- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17377
- نادىر
- 8
- يازما
- 657
ئۆسۈش
18.44%
|
مەن ئىنكاس يازماي دىگەن ،ئەمدى يازماي قاچان يازىمەن ،تاڭ تەيزۇڭ ئۆزىنىڭ راست گەپ قىلىدىغان ۋەزىرىنى خەپ مەن سىنى ئۆلتۇرۋەتمىسەم،ئۆلتۇرۋەتمىسەم دەيدىكەن كىيىن ئويلىنىپ ۋەزىرىنىڭ راست گەپ قىلغىنى ئۇچۇن مۇكاپاتلايدىكەن،تۇۋەندىكى نۇقتىلار مەڭگۇ تاش ھەققىدىكى يۇزەكى،ئەمما راست ئويلىغانلىرىم.
ئارتۇقچىلىقلىرى:
1.تۇرمۇشتىكى ئاددى نۇقتىلارنى دىھقانچە تەپەككۇر بىلەن كۆزىتىپ تۇرمۇش پەلسەپىسىگە ئايلاندۇرۇش.
2.ئەسەرلەردىكى جاراھەت خەلىقنىڭ ئانا تېمىسىغا يانداشقان،كىشىلەرنىڭ قەلبىگە مەلھەم بولغان ۋە بولالغان.
3.كۆزىتىشى جانلىق تەسەۋۋۇر كۇچى كۇچلۇك،بەدىئى دىت ھەقىقەتەن يوقىرى.
4.ھازىرقى زىيالىلارنىڭ خەلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە خەلىقنىڭ يازغۇچىسى قانداق بولىشىنى ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە ماڭغان قەدىمى بىلەن ئىسپاتلاپ خەلىق قەلبىدىكى ھەقىقى مەڭگۇ تاشقا ئايلانغان.
................ماختىساق بەك كۆپ مەن بىر كۇن ماختىساممۇ تۇگىمەيدۇ.
كەمچىلىكلىرى.
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
2.ئەسەرلىرىدە ئاياللىق خاراكتىر ئېغىر ،قاتتىقراق ۋاقىرساڭ يىغلايمەن دىگەندەك ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىدىن ئەنسىرگەندەك مەيدان مۇستەھكەم ۋە نىشانلىق ئەمەس،ئەسەرلىرىدە گۇمان،دەككە-دۇككىچىلىك،ئەنسىرەش ئېغىر.
3.قومۇللۇقلارغا خاس ئاقكۆڭۇللۇك ۋە كەمتەرلىك ھەقىقەتەن ئېغىر،يېزا دىھقانلىرىغا خاس تۇز كۆڭۇللۇك ۋە قىممەت قارىشى پۇتكۇل ئەسەرلىرىگە سىڭگەن بولغاچقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەۋقۇلئاددا تۇۋەن.
4.ئەسەرلىرى يىغلاڭغۇ ۋە نازۇكلۇك بىلەن تولغان،ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانلىق ۋە جەسۇرلۇق كەم.
5.پەلسەپىۋى مەزمۇن تىيىز،چوڭقۇر ئەمەس
.....
يوقىرقىلار مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم ،ئەمما قومۇلدىن بۇندىن ئارتۇقراق يازغۇچى شائىر چىقمايدۇ،چۇنكى قومۇللۇقنىڭ خاراكتىرىدىن ئالغاندا يوقىرقىلار نورمال ھالەت.
گەپلىرىم ھەقىقەتەن راست گەپلەر ،كۆڭلۇڭنى رەنجىتىش خىيالىم يوق بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئادەملىرى قوپال بولغاچقىمىكىن قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن بولسام ئۆزرە سۇرايمەن.قىسقىسى مەن ئەسەرلىرىڭگە باشتىن-ئاياق دىققەت قىلغان بولغاچقا كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،
بىر ئەسىرىڭدىكى بىر تېتىقسىز مەزمۇن ھېلىمۇ يادىمدا<< ئاياللار مۇنجىخانىسىدىكى قىزلارنىڭ يانپىشى ئەرلەر دۇنياسىدا ئىلاھتەك نۇر چاچماقتا>> .قايسى ئەسىرىڭ ئىكەنلىگى يادىمدا يوق،مەن بۇ مەزمۇنلاردىن سىزگە قانداق قاراشتا ئىكەنلىگىمنى بەلكىم ھىس قىلغانسەن. |
|