قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6918|ئىنكاس: 40

ئىبراھىم ئەمەت: ئالۋاستى چاڭگىلىدىكى بالىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

دوست

586

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 17:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrahimamat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 20:58  

ئىبراھىم ئەمەت

     2012-يىلى1-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنخۇا تورى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى:“2011-يلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ،ئىچكىرىدىن 1300دىن ئارتۇق سەرگەردان ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى”.
    سەگەك كىشىلىرىمىزگە شۇ نەرسە ئايانكى،2011-يىلىنىڭ بېشڭدا، ئاپتونۇم رايون يىغىن ئېچىپ،5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش –قوغداش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونۇم رايوننىڭ بۇ ئاقىلانە ئورۇنلاشتۇرۇشى تېزلا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىگى،ج خ مىنىستىرلىگىنىڭ قوللشىغا ئېرىشىپ، پۇتۇن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ ،ھەركەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاندى.
    ئۇزۇن ئۆتمەي مەملىكەت بويىچە غەلىبە خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى.
     2011-يىلى 4-ئاينىڭ10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جەنۇبى پويىز ئىستانسىسىدابىر جىنايەت گۇماندارنى تۇتۇپ ،جىلىنغا ئالداپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقان    8ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى خېيلوڭجاڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 11گۇماندارنى تۇتۇپ،3ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
    5-ئاينىڭ 7-كۈنى خۇبېي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ يېقىىندىن ماسلىشىشى بىلەن،4گۇماندارنى تۇتۇپ،4ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
      5-ئاينىڭ12-كۈنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ يېقىىندىن ماسلىشىشى بىلەن،20گۇماندارنى تۇتۇپ،9ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.4جىنايەت شايكىسىنى تارمار قىلدى.
    ئەنخۇي،شەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر 8جىنايەت شايكىسىنى تارمار قىلىپ 70نەچچە ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
      .........................................
     .بىز يۇقۇرقى سان- سېپىرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا، جان-پىدالىق بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ،بالا دەردىدە ۋەيران بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرىگىنى قاندۇرغان،  ئائىلە ئەزالىرىنى جەم قىلغان ئەزىمەتلەرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.
      شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنىڭ زور كۆپچىلىگى يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەنلەر بولۇپ،ئىچكىرىدە ئۇيغۇر خوجايىنلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلىشى بىلەن،مەملىكەت مىقياسىدا ئوغۇرلۇق ،بۇلاڭچىلىق ،زەھەر سېتىش دىگەندەك جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۆزى تۇرغان شەھەرنىڭ ئىژدىمائى كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ قالماي،شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېسىل ئوبرازىغا ئىنتايىن يامان بولغان سەلبى تەسىر پەيدا قىلىپ،نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەپ بولغان.شۇڭا ئىچكىرىدىكى ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش-قوغداش ھەركىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور.
       ئالداپ كېتىلگەن بالىلار قانداق بالىلار؟ئۇلار قانداق تۇرۇۋاتىدۇ؟تۆۋەندىكى كىچىك ئارخىپلار بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەشى مۈمكىن.
      1.ئەنۋەرنىڭ ئارخىۋى:
       ئەنۋەر،ئەر،ئۇيغۇر،قەشقەردىن،ئىككى ياش ۋاختىدا ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن،ئالداپ كېتىلگەن چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. 2005-يىلى4-ئايدا، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئەنۋەرنىڭ يېنىدا بىر تاكسى توختىدى.تاكسىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى چۈشۈپ،ئەنۋەرگە شاكىلات بەردى.ۋە ئەنۋەرنىڭ دادىسى بىلەن تۇنۇشىدىغانلىغىنى، بازارغابېرىپ ئۇيناپ  كېلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىغىنى سورىغاندا ئەنۋەر بالىلارچە سەبىلىك بىلەن ئالدىراپ ماشىنىغا چىقتى. شاكىلاتنىڭ كۈچى بىلەن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن ئەنۋەر ئويغانغاندا ئۆزىنى گۇاڭجۇدا كۆردى.كھچتە ئەنۋەر ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىككى بالا بىلەن بىللە،قاراڭغۇ بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلدى.ئەتىسى سودا سارايغا ئېلىپ بېرىلىپ ئوغۇرلۇققا سېلىندى.ئۇلارنى ئېلىپ بارغان يېشى چوڭراق بىرى ئوغۇرلانغان بىر يانفوننى ئەنۋەرگە بېرىپ ،ئۇنى تېز قېچىشقا دەۋەت قىلىۋىدى، ئۆمرىدە ئوغۇرلۇق قىلىپ باقمىغان،ئەنۋەرنىڭ پۇت-قوللىرى بوشاپ جايىدا ئولتۇرۇپلا قالدى.ئۇنىڭغىچە يانفون ئېگىسى قوغلاپ كېلىپ قالدى.ئەنۋەرنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرىش-بەرمەسلىك ئۈستىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقاندا،باشقا شېرىكلىرى ئۇنى توپتىن ئېلىپ قېچىپ كەتتى.ئۇلار تۇرالغۇسىغا بارغاندا،ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان خۇجايىن ئەنۋەرنى تەستەك بىلەن بىرنى سېلىۋىدى ،ئەنۋەرنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى.ئەنۋەر كېچىچى قىزىپ زادىلا ياتالمىدى.ئەتىسىدىن باشلاپ ئەنۋەرگە ئوغۇرلۇق قىلىشنىڭ تېىنىكىلىرىنى ئۈگىتىشتى.20كۈنلەردىن كېيىن ئەنۋەر دۇكان ئايرىپ چىقىپ تۇنجى كۈنىلا بەش ئايالنىڭ پورتمالىدىن 6000سوم پۇلنى ئوغۇرلاپ خوجايىنغا تاپشۇرغاندا،خوجايىن نەق مەيداندىلا 500سومنى ئەنۋەرگە مۇكاپاتلاپ بېرىۋەتتى. مانا ھازىر ئۇ ئوغۇرلۇق قىلىشنىڭ پۈتۈن ئەلمى- تەمىنى بىلىپ كەتتى.لېكىن ئەنۋەرنىڭ قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدىغان كۈنلىرىمۇ بولاتتى،بۇنداق چاغلاردا،سىم بىلەن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ ئۇرۇلاتتى.تاماق بېرىلمەيتتى.ئەنۋەر دەسلەپ گاڭجۇغا كەلگەندە،ئوغۇرلۇق قىلىشقا كۆنمىگەنلىگى ئۈچۈن بىلىگىگە تاماكا يېقىلغان،شۇچاغدا ئەنۋەر ئاغرىق ئازاۋىدىن ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى.ئاشۇ قېتىمقى تاماكا ياققان جايدىكى تارتۇق ھازىرمۇ بار.
         ئىچكىرىدىكى ئوغۇرلۇق شايكىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قاتتىق ئىنتىزام بار بولۇپ،ئادەتتە ئالداپ كېتىلگەن بالىلار بىر نەچچە كۈن سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، قايناپ تۇرغان سۇدىن تەڭگە پۇل ئېلىش،تىغ بىلەن سومكا كېسىش دىگەندەك“تېخنىكىلار”بىلەن تەربىلەنگەندىن كېيىن، “كەسپ”كە پىششىقراق بالىلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بازارغا،چوڭ سودا سارايلارغا،ۋوگزالغا،ئادەم توپلاشقان جايلارغا بېرىپ باشقىلارنىڭ پورتمالىنى ئوغۇرلايدۇ.ھەر بىر بالىنىڭ كۈنلۈك ۋەزىپىسى بولۇپ،ئادەتتە،ھۈنىرىگە قاراپ 500سومدىن2000سومغىچە بولاتتى،ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىسا،تاياق ،ئاچلىق،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناشلار ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. خوجايىن بالىلارنى تېخىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن بەزىدە ئۇلارغا ئوغۇرلاپ كەلگەن پۇلىغا قاراپ مۇكاپات بەرسە ،كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنى زەھەر چېكىش،قىمار ئويناش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ. بۇ يەر بەئەينى دوزاخنىڭ ئۆزى بولۇپ،قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بالىلار ياكى قېچىپ كەتكەن بالىلار تۇتۇپ  كېلىنگەندىن كېيىن ،ئادەتتە تاياق زەربىسىدىن كۆپىنچىسى مېيىپ بولۇپ قالىدۇ.ئىچكىرىدىكى ئوغۇرلۇق شايكىلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئۆز-ئارا تونۇشىدىغان بولغاچقا،بالىلار بىرسىدىن قوتۇلغان بىلەن يەنە بىرسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ،كۆپىنچە ھاللاردا خوجايىنىغا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.خوجايىن بۇنىڭ بەدىلىگە قايتۇرۇپ بەرگۈچىگە 5000سوم ئەتراپىدا پۇل تۆلەيدۇ.
        مەن ئەنۋەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇش –تەربىلەش ئورنىدا كۆرگەن چېغىمدا،ئۇ بەدىنىنىڭ 200يېرىدە تاياق يىگەن،تاماكا يېقىلغان،سىم بىلەن ئۇرۇلغاندىن كېيىن قېلىپ قالغان جارەھەت ئىزى بارلىغىنى،كۆرۈپ بېقىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىغىمنى سورىغاندا،كۆرۇۈپ بېقىشقا پېتىنالمىدىم.
      2.ھۆرىگۈلنىڭ ئارخىۋى.
        ھۆرىگۈل،12ياش،بىريىل بۇرۇن ئاقسۇدىن ئالداپ كېتىلگەن.خېنەندە تۇرغان بۇ بىر يىلدا،ئۇ باشقا بالىلار كۆرگەن كۈننى كۆرگەندىن باشقا،قىز بالا بولغانلىغى ئۈچۈن خوجايىنىنىڭ كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان.بەزىدە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغان چاغلاردا،خوجايىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،ئىپادىسى ياخشى بولغان بالىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىۋېلىشىغا تاشلاپ بېرىلگەن. 2011-يىلى ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىپ،ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە Hiv مۇسپەت ئىكەنلىگى بايقالغان .دىمەك بۇناتىۋان قىز ئادىمى ھايۋانلارنىڭ ئىپلاس ئايىغىدا ئەيدىس ۋىرىسىنى يۇقتۇرىۋالغان .
      3.ئالىمنىڭ ئارخىۋى.
      ئالىم،11ياش،كورلىدىن.9يېشىدا كوچىدا ئويناۋاتقان يېرىدە، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن “ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئوينىتىپ كېلىش”باھانىسىدە ،خېنەن نەنياڭغا ئاپىرىپ 8000سومغا ئوغۇرلۇق شايكىسىنىڭ خوجايىنىغا سېتىۋېتىلگەن.
      ئوغۇرلۇق قىلىشقا ئۇنىمىغانلىغى ئۈچۈن ،تاياق زەربىسىدە بىركۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەن.خوجايىننىڭ ئىبلىس قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن،خېنەننىڭ بىر يېزىسىغا قېچىپ بېرىپ ،ئەسكى-تۈسكى يىغىپ،تىلەمچىلىك قىلىپ جان باققان .كېىين ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يەردەم قىلىشى بىلەن،شىنجاڭ ساقچىلىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىپ،شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىنگەن.
      4.ئۆيىنى تاپالمىغان بالىلار
      2011-يىلى مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىدە،گۇاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى30نەچچە شىنجاڭلىق بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى 3ياش،ئەڭ چوڭى 9ياش بولۇپ،بۇ بالىلار يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندە،يېشى بەك كىچىك بولغاچقا،يۇرتىنى،ئاتا-ئانىسىنى ئېيتىپ بېرەلمىگەن،بۇبىچارە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىش مۈمكىن بولمىغان.شۇڭا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ خەلق ئىشلار تارماقلىرىنىڭ ۋاكالىتەن تەربىلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن....
       5.ئوغۇرلۇق قىلىشنى خالىمىغان قىزنىڭ ئارخىۋى
       ماھىرە،ئۇيغۇر،12ياش،خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن.2009-يىلى يۇرتىدىن ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن،شىئەن شەھىرىدە باشلىلارغا 5000سومغا سېتىۋېتلگەن.سېتىۋالغۇچى ئۆمەر توختى ماھىرەنى شاڭخەيدە ئوغۇرلۇق قىلىشقا زورلىغاندا ماھىرە ئۇنىمىغان. ئۆمەر توختى قاتارلىقلار مەھىرەنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن،ماھىرە سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.
      يەنە نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئارخىۋى بار ،لېكىن داۋاملىق يېزىشقا يۈرىگىم چىدىمىدى.
      ئاشۇ نارەسىدە بالىلارنىڭ قان-ياشقا تولغان جىنايەتلىك ۋە قاباھەتلىك قىسمەتلىرىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ،ئۇلارنى سېتىۋاتقان،جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زورلاۋاتقان رەزىل يۈرەك ئادەملەرزادى كىملەر؟.تۆۋەندىكىلەرگە قاراڭ.
      1. تۇرسۇنخان،ئايال،ئۇيغۇر.كۇچادىن.36ياش.1986-يىلى مەكتەپتىن ئۆيىگە كېتىۋاتقاندا،باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ئوغۇرلۇق شايكىسىغا سېتىۋېتىلگەن.كېيىن ئۆز ئالدىغا “دۇكان”ئايرىپ چىقىپ،20نەچچە بالىنى ئوغۇرلۇققا سالغان.2011-يىلى ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى تەكشۈرگەندە،بېنز ماركىلىق ئىككى پىكاپ،نەچچە ئون مىليون سوم نەق پۇل،5شەھەردە ھەشەمەتلىك قورو-جايى بارلىغى ئېنىقلانغان. تۇرسۇنخاننىڭ دىيىشىچە،كىچىك بالىلارنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ ئوغۇرلۇققا سېلىش دەسمايىسىز سودا بولۇپ،ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن نەچچە ئونمىڭ سوم پۇل تاپقىلى بولىدىكەن.ھەم خەتەرسىز سودا ئىكەن،بالىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان ھالەتتىمۇ،يېشى كىچىك بولغانلىغى،تىل بىلمىگەنلىگى ئۈچۈن تېزلا قويۇپ بېرىلىدىكەن.“قانۇندىكى يوچۇق بىزنىڭ يۈرىگىمىزنى قاپتەك قىلىۋەتتى”. دىدى،ئۇماڭا
       مېنىڭچە بۇ قانداقتۇ قانۇندىكى يوچۇق مەسىلىسى ئەمەس.ئالدى بىلەن ۋىژدان مەسىلىسى.بىر ئانا بولغۇچى كىچىگىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ ،قىيامەت قايىمنىڭ جەبرى-جاپالىرىنى يەتكۈچە تارتقان تۇرۇقلۇق،كېيىن باشقا نارەسىدە بالىلارنى ئوتقا ئىتتىرمەسلىگى كېرەك ئىدى.بۇنداق ئادەملەرگە بىز پەقەت ۋىژدان نۇقتىسىدىن باھا بەرسەكلا كۇپايە.
      2 . ئابدۇرېھىم. 44ياش.غۇلجىدىن.بۇرۇن شېنجېندا ئاشخانا ئاچقان .كېيىن تىجارىتى روناق تاپماي،ئوغۇرلۇق شايكىسى تەشككىللەپ،ھارامدىن بېيىغان.نۇرغۇن مال-دۇنيانىڭ ئېگىسى.بۇ ئادەمنىڭ ئانچە ئۆگىچىلىگى يوق.لېكىن،  ئۇنىڭ ئاپتور بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتىكى سۆزلىرى ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
      ---سەن ئۆزەڭنى تىجارەتچى دەپ قارامسەن؟
      ---شۇنداق.ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىزمۇ تىجارەتنىڭ بىر تۈرى.بىر بالا ھەر كۈنى4تاكسىغا باراۋەر پۇل تاپىدۇ.
      ---سېنىڭ بالىلىرىڭ بارمۇ؟
      ---بار.
      ---ئۇلارنى باشقىلار ئالداپ كەتسە،سەن ئازاپلىنامسەن؟
      ---شۇنداق،چۈنكى ئۇمېنىڭ يۈرەك پارەم.
      ---سېنىڭچە ئاشۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئازاپلانماسمۇ؟
       ---بۇنى ئويلاپ باقمىدىم.
      ---سەنمۇ ۋەزىپە ئورۇنلىيالمىغان بالىلارنى ئۇرۇپ باقتىڭمۇ؟
      ---ئۇرغان.
      ئۇلار قانچە ياشتىكى بالىلار؟
      ---چوڭى 9-10ياش،كىچىگى 5-6ياش.
      لېكىن ئۇلار دىگەن ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بالىلارغۇ؟
      ---ئۇرمىسا پۇل تاپمايدۇ.
      ئەزىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشقا رايىمىز بارمىغاچقا، مېنىڭچە سوئال-سوراق مۇشۇنچىلىك بولسا كۇپايە،دەپ قارىدۇق.
      دىمەك بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى،يۇقۇرقى ئىنساننى ئىنسان سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.ئۇلار ئەقەللى ئادىمىلىكنىمۇ يۇقاتقان مەلئۇنلاردۇر،نارەسىدەلەرگە سوزۇلغان قارا قولنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ.
       قانۇن ئادىلدۇر.2001-يىلى8-ئينىڭ5-كۈنى ئۈرۈمچى،كورلا،يەكەن،مەكىت قاتارلىق جايلاردا،ئۆسمۈرلەرنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ ساتقان،ئوغۇرلۇق شايكىلىرىغا ئۇيۇشتۇرغان،5جىنايەت شايكىسىنىڭ كاتتىۋاشلىرىغا ئوچۇق سوت قىلىندى.
     جىنايەتچى ئۆمەر توختىغا قاتىللىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.مەمەت ئەخمەت ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىندى.ئابدۇللا ھاشىمغا مۇددەتلىك 11يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
      .......................................................................
      دىمەك تېخىمۇ كۆپ ئادەم سىياقىدىكى ئىبلىسلارنى قانۇننىڭ ئادىل جازاسى كۈتۈپ تۇرماقتا.
      بۇ يىل يەنى2012-يىلى ھۆكۈمەت داۋاملىق تۈردە،ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىدىغانلىغىنى جاكارلىدى.
       يىراق يۇرتلاردا،ئىنسان بالىسى كۆرۈشكە،بولۇپمۇ ئاشۇ يېشىڭلاردا كۆرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كۈلپەتلەرنى تارتىپ ياشاۋاتقان ئوماق بالىلار،پات يېقىندا،سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېلىسىلەر.ئەزىز يۇرتۇڭلار سىلەرنى كۈتمەكتە،سىلەرنى يوقىتىپ قويۇپ يۈرەك باغرى لەختە-لەختە قان بولغان ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى كۈتمەكتە.سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز.

2

تېما

0

دوست

2324

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25610
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 13:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇنداق ئادىمىلىكىنى يوقاتقان ئىپلاسلارنى ، ئەڭ ۋەھشى ئۇسۇلدا قىيناپ ئۆلتەسىمى ئازلىق قىلىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

6393

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1513
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 14:33:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېتىپلا بىر تەرەپ قىلسا!

0

تېما

3

دوست

1971

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 596
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 14:40:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم قىلىپىدىن چىققان پەسەندىلەر.

0

تېما

0

دوست

657

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8189
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 77
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 15:27:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يىرگىنىچلىك  گۇيلار مىللىتىمىزگە ھاقارەت - نومۇس كەلتۈردى . جاساسىنى يىسۇن .

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   32.25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7396
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 15:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ۋەشىشي ئۈسۈل ئالدىرىماي ئۆلتۇرىدىغان گەپتى
جازا بەك يەڭگىل بولۇپ قاپتۇ

1

تېما

1

دوست

1556

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 22:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىتنىڭ باللىرى  ھەي بۇنداق دىسەم كۈچۈكلەرگە ئۇۋال بوپ كەتكۈدەك ،  مۇشۇنداق ھايۋان  نىمىلەرنى  قايناۋاتقان  ياغقا تاشلاپ  ئۆلتۈرىۋەتسەممۇ  دەردىم چىقمايدۇ  جۇمۇ  مىنىڭ  .  
مۇشۇنداق ئادەم بىدىكلىرىنى  تىرىك  قويسا ھەرگىز بولمايدۇ  .  
تېخى بۇمۇ تىجارەت  دەپ  كەتكەنلىرىنى  نىمە دەي  ئاۋۇ تۇڭگۇزنىڭ  .

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 22:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ھۆرمەتلىك ئىبراھىم:
بۇرۇندىنلا ئىجتىمائى مەسۇلىيەت تۇيغۇڭ كۈچلۈك يىگىت ئىدىڭ. «ئەزىمەت 40 يىلدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ›› دىگەندەك، شۇ بۇرۇنقى روھىڭ بويىچە ياشاۋىتىپسەن.
سىنى قوللاپ مەزكۈر تور بىتىگە ‹‹يۈرۈگۈمنى يىغلاتقان ئىشلار›› دىگەن يازمامنى سۇنماقچى.
ئىسىڭدىمۇ بىز ئالى مەكتەپتىكى مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە «كوللىكتىپ مەنپەئەت شەخسى مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ›› دىگەن مەۋقەنى ياقىلاپ يىڭىلىپ قالغان....
قەلىمىمىز ۋە قەلبىمىز ئارقىلىق ئاشۇ مەيدانىمىزدا يەنىمۇ چىڭ تۇرايلى.
پاكىتلار بىلەن تويۇنغان ماقالەڭنى شۇنداق تەستە ئوقۇپ چىقتىم. ھىسسىياتىم مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. ئىككى ئىغىز گەپ:
خوتۇن-قىزلىرى ۋە كىچىك بالىلارنى ئاسرىيالمىغان، قوغدىيالمىغان مىللەت - مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
ھەممىنى باشقىلارغا دۆڭگەش، ئۆزىمىزدىن ئىزلىمەسلىكمۇ بىزنى ھالاك قىلىدۇ.
رەھمەت يازماڭغا، ياش ھەم ياخشى  يۈرىگىڭ بىلەن يىزىپ تۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )