- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3430
- نادىر
- 0
- يازما
- 285
ئۆسۈش
47.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anw8735 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-19 18:36
بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 12:07
سىنىڭ پۇقرالار توپىغا قارىتا بىر خىل كەمسىتىش خاراكت ...
ساڭا ئوخشاش بايلاردىن،ھوقۇقدارلاردىن نەپرەتلىنىپلا يۈرىشىدىغان تەييارتاپلار مۇشۇنداق تىمىلاردا ئۆزۈڭلارنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىپ كۆنۈپ قالغان!.بۇنى چۈشىنىمەن!!.
سەن كۆرگەن بۇتىما تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ياكى سوتنىڭ بايانى ئەمەس،ياكى جاۋاپكارلارنىڭ بايانىمۇ ئەمەس پەقەت دەۋاگەرنىڭلا بايانى!!.
بۇتىمىدىن مەلۇم بولۇشىچە جاۋاپكارلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەن،خوتەندىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنچىۋالا ۋىجدانىنى يوقاتقانمۇ؟، شۇنچىۋالا كادىر بىكارچىلىقتا ھىلە-مىكىر ئىشلىتىپ بىر ئاجىز دېھقانغا قايتا-قايتىلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ يۈرگەنمىدۇ؟!. يەنەكىلىپ رەقىپجەن دوختۇ ۋە ئۇنىڭ دوختۇرخانىسى خوتەندە خېلىلا تەسىرى بار كارخانا ۋە كارخانىچى،ھەم ساخاۋەتچى ھىساپلىنىدۇ. باشقىلارنىغۇ دىمەي تۇراي،رەقىپجان دوختۇرمۇ تىما ئىگىسىگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ يۈرگەنمىدۇ؟!.
بۇ دەۋانىڭ مۇشۇنداق كەينىگە سورىلىپ كىتىشىدە مىنىڭچە دەۋا تەلىپى ئەمەلىيەتكە ئويغۇن ئەمەس!،دەۋاگەر ئاشۇ ۋەقەنى ((پۇرسەت)) دەپ قاراپ مال-مۈلۈك ئۈندۈرىۋېلىپ تۇيۇقسىز بېيىپ كىتىش خىيالىدا بولغان!!.
ئەسكەرتىش:نەقىل قوبۇل قىلىنمايدۇ،پىكرىڭىز بولسا مىنى نەقىل قىلماي ئۇدۇل يېزىۋىرىڭ!!. |
|