قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3791|ئىنكاس: 20

تاشپولات: ئامېرىكىلىقنى تەسىرلەندۈرگەن ئابابەكرى مۇختار ئۇكام!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

207

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 514
تۆھپە : 3838
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 15:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 15:30  

ئامېرىكىلىقنى تەسىرلەندۈرگەن ئابابەكرى مۇختار ئۇكام!


تاشپولات روزى


a.jpg



مەن 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مىسرانىم تور قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختار ئۇكامنىڭ ساياھەت خاتىرسىنى كۆردۈم. ئۇ خەتتە دېيىلىشىچە ئابابەكرى ئۇكام 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكاغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن كۆرۈپلا ئابابەكرى ئۇكامغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمنى ھەم ئۇنۇڭ بىلەن ئامېرىكادا چوقۇم كۆرۈشىدىغانلىقىمنى خۇشاللىق بىلەن يەتكۈزدۈم. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مىسرانىم تورىدا ماقالە ئېلان قىلغاندىن بېرى تەپسىلىي بىلدىم ھەم بۇ يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ تۇغۇلۇپ 9 ئاي بولغاندا پارالىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئىككى پۇتى ھەرىكەتكە كەلمەيدۇ يەنى مېيىپ بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا تىرىشچان، قىيىن مەسىلە ئالدىدا قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان ئىرادىلىك ئوقۇغۇچى بولغاچقا، باشلانغۇچتىن تا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە سىنىپىدا ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچى ھەم سىنىپ باشلىقلىق خىزمىتىدە بولىدۇ. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ داۋاملىق ئوقۇشنى توغرا كۆرمەيدۇ بۇنداق بولىشى ئالىي مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى، مەسىلەن، بىر سىنىپتىن يەنە بىر سىنىپقا بېرىپ دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلار 5 مىنۇت سەرپ قىلسا ئۇ 20 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپلەردە مېيىپلارغا بولغان شەرت شارائىتنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقى ئىشلار سەۋەب بولىدۇ. ئابابەكرى ئۇكام ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن كومپيۇتېر ئۆگىنىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنى خېلى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى رىموت قىلىپ خېلى ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭىدۇ. ئۇ ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرىدىغان بىر تور بەتكە ياردەملىشىپ ئاخىرىدا ئۇ تور بەتنى ئۆزىنىڭ تور بېتىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ تور بىلەن ھەپىلەشكەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىر تور بەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاخىرى مىسرانىم تور بېتىنى 2007-يىلى قۇرۇپ چىقىدۇ. مىسرانىم تور بەتكە توپ-توغرا 7 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرىدىغان تور بەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مانا مۇشۇ 7 يىلدا ئابابەكرى ئۇكام كۆپ جاپا تارتىدۇ بىراق ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر توسالغۇغا تىز پۈكمەسلىك روھى بۇ جاپالار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

b.jpg



مانا يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئىرادىلىك بىر ئۇيغۇر مېيىپ يىگىتى بىلەن ئامېرىكىدا كۆرۈشۈش مەن ئۈچۈن خۇشاللىق ئىش بولۇپلا قالماستىن ئۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابابەكرى ئۇكام بېيجىڭدا تۇساياھەت خاتىرسىنىڭ تۇنجىىسىنى يېزىپ تورغا يوللىدى .. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ ئاخىرقى ساياھەت ئورنى  سان فرانسىسكو بولۇپ،  ئۇ بۇ شەھەرگە 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كېلىپ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋەتەنگە قايتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئابابەكرى ئۇكام ئامېرىكا ساياھىتىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ باشلايدۇ.  ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپلا ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ ھەر كۈنى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىپ تۇردى.  بۇ يېزىلغان ساياھەت خاتىرىسى مېنى ھەم مېنىڭ ئايالىمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بىز ھەر كۈنى چىقىرىلغان ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ تۇردۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تەربىيىۋى ئەسەر ئىدى.  بىز ئۇنۇڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنۇڭ تاماقتا بەكرەك قىينالغانلىقىنى ئۇقتۇق. ئايالىم ماڭا مەن تاماق ئېيتىپ بېرەي سان فرانسىسكوغا بارغاندا ئۇ ئىنىمغا تاماق ئېلىپ بېرىڭ دەپ مەسلىھەت قىلدى. مەنمۇ بۇ مەسلىھەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكا ساياھىتىنىڭ دەل يېرىمى تۈگىگەندە بىز بىر قېتىم تېلېفوندا پاراڭلاشتۇق. مېنىڭ سان فرانسىسكوغا بارىدىغان كۈنۈمنى بېكىتتۇق. بىز سان سان فرانسىسكودا 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى جۈمە كۈنى كۆرۈشىدىغان بولدۇق. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئابابەكرى ئۇكام بىلەن مۇنبەردە ئۇچۇرلاشتۇق،. 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ھېچقانداق پائالىيەت بولمايدىغانلىقىنى مېنى ياتىقىدا ساقلايدىغانلىقىنى دېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ ئەتە ئەتىگەن يولغا چىقىدىغانلىقىمنى ئاپارماقچى بولغان پولۇنى ئېيتىپ قويۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. مەن مەكتەپتە كەچلىك بىر پائالىيەتكە قاتناشمىسام بولمايدىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتالمىدىم. ئۆيگە  كەچ سائەت 9 دىن ئاشقاندا قايتتىم. ئۆيگە كەلسەم ئايالىم پولۇ ئېيتىۋېتىپتۇ چۈنكى ئۇ كۈندۈزى ئىشلىگەچكە پولۇنى كەچتە پىشۇرۇپتۇ. پولۇمۇ كەچ سائەت 11 لەردە پىشتى، ئۇنى كورىغا سېلىپ باشقا بارلىق ئېلىپ بارىدىغان سوۋغاتلارنى يىغىشتۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەن ئېلىپ ماڭسا بولىدىغان قىلىپ تاق قىلىپ قويدۇق.

