قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2885|ئىنكاس: 10

ياپونچىدىن تەرجىمە: بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2840

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 651
توردىكى ۋاقتى: 778
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 13:46:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئەخلاقنى ئۆگىنىش __ قەلبنىڭ كۈتكۈچىسىنى ھازىرلاشتۇر



(ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلەنگەن لېكسىيە)

ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نىكۇ


         كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم «بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق» مەسىلىسىدۇر. بۇ ھەقىقەتەن توختالماق قىيىن مەسىلە، ئەمما بۇنىڭ مەزمۇنى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەخلاق بۆلەكلىرىدە تولىمۇ مۇھىم.  مەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپچىلىك چۈشەنگۈدەك قىلىپ سۆزلەشنى ئويلىشىمەن.
      بىز ئالىي مەكتەپتىمۇ، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتوتىدىمۇ پەلسەپە ئۆتىدىغان بولغاچقا، پەلسەپەنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر نەچە ئېغىز توختالغاندىن كېيىن، ئاسسى تېما بولغان "بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق" ھەققىدە سۆزلەشنى توغرا تاپتىم.
       كۆپچىلىك گىرىتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى سوقراتنى بىلىشى مۇمكىن. سوقرات ئىسىملىك بۇ ئادەم پەلسەپە دەپ ئاتىلىدىغان ئىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ئىلىم ئىنگىلىز تىلىدا «philosophy» دەپ ئاتالسىمۇ، بۇ گىرىك تىلىدىكى «philosophia»  دېگەن سۆزنى مەنبە قىلغان. گىرىك تىلىدىكى پەلسەپە دېگەن نام ياپونچىغا  «tetugaku»  (哲学)  دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنى ياپونچىغا تەرجىمە قىلغۇچى نىشى ئامانې (西周) ئىسىملىك ئادەم بولۇپ، بۇ ئادەم ئېدو دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرى (1862 - يىلى) گوللاندىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان، مېيجى دەۋرىنىڭ باشلىرى(1870 - يىلى) ھۆكۈمەتتە كۆزگە كۆرۈنۈپ، جانلىق پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللانغان. خەنزۇچە خەتنىڭ ۋەتىنى بولغان جۇڭگودىمۇ مۇشۇ ئادەمنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن «哲学» دەپ ئاتاپ كەلگەن.
       پەلسەپە دېگەن نېمە؟ سوقرات بۇنىڭغا ھەممە ئادەم چۈشىنەلەيدىغان بىر ئۇسۇل ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن. مەن ئۇنى سۆزلەپ ئۆتىمەن. ئەلۋەتتە، سوقراتمۇ بىر ئالىم بولغاچقا ئۇنىڭ ئالىملارغا قارىتىلغان چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ بار، ھالبۇكى ئەينى دەۋردىكى گىرىتسىيەلىكلەرگە ئاددىي، سىڭىشلىق ئىبارىلەر ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىلگەن. مەن ھازىر سىلەرگە ئۇنى سۆزلەيمەن.
     سوقرات مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەر كۈنى بەدىنىڭلارنى كۈتۈش بىلەن قالىسىلەر، مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالەتتە بولسۇن شۇنداق قىلىسىلەر.» نېمىشقا ئۇنداق دەيدۇ دېسەڭلار، مەسىلەن، ئەتىگىنى ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ يۈزۈڭلارنى يۇيىسىلەر، ئەتىگەنلىك تاماق يېيسىلەر، قورسىقىڭلار ئاغرىغىدەك بولسا دوختۇرنى ئىزدەيسىلەر، قىزىتپ قالغاندەك ھېس قىلساڭلار ھازىر تېرمومېتر بولغاچقا ئۆلچەپ كۆرۈسىلەر، 37 گىرادۇسنىڭ ئالدى - كەينىدە بولسا خاتىرجەم بولغىنىڭلار بىلەن، 39 گىرادۇس چىقىپ قالسا چاتاق چىقىدىغان بولدى، دەپ ئويلايسىلەر. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنىسىلەر ياكى دورا ئىچىسىلەر.
       مۇنچىغا چۈشۈش، ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش، ياخشى ئۇخلاش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بەدەننى كۈتۈش ھېسابلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن، ئوزۇقلىنىشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىمىسا بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تىببىي چۈشەنچىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. سىلەر مۇشۇ ئاساستا بەدىنىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىلەر، بۇ دەل سوقراتنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش «بەدەننى كۈتۈش» ھېسابلىنىدۇ.
         سوقرات مۇنداق دېگەن: «سىلەر بەدىنىڭلارنى كۈتكەنگە ئوخشاش، ھەر كۈنى قەلبىڭلارانىمۇ كۈتەمسىلەر؟" قەلبنى كۈتۈش، بۇ بەك مۇھىم ئىش. سوقرات قەلبنى كۈتۈش ياكى «روھىيەتنى كۈتۈش » بولسا پەلسەپەدۇر دېگەن.  شۇڭا، دەل بەدەننى كۈتۈش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تىببىي ساۋاتلارغا مۇھتاج بولغىنىمىزدەك، قەلبنى كۈتۈش ئۈچۈنمۇ مۇھەييەن دەرىجىدىكى ساۋاتلارنى بىلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا، ئەخلاق ئۆگىنىش بولسا قەلبتىن خەۋەر ئالىدىغان كۈتكۈچىنى ھازىرلاشتىن دېرەك بېرىدۇ.
«بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق» دېگىنىمىز بىر تېما بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېساب ئىلمىدە ئالاھىدە تەتقىق قىلىنىدىغان تېما ئەمەس. تارىختىن بۇ ھەقتە توختالغاندىكى ئەمەلىي مىساللارنى ئىزدەپ كۆرسەكمۇ «بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق دېگەن نېمە؟» دېگەننىڭ تېما سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىمايمىز. گەرچە بۇ يەردە تەبىئەتتىكى بىللە ياشاش ئەمەلىي مىساللىرىنى ئىزدىسەكمۇ، ئەمما ئۇ خىلدىكى "بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق" نى ئاساسى تېما سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلمايمىز. شۇڭا، بۇ يەردىكى «بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق» ھەققىدە پىكىر قىلىشنى «قەلبنى كۈتۈش» ئۈچۈن بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىركىم سىلەردىن «پەلسەپە دېگەن نېمە؟» دەپ سوراپ قالسا، پەلسەپە دېگەن قەلبنى كۈتۈشتۇر، دەپ جاۋاب بەرسەڭلار بولىدۇ. بەدەننى كۈتۈشمۇ تەنتەربىيەشۇناسلىق، تەنھەرىكەت تىبابىتى دېگەندەك ئىلىملەرنىڭ ئوبيېكتى بولىدۇ، ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىمۇ ئۆگەنمىسەك بولمايدىغان بىلملەر بار. قەلبنى كۈتۈش، روھىيەتنى كۈتۈش دېگەنلەرمۇ ئالىي مەكتەپتىكى پەلسەپە ئۆگىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ھەرقايسى ياش قۇرامدىكىلەرنىڭ، ھەرقايسى كەسىپتىكىلەرنىڭ ماس ھالدا ئۆز  قەلبىنى كۈتۈشىنى تولىمۇ مۇھىم دەپ ئويلايمەن.
بىللە ياشاش دېگەن نېمە؟ ھەمكارلىق دېگەنچۇ؟
          ئەمدىكى تېما «بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق» بولىدۇ. «بىللە ياشاش» چۈشەندۈرۈش تولىمۇ تەسكە توختايدىغان سۆزدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا «بىللە ياشاش» دېگەننى «ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش» دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ قەدىمدىن بار سۆزدۇر. بۇ ھەقتە كىشىلەر قەدىمدىن تارتىپ ئويلانغان. نېمىشقا دېسىڭىز، ئادەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن باشقا ئادەملەر بىلەن ئورتاق ياشىمىسا بولمايدۇ. شۇنداقلا يەنە ھايۋانلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ياخشى مۇناسىۋەتتە بولمىغاندا، ئۇلارنى يەپ تۈگىتىۋېتىشتەك ھادىسە يۈز بېرىپ قالىدۇ. ئادرملەر ھايۋانلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ ، ئەمما ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە يېيىشى زۆرۈر بولىدۇ. قانداق قىلىپ ھايۋانلار بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىمىز، بۇ نۇقتىدا ئويلانمىساق بولمايدۇ.
           مەسىلەن، ئادەملەر ھايۋانلارنى يېگەندە، ھايۋانلارنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىلىرىنىڭ ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، ئادەملەر ھايۋانلارنى توختاۋسىز يېيىشنىڭ ياخشى – يامانلىقىنى ئويلاشقان. ھايۋانلارنىڭ بالىلىرى ئۆلسە، ئادەملەرگىمۇ ياخشى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئادەملەر بۇرۇندىن تارتىپلا يېيدىغىنىنىلا ئۆلتۈرۈپ كەلگەن. شۇنداقلا يەنە ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولغان باھاردا بولسا ھايۋانلارنى ئوۋلىمىغان. ئادەملەر مۇشۇنداق ئۇسۇل ئارقلىق ھايۋانلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلىشىپ كەلگەن.
          بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىشىمۇ بار.  دەرەخلا بولسا ھەممىنى كېسىپ تۈگىتىش ياخشىمۇ دېگەندە، ئۇنداق ئەمەس. ھەر خىل زىرائەتلەرنى يېتىشتۈرۈشمۇ ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىللە ياشاش ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بىللە ياشاش قەدىمدىن بولۇپ كەلگەن ئىش.
          «بىللە ياشاش» قا سېلىشتۇرغاندا «ھەمكارلىق» دېگىنىمىز تولىمۇ يېڭى سۆز ھېسابلىنىۇ. بۇ سۆز ئىنگلىز تىلىدا solidarity دېيىلىدىغان بولۇپ، ئىنگلىز تىلىدىكى بۇ سۆز 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى پەيدا بولغان  بەكلا يېڭى سۆزدۇر. ئەڭ دەسلەپتە بۇ سۆز فرانسۇز تىلىدا پەيدا بولغان، ئەمما فىرانسۇز تىلىدىمۇ 19 – ئەسىر كىرگەندە پەيدا بولغان. شۇڭا، ياپون تىلىدىكى «رېنتاي» (ھەمكارلىق) دېگەن سۆزنى 20 – ئەسىر كىرگەندە قوللىنىلىشقا باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن يېڭى پەيدا بولغان دېيىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز كېرەك.


