- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
9.02%
|
tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 18:29
مەنمۇ بالام بىلەن ئارلىغىمدا قانداقتۇر بىر ھاڭنىڭ پەي ...
پىكىرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن!
مەنمۇ 70- يىللارنىڭ ئاخىرىدا توغۇلغان، ئەشۇ گۈزەل 80- يىللاردا بالىلىق دەۋرىمنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئويلاپ باقسام شۇ ۋاقىتلاردىكى ناخشا- مۇزىكا، كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ھازىرقىلارنىڭ مەزمۇنىدا ئاسمان- زېمىن پەرق بار ئىكەن. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مودا بولۇپ ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن دېگۈدەك زامان ۋە ياشلىقنىڭ قەدرىگە يېتىش، ئاتا- ئانا، يۇرت- ۋەتەننى مەدھىيەلەش، جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق بەخت يارىتىش، پاك- غۇبارسىز مۇھەببەتنى ئالقىشلاش قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولسا ھازىر مودا بولۇۋاتقان ناخشىلارنىڭ تىلى ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ھالدا كۆيدۈم- پىشتىم بىلەن باشلىنىپ، يەنە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن، بۇرۇنقى ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى بار دېيىلگەندىمۇ ئۇنچىلىك ساپ ۋە تەبئىي رەۋىشتە ئەمەس، يەنە كېلىپ سان جەھەتتە ئاز، بار دېيىلگەندىمۇ ھازىرقى ياشلار ئۇنى چۈشەنمەيدۇ، ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار تۇرمۇشتا ھەقىقى جاپانى ھېس قىلىپ باقمىغان، قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي ساپ مۇھەببەتنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئەسلا ھېس قىلالمايدۇ.
ئەمدى، سىز ھەم مىنىڭ بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا بۇنداق دېگىنىمىز، ھەرگىزمۇ بىز ئەينى چاغدا مۇنداق جاپا تارتقان، سىلەرمۇ مۇشۇنداق جاپا تارتىشىڭلار كېرەك دەپ جاپانى زورمۇ- زور ئۇلارغا تېڭىش ئەمەس، بىراق ھەممە ئىشنىڭ تەبئىي بولغىنى ياخشى، تەر تۆكمەي كەلگەن ئامەت ھامان بىزگە تەۋە نەرسە ئەمەس. شۇڭا ھازىر مەكتەپ پۈتكۈزگەن ياشلىرىمىزنىڭ يېزىلاردا ئانچە- مۇنچە چېنىقىپ، ئىسسىق- سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزگىنىمۇ يامان ئىش ئەمەسقۇ.
دەۋر- زامان بىزگە مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن ئىكەن ھامان بىز بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىساق بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن بۈگۈن قېچىپ قۇتۇلغان ئىكەنمىز ئەتە ھامان سورىقى بولماي قالمايدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى ياشلىرىمىز دەۋرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتىشى، ئويۇن- تاماشىغا بەرگەن زېھنىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ ئۆگىنىشكە سەرپ ئېتىشى كېرەك. ياش چوڭايغان چاغدا ئۆگىنىمەن دېيىش ئاقمايدىغان ئىش ئىكەن. |
|