قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: hawar

يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ،شائىر ئوسمانجان زاھىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

2651

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  80
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 637
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 11:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئوسمانجان زاھىرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئۆتكۈر ،مەزمۇنى چوڭقۇر بولغاچقا دوستلۇرۇمغىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋىسيە قىلىپ تۇرىمەن.
قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن.

3

تېما

0

دوست

125

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   41.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1508
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 120
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 11:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ئوقۇشقا بەكىرەك ھېرىسمەن،باشقا تۈرلەرگە ۋاقتىمنى بېرەلمىگىنىم بەلكىم ئاجىزلىقىم ۋەئەخمەقلىقىمدىندۇ ،نىمىلا بولمىسۇن ياراتقۇچىنىڭ شېئىر دىن زوقلىنىشتەك ئارتۇقچىلىقنى ماڭا ئاتا قىلغىنىغا ھەم تۈمەنمىڭ شۈكۈر. ئادەتتە غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، قەيسەر تۇرسۇننىڭ شېئىرلىرىنى بەكىرەك ياقتۇرىمەن ، شۇقاتاردائەڭ ئاۋال ئوسمانجان زاھىرنىڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيدىغان مەستانە ئىدىم،لېكىن خېلى ئۇزۇن بولدى بۇ سەھىپىدە ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمى بەكلا كەم ،توقسان قانچىنچى يىللىرى يازغان قايسىبىر شېئىرلىرىنىڭ  مۇنۇ مىسىرالىرى ھېلىھەم ئېسىمدە:
سەرسان گۇگۇم ئۇچۇپ كەلدى يىراق قىشلاقتىن،
پىنھان سۆيۈپ ئەتىرگۈلنىڭ لېۋىگە ھەيھات.
ئېيتىلمىغان ناخشىدەكلا تەنھالىىقىمنىڭ
ئاشۇ گۈلگۈن شاخلىرىرىغا ئېسىلغان سۇبات.
......
.....
يېشىم بىلەن يېزىپ چىقتىم يارالمىشىمنى،
توزۇپ كەتكەن لالىلەرگە ئوخشايمەن قەۋەت.
...........
..........
مۈمكىن بولسا  سۆيۈملۈك شائىرىمىزنى شېئىريەت كوچىسىدا ھەم كۆپرەك ئۇچىرتىپ تۇرساق دىگەن ئۈمىدىمەن. ئاللا بارلىق ئىشلىرىڭىزنى خەيرلىك قىلغاي!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

16

تېما

0

دوست

4320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1141
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 1960
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 12:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۈرۈك ئەپەندىم. ماڭا تەپسىلىي باھا بەرگەنلىكىڭگە كۆپ رەھمەت. نىيىتىڭ توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلدا كەتكۈزۈزپ قويۇپسەن. بىراۋنى ماختاپ تۇرۇپ ، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلىش قۇمۇللۇقلارنىڭ يەنە بىر خاراكتىر ئۆزگىچىلىكى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قارادۆۋىلىكلەر خۇددى سەن ئېيتقاندەك قوپالراق بولسىۇ ئەمما ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئالدىراپ بىراۋغا ئازار بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ قارادۆۋىدە تەقۋا مۇسۇلمان كۆپ بولغاچقا، بىراۋغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھىنى بىلىدۇ.  بەزى سۆزلىرىڭدىن قاتتىق رەنجىدىم. ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن.
ئەمدى مېنىڭ ئاساسلىق رەنجىگەن جايلىرىمنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. قوبۇل قىلمىساڭ مەيلى:
-------------------------------
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
---------------------------------
ماۋۇ پىكىرلىرىڭگە باشقىچە گېپىم يوق. چۈنكى، مېنىڭ مىللەتكە توغر يول كۆرسىتىش سالاھىيىتىم يوق. مەن ئۆزۈمنىڭ يولىنىمۇ تەستە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئادەم. ئالدى بىلەن توغرا يولنىڭ قايسىلىقىنى كۆرسىتىپ قويغىن. ئاندىن ھەممىمىز شۇ يولدا ماڭايلى.يەنە بىرى مەن پەيلاسوپ ياكى مىللەتشۇناس ئەمەس، پەقەت ھېس قىلغانلىقىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ماڭا مۇكەممەللىك تەلىپىنى قويماڭلار.
----------------------------------------------
  2.ئەسەرلىرىدە ئاياللىق خاراكتىر ئېغىر ،قاتتىقراق ۋاقىرساڭ يىغلايمەن دىگەندەك ئۆزىنىڭ دىگەنلىرىدىن ئەنسىرگەندەك مەيدان مۇستەھكەم ۋە نىشانلىق ئەمەس،ئەسەرلىرىدە گۇمان،دەككە-دۇككىچىلىك،ئەنسىرەش ئېغىر.
---------------------------
ئاياللىق خاراكتىر دېگەن سۆزۈڭنى باشقىچە ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن ئوخشايسەن. ئىككى جايدا ئاياللىق خاراكتىر دېگەن سۆزنى  ئىشلىتىپسەن. سەندەك مائارىپ سېپىدە ئادەم تەربىيلەۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى بۇ سۆزنىڭ بىراۋغا قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ بېقىشىڭ لازىم ئىدى. بۇ سۆزۈڭ ئۆزىنى ئەركەك ساناپ يۈرگەن ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى.
دەرۋەقە، يازمىلىرىمدا ئەنسىرەش، پىكىرلەرنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردە ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلىمەن. مەن شۇنچىلىك دېيەلەيمەن. سەندە جۈرئەت بولسا ماقالىلەرنى قورقماي يېزىپ ئېلان قىلغىن. بىز ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالايلى.
------------------------------------
3.قومۇللۇقلارغا خاس ئاقكۆڭۇللۇك ۋە كەمتەرلىك ھەقىقەتەن ئېغىر،يېزا دىھقانلىرىغا خاس تۇز كۆڭۇللۇك ۋە قىممەت قارىشى پۇتكۇل ئەسەرلىرىگە سىڭگەن بولغاچقا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى پەۋقۇلئاددا تۇۋەن.
-----------------------
بۇ قارىشىڭغىمۇ باشقىچە پىكرىم يوق.
----------------------------
4.ئەسەرلىرى يىغلاڭغۇ ۋە نازۇكلۇك بىلەن تولغان،ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانلىق ۋە جەسۇرلۇق كەم.
5.پەلسەپىۋى مەزمۇن تىيىز،چوڭقۇر ئەمەس
------------------------
ئايرىم ئەسەرلىرىمدە ئۈمىدسىزلىك ئەكس ئەتكەن. بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئاياللىق خاراكتىر بىلەن يۇغۇرۇلغان مەردانىلىق ۋە جەسۇرلۇق... دېگەن گېپىڭنى چۈشەندۈرۈپ قويغىن.
پەلسەپىۋى مەزمۇننىڭ تېىيىزلىقى راست. مەن ئۆز بىلىمىم ۋە تىل قابىلىيىتىمگە يارىشا بىر نەرسىلەرنى يازدىم. بۇنىڭدىن ئوقۇرمەن ئۆز سەۋىيسىگە يارىشا نەپ ئالىدۇ. پەلسەپىۋي مەزمۇننى ھەركىم ئۆز چۈشەنچىسىگە يارىشا بايقايدۇ. مەن ھېچقاچان پەلسەپىۋىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويىمەن دەپ ئەسەر يېزىپ باققان ئەمەسمەن.
----------------------------
ئاخىرقى پىكرىڭگە :بىر ئەسىرىڭدىكى بىر تېتىقسىز مەزمۇن ھېلىمۇ يادىمدا<< ئاياللار مۇنجىخانىسىدىكى قىزلارنىڭ يانپىشى ئەرلەر دۇنياسىدا ئىلاھتەك نۇر چاچماقتا>>
----------------------------
بۇ ئالغان مىسالىڭ ئۆزۈڭنىڭمۇ ئېسىڭدە يوق ئىكەن.يەنى قايسى ژۇرنال، قايسى گېزىت، قايسى ئەسىرىمدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماپسەن. بۇ بىر چوڭ خاتالىق. قولۇڭدا ئېنىق پاكىت يوق ھالەتتە بىراۋغا بۇ سۆزنى قىلساڭ تۆھمەت بولىدىغانلىقىنى سەن بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسسەن. ئەلۋەتتە .
{مونچىدىكى قىزنىڭ يوتىسى ئەرلەر شەھرىگە نۇر چاچماقتا} دېگەندەك بىر جۈملىنى بىر نەسىرىمدە ئىشلەتكەندەك ئېسىمدە. لېكىن {ئىلاھتەك} دېگەن سۆزنى ئىشلەتكىنىم ئېسىمدە يوق. بولسا شۇ ئەسىرىمنى تېپىپ ئەسلىدە قانداق بولسا شۇ پېتى پاكىت كۆرسەتكىن.
نادان چاغلىرىمدا خۇددى سەن ئېيتقانغا ئوخشاپ قالىدىغان ، ئەقىدىگە زىت سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەسرەتتىمەن. ئاللاھ بىلىپ بىلمەي قىلغان ئاشۇ سۆزلىرىمنى كەچۈرسۇن.شۇنداقلا توغرا يولدا مېڭىشقا نېسىپ نېسىپ قىلسۇن.
-------------------------
مەن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق مېنى ماختاشقىلا بولىدۇ... دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن بىراۋدىن ماختاش تاما قىلىدىغان ھەۋەسكارلىق باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنمەن. باشقىلارنى ماختاڭلار. مەن پەقەت ھەممە غەمكىن بولىدىغان كۈندە غەمسىز بولۇشنىلا ئويلايمەن. ئەزەلدىن بۇنچە تەپسىلىي ئىنكاس يازمايتتىم. بەزى ئىنكاسلىرىڭ شەخسىيتىمگە تەگكەنلىكى ئۈچۈن سۆزلەپ قويدۇم.
چ چ:1272497571

0

تېما

0

دوست

399

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2328
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 95
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 12:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق ئەسەرلىرىنى توپلام  قىلىپ  چىقارغان  بولسا  ساقلاپ قويغان بولساق.

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 14:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكتۈرۈك ۋە مەڭگۈتاش ئىككىلىسى ئستىداد ئىگىلىرى ،
پىكىر ئختىلاپى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز !

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 14:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 18قەۋەتتىكى menggutashدە2011-07-01 12:08يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆكتۈرۈك ئەپەندىم. ماڭا تەپسىلىي باھا بەرگەنلىكىڭگە كۆپ رەھمەت. نىيىتىڭ توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلدا كەتكۈزۈزپ قويۇپسەن. بىراۋنى ماختاپ تۇرۇپ ، غۇرۇرىغا تاجاۋۇز قىلىش قۇمۇللۇقلارنىڭ يەنە بىر خاراكتىر ئۆزگىچىلىكى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. قارادۆۋىلىكلەر خۇددى سەن ئېيتقاندەك قوپالراق بولسىۇ ئەمما ھەقنى سۆزلەيدۇ. ئالدىراپ بىراۋغا ئازار بەرمەيدۇ. يەنە كېلىپ قارادۆۋىدە تەقۋا مۇسۇلمان كۆپ بولغاچقا، بىراۋغا ئازار بېرىشنىڭ گۇناھىنى بىلىدۇ.  بەزى سۆزلىرىڭدىن قاتتىق رەنجىدىم. ئاللاھ سېنى كەچۈرسۇن.
ئەمدى مېنىڭ ئاساسلىق رەنجىگەن جايلىرىمنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. قوبۇل قىلمىساڭ مەيلى:
-------------------------------
1. ئەسەرلىرىدە مىللەتنىڭ قىممەت قارىشى ئىپادىلەنگەن بىلەن كەلگۇسىگە بولغان يول كۆرسىتىش ئاساسەن كەم،زارلىنىش كۆپ پايدىلنىش كەم،ئېچىنىش كۆپ يول كەم.
---------------------------------
.......  