   مۇھەببەت ئاساسىدىكى بىللە ياشاش
           بىللە ياشاش دېگەن نېمە؟ مەسىلەن، بىز ھازىر مۇشۇ سورۇندا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىمىز، بىللە ياشاۋاتىمىز. گەرچە مەن بۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلمىساممۇ، بۇ جايغا تەكلىپ قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، مەكتەپ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن تېما ھەققىدە سۆز قىلىۋاتىمەن. كۆپچىلىك بولسا ئولتۇرۇپ سۆزۈمنى تىڭشاۋاتىدۇ. مانا بۇ مۇشۇ ۋاقىتتىكى بىللە ياشاشتۇر. بۇ ۋاقىتتىكى مۇھىم ئىش بولسا بىر بىرىمىزنى ئويلىنىش ئوبيېكتى قىلىشتۇر. مەن سۆزلەشكە ماھىر بولمىساممۇ، كۈچۈمنىڭ بارىچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان سىلەرگە، سىلەر چۈشىنەلەيدىغان مەزمۇنلار ئارقىلىق سۆزلەشكە تىرىشىمەن. مانا بۇ سىلەرنى مۇھىم بىلەگەنلىكىمدىن بولغان.  ئەمدى سىلەرگە كەلسەك، ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن توڭۇغانلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بەرداشلىق بېرىۋاتىسىلەر، چۈشتىن كېيىنكى دەرستە مۈگىدەپ قېلىشڭلار مۇمكىن ئىدى، ئەمما غەيرەت قىلىپ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىماقچى بولىۋاتىسىلەر، سىلەر شۇنداق قىلالايسىلەر.  ئەگەر مۇشۇنداق ئۆزئارا مۇھەببەت بولمىغاندا بىللە تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدۇ. بىر – بىرىمىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىنىش بىر خىل مۇھەببەتتۇر، بۇ مۇھەببەت بولمىسا، ئورتاق تۇرمۇش ئىمكانىيەتسىز قالىدۇ.  شۇڭا، «بىللە ياشاش» نى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا مۇھتاج بولىمىز.  مۇھەببەتنىڭ خىلى كۆپ، ئۇنىڭ بىر خىلى بولسا مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئۆزئارا مۇناسىۋىتىمىزدۇر. ئەمما، مۇشۇ ۋاقىتنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكەزمەسلىك ئۈچۈن قانداق قىلسام ياخشى بولىدۇ؟ مۇشۇ ئىككى سائەت ۋاقىتنى مەنىگە ئىگە ئورتاق تۇرمۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلسام ياخشى بولىدۇ؟ بۇ نۇقتىدا مەن ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان، كۆپچىلىك چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشىم كېرەك، ھالبۇكى بۇنداق قىلىش ماڭا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.
            ماڭا پىششىق بولغان تەرەپلەر سىلەرگە نىسبەتەن ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، مەن بۇنىڭدىن ساقلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇڭا چۈشەندۈرۈش ئاساسىدا سۆزىمنى داۋام قىلىش ئويۇم بار. مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىش دائىرسىدە ئىمكان بار كۆپچىلىكنىڭ مەيدانىنى ئويلىشىمەن.  مۇشۇنداق بولغاندا كۆپچىلىكمۇ ماڭا سۆزىڭىزنى ئەستايىدىل ئاڭلايمىز دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ – دە، مۇشۇ ۋاقىتتىكى بىللە ياشىشىمىز ئىمكانىيەتكە ئېرىشىدۇ.


       مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدىكى ھەمكارلىق
          ئۆزئارا مۇھەببەت بولسىلا ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىك بولامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. ئۆزئارا باغلىنىش يولى بىلەن بىرلەشكەن مۇناسىۋەت ھەمكارلىق دېيىلىدۇ. ھەمكارلاشقان ۋاقىتتا مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى ھەمكارلىق مەسئۇلىيىتىدۇر. مەسىلەن، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھەببەت ئاساسىدا بولىدۇ دېگەنىدۇق. دەرۋەقە كۆپچىلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە مەكتەپتە ئۆگىنىۋاتىسىلەر، مانا بۇنىڭ ئۆزى بىر بىرىڭلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مۇھىم بىلىپ ياشاۋاتقانلىقىڭلاردىن بولغان. ئەمما، ھازىرقى مۇشۇ سورۇندا يېنىڭىزدىكى ئادەمگە «بۇ گەپلەرنىڭ ئەھمىيىتى يوقكەن» دېسىڭىز، بۇ گېپىڭىز دوستلىرىڭىز ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلايدىغىنى تۇرغانلا گەپ. كۆپچىلىك بۇ ھەقتە غۇلغۇلا قىلىشسا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئەلۋەتتە كۆپچىلىك گېپىمنى ھازىرقىدەك تىنىچ ھالەتتە ئاڭلىمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزئارا مۇھەببەت بولغان تەقدىردىمۇ ۋاراڭ – چۇرۇڭ پەيدا بولىدۇ. سىلەر ئېنىقكى، ساۋاقداشلىرىڭلارنى ۋە مەكتەپتىكى دوستلىرىڭلارنى ئاندا – ساندا كېلىدىغان مەندەك مېھماندىن مۇھىم بىلىسىلەر. مۇشۇ ۋەجىدىن بىللە ياشاش پرىنسىپىدىكى مۇھەببەتنى خالىغانچە ئىشلەتسەڭلار، ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە مەن بىلەن بىللە ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالىسىلەر. «ھەمكارلىق» دېگىنىڭىزدە  بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قىلىش زۆرۈر بولغان خىزمەتكە نىسبەتەن «مەسئۇلىيەت» دېگەن نەرسە پەيدا بولىدۇ. «ھەمكارلىق» ھەمىشە «ھەمكارلىق مەسئۇلىيىتى» دېگەن شەكىلدە ھازىر بولىدۇ. سىلەر ھازىرغىچە مۇھەببەت ھەققىدىكى خىلمۇخىل ئۆگىنىشلەرنى قىلىپ كەلدىڭلار. مۇھەببەتتىن كېيىن بولسا مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئۆگىنىدىغان زۆرۈر ۋاقتىڭلار يېتىپ كېلىدۇ.
            دەل بۈگۈن، ئىككىنچى مەۋسۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرى، مۇھەببەت ھەققىدىكى ئۆگىنىشىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ ، مەسئۇلىيەت مەسىلىلىرىگە يۈزلىنىسىلەر، ھەمدە بۇ قېتىمقى لىكسىيەنىڭ تولىمۇ دەل بولغانلىقنى تونۇپ يېتىسىلەر. دېمەك، ھەمكارلىشىشتا مۇھەببەتنىڭ بولىشىلا ئەمەس،  ھەمكارلىق مەسئۇلىيىتىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر بولىدۇ.


  زامانىۋىيلىقتىكى بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق
           ھەمكارلىق دېگەن سۆزنىڭ نېمە ئۈچۈن قەدىمكى دەۋرلەردە ئەمەس، بەلكى يېڭى دەۋردە پەيدا بولغانقىنى ئويلاپ كۆرەيلى. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، قەدىمكى دەۋردە، بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەر ئىلىم بىلەن ئانچە شوغۇللانمىغاچقا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆپ بولغان. شۇڭا، ئۇ زامانلاردا ھەربىي كۈچىگە ئىگە كۈچلۈك پادىشاھلار ھەمدە ھەربىي كۈچىگە ئەمەس، كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن ، تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئۇلۇغ پادىشاھلار جەمئىيەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. دېمەك، ئۇ زامانلاردا ئىشلار شۇنداق ئاددىي ئىدى. ھالبۇكى،  ماشىنا ئىقتىرالىرى شوڭغۇپ كىرگەن زامانىۋى دەۋرگە كەلگەندە بولسا ھەممە ئادەم ئۆگەنمىسە بولمايدۇ. بۇ زاماندا كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەلەپ – مۇددىئالىرىغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، ھەركىم ئۆزىگە تەقسىملەنگەن خىزمەتكە مەسئۇل بولۇپ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەر ياخشى يۈرۈشمەيدۇ.
            ئويلاپ كۆرۈڭلار، يول مېڭىش ئىشىنى مىسال قىلساق، بۇرۇنقى زاماندا يول ماڭغاندا ئۇنچىۋالا دىققەت ۋە ئېھتىيات قىلمىسىمۇ بولىۋېرەتتى. ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش دېگەنلەر ئويلىشىدىغان ئىشلار ئەمەس ئىدى. ئادەم بىلەن ئادەم پىيادە كېتىۋېتىپ سوقۇلۇپ كېتىدىغان ئىشلارنى ئويلاش بىھاجەت، سوقۇلۇپ كەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ، مۇشۇ سەۋەبلىك بىرەرسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى تولىمۇ تاساددىپ ئىش ھېسابلىناتتى.  ھالبۇكى، ھازىرقىدەك ئاپتوموبىلغا ئوخشاش تېزلىككە ئىگە نەرسىلەر بار بولغان زاماندا، كىمكى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئۆزىنىڭ توغرا ھەيدەش ئۇسۇلىغا مەسئۇل بولمىسا، يەنى سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرسا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، كىمنىڭ نەدە قانداق زىيانغا ئۇچرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلغى بولمايدۇ. پىيادە كېتىۋاتقان كىشىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق. ھېچقانداق ئاپتوموبىل بولمىغان بۇرۇنقى زاماندا كىشىلەر يولنىڭ ئوتتۇرسىدا مېڭىشنى خالاپ شۇنداق قىلسىمۇ چوڭ ئىش چىقمايتتى. ئەمما، ھازىر پىيادە ماڭىدىغان كىشى چوقۇم پىيادىلەر يولىدا مېڭىشى كېرەك. دېمەك، خىلمۇخىل ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل بولىدىغان يېڭى دەۋر ئاللىقاچان  يېتىپ كەلدى. 18 - ، 19 – ئەسىرلەردىلا  شۇنداق بولۇپ كەلگەن. دېمەكچى، بىر پۈتۈن گەۋدە بولغان جەمئىيەتنىڭ خاتالاشماي ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ مەسئۇل بولىشى، بىر پۈتۈن گەۋدىگە قارىتا يەككە شەخسلەرنىڭ مەسئۇل بولىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇنى ئاڭلىق ھېس قىلغىنىمىزدا باغلىنىش ھاسىل بولىدۇ. بىللە ياشاش ۋە ھەمكارلىق دېگىنىمىز باغلىنىش ھالىتىدە بولىدىغان بولغاچقا، مۇھەببەت ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئىجتىمائىي كەڭلىككە قويۇپ كۆزەتكەندە ھەربىر ئادەم مۇھەببەتنىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنىمۇ ئاڭلىق ھېس قىلمىسا بولمايدۇ.
            مەسىلەن، سىلەر ئاتا – ئاناڭلارنى مۇھىم بىلىسىلەر، ئاتا – ئاناڭلارنى ياخشى كۆرۈسىلەر، ئاتا – ئاناڭلارمۇ سىلەرنى مۇھىم بىلىدۇ، بۇ يەردىكى مۇھەببەت ئائىلىدىكى بىللە ياشاش ئۈچۈن مۇتلەق زۆرۈر . بۇ خىل مۇھەببەت جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ زۆرۈ، ئەمما ئاشۇ مۇھەببەت بولسىلا بولامدۇ؟ بۇرۇنقى زامانلاردا مەكتەپ بولمىغاچقا مەكتەپتە ئوقۇش مەسئۇلىيىتى بولمىغان بولىشى مۇمكىن. ھازىر مەكتەپكە بېرىپ ئۆگەنمىسەك، جەمئىيەتتىكى بىر كىشلىك ئورنىمىزنى تاپالمايمىز. شۇڭا، كىچىك بالىلاردىكى مەكتەپكە بېرىپ ئۆگىنىش مەسئۇلىيىتى مۇھەببەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەيدا بولىدۇ. مۇشۇنداق ئويلىغاندا، بىللە ياشاش، ھەمكارلىق دېگەنلەر چۈشىنىش مۈشكۈل سۆزلەر بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۆزلەرگە قارىتا كۆڭلىدە مەلۇم بىشارەتلەر پەيدا بولدى دەپ قارايمەن. شۇڭا، بىللە ياشاش ھەققىدە، ھەمكارلىق ھەققىدە ئازراق تولۇقلاپ چۈشەنچە بېرىمەن.

تەبىئەت بىلەن بىللە ياشاش
        تەبىئەت بىلەن بىللە ياشاشنى خىلمۇخىل مەيداندا تۇرۇپ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئۆگىنىۋاتقان بولساڭلارمۇ مەن يەنە تەكرارلايمەن. مېۋە كوسىرۋاسىنى ئىچىپ بولۇپ ئۇنىڭ قۇتىسىنى تۇپراققا تاشلىغاندا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ كونسىرۋا قۇتىسى تۇپراققا كىرىپ داتلىشىدۇ - دە، ئۇنىڭ داتلىرى يەر ئاستى سۈيىنى بۇلغايدۇ. يەر ئاستى سۈيى بۇلغانسا، كېيىنىكى نۆۋەتتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ئاشۇ بۇلغانغان سۇنى سۈمۈرىدۇ، مۇشۇنداق تەكرارلىنىش بولىۋەرسە، دەرەخنىڭ مېۋىلىرىمۇ ئاستا – ئاستا زەھەر تەركىبلىك بولىۋالىدۇ. يەككە – يەككە ئادەملار تەبىئەتكە بولغان مۇھەببەتنى ئۇنتۇپ، خالىغانچە تاشلاش ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرسا، تەبىئەتنىڭ ھاياتى بۇلغىنىشقا، يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. مېنىڭچە، ئادەملەر تەبىئەت بىلەن بىللە ياشىغاندا تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا ئادەملەردە  ئۆزىنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەسئۇلىيەت پەيدا بولىدۇ. مۇھەببەت ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغانسېرى تەبىئەتكە بولغان ھەمكارلىق مەسئۇلىيتى كىشىلەرگە شۇنچە ھەمراھ بولىدۇ، شۇڭا، ئادەملەر تەبىئەت بىلەن بىللە ياشاشنى ئويلىغاندا ئۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ ماتېرىيالى دەپ قارىماسلىقى، ئىزچىل ھالدا بىللە ھايات كەچۈرىدىغان ئاڭغا ئىگە بولىشى كېرەك.

   ئادەم بىلەن بىللە ياشاش
        ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم بىللە ياشاش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇشقا ئەسلا بولمايدۇ. ئۇ نېمە دېسىڭىز، ئۇ دەل باشقا ئادەملەردۇر. سىلەر باشقا ئادەملەر بىلەن بىللە ياشاۋاتىسىلەر، بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش؛ گەرچە چۈشىنەلمەسلىك ئېھتىماللىقى بولسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى قوللاش قولىڭىزدىن كەلمىسىمۇ يەنىلا  قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر. مەدەنىيەت دېگەنلىك ئەسلىدە قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا، بىللە ياشاش ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئادەمدۇر. شۇڭا، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن، ھەرقاندا ئادەمنىڭ ھاياتىنى بەدەل قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتى باشقىلار بەرگەن ھايات، شۇڭا ئۇ ئۆزىڭىز ياساپ چىققان ھايات ئەمەس، ئۇنى كىمنىڭ بەرگەنلىكىنى بىلمەيسىز. بىللە ياشاشنىڭ پرىنسىپىنى مۇھەببەتتۇر، كىشىلەر ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئادەمنى مۇھىم بىلىشى زۆرۈر.

