- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4357
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
78.57%
|
بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 12:28
دىھقان خەقنىڭ ئىددىيسى بەكلا قاتمال، سىزمۇ ئوخشاشكە ...
نېمە سىز بەك ئىلغار ئوخشىمامسىز؟
مىنى سورىسىڭىز مەن ھەم دېھقان ھەم تىجارەتچى، ئاق ياقىلىق زىيالى. مەن تېرىقچىلىقمۇ قىلغان، پاكىزە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەپمۇ باققان، شۇڭا دېھقاننىمۇ-كادىرنىمۇ، شەھەرنىمۇ ھەم يېزىنىمۇ چۈشىنىمەن. بۇ يەردە مەن چۈشىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلىۋاتىمەن. سىز دېھقاننى قاتمال دەپسىز، توغرا، ئۇلار قاتمال بولۇشى مۇمكىن، ئىلغار بولاي دېسىمۇ بولغۇدەك پۇرسەت نەدە، سىياسەت نەدە؟ ئەشۇ «شودۈيجاڭ» لارنىڭ غوڭ- غوڭ ئاۋازىنى بىڭسىڭىز بولسا بېسىقتۇرۇپ بېقىڭە، ئەشۇ يوقۇرىنىڭ ئىلغار سىياسەتلىرىنى ئۆز پېتى دېھقانلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېقىڭە، شۇنى قىلالامسىز؟ دېھقاننى قاتمال دەپلا كېسىپ ئېيتىدىغان سىز قانچىلىك ئادەمتىڭىز؟ سىز شۇ دېھقان بەرگەن ئاشنى يەپ بۇ يەردە پو ئېيتىۋاتىسىز، ئەشۇ دېھقانلارنى ئىزىشكە كۆزىنى پاقىرىتىپ قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بار.
بۇ يەردە دېھقاننى ھاقارەتلەيدىغان سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق، دېھقاننى شۇنداق دېگەن ئىكەنسىز سىزمۇ چاغلىق ئىكەنسىز. بىزدە «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» دېگەن گەپ بارغۇ، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن گەپ- سۆزىڭىزگە دىققەت قىلىۋېلىڭ. دېھقاننى ھېلىغۇ سىز ئىكەنسىز ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۇنى- بۇنى دەپ ھاقارەتلەيدىغانغا ھەققى يوق! ھازىر پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا پارتىيىنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىۋاتىدۇ، رايونىمىزدىن 200 مىڭ كادىر تۆۋەنگە چۈشۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۋاتىدۇ، بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش. بۇنداق دېسەم سىز ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ يەردە بۇ گەپنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار دەپ. بۇ دەل سىز قاتمال دەپ ھاقارەت قىلىۋاتقان دېھقان مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئىش، ۋاقتى كەلگەندە بىرقىسىم ئۆزىنى شەھەرلىك چاغلاپ، ھالى يوغانلىق قىلىدىغان سىزگە ئوخشاش «ئىلغار» لارنىڭمۇ ھالىنى كۆرۈپ قالىدىغان كۈن پات كەلگۈسىدە كېلىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا كىمنىڭ قاتمال ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قالىمىز. |
|