- تىزىملاتقان
- 2013-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 226
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
75.33%
|
مەن كۆرگەن تۈركىيە
ھەسرىتىي
تۈركىيە ماڭا نىسپەتەن ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشنى ئارزۇلىغان، قەلبىمنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، تارىخى ئۇزۇن سەلتەنەتلىك، نامى مەشھۇر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تۈركىيە ھەققىدىكى نۇرغۇن مەلۇماتلارنى كىتاپ ۋە بارغانلارنىڭ پاراڭلىرىدىن كۆرۈپ ھەم ئاڭلىغان بولساممۇ لېكىن بۇ دۆلەت ماڭا تالاي قېتىم بارغاندەك تونۇش ھەم مىھىرلىك بىلىنىدۇ. بۇ يىل پۇرسىتى كلىپ، تۈركىيەنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم . دەرۋەقە تۈركىيە مەنزىرىسىنڭ زىيادە گۈزەللىكى، پاكىزلىقى، ئاجايىپ تارىخى مىراسلارنى ئۆزىگە يوشۇرۇپ ياتقانلىقى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىرات، ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.
2014 -يىلى 7- مارت كەچتە شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەت خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۈركىيەدە ساياھەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئايرۇپىلاندا ئالتە سائەتتىن ئارتۇقراق ئۇچۇپ ئىستامبول شەھرىگە كەلدۇق. ئىستامبول شەھرى ھەققىدىكى تەرىپ –تەھسىنلەرنى ۋەتەندە كۆپ ئاڭلايتتىم، ئىستامبولنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ شەھەرنىڭ ئاڭلىغىنىمدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇردىغانلىغىنى ھىس قىلدىم. ئىستامبول تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھرى ئىكەن، ئىقتىساد، پۇل – مۇئامىلە، مەدەنىيەت مەركىزى، ياۋرۇپادىكى ئەڭ گۈللەنگەن خەلقئارالىق شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغاندىن باشقا،تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھرى ھىساپلىنىدىكەن. تارىختا بۇ شەھەر ۋىزانتىيە ۋە كونستانتىپول دەپ ئاتالغان. ئۇ دۇنيادا بىردىن بىر ئىككى قىتئەگە، يەنى ياۋرۇپا بىلەن ئاسىياغا تۇتىشىدىغان شەھەر. بۇ شەھەر رىم، ۋىزانتىيە، ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان. تۈركىيە جومھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېين، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. ‹‹ئىستامبول-دىدىم كۆڭلۈمدە نىدا قىلىپ،-باغرىڭنى ئاچ، مەن كەلدىم››. ئىستامبول كۆز ئالدىمدا ئۇلۇغۋار سىيماسى بىلەن يۇلتۇزدەك چاراقلاپ يانماقتا ئىدى.
ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ھىلە نەيرەڭلىرى، قويمىچىلىقلىرى، يۇرۈش-تۇرۇشقا زىيادە چەك قويۇپ بىئارام قىلىشلىرى ھەققىدە گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقىمىكىن، بىزنى يېتەكلەپ بارغان ساياھەت شىركىتىگە گۇمانىي نەزەردە قارىغان ئىدىم. ئەمەلىيەتنى كۆرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ خاتالىقىنى تۈركىيە بارغاندىن كىيىن چوڭقۇر ھىس قىلغان بولدۇم .چۈنكى بىزنى ئېلىپ چىققان شىركەت دەل ئەكسىچە ئىدى.
ساياھەت يېتەكچىمىز دولقۇن ئوچۇق يۇرۇق، خۇش چاقچاق، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئىشلاردا ئىنتايىن ئەستايىدىل يىگىت ئىدى. ئۇ بىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېينى، ئىستامبول شەھرى، جۇملىدىن تۈركىيە چەميىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بىر قۇر ئەسكەرتىپ، ئادەتتە بىر خەلقئارا خەۋەردە كۆپ كۆرىدىغان تاكسىم مەيدانىنى ئىختىيارىمىزچە ئايلىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن ئتىبارەن تۈركىيەدىكى ساياھىتىمىز باشلىنىپ كەتتى.
ئون نەچچە كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا، مەيلى قايسى شەھەردىكى يېزىغا بارايلى، ھەرخىل ئىرقتىكى ساياھەتچىلەرنى، ھەرخىل مەدەنيەت تىپلىرى مۇجەسسەملەنگەن مەنزىرىنى كۆردۇق. مەيلى تاغ، مەيلى باغلىرى بولسۇن، شەھەر ياكى يزا بولسۈن يېشىللىققا، گۈل-گىياھلارغا بۈركەنگەن ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا يۈز ئاچتى.. ئۆتمۈش بەتلىرىنى ۋاراقلاپ تۇرغان نەچچە مىڭ يىللىق تۈركىيە تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلىق پاكىتلار دۆۋىسىدە ھاياتنىڭ ئاجايىپ سىر-ھىكمەلىرىنى سۆزلەۋاتقاندەك بىلىندى. قىسىقىسى،پۈتكۈل تۈركىيە زىمىنىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۈستى ئوچۇق دۇنياۋى موزىي، دىيشكە بولىدىكەن.
ساياھەت ئۆمىكىمىز تەركىبىدە ‹‹ئارمان›› مۇسۇلمانچە يىمەكلىكى سانائەت گوروھىنىڭ لىدىر ياردەمچىسى ئەكرەم، ‹‹ئارمان››گورھىنڭ شىمالى شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى پەرھات قاتارلىق 16 ئادەم بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ساپالىق، كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەردىن ئىدى. بولۇپمۇ ئارىمىزدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك بىر رەھبەرنىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتتۇرگەن كامران ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى، يەنى ھۆرمەتكە سازاۋەر ساخاۋەتچى ئوغلانىمىز ‹‹يېتىملەر ئاتىسى›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان نۇرتاي ھاجىمنىڭ قىزى كىلارەنىڭ ئۆز ئەجرىگە تايىنىپ ياشاش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى مېنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سەپىرىمدىن قىسقىچە بولسىمۇ خاتىرە يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرسى خېلىلا ئىمتىيازلىق رەھبەرنىڭ ئۇغلى، يەنە بىرسى بولسا رايۇنىمىزدىكى نامدار ساۋەتچى باينىڭ قىزى، ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىزادى ۋە ئىمتىيازى بىلەن خالىغاندچە ئويناپ كۈلۈپ ساھەت قىلسىمۇ ئىككى يېنىغا قاراپ قالمايدىغان بالىلار ئىدى. لېكىن ئۇلار تۈركىيە ساياھېتىنى ‹‹پۇرسەت›› دەپ بىلىپ بارغانلا يېرىدە سودا قىلىش ئىمكانىيتىنى ئىزدىدى. ھېرىپ چارچىشىغا قارىماي مۇۋاپىق باھادىكى پايدىسى ئوبدان ماللارنى ئىزدەپ، ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈردى. بۇ ھەركىتىدىن قاراپ، ئۇلارنىڭ توققۇزى تەل ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ. مەنمۇ بىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن تالاي ياشلارنى ئۇچراتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىھنى ئۆتكۈر، ئىشلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان تىرىشچان، ئىرادىلىك ياشلار خېلى كۆپ، لېكىن يەنە بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان يۆلىنىۋېلىش ئىددىيەسى كۈچلۈك، مەسئۇلىيەتسىز، تەييار- تاپلاردىن ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن. كوچا -كويلاردا لاغايلاپ يۈرگەن ياشلاغا‹‹بىكار يۈرگىچە ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ››دىسىڭىز،‹‹خىزمەت يوق›› دەپ بىر تالاي تارازىدا تۇرمايدىغان باھانىلەرنى كۆرسىتىپ زارلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىزمەت يوقمۇ ئەمەس. لېكىن ئۇلار دەۋاتقان خىزمەت دۆلەت مەمۇرلىقى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ خىزمەتتكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. ئۇ نىڭدىن باشقا، ۇلارنىڭ ھۇرۇنلۇقى، بولشاڭلىقى، ئەسلىدىمۇ غورىگىل ياشاۋاتقان ئاتا-ئاتا ئانىلارنى پارازىت قۇرتلاردەك غاجاپ خورىتدىدۇ. ئۇلار ھلال ۋە مىھنەتلىك ياشاشنىڭ ئۇرنىغا ئاتا –ئانىسىنى مەڭگۈللۈك قۇل ئورنىدا كۆرۈپ، تەمەخورلۇق بىلەن ياشايدۇ. بۇ ئىككى ياشنى يازمامدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىم ئەھمىيەتلىك كارتىنىلار ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئويلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بەزى قەلەم ئەھلىلىرىدەك يىگەن- ئىچكەندىن تارتىپ، ئويۇن-تاماشالىرىغىچە يېزىش يازمامنىڭ نىشانى ئەمەس. تۈركىيە ياشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئانا يۇرتىمىزدىن ئون نەچچە مىڭ كىلو مېتىر يىراقتىكى تۈركىيە زىمىنىدا ھايات كەچۈرۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالىتىنى يۈزەكى بولسىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈش يازمامنڭ ئاساسىي مەزمۇنىدۇر. مەن ئۇچراتقان تۈرۈك ياشلىرى خۇددى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كامىران بىلەن كىلارەدەك ئىشچان، مەغرۇر ئىدى. تۈرك ياشلرىنىڭ مەيلى ئاشپۇزۇل، مېھمان ساراي ياكى يۈك تاق چۈشۈرۈش ئورۇنلىرىدا ئىشلىسۇن چىھرىدىن ئىشەنچ، غورۇر، ۋۇجۇدىدا قەيسەرلىك ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردۇم. تۈرلۈك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان يكى قارا ئىشلرنى قىلىدىغان تۈرك ياشلرىنىڭ كىيملىرىنىڭ رەتلىك، پاكىزلىقىغا قاراپ، بىزنڭ بۇ يەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرقى كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن خىزمەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئېگىز-پەسلىكى يوق. خىزمەتنى قىلىش ئارقىلىق قىممىتىنى ئىپادىلەش ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى.ئۇلار باشقىلارغا ئەمەس ئۆزىگە تايىنىپ ياشىغانلىغىدىن ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدۇ. ئەمما مۇشۇلار بىلەن بىر زىمىندا ياشاۋاتقان، نەپەس ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىچۇ؟
ۋەتەندىن تىجارەت بىلەن چىقىپ ئىستامبولدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ھەمراھىمنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىستامبول شەھەر مەركىزىگە ئون نەچچە كىلو مىتىر كېلىدىغان، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشلان زەيتۇن بورنو رايۇنىغا قاراپ يولغا چىقتۇق، بىز ئەگرى بۈگرى يوللاردىن ئايلىنىپ بىر يەردىن ئۆتىۋاتقاندا يېنىمدىكى ھەمراھىمغا:
-ئەپەندىم زەيتۇنبورنۇدىن ئۆتۈپ كەتتۇققۇ دەيمەن؟- دىدىم. ھەمراھىم ھەيرانلىق بىلەن:
-ۋوي سىز تۈركىيەگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم دىگەندەك قىلىۋېدىڭىز، ئەجىبا بۇ يەرنى بىلىدىكەنسىزغۇ؟ بۇ يەر راستىنلا زەيتۇنبورنۇ ، مەن پىكاپنى ئالدىغىراق توختىتاي دىگەن ئىدىم.ـ دىدى.
تۈركىيەگە ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىم كېلىشىم ئىدى. زەيتۇنبورنونى چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن، بىراق 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىردا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ‹‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام›› دىگەن پوبلىستىك ماقالىسىدا تىلغا ئالغان رومۇنىيە ھەققىدىكى تەسىراتىدا:‹‹بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تولىمۇ باي-باياشات، قائىدە – يوسۇنلۇق، ئالاھىدە دەرىجىلىك پىكاپلارنى ھەيدەپ، داڭلىق ماركىلىق كاستۇم-بۇرۇلكىلارنى كىيىپ، پىل چىشىدىن ياسالغان تارغاقلاردا چاچلىرىنى تارىشىپ يۈرسىمۇ، ۋەتەن ئىشقىدا سارغايغان چىرايىدىن بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ›› دىگەن ئىدى. بو يەردە بولسا تەسۋىردىكى‹‹سارغايغان››چىرايدىن باشقا، مەدىنىيلىك ھالەتنىڭ ئىزناسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. ئىستامبولنىڭ ھەرقانداق كوچىسىنىڭ، باغچىسىنڭ، ئاشپۇزۇللىرىنىڭ ئىنتايىن پاكىز، گۈل گۈلىستانلىق زىمىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىملا ئەمەس ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمما مۇنۇ زەيتۇن بورنونىڭ ھالىتى ئىستامبولنىڭ باشقا كوچاـ كويلىرىدىن پاسكىنىلىقى، قالايمىقانلىقى بىلەن رۇشان پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئىھتىمال زەيتۇنبورنومۇ بۇرۇن گۈزەل، مەنزىرىلىك جاي بولىشى مۇمكىن، ئەمما ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەر ئەسلىدىكى گۈزەل ھالىتىنى تامامەن يوقاتقان ئىدى.
ھۆكىمەت بەرپا قىلغان فونتانلار كاردىن چىققان، چىملىقلارمۇ ئاساسەن قۇرۇپ كەتكەن، چېنىقىش ئەسلىھەلىرى، ئورۇندۇقلارمۇ بوزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان ئاشخانىلار باشقا يەردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىق ھالدا تاملىرى ئىس-بۇستىن قارىداپ كەتكەن، ئىشلەۋاتقان ئادەملىرىمۇ مەينەت چىراي ئىدى. بۇزۇق فونتاننىڭ ئەتراپىدىكى 30 سانتىمىتىر ئىگىزلىكتىكى تامنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ يوغان كۆكسىنى چىقىرىپ بېزەڭلىك بىلەن بالا ئىمىتىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز، ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان، ساقىلىنى يېرىم مېتىر ئۆستۈرۈپ كىر قاسماق ھالەتتە لەلەڭشىپ يۈرگەن، ياپياش ئەر قېرىنداشلىرىمىز ئىچىمىنى ئاچچىق قىلدى. ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى 10-20 سانتىمىتىر كېسىپ قىسقارتىۋېلىپ يىگەن- ئىچكەن ھەرخىل تائاملىرىنىڭ چاچراندىلىرىدىن مايلىشىپ ئادەم قارىسا يىرگەنگىدەك بولۇپ كەتكەن كۆڭلەك مايكىلار بىلەن ئۆتكەن كەچكەنلەرگە مولۇندەك قارىشىپ ئولتۇرۇشقان ئاشۇ چۈشكۈن، ئۈمۈتسىز كىشىلەر مېنىڭ ۋەتەنداشلىرىم ئىدى. زەيتۇنبورنۇغا بۇرۇن كەلمىگەن بولساممۇ ئاشۇ كۆرۈمسىز مەنزىرە، رەزگى ھالەتلەر زەيتۇن بورنۇنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىۋىلىشىمغا يېتىپ ئاشاتتى.
زەيتۇنبورنۇدىن كۆڭلۈم غەش ھالدا شەھەر مەركىزىگە قايتىپ ھەمراھىمنىڭ ئىستامبول شەھەرلىك ئادالەت مەھكىمسى( بىزنىڭ بۇ يەردىكى يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى دەرىجىلىك) دە ئىشلەيدىغان بىر دوستىنىڭ داستىخېنىغا داخىل بولدۇق. بۇ كىشى تولىمۇ ئوچۇق سۆزمەن ئادەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەن. ئۇ تاماق ئارىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق، تىرىشچان، مىھماندوست خەلق ئىكەنلىكىنى بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەگەكېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە ياخشى تەسىر بەرمەيۋاقانلىقىدىن ئاغرىندى.
ئۆتكەندە بىر دىلونى بېجىرىۋېتىپ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ھىس قىلدىم- دىدى ئۇ پاراڭ ئارىلىقىدا.-بىرقانچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىستامبول شەھرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ئېتىشىپتۇ، ئارىدىن بىرى نەخ مەيداندا ئۆلۈپتۇ، بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ سەۋەپچىسى ئازغىنە پول ئىكەن.
ئۇ يەنە ۋەتەندىن تۈركىيەگە‹‹ئوقۇيمىز›› دەپ كەلگەنلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىنى، ئەرزان ئۆي تېپىپ بېرىش باھانىسى بىلەن خالىي جايغا ئالداپ ئاپپىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى بۇلايدىغانلىغىنى؛ بەزى قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ئەر ئىزدەپ تىلۋىزىيە ئىلانلىرغا چىققانلىقىنى، ئىپپەت نۇمۇسىنى ساتقانلىقىنى،بەزى ئۇيغۇر ياشلىرنىڭ زەھەر سېتىپ ھەم چېكىپ دېڭىز ساھىلىدا قېتىپ قالغانلىغىنى، بەزىلىرىنىڭ ھورۇنلۇق تۈپەيلىدىن ئىش خوشياقماي، ئاخىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيە جەميىتىگە خېلىلا ئېغىر بېسىم ۋە سەلبى تەسىرئېلىپ كەلگەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ بۇ ھالەتكە تولىمۇ ئېچىنىدىغانلىنى سۆزلىدى. بۇ ئادەم راست گەپ قىلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىپ ئاغرىغانلىغىنى ھىس قىلدىم. بۇ ھالەتلەرگە نىمە دىگۈلۈك قېرىنداشلىرىم؟ مەنمۇ بىر ئۇيغۇر، بۇ قىلمىشلاردىن يۈزۈم قىزاردى. خىجىل بولدۇم. تۇنجى قېتىم ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن نۇمۇس ھىس قىلدىم. چۈنكى ئۇلار تىللاپ تۇرۇپ سۆيىدىغان، تىللاپ تۇرۇپ يۈرىكىمنى بېرىدىغان خەلقىمىڭ پەرزەنتلىرى ئەمەسمىدى.
دەرۋەقە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردا چەتئەل قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. كۆپۈنچە ئادەملىرىمىز بالىلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتماقچى، ياكى ئۆزىنىڭ چەتەلگە چىقماقچى بولغانلىغىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاتىلارنىڭ ‹‹ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت››دىگەن ھىكمىتىنى ئۇنتىغان بولسا كېرەك. ئۆز يۇرتىدا تىرىشىپ بىرەر ئىشنىڭ ئېپىنى قىلالمىغان ئادەم قانداقمۇ يات بىر ئەلدە ئالاھىدە ياشاش پۇرسىتى تاپالىسۇن دەيسىز.؟ چۈنكى سىز بارغان شۇ دۆلەتنىڭمۇ پۇل تېپىشقا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان، ئىش تاپالمايۋاتقان مىڭلىغان پۇخرالىرى بار. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز پۇخرالىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولىشىڭىزدىن قەدئى نەزەر چەتئەلدە سىز يەنىلا 2-3-دەرىجىلىك پۇخرا ھىساپلىنىسىز. باشقىنى قويۇپ يېنىمىزدىن مىسال ئالايلى. ناھايتى باي بىر تۇققىنىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھەپتە تۇرۇپ بېقىڭ، ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغا بارمايلا سىز چوقۇم چىنە قاچىلارنىڭ ئۈنلۈك چاراڭلاۋاتقانلىقىنى، ئەر خوتۇن پەرزەنت ئارىسىدا دەر تالاش دارىتمىلاشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز.
دىمەك بىز چەتئەلگە چىقساق بولىدۇ. بىراق يولدىن چىققان پەرزەنتىمىزنى‹‹ يول تاپسۇن›› دەپ چىقارماسلىقىمىز، زەھەرگە ئۈگەنلەرنى‹‹چەتئەلدە تاشلاپ كىرسۇن ››دەپ چىقارماسلىقىمىز، تاپتىن چىققان قىزلىرىمىزنى‹‹ئوقۇش››باھانىسىدە تېخمۇ چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتەرمەسلىكىمىز لازىم. قىسقىسى،ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش ئارزۇسى بار،دەۋر تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلاشقان، چىدامچان، غەيرەتلىك پەرزەنتلىرىمىزنى چىقارساق، نۇرمال تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، جاپاغا چىداشلىق، ھالال ياشاش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئادەملىرىمىز چىقسا، ھەممىمىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلىق ھەركىتى ئارقىلىقمىللىدتىمىزنڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى، ئەخلاق پەزىلىتىنى، گۈزەل ئۆرپ ئادىتىنى شۇ ئەللەرگە تونۇشتۇرساق، بىزمۇ بارغانلا يېرىمىزدە لەنەتكە كۆمۇلمەستىن، ھۆرمەت تونلىرىغا ئورىلار ئىدۇق.
مۇشۇ پەيتتە چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئىستامبولدا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ؛ قېرىندىشىم سىزنىڭ يات ئەللەردىكى بىلىپ بىلمەي قىلغان ھەربىر ئىش-ھەركىتىڭىز نۆۋىتىدە ئۇيغۇردىن ئىبارەت پۈتكۈل قەۋمگە ۋەكىللىك قىلىپ قالىدۇ.‹‹بىر كالىنىڭ پوقى مىڭغا››بولۇپ قالمىسۇن. بىزدە يەنە ‹‹ياخشى ئىت ئۆلىكىنى كۆرسەتمەپتۇ››دەيدىغان ياخشى تەمسىللەر بارغۇ. كىشىلەرنى يىرگەندۇردىغان زەئىپ پىسخىمىز، ناچار ئادەت، ئادىمىيلىككە يات بولغان قىلمىشلىرىمىز ھەممە يەردە‹‹چاۋىسىنى چىتقا يايمىسۇن››: ‹‹ئەركىن دۇنياغا چىقىۋالدۇق››دەپ خالىغىنىڭىزنى قىلىپ بەد بەشىرە ھالىتىڭىزنى نامايەن قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ نوقۇل بىرلا ئۇيغۇر ئەمەس ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چىركىن، رەزگى ئادەتلىرىمىز بىلەن ھەممە يەرنى سېسېتىپ بولساق، تاڭلا ئەمەس ئەتە سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن پۇت قويغىدەك يەر تاپالماي قېلىشىمىز مۇمكىن. سىزنىڭ مۇشۇنداق ھەسرەتلىك كۆرنۈشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققۇچى، بىر قەۋمنىڭ نۇرانە ئوبرازىغا گەندە سۈرتكۈچى بولغىڭىز يوقتۇ.
ئەي سۆيۈملۈك ئۇيغۇرۇم، زاتى- نەسلىڭىز شۇنداقمىدى؟ كىم ئىدىڭىز، كىمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىسىز؟ قەيەرگە بارساق مەدەنىيلىكىمىز، قائىدىۋىيلىكىمىز، پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىمىز بىلەن ئىززەتلىنىدىغان. ھۆرمەت تۆرىگە باشلىنىدىغان قەۋمىمىز سىلەردەك بىر ئۇچۇملار سەۋەبىدىن ھۆرمەت ئىمتىيازدىن ئايرىلىپ قالمىسۇن. ئۇر ئۇرغا قالغان چاشقاندەك جاي- جايلاردىن قوغلانمىسۇن، ئويلانغايسىز سۆيۈملۈك قېرىندىشىم.
-ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتى بىلەن‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››دىن باغداش تورىغا يوللاندى.
|
|