  مەدەنىيەت بىلەن بىللە ياشاش
           مۇڭلۇق مۇزىكا، ئېسىل ئەسەر، نەپىس رەسىم، تەسىرلىك رومان ... قاتارلىقلاردا بىز ئاشۇ مەدەنىيەت بىلەن بىللە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ئادەم سۈپىتىدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشتە بىز مەدەنىيەت ئۆگىنىشكە مۇھتاجمىز. بۇ يەردىكى ئۆگىنىش بولسا باشقا ئادەملەر روياپقا چىقارغان نەرسىلەرنى چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى ھەققىدە پىكىر قىلالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مەنىۋى مەۋجۇتلۇق بىلەن بىللە ياشاش
          مېنىڭچە بۇنى مەكتەپتە ئۆگەنمىدىڭلار، ئەمما ئادەم چوقۇم بىللە ياشايدىغان نەرسىلەر ئىچىدە مەنىۋى مەجۇتلۇق، روھقا ئوخشايدىغان مەۋجۇتلۇقمۇ بار. بوۋا – مومىلىرى ھايات ياشاۋاقانلار كۆپ، ئەمما بوۋا – مومىلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ھاياتلارمۇ بار، ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ  بولىشى مۇمكى. ئاشۇ ئۆلگىچىلەرنىڭ ئۆلگەن كۈنىدە ئاندا – ساندا بۇتخانا، چېركاۋ دېگەندەك جايلارغا بارىدىغان، بىر كىم ئۆلۈپ كەتكەندە دەپنە مۇراسىمى قىلىپ ئۆلگىچىنى ئۇزىتىدىغان ئىشلار ئادەملەرگىلا خاستۇر. مۇشۇنداق ئادەملەرگىلا خاس بولغان دىنىيى خاراكتېردە بىللە ياشاشنى ئۇنتۇمىغان ياخشى.
           ھەممە ئادەمدە دۇئا قىلىش ھېسسىياتى بولىدۇ. سىلەر ھازىر مەكتەپتە شۇنداق ساغلام ياشاۋاتىسىلەر، ئەمما بوۋاق ۋاقتىڭلاردا ئاتا – ئاناڭلار قاتتىق ئازاپلارنى چەككەن بولىشى مۇمكىن. بوۋاقلار ئاساسەن بىر – ئىككى قېتىم ئېغىر ئاغرىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغادا ئاتا – ئانا بولغۇچى قانداق قىلىپ بولمىسۇن بالىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئويايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، مۇمكىن بولسا بالامنىڭ ئورنىغا مېنىڭ جېنىمنى ئالغىن، بالامنى قۇتقۇزىۋالغىن دەپ دۇئا قىلىدۇ. بەلكىم ئاتا – ئاناڭلار خېجىل بولۇپ ، بۇ ئىشلارنى سىلەرگە دېمىگەن بولوسىمۇ، ئەمما سىلەرنى ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ئاشۇنداق مۇھەببەتلىك دۇئالىرى قوغداپ قالغان.
            بىز بەزىدە قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانداقتۇر ئىمتىھاننىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ھېسسىياتىدا بولىمىز. ئادەم مۇكەممەل بولمىغاچقا، ھەممىلا ئىشنى ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بولىۋەرمەيدۇ، شۇڭا مەنىۋى مەۋجۇتلۇق دېگەن نەرسە بىلەن بىللە ياشايدىغان ئىشنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار. مەنىۋى مەۋجۇتلۇق بىلەن بىللە ياشاشنى دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېگەندىمۇ، ئۆلۈپ كەتكەن دوستلىرىڭىزنى، ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىڭىزنى؛ ئوقۇتقۇچىڭىزنى، سىزگە ياردەم بەرگەن كىشىلەرنى، ئاشۇ ئادەملەر ئۆگەتكەن نەرسىلەرنى ئەسلىگىنىڭىزمۇ، ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قىزغىنلىقى ۋە سەمىمىيلىكىنى ئەسلىگىنىڭىزمۇ مەنىۋى مەۋجۇتلۇق بىلەن بىللە ياشاشنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ، سىلەرنىڭ بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
           ئەمدى ھەمكارلىق ئۈستىدە ئويلانغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار. ھەر بىر ئادەمدە كىچىك – كىچىك مەسئۇلىيەتلەر بولىدۇ. ئېھتىمال مەكتەپتىمۇ خىلمۇخىل نۆۋەتچىلىككە ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلغاندا مەسئۇلىيەت دېگەن سۆز پەيدا بولىشى مۇمكىن. بۇنى ئادا قىلمىغاندا بولسا ئاشۇ جەمئىيەت مۇكەممەل ئايلانمايدۇ. شۇڭا، باشقىلار كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن، ئۆزىمىزنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئويلاشساقلا ھەمكارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
        ئاخىرىدا دەيدىغىنىم شۇكى،  كەلگۈسى دۇنيانى سىلەر يارىتىسىلەر ! مۇھەببەت بىلەن مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا بىللە ياشاش بىلەن ھەمكارلىقنى ئىنسانىيەت دائىرسىگە قويۇپ ئويلاپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىك ھەقىقەتەن تىنچ ئولتۇرۇپ سۆزۈمنى ئاڭلاپ بەردىڭلار، سىلەرگە كۆپ رەخمەت.

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 21:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئەسىرىڭىز شۇنداق سېلىق چىقىپتۇ. ماڭا بەك تەسىر قىلىدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25887
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 21:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت ، ھازىر جەميىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى ۋە بىلىش دائىرسى بىكىنمە ھالەتتە تۇرۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىرىدىكى بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز ، كۆپلەپ بىلىم ئېلىش ۋە كىشىلەر قايىل بولغىدەك چۇشىنەلىگىدەك سۆز قىلىش بۇلۋاتىدۇ .
ھەقىقەتتەن باشقىلغلارنى ئويلاپ ئۇلار قۇبۇل قىلالىغىدەك سۆز قىلىش بەكلا تەس
ھازىقى بارلىق دىنىي ئالىم بولسۇن مەيلى پەننىي ئالىمىلىرىمىز بولسۇن سۆزىگە دىققەت قىلمىسا كىشلەرنى ئۇيقۇ باستۇرۇپ قۇيۋاتىدۇ . بۇمۇ بىزدىكى ئويلىنىشقا تىگىشىلىك بۇلۇپمۇ ئالىملىرىمىز ئىلىم ئەھلىرىمىزنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسلە
داۋاملىق كىتاپ ئوقۇش ۋە باشقا ئەھمىيەتلىك بولغان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى پەلسەپىۋى ئىدىيىمىزنى ئۆستۇرۇپ تۇرىشىمىز لازىم

2

تېما

0

دوست

564

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28486
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 22:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇڭلۇق مۇزىكا، ئېسىل ئەسەر، نەپىس رەسىم، تەسىرلىك رومان ... قاتارلىقلاردا بىز ئاشۇ مەدەنىيەت بىلەن بىللە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ئادەم سۈپىتىدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشتە بىز مەدەنىيەت ئۆگىنىشكە مۇھتاجمىز. بۇ يەردىكى ئۆگىنىش بولسا باشقا ئادەملەر روياپقا چىقارغان نەرسىلەرنى چۈشىنىپ، ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش يولى ھەققىدە پىكىر قىلالايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.....

0

تېما

3

دوست

377

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28180
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ بۇ تەرجىمىڭىز ،بەك ئېسىل نۇتۇقكەن ،رەھمەت سىزگە!

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28950
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 16:44:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىكۇ (گۆش)قىرىندىشىم . تەرجىمە ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ

باشقىلار گېپىنى

6

تېما

1

دوست

2840

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8963
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 395
تۆھپە : 651
توردىكى ۋاقتى: 778
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 23:58:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
samurai يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 16:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىكۇ (گۆش)قىرىندىشىم . تەرجىمە ئەسى ...

niku دېگەن ئىسىمنىڭ ياپونچىدا ئۇنداق مەنىسى بارلىقىنى ئويلاپباقماپتىكەنمە ، نىكۇ دېگەن ئىسىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ياخشى، ئېسىل» دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقىنىلا ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن، ياپونچىدىكى «گۆش» دېگەن مەنىنى ئويلاپباقماپتىكەنمەن، راستلا، ھەجەپ ئۇدۇل كېلىپقاپتۇ جۇمۇ..........

1

تېما

1

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28786
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 11:46:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياردەم سورىغان تىمامنى بۇ بېكەت  تەستىقلىماپتۇ . شۇڭا ئىنكاس شەكلىدە يوللىدىم ، كۆپچىلىك ياردەملەشكان بولساڭلار

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ياردەم سورايمەن

2009 - يىلى 6 -ئايدا  ئاپتونۇم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتىتىنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغانلىق توغرىسىدىكى ھۆججىتىى لازىم بولۇپ قالغان ئىدى ، تەرجىمان ۋە يازغۇچى دوستلارنىڭ مۇشۇ ھۆججەتنىڭ رەسىمى بولسا ئەۋەتىپ بىرىشىڭلارنىڭ ئۈمۈت قىلىمەن .
ئۆز ۋاقتىدا تىل يېزىققا قىززىقىدىغان دوستلارنىڭ تورغا يوللاپ قويغىنىدىن ساقلىۋالغان ئىدىم ، كېيىن بۇنى تاپالمىدىم ،  ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان دوستلارنىڭ  ئەۋەتىپ بىرىشىنى  ياكى مۇشۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويىشىنى ئۈمىت قىلىمەن

、ئېلخەت

.com      tilmach2014@163
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )