مەكتەپتىكى پارىخورلۇق قىلمىشىغا كىم مەسئۇل؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، مەن بىر ئوقۇغۇچى ،ئارتۇق ئىشلارغا ئارشىۋىلىشنىمۇ تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ،لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدەئوقۇيدىغان دوستۇمنىڭ نەچچە قېتىملىق ۋايساشلىرى ،ھەم ئۆزۈم شۇ يەرگە بارغاندا ئاڭلىغان ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ بەزىبىر قىلمىشلىرى دىققىتىمنى تارتتى .خوش ئەمدى بۇ زادى قانداق ئىشلار كەمىنە سىلەرگە بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتەي.
شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى:
مەلۇم بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دىپلۇمىسى بېرىلمىگەن(بەلكىم بۇ قىزمۇ ياخشى ئوقۇمىغان بولغىيتى ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەرمۇ باردۇ بىلمىدىم ،ئەمما بۇ مەسىلە مەزكۇر تېمىنىڭ مۇنازىرە ئوبىيكتى ئەمەس)،كېيىن بۇ قىز ئاپىسى بىلەن شۇ ئۆزىنىڭ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە بىر ئالتۇن بىلەيزۇكنى ئېلىپ بارىدۇ ، قىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىلەيزۇكنى كۆرۈپلا:"قېنى بۇنىڭ بىر جۈپتى،تاق بوپ قاپتۇ "دېگەن ،ئانا بالا ئامالسىز بازارغا چىقىپ ئۇ بىلەيزۇكنى جۇپ قىلىپ سىنىپ مەسئۇلىغا بەرگەندىلا دىپلۇم قولىغا تەگكەن.
شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرىستىىتى:
كېلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بالىلارنى بىر يىل پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ،سىنىپ مەسئۇلى ئوقوغۇچىلارغا 600سومدىن پۇل تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان(مەلۇم بىر ئورۇندىكى بىر قانچە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغاچقا پىراكتىكانتلار ياتاق ،تاماق دېگەندەك چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن،بۇ شۇنىڭغا تاپشۇرىدىغان پۇل )، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇيەرنىڭ ياتاق ،تاماق چىقىملىرى مۇئەللىم دېگەندەك ئۇنچە كۆپ ئەمەسلىكىنى ،400سوملار ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان . ئەمىسە مۇئەللىم نېمىشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنچە كۆپ پۇل تاپشۇرۇتقۇزىدۇ؟
مەن دوستۇمدىن :"نېمىشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنى مەكتەپكە ئىنكاس قىلمايسىلەر؟" دەپ سورىدىم. دوستۇم:"ئاداش ،بۇ ئىچكىرى ئەمەس ،ئۈرۈمچى. ھازىر ئۇلارنى ئەرىز قىلغىلى تۇرساق دىپلۇمنى ئالالىساق بولا" دەيدۇ.
ھەممىمىز بىلىمىز ، دىيارىمىز شىنجاڭدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىللىرى دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ ئوقۇيدۇ ،دېھقانلارغا نىسبەتەن ئۇ پۇل خېلى كۆپ پۇل، بىراق ئۇلارنىڭ ھالال تاپقان تەرگىنى ئەنە شۇنداق ئاز ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچللىرىنىڭ چۆنتىكىنى توملىغىلى تۇرۇپتۇ . مەنمۇ بىر ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ،مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بېرى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇم مىقتاردىكى پۇللىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن مونۇپۇل قىلۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىدىم .
شۇڭا دەيدىغىنىم بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدىكى ئىستىل مەسلىسىگە قارىتا جەمئىيەتتە بىرەرەھەل قىلىش چارىسى بارمۇ؟ ئۇلار تەربىيلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلارمۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش قىممىتى قانچىلىك بولا؟ مۇشۇلار مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى .
|