c.jpg



4- ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ماشىنام بىلەن سان فرانسىسكوغا قاراپ يولغا چىقتىم. مەن لوس ئانجېلېس شەھىرىدە تۇرغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمدىن سان فرانسىسكو شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ماشىنا بىلەن سائىتىگە تەخمىنەن 130 كىلومېتىر يول مېڭىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە ئابابەكرى ئۇكام تۇرۇۋاتقان 31 قەۋەتلىك بىنانىڭ 23 -قەۋىتىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. بۇ بىنا سان فرانسىسكو شەھىرىنىڭ قايناق مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ماشىنا بىلەن 10 مىنۇت ماڭسىلا گۈزەل سان فرانسىسكونىڭ دېڭىز قىرغىقىغا چىققىلى بولىدۇ. ئىككى قولۇمدا  تاماق، 3 چوڭ نان، ئازغىنە سوۋغات ۋە بوينۇمدا ئاپپارات بولغاچقا ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە ئامالسىز قالدىم. ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئامېرىكالىق يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ بەردى. مەن ئۇنۇڭغا رەھمەت دەپ بولۇشۇمغا ئۆينىڭ ئىچىدىن ئابابەكرى ئۇكام كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى. بىز ئۆزارا قىزغىن سالاملار بىلەن كۆرۈشتۇق. قولۇمدا لىققىدە نەرسە بولغاچقا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئىمكانىيەت بولمىدى بىراق نەرسە كېرەكلەرنى قويۇپ بولۇپ يەنى باشقىدىن يۇقىرى ئاۋازلار بىلەن سالاملىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. بىز خۇددى بۇرۇن كۆرۈشكەن دوستلاردەك، ئاكا-ئۇكىلاردەك، ئاتا- بالىلاردەك قىزغىن سالاملار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئابابەكرى ئۇكام مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەكرەك خۇشخۇي، يۇمۇرىستىك، سۆزمەن، چىرايىدىن قەتتىلىك  چىقىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن. مەن بۇنداق ئەقىللىق ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن پاراڭلاشمىغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپتىكەن. ئۇنۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بەك خوش بولدۇم. بىز پاراڭلاشقاچ مەن ئەكەلگەن پولۇنى يېدۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ ئەكەلگەن سوغىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇردۇق. بىزنىڭ پاراڭلاشقان قىزىق تېمىمىز ئامېرىكا مائارىپى، ئامېرىكانىڭ تەرەقى قىلىشى ۋە مېيىپلار مۇلازىمىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يوللىرى، تور بەتلەر توغرىسىدا بولدى. . بىز تازا قىزىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا ئامېرىكالىق پاۋۇل ياتاققا كىرىپ كەلدى. پاۋۇل بولسا ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئامېرىكا ساياھىتىدە ياردەمدە بولىدىغان كىشى ئىكەن. مەن بۇ كىشى توغرىلىق ئابابەكرى ئۇكامنىڭ كۈندىلىك ساياھەت خاتىرىسىدىن بىلگەن ئىدىم. پاۋۇل بەكمۇ ئوچۇق كىشى بولۇپ مەن بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. مەن ئۇنۇڭغا، سىز ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئامېرىكالىق بولۇپ قالدىڭىز دەپ چاقچاق قىلسام. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن ئابابەكرىگە ياردەمدە بولغىنىمدىن بەكمۇ خوش بولىمەن. بۇ يېگىن تىرىشچان، تېتىك، ئۆز ئېتىقادى كۈچلۈك، سەمىمىي، خۇشخۇي يىگىت ئىكەن. مەن ھېسابتا ياردەمچى بولساممۇ بىراق بۇ يىگىت ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ ماڭا بىرەر ئىشنى قالدۇرمايدۇ. بۇ يىگىتنى مېيىپ دېسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇنداق روھى ھەم ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان يىگىتلەرنى ئامېرىكادىنمۇ تەستە تاپقىلى بولىدۇ دەپ سۆزلەپ كەتتى. پاۋۇل، ئابابەكرى ئۇكامغا ھەقىقەتەن قول قويۇپتۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، بۇ يىگىتنىڭ كاللىسى ئۆتۈپ قويىدىكەن، ئۇنۇڭ قويغان سوئاللىرىنى ۋە بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلىسا ئادەم ھۇزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق دۇنيانى توغرا چۈشىنەلەيدىغان، ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ دىن ئايرىمىچىلىقى قىلمايدىغان  ئىنسانلار كۆپ بولسا بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولاتتى ھە دەپ پاۋۇل يەنە سۆزلەپ كەتتى.  مەن پاۋۇلغا كۆپ رەھمەتلەرنى دېدىم. پاۋۇلنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى بىلمەپتىكەن، بۇ قېتىم ئابابەكرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنى بىرىنچى قېتىم بىلىپتۇ. مەن ئۇنۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىككىنچى ئۇيغۇرى بولىدىكەنمەن.  مەن ئۇنى ئۇيغۇر رايونلىرىغا بېرىپ، ئۇ يەرلەرنى كۆرۈپ كېلىشىنى تەكلىپ قىلدىم. ئۇ مۇمكىن بولسىلا بارىدىغانلىقىنى ئابابەكرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دېدى. پاۋۇل پاراڭنىڭ ئاخىرىدا، ئابابەكرى ئۇكامغا ئەتە ئەتىگەن سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.

d.jpg



پاۋۇل چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بىزنىڭ پارىڭىمىز تۈگىمىدى، كۆپ پاراڭلاشتۇق. قارىساق كەچمۇ بولۇپ قاپتۇ، بىز  سان فرانسىسكونىڭ دېڭىز بويىغا بېرىشنى قارار قىلىپ ئۆيدىن چىقتۇق. ئابابەكرى ئۇكام مېھمانخانىنىڭ كارىدورى بولامدۇ ياكى لىفتتا بولامدۇ  ئامېرىكالىقلار ئۇنىڭغا سالام بېرەتتى ھەم چاقچاق قىلىشىپ قىزىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلىشىپ ماڭاتتى. ئابابەكرى ئۇكام ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغىمۇ چۈشىنىدىغان بولۇپتۇ، ئۇلارغا سالام بېرىپ ماڭاتتى. ئۇنۇڭ كىيگەن كىيىملىرى چىرايلىق ھەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشى باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. مەن بۇ يەردىكى كۆڭۈللۈك كۆرۈنۈشلەرنى ھەم ئۇنۇڭ ئەركىن ئازادە ئامېرىكادا خۇددى نەچچە يىللاپ تۇرغان كىشىلەردەك يۈرۈشىدىن بەك خوش بولدۇم. ماشىنامنى مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا قويۇش ئورنىغا توختىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ يەرگىچە پىيادە ماڭدۇق. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئولتۇرغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭاي دېسەم ئۇ پەقەتلا ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنۇڭ توسىغىنىغا قارىماي ھارۋىنى مەن ئىتتىرىپ ماڭدىم. مېنىڭچە بولسا بۇنداق تىرىشچان قېرىندىشىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭساقمۇ ئارتۇقچە بولمايدۇ. ماشىنا قويۇش ئورنىنىڭ خوجايىنى تۈركىيەلىك ئىكەن ئۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كەتتى. ئۇ تۈركىيەلىك بىزگە كەچتە ماشىناڭنى مۇشۇ مېنىڭ يېرىمگە قويغىن سىلەرگە ئەرزان باھادا بېرىمەن دېدى. ماشىنامنى كەچتە مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم. باھاسى باشقا ئورۇنلاردىن 25 دوللار ئەرزان بولدى. بىز ماشىنا بىلەن دېڭىز بويىغا باردۇق. دېڭىز بويىدا ئامېرىكالىقلار بېلىق تۇتقاچ پاراڭ قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىزمۇ  سان فرانسىسكونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ پاراڭلاشتۇق ۋە رەسىملەرگە چۈشتۇق. بىز دېڭىز بويىدىن قايتىپ مېھمانخانىغا  كەلدۇق. مېھمانخانىغا كېلىپلا كەچلىك تاماق ئەكېلىش ئۈچۈن مەن مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ئافغانىستانلىقلارنىڭ ھالال ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق بۇيرۇتتۇم. بىز ياتاقتا بۇ ئەكەلگەن تاماقلارنى يىگەچ يەنە مائارىپ، ئوقۇتۇش، مېيىپلەر خىزمەتلىرى، تور بەتلەر توغرىلىق قىزىق پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئارىلىقتا خاتىرە رەسىملەرگىمۇ چۈشتۇق. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئۆتكۈر كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنۇڭغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم ھەم خوش بولدۇم. مۇمكىن بولسا مەكتىپىمىزنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى قىلىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. بۇنداق ياراملىق يىگىتلەرنى ھەرقانداق دۆلەت تەربىيىلىگۈسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە. بىز تور بەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىش توغرىلىقمۇ پاراڭلاشتۇق. مەن مۇنداق مەسلىھەت بەردىم، ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىر-بىرىدىن قىزغانماسلىقنى ئۆزارا ياردەم قىلىپ بىرلىكتە تەرەقى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بەزى تور بەتلەر مېنىڭ ئوقۇرمەنلىرىم باشقا تور بەتلەرگە كېتىپ قالامدىكەن دەپ يېڭى تور بەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قارشى ئالمايدىكەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كونا دۇكاننىڭ يېنىغا يەنە بىر يېڭى دۇكان قۇرۇلسا كونا دۇكانچى خېرىدارلىرىدىن ئەنسىرەپ خوشنىسى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. مېنىڭچە بۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەش. ئامېرىكادا مول دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇن بولۇپ بۇ يەرگە بارلىق دۇكانلار گىرەلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنداق بولسا خېرىدار تېخىمۇ كۆپىيىپ مال ئالىدىغانلارنىڭ سانى يېنىدا دۇكان يوق دۇكانلارنىڭ خېرىدارلاردىنمۇ كۆپ بولىدىكەن. نەتىجىدە دۇكاننىڭ سېتىلىشى بۇرۇنقى ئورۇنغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدىكەن. تور بەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا بىر بىرىدىن ئەنسىرەپ يامانلاپ يۈرمەسلىكى لازىم.  بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز يېرىم كېچىلەرگىچە داۋاملاشتى.

f.jpg



شەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئابابەكرى ئۇكام ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلان ئىستانسىغا ئەتىگەن سائەت 7 لەردە ماڭماقچى بولغاچقا بىز نەچچە سائەتلا ئۇخلاپ ئەتىگەن سائەت 5:30 دىلا ئابابەكرى ئۇكامنىڭ سومكىلىرىنى يىغىشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۇچرىشىش ئورنىغا باردۇق. بۇ يەرگە كەلسەك پاۋۇل ۋە بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل بولغان ئىككى قىز تۇرۇپتۇ. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئابابەكرى ئۇكام ئۇ ئىككى قىزغا مېنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا بىز سىزنى  بىلىمىز ئابابەكرى سىزنى بىزگە تونۇشتۇرغان ھەم سىزنىڭ مەكتەپ تور بەتتىكى تونۇشتۇرۇشىڭىزنى ئوقۇغان دېدى. مەن ئۇلارغا رەھمەت دېدىم ھەم ئابابەكرى ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلاردىن سورىدىم. ئۇلار ئابابەكرى بەك جانلىق ھەم سەمىمىي بالا ئىكەن دەپ ئۇنى ماختاپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئابابەكرى ئۇكام بارغانلا يېرىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەپتۇ. بارغان يېرىدە ۋەتەندىن ئەكەلگەن دوپپا قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلىپ كەپتۇ. ئۇلارمۇ پاۋۇلغا ئوخشاشلا بۇ تىرىشچان يىگىتنى ھەرگىز مېيىپ دېيىشكە بولمايدۇ  دېدى. ئۇ بارلىق ئىشلىرىنى بىرىنىڭ ياردىمىسىز بېجىرەلەيدىكەن. ئۇنۇڭ ئىستىقبالى بەكمۇ پارلاق دەپ كېتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاپ ئابابەكرى ئۇكامغا تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشتى. ۋاقىتمۇ توشۇپ بىز قاتتىق قۇچاقلىشىپ مېھمانخانىدىن ئايرىلدۇق. ئۇلار ئايروپىلان ئىستانسىغا مەن ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتىم.

ئاخىرقى سۆز


مېنىڭ ئابابەكرى ئۇكام بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈش پۇرسىتىم بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇچىرشىشىمىز بەك ئەھمىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ مېيىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرىدىن پەخىرلەندىم! ھازىر بەزىلەرنىڭ 4 ئەزاسى ساق بىراق قىلىۋاتقان ئىشلىرى يە مىللەتكە يە ئۆزىگە پايدىسى يوق. ئۆزىنى قويۇپ بەرگەن ئۈمىدسىز جاڭگىلىغا كىرىپ قالغان ياشلارنىڭ ئابابەكرى ئۇكىمىزنى ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئابابەكرى ئۇكامدەك مېيىپلەرنى قوللاپ قويۇشىنى ئۇنۇڭغا ئىقتىسادى ياردەمدە بۆلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.               كەلگۈسىدە مىڭلىغان ئابابەكرى ئۇكىمىزدەك مېيىپلارغا كۆيۈنىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۆلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

1

دوست

2691

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 820
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 18:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ،بۇتىمىغا بىرىنچى بۇلۇپ ئىنكاس يازالىغنىمدىن خۇشالمەن  ..سىلەرنىڭ كۆرىشكىنىڭلاردىنمۇ ئىنتايىن خۇرسەن بۇلدۇم ..ئىكىلىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن  ..مىھرىمىزنى تاغۇ -دەريا ،پايانسىز ئۇكيانلارمۇ تۇسۇپ قالالمايدۇ  ..ئارىمىزدىن سلەردەك ياراملىقلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن  ..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

2

دوست

2689

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 758
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 19:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئۇچىرشش بوپتۇ ،تاشپۇلات ئاكىمىز بىلەن ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ بۇ ئۇچىرششى ،بىز ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك ئۈلگىلىك دەرىس بوپتۇ .ئۇيغۇر ياشلىرى چۇقۇم بۇ نىڭدىن ئۇزۇن ئېلىپ ئۆزىمىزنى تەربىيلىشىمىز زۈرۈر.تاشپۇلات ئاكىنىڭ ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ھەققىدە بەرگەن تەكلىپى ئىنتايىن ئورۇنلۇق بوپتۇ ،بۇ پىكىرنى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە ئەمەس كارخانا ،تىجارەت سورۇنلىرى ،كىشلىك ئالاقە قاتارلىق كۆپ قىسىم ساھەلەرگە تەدبىقلاپ پايدىلانساق ،ھەركىتىمىزنى شۇ پىكىر ئېقىمى بۇيىچە قېلىپلاشتۇرساق «ئۇيغۇر »دىگەن  بۇ نامغا ھەقىقى رەۋىشتە لايىقلىشىپ ياشۇغۇدەكمىز .
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم ۋەتاشپۇلات ئاكىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،

2

تېما

1

دوست

4417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10928
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 1193
توردىكى ۋاقتى: 380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 19:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شانلىق نەتىجە يەنىلا شۇ توختاۋسىز تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ. ياشلېرىمىزنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئابابەكرى مۇختەر نىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتېنىڭ  تېخىمۇ  پارلاق بولىشىغا تېلەكداشمەن.
تېمىڭىزغا رەھمەت تاشپولاتكا.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 20:14:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش بوپتۇ. مۇشۇنداق ئۆز ئارا ياردەمدە بولساق نېمە دېگەن ياخشى -ھە!

0

تېما

0

دوست

329

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   14.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2180
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 21:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا سۆيۈنگىدەك ئىش بوپتۇ، ئىنىمىز ئابابەكرىگە مۇبارەك بولسۇن. بىزنىڭمۇ  بۇ ئۆمرىمىزدە تاشولات ئاكىدەك كىشىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولارمۇ؟

2

تېما

9

دوست

5831

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15034
يازما سانى: 605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 1734
توردىكى ۋاقتى: 194
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 21:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ سىلەرگە  ئاسانلىق بەرسۇن.. ئىشلىرىڭلار روناق تاپسۇن...  

2

تېما

0

دوست

820

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13551
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 09:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق ئىشلارنى چۈشەندىم بىلدىم، رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )