- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2942
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
31.4%
|
<< زەينۇل ئەخبەر >> بۇ ئەسەرنى غەزنىۋىلەر خانلىقىدا سۇلتان ئابىدئەل رەشىد ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ( 1039 - يىلىلاردىن 1053 - يىللارغىچە ) غەزنە ھىندىستان يولىدىكى گەردىز دىگەن يەردە تۇغۇلۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان پارىس تارىخچىسى ئەبۇ سەئىد ئابىدىئەل ھەييى ئىبنى ئەل زەيھاك بىننى مۇھەممەد ( گەردىزى ) دىگەن كىشى پارىس تىلىدا يىزىپ چىققان . بۇ ئەسەر 7 باپ بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئاخىرقى باپىدا ئوتتۇرا ئاسىيەدىكى توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ شەھەر ، دۆلەتلىرى ، دىنى ئىتىقادى ، جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى جاتارلىقلار خاتىرلەنگەن .
تۆۋەندىكىسى خوتەن توغرۇلۇق بىرىلگەن مەلۇمات :
تىبەتكە بارىدىغان يولغا كەلسەك ، خوتەندىن يولغا چىقىپ ئاراشەنگە بىرىپ ، خوتەن تاغلىرىنى بويلاپ ماڭىمىز . تاغ ئارىسىدا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، توپ - توپ ئۆكۈز ۋە ئۆچكىلەر بار . بۇ تاغنى بويلاپ ماڭساق ، ئاراشەنگە بارغىلى بولىدۇ ، ئالدىمىزغا قاراپ ماڭساق بىر كۆۋرۈك بار . بۇ كۆۋرۈك تاغنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . ئىيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ كۆۋرۈكنى قەدىمكى خوتەنلىكلەر سالغان . بۇ كۆۋرۈككە يىقىنلاپ كەلگەنسىرى تاغئۈستىدىكى ھاۋادىن نەپەس ئالماق قىيىنلىشىپ بارىدۇ . نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ سەۋەپتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان . تىبەتلىكلەر بۇ تاغنى "زەھەرلىك تاغ" دەپ ئاتايدۇ .
ئۇ يەرگە ( خوتەن ) بارىدىغان يولغا كەلسەك ، قەشقەردىن يولغا چىقىپ بايغا ، ئۇ يەردىن قىرمانغا ، ئۇيەدىن ئاجمەنگە ، ئاندىن جىزاغا ، ئاندىن ئاجكەنىتكە ، ئاندىن قەدۇرۇلغا ، ئاندىن لانھۇبىدقا ، ئاندىن تادرۇتقا ، ئاندىن لىستۇيغا ، يەنە خوتەن رايۇنىنىڭ بىرىچى بىكىتى لىستۇيغا كىلىپ ئۇيەردىن ئۆتسەك خوتەنگە كىلىمىز . ( يۇقارقى ناملار قەدىمقى جاي ناملىرى ) يارا دەرياسى مۇ شيەردىن ئۆتىدۇ . ئاندىن سەيمۇ بوۋىم كەنتىگە بارىمىز . ئاندىن بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا كىرىمىز . ئاندىن ئالدىمىزغا قاراپ ماڭساق ، چىندىن ئىقىپ كىرگەن بىر دەريا بار . ئۇ يەردىن ئۆتسەك ئاندىن خوتەن شەھرىگە كىرىمىز . خوتەندىن قاي شەھرىگە 15 كۈنلۈك مۇساپە ، قاي _ چىن چىگرىسىدىكى بىر شەھەر ، ئەمما توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋە شەھەردۇر . خوتەن شەھرىدە نۇرغۇن بۇددا ھەيكەللىرى ۋە بۇدخانىلار بار . ئاھالىسى بۇددا دىنىغا ئىتقات قىلىدۇ . شەھەردە ئىككى خىرىستىيانچىركاۋى بار . بىرى شەھەر ئىچىدە ، بىرى شەھەر ئەتراپىدا . بازارلاردا بۇزۇق ۋە شاللاق ئاياللار ناھايىتى كۆپ . شەھەردىكى بارلىق ئەر - ئاياللار كالتە چاچ قويىدۇ . ئۇلار ئەرەپلەرگە ئوخشاش كىيىم كىيىدۇ . ئۇ رايۇندا مىۋىلەر ناھايىتى كۆپ . بۇغداي ، ئارپا ، كاۋا ، كۈنجۈت ، تۇت دەرىخى ، ئەنجۈر قاتارلىق زىرائەتلەر ۋە مىۋىلەر ئۆستۈرىلىدۇ . ئۇلارنىڭ يىپەكچىلىقى شۇنداق تەرەقى قىلغانكى ،پۈتۈن رايۇندىكى يىرىمدىن جىراق كىشى يىپەكتىن كىيىم كىيىدۇ . ئۈجمە دەرىخى ناھايىتى كۆپ . بەزى ئادەملەرنىڭ ئىككى مىڭدىن ئوشۇق ئۈجمە دەرىخى بار . يەنە ئۈزۈم ، ھەرخىل سورتلۇق نەشپۈت دەرەخلىرى بار . ئۇلارنىڭ دەرياسىدىن قاش تىشى كۆپ چىقىدۇ . خوتە رايۇنىنىڭ ھەممە يىرىدە تۈگمەن بار . ھەممە تۈگمەننىڭ ئاستىدىكى تاش پەقەت قىمىرلىمايدىكەن ، ئەمما ئۈستىدىكى تاش پىقىراپ ئايلىنىدىكەن . تۈگمەن ئىچىدە چىننىڭ يىپىكىدىن ياسالغان ئەگلەك بولۇپ ، سۇ كۈچى بىلەن ھەركەتلەندۈرۈلگەندە ، ئۇن ئاستىغا چۈشسە ، كىپەك ئەگلەك ئۈستىدە قالىدۇ . ئۇلاردا يەنە بادىسياپ دەيدىغان ئالاھىدە بىر ئەسۋاپ بولۇپ ، كىشىلەر ئاشلىقنى ئۇنىڭ ئىچىگە سىلىپ پاكىزلەيدۇ . بىر تەرەپتىن ئىرىغدالمىغان ئاشلىقنى سالسا ، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىز ئاشلىق چىقىدۇ . بۇ ئەسۋاپمۇ سۈكۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىكەن . ئۇلاردا يەنە بىر خىل ئەسۋاپ بولۇپ ، ئۇ چامغۇر ياكى كاۋا توغراشقا ئىشلىتىلىدىكەن .بۇ ئەسۋاپ يۇمۇلاق سوغىغا ( چىلەككە ) ئوخشايدىكەن . ئۇنىڭ قاپ ئوتتۇرسىغا مەزمۇت بىر كالتەك ، ئۈستىگە تاش باغلىنىدىكەن ئەڭ ئاخىردا كالتەككە سىھىر قىلىنسا سۇ ۋە ئەسۋاپنى ئايلاندۇرىدىكەن . ...
|
|