- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 735
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
47%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ، سەبرى قىلىڭ .
ئىككىمىزنىڭ مەزھەب توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىز ئوخشىمايدىكەن .
سىز مەزھەبنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھەم شۇ مەزھەبنىڭ دىنى ئەقىدىسىنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ، ئۆچ بولۇپ ئىنكار قىلغىنىڭىز خاتا . چۈنكى مەزھەبكە ئۆچ بولغىنىڭىز ، خۇددى بىزگە ئىلىم بەرگەن ئالىم - ئۇستازلىرىمىزغا ئۆچ بولۇپ ، ئۇلارنى دەلىلسىز ۋە قارا - قويۇق ئىنكار قىلغىنىمىزغا ئوخشايدۇ .
سىز ئۆچ بولىۋاتقان سۈننى مەزھەبى ، ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەدىن ئىبارەت ( ھەنەفى ، مالىكى ، شافىئى ۋە ھەببەلىدىن ئىبارەت ) تۆت تارماق مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ تۆت مەزھەب تۆت مۇجتەھىد ئالىمنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ .
مەسىلەن :
ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەنىڭ تۆت مەزھەب دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق : پەيغەمبەر سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ : « يەھۇدىلار 72 پىرقىگە بۆلۈنىپ كەتكەن ، مېنىڭ ئۈممىتىم پات ئارىدا 73 پىرقىگە بۆلۈنىپ كېتىدۇ ، ئۇلارنىڭ 72 پىپىرقىسى دوزاقققا ، بىر پىرقىسى جەننەتكە كىرگۈچىدۇر - دېگەن . ساھابىلەر : ئى اللەنىڭ ئەلچىسى جەننەتكە كىرگۈچى بىر پىرقە قايسى - دەپ سورىغاندا ، ئۇ ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائە » - دېگەن ھەدىسىنىڭ دەلىلى بىلەن ، ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائە بىر پىرقە . مۇشۇ پىرقىغا تەۋە بولغان ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ، ئىمام مالىك ، ئىمام شافىئى ، ئىمام ئەھمەد ھەمبەلى ( اللە بۇ زاتلارغا رەھمەد قىلغاي ) قاتارلىقلار بولسا ، ئىسلام دىنىمىزدىكى مۇجتەھىد ئالىملاردۇر ، بۇ ئالىملار ھاياتلىقىدا نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن . مەسىلەن : ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھى بىرەر مەسىلىگە پەتۋا بەرمەكچى بولسا ، مىڭدىن ئارتۇق شاگىرتىنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ، ئاندىن ھۆكۈم قىلارىكەندۇق . ئۇنداقتا ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللە ئەلەيھىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى مىڭدىن ئارتۇق شاگەىرتىنىڭ ھەربىرسىنىڭ يەنە قانچىلىك شاگىرتى بولۇشى مۇمكىن ؟ ~ 1300 يىلدىن بۇيان يەنە قانچىلىك كېڭەيگەن بولۇشى مۇمكىن ؟ مۇشۇ كېڭەيگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھىنى تەۋھىدتەچىڭ تۇرغان ، ئايەت ۋە ھەدىسنى توغرا پەمھى قىلىپ ، توغرا تەدبىقلاپ ، توغرا ئەقىدىنى ئۆگەتكەن ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى نۇقسانسىز ھالدا ئەڭ توغرا ئۆگەتكەن ئەھلى تەۋھىد ئۇستازىمىز - دەپ ئىشىنىپ ، شۇ ئۇستازنىڭ ئۆگەتكەن توغرا ئەقىدىسى ئاساسىدا اللەقا قۇلچىلىق قىلىمىز ، اللە ۋە پەيغەمبەر سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرىغانلىرىنى بەجا كەلتۈرىمىز ، چەكلىگەنلىرىدىن يانىمىز .
دېمەك ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللە ئەلەيھى بىز ھەنەفى مەزھىبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۇستازىمىز . بىزگە مۇشۇ ئۇستازىمىز ئايەت ۋە ھەدىسنى قانداق تەپسىر قىلىشنى ، قانداق تەدبىق قىلىشنى ، شۇنداقلا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى قانداق ئىجرا قىلىپ ، اللەقا قۇلچىلىق قىلىپ ، سۈننەتكە ئەگىشىشنى ئۆگەتكەن بولسا ، ... شۇ بويىچە اللەقا قۇلچىلىق قىلىپ ماڭىمىز .
ئەمدى قالغان ئۈچ ئىمامنىڭ تا قىيامەتكىچە بولغان شاگىرتلىرىمۇ ئۆز ئۇستازىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىپ ، اللەقا ئىبادەت قىلىدۇ . بۇ تۆت ئىمام بولسا ، بەزىسى بىر دەۋىردە پىكىر ئالماشتۇرغان ، بەزىسى بولسا ، ئىلگركى ئىماملارنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ئۇستاز - شاگىرتلىك مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، پىكىر بىرلىكىدە بولغان ، پەقەپ قىسمەن شاقچە مەسىلىلەرنى دەلىللەشتە بىرىنىڭكىدىن يەنە بىرىنىڭ دەلىلى كۈچلىكىرەك بولغان . دىمەك كىيىنكى ۋاقىتلاردا مۇشۇ تۆت مۇجتەھىد ئالىمنىڭ شاگىرتلار توپى مەزھەب دىگەن نام بىلەن ئاتالغان . ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلار باشقا مازھەبلەردەك بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ چىققان مەزھەبلەر ئەمەس بەلكى بىر سەپتىكى تۆت مۇجتەھىد ئالىمنىڭ ئىجتىھاتىغا ( ئۆگەتكەن يولىغا ، بەرگەن بىلىمىگە ئىشىنىپ ) ئەگىشىپ ماڭغان شاگىرتلار توپلىرىدىنلا ئىبارەت . بۇ شاگىرتلار توپىنىڭ غولى بىر ( يەنى ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتتىن ئىبارەت ) . لېكىن بۇ تۆت مەزھەبنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىرىنسىپى ، ئەقىدىسى بىر بولغىنى بىلەن ، شاقچە مەسىلىلەردىكى ئوخشىماسلىقلارنى توغرا - دەپ تەستىقلىغان بىلەن ، ئەمىلىيەتتە بىر مەزھەبتىكىلەر ئۆز ئۇستازى كۈچلەندۈرۈپ ئۆگەتكلىرىنىلا قىلىش . تۆت ئۇستازنىڭ ھەممىسى توغرا ، ھەممىسى پەيغەمبىرىمىز قىلغان ئىشلار - دەپ قاراپ ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىك . ( بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ) .
ئەمدى ۋەھھابىيلار پىرقىسىغا كەلسەك ، بۇ پىرقىنىڭ ئۇستازى مۇھەممەد بىننى ئابدۇۋەھھاب بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچى شاگىرتلار توپى ۋەھھابىلار پىرقىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . مۇھەممەد بىننى ئابدۇۋەھھابنىڭ ئەقىدە ئىجتىھادىنىڭ زور بىر قىسمى ، ئەھلى سۈننى ۋەل جەمەئەتتىن ئىبارەت تۆت مەزھەبنىڭكىگە تۈپتىن قارىمۇ - قارىشى بولۇپ ، خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ . شۇڭا ۋەھھابىلار ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىمىز دېگىنى بىر قۇرۇق گەپ بولۇپ ، ئەمىلىيەتتە ئۇ تۆت مۇجتەھىد ئالىمنىڭ ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە ئۆزگەرتىپ ، مۇھەممەد بىننى ئابدۇۋەھھابنىڭ ئەقىدىسىگە بوي سۇندۇرىمىز - دېگەندىنلا ئىبارەت - خالاس . ئۇنداقتا ۋەھھابىيلار سۈننى مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلارنى : « سىلەرنىڭ مەزھەبكە بۆلۈنگىنىڭلار خاتا ، شۇڭا ئۇستازلىرىڭلارنىڭ ئىجتىھادىنى تۇتماي ، مۇھەممەن بىننى ئابدۇۋەھھابنىڭ ئىجتىھادىغا بوي سۇنىڭلار » - دېسە ئەقىلغا سىغامدۇ ؟ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا ، سىز قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر دېگەندە : « مەزھەبنى يوقۇتۇپ ( ئۇستازلار ئۈگەتكەننى تاشلىۋېتىپ ) ، قۇرئان ۋە ھەدىس بولغاندىكىن ئۆزىمىز ئۆگىنىپ ، يول تېپىپ ماڭساقلا ئازمايمىز - دېگەن گەپمۇ ئەقىلغا سىغمايدۇ . چۈنكى ئەشۇ مۇجتەھىد ئالىملار اللە يولىدا بىر ئۆمۈر ئەجىر قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن تەييار توغرا يولنى پەملىيەلمەي ، ۋەھھابى ۋە يەنە بىرنىمىلەرگە ئېغىپ پىتنىگە سەۋەپ بولىۋاتقان مۇسۇلمانلار . قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ، بىرلىككە كەلگەن توغرا يول تېپىپ مېڭىشى تېخىمۇ ناتايىن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم . سىز - ھەنەفى ، مالىكى ، شافىئى ، ھەمبەلى مەزھەبلىرى بولامدۇ ، ياكى ۋەھھابى مەزھىبى بولامدۇ ، ياكى شىئە ،ياكى باشقا بىرنىمە مەزھىبى بولامدۇ ، قايسى بىرىگە ئەگەشسىڭىز سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز ، لېكىن بىلىپ ئەگىشىڭ ، چۈنكى مۇشۇ مەزھەبلەردىن خاتاسىنى تاللىۋالسىڭىز زىيان تارتىدىغىنىڭىز ئېنىق .
مەزھەبنى يوقىتىمەن دېيىش ، بەلكىم ، ۋەھھابىلارنىڭ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ئىچىشتەك قۇرۇق خىيال بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى پەيغەمبەر سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسىنىڭ دەلىلى بىلەن مەزھەبلەرنىڭ يوقۇلىشى ، ھەممە كىشىنىڭ بىرلا ئىسلامنىڭ توغرا يولىدا بولۇشى ، پەقەت ئەيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندىن كېيىنلا شەكسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ . ...
يەنە بىر مەسىلە ، ۋەھھابىيلاردەك باشقا مەزھەبتىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتىگەرچىلىك قىلماڭ . زىدىيەت كېلىپ چىقىدۇ . نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دىنى بۆلۈنىش ، پىتنە - پاسات ، تەپرىقىچىلىقلارنىڭ ھەممىسى ، ۋەھھابىلارنىڭ ھەنەفى مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان - ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىپ ، ئىش ئۆگىتىپ ، ئاتىگەرچىلىك قىلىپ ، قاتتىق ئەيىپلەشلىرىدىن كېلىپ چىقماقتا . ئەسلىدە ۋەھھبىلارنىڭ ھەنەفى مەزھىبىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىش ئۆگىتىپ ئاتىگەرچىلىك قىلىشقا قىلچىمۇ سالاھىيىتى يوق . ئۇ ئازغۇنلار ئۆزلىرىنى بىلسە بولاتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن ۋەھھبىلار سۈننەتنى تىرىلدۈرىمىز - دەپ ، سۈننى مەزھەبتىكى تۆت ئىمامنىڭ « ھەممىسى توغرا ، ھەممىسى ئۆز جايىدا توغرا » - دېگەن پىرىنسىپىنى بۇزۇپ ، پەيغەمبەر سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلغانلىكى ئىش ھەركەتلەرنى سورۇن تاللىماي ، ئارىلاشتۇرۇپ قىلىش ئارقىلىق بىلەرمەنلىك قىلىپ ، زىديەت تېرىماقتا . مەسىلەن : نامازدا پۇتىنى كېرىپ تۇرۇش ، رۇكۇغا بارغاندا ۋە يانغاندا قولىنى كۆتۈرۈش ، سۈرە فاتىھەدىن كېيىن ئامىننى ئۈنلۈك توۋلاش ... قاتارلىقلارنى تىرىلدۈردۈم - دەپ قاراپ قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ھەنەفى فىقھىسىدە مۇقىملاشتۇرۇپ بەرگەن ، جەمائەتلەر ئەزەلدىن ئەڭ ئومۇملاشقان ، ئەڭ توغرا قىلىپ كېلىۋاتقان سۈننەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق زىدىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتماقتا . ...
شىئەلەرنى ماتىرىياللاردىن كۆرگەيسىزلەر .
قىسقىسى ، مەزھەبنى ئېتىرىپ قىلمىغانلىق - ئۇستازىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتۇر . ئىمام نامازنى قانداق شەكىلدە ئوقۇغان بولسا ، ئىقتىدا قىلغۇچىمۇ شۇنداق شەكىلدە ئوقۇمايدىكەن ، ئۇ ئىمامغا ئىقتىدا قىلمىغانلىق ، جەمائەت نامىزىدىن ئايرىلىپ قالغانلىق ، ئىمامنى ياراتمىغانلىق ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ كىبىر قىلغانلىق بولۇپ ، ساۋاب تېپىش تۇرماق ، بەلكى ئۆزىگە گۇناھ تېپىۋالغانلىق بولىدۇ .
ئاخىرىدا بۇ مەسىلىلەردە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىسى بارلار تۈزىتىش بېرىشىڭىزلارنى ئۆتۈنىمەن . اللەقا ئامانەت |
|