بەزى سۆزلەرنى قاتتىق قىلىپ شەخسى غورورىڭغا  تىگىپ قويۇپتىمەن،ئالدىڭدا تولىمۇ خىجىلمەن،مەن ئەسەرلىرىڭدىن ھىس قىلغانلىرىمنى يۇزەكى ھالدا بايان قىلدىم،قايسىلا مۇئەللىپنىڭ بولسۇن ئەسەرلىرىدە ئىككى خىل خاراكتىر ئىپادىلىندۇ،ئەرلىك خاراكتىرىردىكى ئەسەرلەر -قاتتىق ،چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ،ھىسيات ۋە شەخسىيەتتىن ھالقىغان بولىدۇ،مۇئەللىپ ئۆزىگە تەۋە بولمايدۇ،ئۇنىڭ ھەر بىر زەررە روھى ئۆز قەۋمىنىڭ تامچە-تامچە قانلىرىدىن ئۇيۇپ شەكىللىندۇ،ھەر بىر شۇ قەۋىمدىكى شەخىسنىڭ روھىدا مۇئەللىپنىڭ روھى يېنىپ تۇرىدۇ،مۇئەللىپ گاھىدا بىر تال ،گاھىدا مىڭ تال بولۇپ ئۆز قەۋمىنىڭ ھەسرىتىنى ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئىپادىلەپ تۇرىدۇ،ئەرلىك ئەسەرنىڭ ئاپتورى داھى خاراكتىر بىلەن سۇغۇرۇلغان بولىدۇ.بىزگە ئوخشاش ناخشا-ئۇسۇلنىڭ ھەقدارى بولغان قەۋىمدە بۇنداق خاراكتىردىكى مۇئەللىپنى تاپماق بەس -مۇشكۇل.
ئاياللىق خاركتىردىكى ئەسەرلەر-ئۆمۇدسىزلىك ،چۇشكۇنلۇك ئاشكارا-يۇشۇرۇن ھالدا ئىپادىندۇ،ئەسەرنىڭ روھىدا چوڭقۇر ئازاپ ۋە كۆز ياشلار گەۋدىلنىپ تۇرىدۇ،ئەسەرنىڭ بەدئى تەسەۋۋۇر كۇچى ئەپىيوندەك مەس قىلىدۇكى ،قانلارنىڭ ھارارىتىگە ھارارەت قوشمايدۇ،كۆپىنچە مۇئەللىپنىڭ شەخسىيىتىدىن ،ھىسيات چەمبىرىگى،دىل،ئەقىل ،دۇنيا قاراش چەمبىرىگىدىن ھالقىپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ،بەزىدە نۇرغۇن مەسىللەرگە يەككە مەيداندا مۇئامىلە قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇر توپلىغان ئۆز قەۋمىگە ئۇلگە بولۇپ يىتەكلەيدىغان مەدىنيەت چەمبىرىگىنى شەكىللەندۇرەلمەيدۇ.ئۆز روھىتىدىكى ئاجىزلىقلارغا تىز چۆكتۇرىدۇ.
مىنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى ئايرىش قارىشىم ،بۇنى ھەرگىزمۇ شەخسى مەنىدە چۇشىنۋالمىغىن،مەن سىنى بەك ھۆرمەتلەيمەن،بولۇپمۇ ھەققە قايتقاندىن كىيىنكى ھالىتىڭنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن،مىللەتنىڭ زىيالىلىرى ھوشيار بولسا خەلىق خاتىرجەم بولىدۇ ، پادىنىڭ سەركىلىرى چىچەن بولسا پادىغا ئاسان بۆرە تەگمەسمىش.

16

تېما

0

دوست

4320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  349
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 1141
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 1960
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 16:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيتان ھەقىقەتەن ئاشكارە دۈشمەندۇر. بىر نىيەت، مەپكۈرىدىكى ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ ئۇرىقىنى چاچقىلى تاس قالدى. بۇ ئىنكاسىڭدىن ئىچىم يورۇپ قالدى. ھەقىقەتەن سەن دېگەن نۇقتىلار يازمىلىرىمدا مەۋجۇت. ئېتىراپ قىلىمەن. ئاياللىق خاراكتىر ھەققىدىكى سۆزلىرىڭگە نىسبەتەن خاتا چۈشىنىش بولۇپ قاپتۇ. مەسىلىنىڭ نېگىزى مۇشۇ يەردە ئىكەن. رەھمەت. پىكىرلىرىڭگە مۇھتاجمەن.
چ چ:1272497571

3

تېما

0

دوست

323

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1735
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 16:26:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرلىرڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ  يۈرۈپ مۇشۇ جايدا سىزنى تېپۋالدىم ئاكا
قاراپ تۇرۇڭ  چوقۇم بىر كۇنى سىزگە ۋە ئەسەرلىرڭىزگە  ئوبزور  يازىمەن     
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )