرىتاغ ئەتراپلىرى ۋە تەكلىماكان ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپلىرىغا كېلىپ ماكانلاشقان، كېيىن تەدرىجى ھالدا  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم  رايونىنى ماكان قىلىپ توپلشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن»دېگەن قاراش ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ قاراش قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ،
بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان زېمىنى ۋە ماكانلىشىش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇيەردە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلىشىش جەريانى مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەريان چوقۇم بىر ئاساسىي لىنىيىنى بويلىغان ھالدا داۋاملىشىپ كەلگەن. قەدىمكى تۈركلەر، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ـــــ
ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق  ، دېھقانچىلىق  ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ، زېمىن تاللاپ ماكان تۇتقان ھەم كېيىن تۈرلۈك تەبىئىي ، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆچۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ مۇشۇ ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ ئۇلار بىلەن بىر  پۈتۈنلۈكنى ساقلىغان . شۇڭا، قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانلىشىش جەريانى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۇرگۇزگەندە مۇشۇ نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگۇنىڭ كىلاسسىك ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ تارىخنامىلىرىدە قەدىمكى تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، قەبىلىلىرى ۋە ماكانلاشقان زېمىنلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم مەلۇماتلار بار. ئالايلۇق، جۇڭگۇنىڭ 24 ﺗﺎرﯨﺦ ﻛﯩﺘﺎﺑﯨﺪﯨﻦ "ۋﯦﻴﻨﺎﻣﻪ. ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ" ۋە "ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘلاﻟﯩﻠﻪر ﺗﺎرﯨﺨﻰ. ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە: "ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار)ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ دﯨلارﻧﯩﯔ (赤狄) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪڭ دەﺳﻠﻪپ دﯨﻠﻰ (狄历) دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن،  ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﯩﻠﻪر  ﭼﯩﻠﻰ (敕勒) دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن، ﺷﻴﺎﻟﯩﻘلار ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار، دﯨﯖﻠﯩﯖلار دەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن، ﺋﯘلاردى (狄)، ﺋـﯘﻳـﻐـﯘر (袁纥)، ﻗﯘﻏﯘرﺳﯘ    (斛律)، ﭼﺎﭘﯩﺶ (解批)، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ (护骨)، ﺋﯩﻞ ﺗﯧﻜﯩﻦ (异奇斤) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪردﯨﻦ (ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ) ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن"، "ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار 21 ﺋﯘرۇﻗﺘﯩﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلار ﭼﭙﻮﻟﻰ، ﺗﯧﻠﻰ، ﺋﯩﻠﺠﺎن، ﺗﺎرلان، ﻗﻮﻏﺎ، ﺗﺎرﺑﻮﻗﺎن، ﺋﺎﻳﺮون، ﺑﺎﻳﺎن، ﺋﯧﺮﻛﯩﻦ، ﺑﯚرﻛﻠﻰ (ﺗﯘﻣﺎﻗﻠﯩﻖ)، ﻗﯩﺌﯘي، ﻳﯘﺳﯘﭘﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلاردۇر" دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن(1).
         "ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە: "ﺋﯘﻳﻐﯘرلار (回纥) ﮬﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ۋﯦﻲ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﺪە ﺗﯧﻠﻰ (铁勒) ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، ﺋﯘلار ﻗﺎﻣﯩﺘﻰ ۋﯨﺠﯩﻜﺮەك، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻪﺑﺪەس، ﺟﻪﺳﯘر ﺋﯩﺪى، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎرۋﯨلارﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ، ﺗﯜرﻛﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراﻳﺘﺘﻰ" دەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن(2).
          "ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە: "ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪادى ﮬﯘﻧلاردۇر، ﺋﯘلار ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﮬﺎرۋﯨلارﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋﯦﻲ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﻟﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯩﻠﻰ (敕勒) دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﺳﯚز ﺗﯧﻠﻰ (铁勒)دﯨﻦ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘلار ﺋﯘﻳﻐﯘر (袁纥)، ﺳﯩﺮ - ﺗﺎردۇش، ﻗﯩﺒﺌﺎر، ﺗﯘﺑﺎ، ﻗﻮرﯨﻘﺎن، دۇلاﻧﻐﯘت، ﺑﯘﮔﯘت (ﺑﺎرﻏﯘت)، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ، ﺗﯘﯕﺮا، ﻗﯘن، ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ (ﺳﯩﻴﺮ)، ﻗﯘﺷﯘ، ﻗﯘﻣﯘق (ﭼﯩﮕﯩﻞ، ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ)، ﺋﺎﺗﯩﺌﯧﺰ،
ﺋﺎﻗﺸﯩﺪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 51 ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر (袁纥) ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻏﯘز (乌护) ﻳﺎﻛﻰ ۋۇﺧﯥ (乌纥) دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺳﯜي ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ۋﯦﻴﺨﯥ (韦纥) دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. داﻳﯥ
ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻠﯩﺮﯨﺪا، ئۇيغۇر ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯘﮔﯘت (ﺑﺎرﻏﯘت)، ﺗﯘﯕﺮا، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺗﯜرﻛﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎن ﻛﯚﺗﯜرۈپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺮﻛﯩﻦ دەپﺋﺎﺗﺎپ، ﺧﯘﻳﺨﯥ(回纥) دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن" دېيىلگەن(3).
           ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋردﯨﻜﻰ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن زﯦﻤﯩﻦ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە "ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ. ﺗﯧﻠﯩلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە: "ﺗﯧﻠﯩلار ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﮬﯘﻧلارﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘرۇق - ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپ ﺋﯩﺪى. ﺋﯘلار ﺋﺎﺑﺴﻜﯘن (ﻛﺎﺳﭙﻰ دﯦﯖﯩﺰى)دﯨﻦ ﺷﻪرﻗﻘﻪ ﻗﺎراپ ﺗﺎغ - ﺟﯩﻠﻐﯩلارﻧﻰ ﺑﻮﻳلاپ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯘﻏلا دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘﮔﯘت (ﺑﺎرﻏﯘت)، ﺗﯘﯕﺮا، ﺋﯘﻳﻐﯘر (ۋﯦﻴﺨﯥ)، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ، ﺑﯚرﻛﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر، ﺋﯘلار ﺋﯧﺮﻛﯩﻦ دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻮﭼﯘر، ﺗﯘرﮔﯩﺖ، ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ، ﻗﯘن، ﻗﻮﻏﯘرﺳﯘ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ 20 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﯩﯟﯦﺮﻏﻮل (ﻗﯘﻣﯘل)ﻧﯩﯔ ﻏﻪرﺑﻰ،
ﺋﺎﮔﻨﻰ (ﻗﺎراﺷﻪﮬﻪر)ﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺘﺎغ (ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﻰ)ﻧﻰ ﺑﻮﻳلاپ، ﭼﯧﻨﻰ، ﺑﯘرۇچ، ﺋﺎزلار، ﺳﯘﺑﯘ، ﻧﺎخ (ﻧﺎﮔﻪ)، ﺋﻮﻏﯘز، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ، ﺋﯧﺮﺗﻮش، ﺋﯘﻧﻘﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ 20 ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﺎﻟﺘﯘن ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ (ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ) ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا ﺳﯩﺮ - ﺗﺎردۇش، ﺟﯩلار (ﭼﻪرۇق)، زاﺑﺎﻧﺪﯦﺮ، داﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، 10ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى ﺑﺎر. ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪﻧﯩﯔ (ﺳﻪﻣﻪرﻗﻪﻧﺪ) ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ، ﺋﯩﺪﯨﻞ دەرﻳﺎﺳﻰ (ۋوﻟﮕﺎ دەرﻳﺎﺳﻰ)
ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎدﯨﺰ، ﮔﺎﺳﺎر(ﮬﺎزار)، ﺑﻮﻟﻐﺎر، ﭘﻪﭼﻪﻧﻪك، ﺋﺎرال دﯦﯖﯩﺰﯨﻠﯩﻘلار، ﮔﻪﺑﯩﺶ (ﭼﻪﺑﯩﺶ)، ﭼﻪرﭼﻪس، ﻳﻪﻣﻪك، ﮔﻮت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ 30 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى ﺑﺎر. ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﯩﻲ ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺳﻮﻏﻨﺎق (ﺳﺎرﯨﻐﯘر)، ﺳﺎﺳﻜﯩﻦ، ﻣﯘﻛﻜﯩﺮﯨﭗ (ﻣﯘﻛﺸﺎس)، ﺳﺎﺧﻪ (ﭼﯧﺮﻛﯩﺲ) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﻪﺳﻜﯩﺮى ﺑﺎر. رۇﻣﻨﯩﯔ (رﯨﻢ) ﺷﻪرﻗﯩﺪە ﺋﯩﻨﻘﯘ، ﺋﻪﻟﻪن (ﺋﺎلاس)، ﺑﺎﺷﻘﯩﺮت، ﻗﯘﺗﻐﯘر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪر ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎدﯨﻤﻰ ﺑﺎر. ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ دﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪا دۇﺑﯘ (ﺗﯘﺑﻮل)ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﺎر. ﮔﻪرﭼﻪ
ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯘرۇق - ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﻠﯩلار دەپ ﺋﺎﺗﯩلاﺗﺘﻰ. ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﻮق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﻪرﻗﯩﻲ ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺗﯜرﻛﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرام ﺋﯩﺪى. ﺷﻪﮬﻪر - ﻗﻮرﻏﺎﻧلاردا ﺗﯘرﻣﺎي، ﺋﻮت، ﺳﯘ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﭼﯜپ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ... ﻏﻪرب ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﺎﻏﯟەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ، ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻗﻮي،ﻛﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚپ ﺋﯩﺪى، ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﻰ ﺋﺎز ﺋﯩﺪى"دﯦﻴﯩﻠﮕﻪن(4).
       مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر باياننى مەھمۇد كاشغەرىمۇ "تۈركىي تىللار دىۋانى "دا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ تۈركى خەلقلەر ۋە باشقا خەلقلەرئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركلەر ئەسلى يىگىرمە قەبىلىدۇر... ھەر بىر تۈرك قەبىلىسىنىڭ بىر مۇنچە ئۇرۇقلىرى بولۇپ... مەن بۇلاردىن ئاساسى ۋە ئانا قەبىلىلەرنى يازدىم... مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، رۇم ئۆلكىسىنىڭ يېنىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ كەتكەن تەرتىپ بويىچە شەرقىتىكى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۇرار جايلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. رۇمغا ھەممىدىن يېقىن جايلاشقان قەبىلە پەچەنەك، ئاندىن قالسا قىپچاق، ئوغۇز، يەمەك، باشقىرىت، باسمىل، قاي، ياباقۇ، تاتار، قىرغىز قەبىلىلىرىدۇر. قرغىزلار چىنغا يېقىن جايلاشقان... ئاندىن چىگىل، توخىسى ،ياغما، ئوغراق،چارۇق، چومۇل، ئۇيغۇر، تاڭغۇت، خىتاي قەبىلىلىرىدۇر. خىتاي- چىن دىمەكتۇر. ئاندىن تاۋغاچ، بۇ- ماچىن دېمەكتۇر. بۇ قەبىلىلەر   جەنۇپ  بىلەن  شىمال ئوتتۇرسىدا ياشايدۇ... » دىگەن (5).
        يەنە تۈركلەر زېمىنى ۋە شەھەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «پۈتۈن ماۋرائۇ ننەھر، يەكەندىن شەرققىچە بولغان يەرلەرنى تۈرك
شەھەرلىرى دېيىشىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى، سەمەرقەند، ئۆزكەند، تۇنكەند دىگەن ... شەھەرلەرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېتى تۈركچە «شەھەر» مەنىسىدىكى «كەند» سۆزى قۇشۇلۇپ ياسالغان. تۈركلەر بۇ شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ ئۆزلىرى ئات قويغان... ھازىر پۈتۈن تۈرك ئېلىنىڭ چىگىرىسى ئابسىكۇن (كاسپى) دېڭىزى بىلەن ئايلىنىپ، روم ئېلىدىن ۋە ئۆز چەندىن چىنغىچە سوزۇلدۇ. ئۇزۇنلىقى بەش مىڭ پەرسەخ، ئېنى ئۈچ مىڭ پەرسەخ...» (6)
دىگەن.
        يۇقىرىقىلاردىنﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻜﻰ دى، دﯨﯖﻠﯩﯔ، ھۇن، ﻗﺎﻧﻘﯩﻞ (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار)، ﺗﯧﻠﯩلارﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰداﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎر، دﯨلار ﺑﻮﻟﺴﺎ جۇڭگودا ﺋﻪڭ ﺑﯘرۇن ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯩلادﯨﻴﻪدﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 2000
- ﻳﯩﻠلاردا جۇڭگونىڭ ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ راﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮردوس ۋادﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﺎن ﮬﻪﻣﺪە ﺧﯘاﺷﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ
ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە جۇڭگونىڭ ﺷﻴﺎ، ﺷﺎڭ ﺳﯘلاﻟﯩﻠﯩﺮى دەۋرﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨلا جۇڭگونىڭ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﮔﯘﻳﻔﺎڭ (鬼方) دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺷﺎڭ، ﺟﯘ ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﯨﮕﻪ  ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮔﯘﻳﻔﺎﯕلار ﻳﻪﻧﻪ دى (翟 ﻳﺎﻛﻰ 狄) دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﭼﯩﻦ ۋە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪن ﺳﯘلاﻟﯩﺴﻰ دەۋرﻟﯩﺮﯨﺪە دﯨلار ﻳﻪﻧﻪ  دﯨﯖﻠﯩﯔ (丁零،丁灵) ﻳﺎﻛﻰ دﯨﻠﻰ (狄历) دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 3 - ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﭼﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﻰ دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﻧﺎﻣلار ﮔﻪرﭼﻪ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮاق ﺋﺎﮬﺎڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن "ﺗﯜرك" دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎﮬﺎڭ ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت(7).
        ﮬﯘﻧلار ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ دەۋرﯨﺪە، ﺋﯘلار " ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮرﺗﺎق ﮔﻪۋدە ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪن". 4 - ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى) ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار دەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪردە "ﺋﯘﻳﻐﯘر" دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑلاردا ﻛﯚرۈﻟﯩﺪۇ. "ۋﯦﻴﻨﺎﻣﻪ. ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ۋە ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە "ﻳﯜەﻧﺨﯥ"لار ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ.جۇڭگو ﺋﺎﻟﯩﻤلىرى ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜەﻧﺨﯧلارﻧﻰ ۋە ﻏﻪرﺑﯩﻲ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ۋۇﺧﯥ، ۋۇﺧﯘلارﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺑﯘﻧﻰ "ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﻰ"دە ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن "ﻳﯜەﻧﺨﯧلار ۋۇﺧﯘ، ۋۇﺧﯥ دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن، ﺳﯜي دەۋرﯨﮕﯩﭽﻪ ۋﯦﻴﺨﯥ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن" دﯦﮕﻪن ﺑﺎﻳﺎﻧلار دەﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪۇ، دەپ ﻗﺎراﻳﺪۇ(8). دﯦﻤﻪك، ﺋﯘﻳﻐﯘر دﯦﮕﻪن ﻧﺎم ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻗﺎﻧﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯘ "ﺋﯘﻳﻐﯘر" ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎدرو ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻗﺎﻧﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن.  "ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ"دﯨﻜﻰ ۋە "تۈركىي تىللار دىۋانى " دىكى بايانلاردىن ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، مىلادىيە 4 − 5 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﯘﻧلار ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن دەۋرﻟﻪردﯨلا دﯨﯖﻠﯩﯔ، ﺗﯧﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﻘﯩﻠلارﻧﯩﯔ ، يەنى تۈركلەرنىڭ غەربىي قىسمى ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ، ﺋﺎﻟﺘﺎي ﺗﯧﻐﻰ، ﺟﯘﯕﻐﺎرﯨﻴﻪ
ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋادﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ماكانلاشقان، كۆكتۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنﺑﯘ رايوندا ﺗﯜرﻛﻠﯩﺸﯩﺶ ۋەزﯨﻴﯩﺘﻰ كېلىپ چىققان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۈرك قەبىلىلىرى ﺋﯘﻳﻐﯘر دﯦﮕﻪن ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠىپ، "تۈركلىشىش" نىڭ ئورنىنى"ئۇيغۇرلىشىش" ئالغان. جۈملىدىن جۇڭغار ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا تۇرۇپ ، بۇ جايلاردىكى ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە يايلاقلاردا ياشايدىغان باشقا ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ - ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻣﯘ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ، بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، " تارىم
ئويمانلىقىدىكى تۈۋرۈك مىللەتكە ئايلىنىپ بولغان"(9).
        ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا  ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە ،
ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى پەقەت ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن غەربتىكى  خېشى كارىدورى، جۇڭغار، تارىم ، يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا يۆتكىلىشى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى مەركىزىنىڭ شەرىقتىن غەربكە يۆتكىلىشى ھېسابلىنىدۇ.كونكىرىت ئېيتقاندا، . غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى  ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغا  كېلىپ ، بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى تۇرپان ، بەشبالىقنى( ھازىرقى جىمسار ئەتراپى ) مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە گەنسۇدىكى شاجۇ ( دۇنخۇاڭ ) غىچە، غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە، شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن بولۇپ ،كېيىن ئۇلار ئاۋال قارا قىتانلارغا ، ئارقىدىن موڭغۇللارغا قارام بولغان.غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى ھازىرقىيەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل،  پامىر ۋە تارىم بويلىرىغا كېلىپ ، بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاۋاتقان بىلەن قېرىنداشلىرى قوشۇلۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 880 - يىلى قەشقەر ، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قارا خانىلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە كۇچاغىچە، غەربتە كاسپى دېڭىزىغىچە، شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. كېيىن ئۇلارنى ئاۋال
قارا قىتانلار، ئارقىدىن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان. موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن كېيىن شىنجاڭ رايونى تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرگىچە  موڭغۇللارنىڭ( جۈملىدىن تۈركلەشكەن  موڭغۇللارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان . بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى
دەۋرىدىكى كەسكىن زېمىن چېگرىسىنى يوقىتىپ، ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، دىن جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ __ئىسلام دىنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقاد قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان . مىلادىيە 1514 -يىلى سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلغان  سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەمەلىي باشقۇرغان زېمىنى شەرىقتە جيايۈگۈەنگىچە، غەرىبتە پامىرغىچە، شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە، جەنۇبتا كەشمىرگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مانا مۇشۇ سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ھەقىقىي بىرلىككە كەلگەن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن ھەم ھازىرقىدەك جەنۇبى شىنجاڭغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، باشقا جايلارغاتارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ماكانلىشىش
ھالىتى شەكىللەنگەن .

ئىزاھ:
(1) « ۋېينامە» 103-جىلد«تەزكىرىلەر»91، 2307-بەت، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1974-يىلى نەشرى؛« شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» 98-جىلد « قاڭقىللار تەزكىرىسى»، 3270-3273-بەتلەر،جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1974-يىلى نەشرى.

“魏书”103卷“列传”第九十一, 2307页, 中华书局1974年版北史”98高车传3270-3273页, 中华书局1974年版。
(2) « كونا تاڭنامە» 195-جىلد« ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، 5195-بەت، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى نەشرى.

“旧唐书”195卷“回纥传”,5195页, 中华书局1975年版。
(3) « يېڭى تاڭنامە»217-جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»1، 6111-بەت، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى نەشرى.

新唐书”217回鹘传上,6111页, 中华书局1975年版。
(4) «سۈينامە» 84-جىلد
«تەزكىرىلەر»، 1879-1880-بەتلەر، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1973-يىلى نەشرى

隋书”84列传1879-1880页, 中华书局1973年版。
(5)مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللاردىۋانى »1-توم 37-،38-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىلى ئۇيغۇرچەنەشرى.

(6) مەھمۇد

كاشغەرى:  «تۈركىي تىللار دىۋانى »3-توم205 -،206 - بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.

(7) ياڭ شېڭمىن :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، 6-،303-بەتلەر، جىلىن مائارىپ نەشرىياتى 1991-يىلى نەشرى.

杨圣敏:回纥史,第6303页,吉林教育出版社1991年版。
(8) فېڭ جياشىڭ؛« ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللاردىنقىسقىچە توپلام»1-قىسىم، 1-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1958-يىلى نەشرى.

冯家昇:维吾尔族史料简编第一册,第1页, 民族出版社1958年版。
(9) سۇ بېيخەي: ‹‹مىلادىيە 7-8- ئەسىرلەردىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار›› ، ‹‹غەربى شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتى ›› ژورنىلى (خەنزۇچە ) 1980- يىللىق 1-سان.苏北海:公元7-8世纪塔里木盆地的回纥人,《西北民族研究》1980年第一期

0

تېما

0

دوست

538

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1480
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 23:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئەسەرلەرنى ساقلاپ قويسا بولغۇدەك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28735
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 00:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ZAHIRHALI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 00:41  

ھەم يىغىنچاق ھەم مەزمۇنلۇق ئەسەر بوپتۇ ،ھەقىقەتەن ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ئەسەركەن. نۇرغۇن تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇپ مۇشۇ كىچىككىنە يازنىچىلىكمۇ چىنلىقنى يورۇتۇپ بېرەلىگەن بىرەر ئەسەرنى ئۇچرىتالمىغانىدىم.ھەراس ئا.نۇھەممەدئىمىننىڭ ''تۇران تارىخى''بۇنىڭ سىرتىدا.
قېرىندىشىم ئەخمەتجان تارىمى !ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!

14

تېما

1

دوست

4389

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 58
تۆھپە : 1510
توردىكى ۋاقتى: 248
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 12:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺋﯘلار ﺋﯘﻳﻐﯘر (袁纥)، ﺳﯩﺮ - ﺗﺎردۇش، ﻗﯩﺒﺌﺎر، ﺗﯘﺑﺎ، ﻗﻮرﯨﻘﺎن، دۇلاﻧﻐﯘت، ﺑﯘﮔﯘت (ﺑﺎرﻏﯘت)، ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ، ﺗﯘﯕﺮا، ﻗﯘن، ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ (ﺳﯩﻴﺮ)، ﻗﯘﺷﯘ، ﻗﯘﻣﯘق (ﭼﯩﮕﯩﻞ، ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ)، ﺋﺎﺗﯩﺌﯧﺰ،
ﺋﺎﻗﺸﯩﺪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 51 ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎن.

ئەسلى بۇ 15 قەبىلە بولۇشى كېرەك ئىدى، يوللاش جەريانىدا 51 بولۇپ قاپتۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزىتىۋېلىشىنى سورايمەن.

3

تېما

0

دوست

2744

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 12:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركى مىللەتلەر ھىلىھەم كۈچلۈك

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 13:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتچان ئەپەندى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
سىز شىنجاڭ نەشىرىياتىدا ئىشلىسىڭىز بىر قانچە سۇئالىم باتتى سورىۋالاي
كىتاب نەشىر قىلماقچى بولساق قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىمىز؟
ھازىرقى رايۇنىمىزدا نەچچە نەشىرىيات بار؟پەرقى نەدە ؟دېمەكچى كىتابلارنى
قايسىسى ئىتتىكرەك ئادەمنى رازى قىلىدىغان قىمممەتمۇ ئەمەس ھالدا
بېسىپ  بېرەلەيدۇ؟ مەتبە شەكلى،تىراجى،چوڭلۇقى ھەققىدە
چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

15

تېما

1

دوست

4624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1400
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 13:05:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىمى ئەپەندى
سىزچە ھازىر مۇشۇنداق تارىخى تىمىلاردىكى كىتابلارىنڭ تۈرى نەچچىگە بارىدۇ؟
ھەمممىز ئىشەنچىلىك  دېگەن تارىخى كىتابلار ،ئەسەرلەر قايسىلار؟

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 13:17:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مانداغ قارسام قىرىنداشلار بىر بىرىبى ئىزدەپ ئەمدىلىكتە جەم بولۇشقا باشلاتقاندەك
قىلدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )