قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

454

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27267
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 146
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 17:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى

      ئۇيغۇرلار قەدىمكى تارىم – تەڭرىتاغ مەدەنىيىتىنىڭ ئىجراچىلىرى ۋە ۋارسلىرى سۈپىتىدە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان كۈۋەجەپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئەلبەتتە، مۇنداق ئۇزۇن ۋە مەدەنىيەتلىك تارىخغا سىڭىپ كەتكەن مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئۇنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، ئۆرپ – ئادىتىگە، دىنىي – ئېتىقادىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسى، خاراكتېرى، دائىرىسى، ئالاھىدىلىكى، بىرىكىشى، ئايرىلىشى، ئۆزىگە خاس مىلودىيىگە ئىگە بولۇشى قەدىمدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىگە، تارىخىغا، دىنىي – ئېتىقادىغا، مىللىي غۇرۇرى ۋە مىللىي ئۆزلۈكىگە، دۇنيا قارىشىغا، شۇنىڭدەك ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي، تەبىئىي ۋەقە – ھادىسىلەرگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە يېڭىلىنىۋاتقان ئەرلىك – ئاياللىق جاسارەت ۋە ئەرلىك – ئاياللىق نازاكەتنىڭ ھەربىر ھالقىلىرىدىن ئۇلارنىڭ پىسىخىك تارىخى، تۇرمۇشى، زامان – ماكان قارىشى ۋە ئۇ ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى، ئىنتىلىشىنى، غەزەپ – نەپرىتىنى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى، ئوخشاشلا ساقىندى بولۇپ قېلىۋاتقان ئاجىزلىق، تاماخورلۇق، يۈرەكسىزلىك، تۇزكورلۇق، قەبىھلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
      ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت — تېخى بىزدە دىيەرلىك قولغان ئېلىنمىغان چوڭ تېما. بۇ تېما ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى روھىنى، ئىنتىلىشىنى، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى ئۆرۈپ – ئادەت، قىلىقلىرىنى چۈشۈنىشىمىز، شۇنىڭدەك كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى سىجىل تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، بۇ تېما ھەققىدە كۆپچىلىك  ئورتاقلىشىپ باققۇم كەلدى.
      مېنىڭچە، ئاۋۋال ئەر – ئاياللىق سۈپەت ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھ بېرىپ ئۆتۈش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئەر – ياللىق جاسارەت ۋە ئەر – ئاياللىق نازۇكلۇق، لاتاپەتلىكنى كۉرسىتىدۇ. لېكىن، شۇنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇكى، قەدىمكى دەۋردىن بۈگۈنكى زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەر – ئاياللىق سۈپەتكە بولغان قاراش ۋە بۇ سۈپەتنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى، دائىرىسى، مەزمۇنى، شەرتى ھامان ئوخشاش بولماي كەلدى، بەلكى بىربىرىگە ئۇلۇشۇپ يېڭىلاندى، تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ئۇرۇش – يېغىلىق دەۋرلىرىدە بىر خىل بولسا، تىنىچلىق – ئاسايىشلىق دەۋرلىرىدە يەنە بىر خىل بولدى؛ بوز – قىر، يايلاق مىللەتلىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت بىلەن، ئېكىن – تېرىمچى مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت گەرچە بىربىرىگە تامامەن ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىربىرىنى تولۇقلىدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. دەل شۇنداق بولغاچقا، يايلاق مىللەتلىرىدە ئەكس ئەتكەن ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئېكىن – تېرىمچى مىللەتلەرنىڭ روھىدا، ئىش – ھەرىكەتلىرىدە نامايەن بولغىنىدەك، ئېكىن – تېرىمچى مىللەتلەرنىڭ قېنىدا تەمچىپ تۇرغان ئەر – ئاياللىق سۈپەتمۇ بەزىدە يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا نامايان بولدى؛ يېقىنقى ۋە ھارىزقى، بۈگۈنكى زامان دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتمۇ دەۋرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن يېڭىلاندى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى، تېخىمۇ مىللىي پۇراققا ئىگە بولدى؛ دىنىي نۇقتىدىن كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ مەنىسى، خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىرى ھەر قايسى دىن دەۋرلىرىدە يەنىلا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. دېمەك، ئەر – ئاياللىق سۈپەت مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە، دىن ئالاھىدىلىكىگە ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۉپ قاتلاملىققا، كۉپ قۇتۇپلۇققا ئىگە بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۇقۇمى، مەنىسى، دائىرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمما بىربىرىنى تولۇقلايدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى يىرىك، قوپال بولغان بولسا، يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى يېنىك، نازۇك ھەم لاتاپەتلىك بولىدۇ، شۇنىڭدەك بىربىرىگە سىڭىشىدۇ ۋە بىربىرىگە مايىللىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت خاراكتېرىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئۈزۈكلۈكى كېلىپ چىقىدۇ.
       قېنى ئەمدى مۇشۇ نۇقتىلار بويىچە، ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ مەنىسى، دائىرىسى، خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى، شەرتى، شۇنىڭدەك ئۉز – ئارا تەسىرىنى، يېڭىلىنىشى ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
      بوز – قىر، يايلاق مىللەتلىرى، يەنى ئاتلىقلار مەدەنىيىتىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەدىمكى دەۋردە ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئۇلارنىڭ ئۇرۇش – يېغىدىكى جاسارىتى ۋە ئوردا ئىچىدىكى لاتاپىتى بىلەن ئۆلچەنگەن. ئالايلى، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى بوز – قىر مىللەتلىرىنىڭ ھونلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئەر – ئايالنىڭ جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئورنى، بولۇپمۇ ئۇرۇش – يېغىدىكى جەڭگىۋارلىقى بىلەن ئىپادىلەندى. " تارىخىي خاتىرىلەر . ھونلار تەزكىرىسى " دىكى " ھونلار . . . ئاي تولغاندا جەڭگە چىقاتتى، ئاي كۆتمەك ۋاقتىدا جەڭدىن قايتاتتى، دۈشمەندىن بىرنى ئۆلتۈرگۈچى ياكى ئەسىر ئالغۇچىغا بىر ئاپقۇر شاراپ ئىنئام قىلىناتتى. ئېرىشكەن غەنىمەت – ئولجىسى كۆرسەتكەن خىزمىتىگە قاراپ بېرىلەتتى. " ( سماچيەن " تارىخىي خاتىرىلەر " ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1987 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 403 – بەتكە قاراڭ ) دېيىلگەن خاتىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھونلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەت، يەنى ئەرلىك جاسارەت دۈشمەننى ئۆلتۈرەلىگەن ھەم ئەسىر ئالالىغانلىق  بىلەن ئۆلچەنگەن. خاتىرىدىكى بايانغا قارىغاندا، ھونلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشى " بىر ئاپقۇر شاراپ " نىڭ ئىنئام قىلىنىشى ئۈچۈندەك بىلىنىدۇ، ئەمما بۇ يەردە روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغىنى يەنىلا ھونلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەتنىڭ شەرتى ئىدى، ئۇلارنىڭ " كۆرسەتكەن خىزمىتى " جەڭدىكى جاسارىتى ئىدى. جۇڭگونىڭ شىمالىدا بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن ھون، توخار، ئوغان – سىيانپى، جۇرجان، تۈرك، ئۇيغۇر( قەدىمكى ئۇيغۇرلار ) قاتارلىق بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلغۇيۇپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغان مىللەتلەرنىڭ تەڭرىقۇت، قاغانلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلىك سۈپەت يات مىللەت، قەبىلىلەرنى توختىماي بۇلاڭ – تالاڭ قىلىش، يات مىللەت، قەبىلىلەرنىڭ خان، ئاقساقاللىرىنىڭ بالىلىرىنى بارىمتاي قىلىش، قىزلىرىنى توقاللاققا ئېلىش،  خان، ئاقساقاللارنىڭ كاللىسىنى شاراپ جامى قىلىش، ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىغا قاراپ، قەبرە بېشىغا شۇنچە تاش قويۇش ياكى بالبال ( تاش ھەيكەل ) تىكلەش  بىلەن ئىپادىلەنسە؛ ئايىم – بانۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ئاياللىق سۈپەت ئۇرۇش – يېغىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئات مىنىپ، ساداقتىن ئوق ئۈزۈشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە تەڭرىقۇت، قاغانلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىش ۋە  ئۇلارنى قانداق قىلىپ " سىزىغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان " قىلىشتىمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلەندى. مەسىلەن ، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر ( مەتە ) تەڭرىقۇت خەن خاقانى خەن گاۋدىنى بەيدىڭ تېغىدا يەتتە كېچە – كۈندۈز قورشاۋغا ئېلىۋالغاندا، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى ( خوتۇنى ) ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ، خەن گاۋدىنى مۇھاسىرىدىن قويۇۋېتىشكە كۆندۈرگەنىدى (  " تارىخىي خاتىرىلەر . ھونلار تەزكىرىسى " ، 404 – بەتكە قاراڭ ) . ئەگەر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى ( خوتۇنى ) ئاياللىق سۈپىتىنى نامايان قىلالمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا بەلكىم ھون – خەن تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانمۇ بولاتتى. يەنە قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئىڭىدىكى ئاياللارنىڭ جاسارىتىگە گۇۋاھ بولۇپ كېلىۋاتقان " تۇمارىس رىۋايىتى " كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ رىۋايەتتە، كەيخۇسراۋنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىشى دادىل كۈرەش قىلغان قەدىمكى ساكلارنىڭ بىر تارمىقى — ماسساگىتلار قەبىلىسىنىڭ مەلىكىسى تۇمارىسنىڭ ئۆز ئېلىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدىكى قەھرىمانلىق ئىش – ئىزلىرى، مەرتلىك، پىداكارلىق خىسلەتلىرىگە مەدھىيە ئوقۇلغان. بۇ رىۋايەت يۇنان تارىخچىسى ھىرودوتنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىردە يازغان " تارىخ " ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنغان ( ئابلاجان ئەمەت " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى " ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001 – يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 72 – بەتكە قاراڭ ). روشەنكى، تۇمارىستا قەدىمكى زامان ئاياللىرىغا خاس ئاياللىق جاسارەت بولمىغان بولسا، مەلىكىلىك ئورنىدا كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ، جېنىنى پىدا قىلمىغان بولاتتى. ئېكىن – تېرىمچىلىق، يەنى بوستانلىق مەدەنىيىتى مىللەتلىرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئاساسىي جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ئېكىنچىلىك ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەنلا خاراكتېرلەنگەن. تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكىن – تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان يىراق قەدىمكى زامان ئەجداتلىرىنىڭ روھىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئۇلارنىڭ سىياسىي دۇنيادىن كۆرە، مەنىۋى دۇنياغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت كۈچلۈك سىياسىي، مىللىي خاراكتېرغا ئىگە بولالمىغاچقا، بوز – قىر، يايلاق مىللەتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئەكس ئەتكەن باتۇرلۇق، مەرتلىك، مەردانىلىق، قەيسەرلىك، جان پىدالىق، ئاخىرىغىچە ئېلىشىشتىن ئىبارەت ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئېلېمىنتلىرى ئەلبەتتە ئېكىن – تېرىمچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىدا ناھايىتى خىرەلىك ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەنىدى. دەل شۇنداق بولغاچقا، مەيلى قايسىلا مىللەت ياكى قايسىلا ھۆكۈمران تارىم ۋادىسىغا باستۇرۇپ كىرسۇن، ھېچقانداق كۈچىمەيلا بۇ زېمىندىكى شەھەر – قەلئە ئەللىرىنى بويسۇندۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. خەن خانىدالىقىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى لى گۇاڭلى 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن پەرغانىگە " تۇلپار " ئۇرۇشى ئۈچۈن ئاتلانغىنىدا ، چوقۇ قاتارلىق قەدىمكى شەھەر – قەلئە ئەللىرى لى گۇاڭلىنىڭ پەرغانىگە يۈرۈش قىلىشىغا ھەمدەمدە بولمىغانلىق ئۈچۈنلا، قانغا بويالغان، ۋەيران قىلىۋېتىلگىنىدە ( بۇ ھەققىدىكى بايانلارنى " خەننامە . لى گۇاڭلىنىڭ تەرجىمىھالى . قورىغار ھەققىدە قىسسە " لەردىكى مەزمۇنلاردىن كۆرۈڭ )، ئۇلار بىلەن نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، مەدەنىيىتى، تىلى، كېلىپ چىقىشى بىر بولغان باشقا شەھەر – قەلئە ئەللىرى ئەرلىك سۈپىتىنى، توغرىسى ئەرلىك جاسارىتىنى نامايان قىلالمىغانىدى. بىراق، ئېكىن – تېرىقچىلىق مۇھىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنداق ئاياللىق نازاكىتى ۋە لاتاپىتى ئېغىر ئەر – ئاياللىق سۈپىتى ئۇزۇنغا بارمىدى، كېيىنچە مۇنداق سۈپەت مىللىي روھ سۈپىتىدە گەۋدىلەندى. ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ توختىماستىن تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇشى، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشى ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەر – ئاياللىق سۈپىتىنىنىڭ خاراكتېرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. تارىم بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى ئەللەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ چوڭ بولغاندا، چېلىشىش، دارۋازلىق، ھەر خىل مەدەنىيەت – سەنئەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق نامايان قىلىشتىن ئىبارەت ئەر – ئاياللىق سۈپىتى   ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان ئۇرۇش – يېغىلاردا بۇ ئۆزگۈرۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەرلىك جاسارەت ۋە ئاياللىق جاسارەتتىن ئىبارەت سۈپەتكە مۇجەسسەملەندى.  شۇندىن باشلاپ، بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى ئەللەردىمۇ نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك، مەرت– مەردانە ئەر – ئايال قەھرىمانلار تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ياركەند – سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىكى "جاللات خېنىم " دەپ نام ئالغان مەلىكە مۆھتىرەم خېنىمنىڭ ئاياللىق سۈپىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ " ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ، سەئىدىيە خانلىقىدا ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مەرگەنلىكى ۋە جەڭبازلىق ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن سەركەردىلەرنى قايىل قىلىپ، جەڭلەردىكى باھادىرلىقى بىلەن دوستلىرىنىمۇ، دۈشمەنلىرىنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان " ، "سەئىدىيە خانلىقىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلغان " " بۈيۈك سەركەردە، جاسارەتلىك دۆلەت ئەربابى، ئۇلۇغ ئايال ھۆكۈمدار" ( ياسىنجان سادىق چوغلان " جاللات خېنىم " ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2003 – يىل، ئۇيغۇرچە نەشرى، 943 – بەتكە قاراڭ ) ئىدى. مۆھتىرەم خېنىمدىن كېيىنكى خوجىلار دەۋرىدىكى  دەۋرىدىكى دىلشاد خاتۇن — نۇرئەلا خېنىم — ئىپارخاننىڭ روھىدا ئىپادىلەنگەن ئاياللىق سۈپەت ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋردىكى نۇزۇگۇم ۋە مايسىخان باشلىق مەشھۇر  " يەتتە قىزلىرىم " نىڭ ئېڭىدىكى ئاياللىق سۈپەت ئەلبەتتە قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ تۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ  ئەرلەرگە خاس، ئەرلىك قان تېمىپ تۇرغان ئاياللىق سۈپەت ئىدى. ئەگەر ئىپارخاننىڭ ۋۇجۇدىدا پارلاپ تۇرغان ئاياللىق سۈپەت يەنە لاتاپىتىدىن، نازلىقىدىن بېشارەت بەرمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا مانجۇ خانلىقىنىڭ خانى چيەنلۇڭ 1765 – يىلى قوزغالغان ئۇچتۇرپان دېھقانلىرىنىڭ "جىگدە يىغىلىقى " غا سەۋەبكار بولۇپ قالمىغان بولاتتى. مۇشۇ قاتلاملىق دەۋرلەرنىڭ ئۆزىدە ئەرلىك سۈپىتىنى نامايان قىلغان يەنە نۇرغۇنلىغان ئەرلەرمۇ ھەققانىيەت يولىدا باش كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئەرلىكىنى ئەلگە تونۇتتى.
      ھەر قايسى دىن دەۋرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئاياللىق سۈپىتى ھەققىدىكى تونۇشى ۋە ئۇنى نامايان قىلىشى ئوخشاش بولماي كەلدى. شامانىزم دەۋرىدە جىن – ئالۋاستى، دىۋە، يالماۋۇز، ئەجدىھالار بىلەن جەڭ قىلىش، ئەل – جامائەتنى جىن – ئالۋاستى، دىۋە، يالماۋۇز، ئەجدىھالارنىڭ بالايى – ئاپىتىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ، تېخىمۇ ئېنىقراغى ئەر – ئاياللىق جاسارەتنىڭ بەلگىسى قىلدى. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەپسانە – رىۋايەتلىرىمىزنىڭ زور كۆپچىلىكى مانا مۇشۇ نۇقتىنى ئاساسىي مەنبە قىلغانىدى؛ بۇددا دىنى دەۋرىدىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ بەلگىسى تىنىچ – ئاسايىشلىق بىلەن ئىبادەت قىلىشتا خاراكتېرلەنسە، ئىسلام دىنى دەۋرىدە ئەر – ئاياللىق سۈپەت قىلىچ تۇتۇپ غازات قىلىش، ئىلىم – ھېكمەت بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرگۈزۈش بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلەندى. سوپىزم دەۋرىدە بولسا، ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ سىياسىيلىق، مىللىيلىق، قىزىق قانلىق، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت خاراكتېرى ۋە روھى  سۇسلاشتۇرۇۋېتىلدى. ھازىرقى زامان دەۋرىگە كەلگەندە ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي خاراكتېرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.  قۇمۇل خەلقىنىڭ تارىخىي قوشاقلىرىدىن بىرى بولغان ‹‹ خوجىنىياز ھاجى ھەققىدە ›› ئېيتىلغان :
            چازىغا بەرگەن قازاق قوينىڭ
                 قۇيرۇقىدا يېغى بار.
             خوجىنىياز ھاجى ئەر ئىكەن،
             شەرمۇ – شەردە دېڭى بار.
                                                            '' قۇمۇل نەزمىلىرى " ، 389 – بەت.
      دېگەن قوشاقتىكى " خوجىنىياز ھاجى ئەر ئىكەن، شەرمۇ – شەردە دېڭى بار " دېگەن بۇ ئىككى مىسرادا " ئەر " نىڭ سۈپىتى " دېڭى بار " لىقىدىن بىشارەت بېرىلىۋاتقانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك سىياسىيىۋىلىققا ئىگە بولغانلىقىدا ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.  بۇ نۇقتىنى ئەمدى ئىلى خەلقىنىڭ تارىخىي قوشاقلىرىدىن بىرى بولغان " نۇزۇگۇم " دا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەرلىك سۈپەت بىلەن " مايىمخان "نىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى  مونۇ بېيتلاردا ئىپادىلەنگەن  ئەرلىك سۈپەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى:
" نۇزۇگۇم " دا :
              تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
              سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ ؟
              نۇزۇك باشقا كۈن چۈشتى،
              ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟
                                   " ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى " ( 1 ) ، 38 – بەت
" مايىمخان " دا :
ئىشىك ئالدى كۆك تېرەك،
ئىگىز ئۆسكەن ئاق تېرەك.
مايىمخاننى ئۆلتۈردى،
ئاڭا ئوخشاش ئەر كېرەك.
                                                      " غۇلجا خەلق داستانلىرى " ، 366 – بەت.

      بۇ ئىلى خەلقىنىڭ ئەل سۆيەر ئايال قەھرىمانى مايىمخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مانجۇ خانلىقى ئىستىبداتلىرىغا قارىشى ئېيتىلغان چاقىرىقى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرلىك سۈپەتنىڭ ئەل – ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن قارا كۈنلەر ئۈچۈن جان پىدا قىلىشتا ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. بىراق، بۇ يەردە شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانكى، ئۇ بولسىمۇ، مايىمخان دەۋرىدە ياكى مايىمخاننىڭ ئۆلۈم ۋاقتى يېقىنلىشىپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيتتە، مايىمخاندەك ئەرلىك كۆرسىتەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ جازا مەيدانىدا جاسارىتىنى، ئۆلۈمدىن قورۇقماسلىقتەك روھىنى نامايان قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەرلىك سۈپەتنىڭ خىرەلىكى ئېچىپ بېرىلگەن. دەل شۇنداق بولغاچقا، ئەل – جامائەت كۆزلىرىنى ياشلاپ تۇرۇپ : " ئەل – جامائەت ئىشىغا، مايىمخاندەك ئەر كېرەك " دەيدىغان چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. دېمەك، مايىمخاندىكى ئاياللىق سۈپەت مىللىي خاراكتېرغا ئىگە قىلىنىپ، ئەرلىك سۈپەت بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن، ھەتتا ئەرلىك سۈپەتنىڭ مايىمخاندىكى ئاياللىق سۈپەتتەك بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك سىياسىيىۋىلىق، مىللىيلىققا ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك مايىمخان ئەل قەلبىدە ئاياللىق سۈپەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەرلىك سۈپىتى، ئەرلىك جاسارىتى بىلەن ئورۇن ئالغان.
ئۇيغۇر قىزى مايىمخان ھەققىدىكى قوشاقلاردا يەنە ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپەت ئائىلىۋى سۈپەتكە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن:
             ئاتا بولغىنىڭ قېنى؟
             ئانا بولغىنىڭ قېنى؟
             ئۆلۈمگە ئېلىپ ماڭغاندا،
             سوراپ ئالغىنىڭ قېنى؟
                                       " غۇلجا ناھىيە خەلق قوشاقلىرى " ، 385 – بەت.
بۇ قوشاقنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى يەنە مۇنداق شەكىلدىمۇ ئېيتىلىدۇ:
              قىلىچ بىلەن چاپقاندا،
              تىلەپ ئالغىنىڭ قېنى؟
                           " ئۇيغۇر خەلق تارىخىي قوشاقلىرى " ، 38 – بەت.
       روشەنكى،  بۇ يەردە ئيتىلىۋاتقىنى مايىمخاننىڭ زارى بولسىمۇ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئەرلىك ۋە ئاياللىق سۈپەتتىن تەشكىل تاپقان ئائىلىۋى سۈپەتنىڭ، يەنى ئائىلىۋى جاسارەت ۋە قەھرىمانلىقنىڭ كۈنسايىن سۇسلىشىپ، ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسىدىن ئىبارەت.
بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەت ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك جەڭگىۋارلىق، مىللىيلىق، سىياسىيلىق بىلەن خاراكتېرلەنمىدى، بەلكى ئەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى سۈپىتى بارغانسېرى نازۇكلىشىپ كەتتى، شۇڭا " ئەرنىڭ قەھرىمۇ بولۇش " ئاياللىق سۈپەتنىڭ تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئاياللىق سۈپەت مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ياسىنىش – تارىنىشتىن ئىبارەت ئاياللىق سۈپەتنىڭ كىچىككىنە بىر نۇقتىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرىپى، ئائىلىدە قانداق ئاتا بولۇش، قانداق ئانا بولۇش، بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلەش، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئەل – ئاۋام بىلەن  قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلارغا تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. لېكىن، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئەر – ئاياللىق سۈپەتنىڭ ئەسلىدىكى ئەل – ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى شەخسىي مەنپەئەتلىك روھتا تاۋلىنىۋاتىدۇ.               

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 19:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نۇرغۇن يەرلەرگە باردىم ھەم نۇرغۇن مىللەتلەر بىلەن ئالاقىدە بولدۇم.بىزدەك ئەنئەنىۋى مەدەنىيتى تەرەققىي قىلغان مىللەتنى ئۇچراتمىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28812
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 21:36:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئۇيغا سالغىدەك  ئىشلا  كۇپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )