قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2914|ئىنكاس: 18

ئىبراھىم ئەمەت : ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ كۆز يېشى(ھەقىقى ۋ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

7

دوست

901

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 16:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrahimamat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-20 21:01  

      خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قېتىم  ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىلەش ئورنىغا بارغىنىمدا،كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قايتىمەن.مەيلى ئۇلارنىڭ قانداق ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇلار دىگەن بەرىبىر بالا.ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىللىقلىغىدىن ھوزۇر ئالىدىغان،ئاتا-ئانا مېھرىگە قانمايدىغان،غەمسىز ياشايدىغان شادىمان چاغلىرى،گۈزەل بالىلىغى،تۈرمىدە ئۆتىشى ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئۆرتىمەي قالمايدۇ.بۇيەردىكى ھەربىر ئۆسمۈرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالسىڭز،ئۇلارنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشىدا ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى لەختە- لەختە قىلىۋېتىدىغان ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى بار.بۇدۇنياغا پاك،ھۆر-پەرى سۈپەت تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بىر قىسىملىرى نىمە ئۈچۈن كېيىن جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالىدۇ؟.
   مەزكۇر ئەسەردە بەزى دېلو مىسىللىرى ئارقىلىق بۇ توغرىدا پىكىر يۈرگۈزىمىز.
   ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشى دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ بارغانسېرى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى،ئىجدىمائى تەشكىلاتلار،ئىنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
    ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىدىگەندە،14ياشتىن18ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئېلىمىز ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىدىن ئىبارەت بۇمەسىلىگە مۇھىم ئىجدىمائى مەسىلە سۈپىتىدە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىش مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان،ئۇلارنى تەربىلەيدىغان  مەخسۇس ئورگانلار بار.
   ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ھەر تەرەپلىمە بولسىمۇ،ئەمما جىنايەت قەستەنلىگى ۋە جىنايەت مۇددىئاسىنىڭ شەكىللىنىشىدە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرى سالماق ئورۇندا تۇرىدۇ.
   1.ئىجدىمائى مۇھىت ۋە   ياش- ئۆسمۈر ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ تەسىرى.بۇنىڭدا ئىجدىمائى كەيپىياتنىڭ ساغلام بولماسلىغى،ھەرخىل چىرىتكۈچ ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرى،ئاتالمىش ساقىندى “مەدەنىيەت”لەرنىڭ سەلبى تەسىرى،ئىرادىسى ئاجىز بولغان    ياش- ئۆسمۈرلەرنى جىنايەت يولىغا باشلايدۇ.   
        ئادەم ھامان تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ۋە غىدىقلىشىغا  ئۇچراپ تۇرىدۇ.غىدىقلاش سوبېكىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ھامان،ئۇنىڭدا سەلبى تەسىر پەيدا قىلىپ،سوبېكىتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى پەيدا بولىدۇ.مۇددىئا قىلمىشنى بەلگۈلەيدۇ.مەسىلەن: تەكشۈرۈشىمىزچە باسقۇنچى جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەھۋانى كىنو ياكى سېرىق مەزمۇندىكى كىتاپلارنى كۆرگەندىن كېيىن،جىنايەت يولىغا ماڭغان.لۈكچەك-ئوغرى جىنايەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېرورلۇق-ياۋۇزلۇق،زومىگەرلىك تەسۋىرلەنگەن كىنولارنى كۆرگەندىن كېيىن،“تەقلىت قىلىپ بېقىش” مۇددىئاسى بىلەن جىنايەت يولىغا مەڭغان.خىروئېن بەڭگىلىرى بولسا باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغان.شۇڭا ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدىكى بەزىبىر  روشەن ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىش،كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن مۇھىم.ئومۇمەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن جەمىيەت بىر ئالى مەكتەپ،ھەممىلا يەردە ئۇنىڭ“ئۇستازلىرى”مەۋجۇت. جەمىيەتتە پاسسىپ،چىرىك ئىدىيەلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن،ئۇلارغا بولغان ھەرخىل مەزمۇندىكى تەربىيە ۋاختىدا ئېلىپ بېرىلمىسا،ئۇلار ئاسانلا جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ.   
        2.ئائىلە قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلام بولماسلىغى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىدە كاتالىز رولىنى ئوينايدۇ.  
ئائىلە ھەربىر پەرزەنت تۇنجى تەربىيە ئالىدىغان مەكتەپ.ئاتا-ئانا ھەربىر پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئۇستازى. .ئاتا-ئانىنىڭ ھەربىر گەپ-سۆزى،يۈرۈش-تۈرۈشى بالىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
      جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ  ئائىلە قۇرۇلمىسىدا ساغلام بولمىغان ئەھۋاللارنى يەنى،ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن،دائىم ئۇرۇشىدىغان ئەھۋاللارنىڭ سالماق ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى بايقىدۇق. 14ياشتىن18ياشقىچە بولغان مەزگىل ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ،ئائىلە قۇرۇلمىسىدىكى بىنورماللىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى تېگىشلىك ئائىلە مۇھەببىتى،ئاتا-ئانا مېھرى ۋە تەربىيىسىدىن مەھرۇم قىلىپ جىنايەت يولىغا باشلايدۇ.
     دېلو مىسالى:ئالىم ساقى،16ياش،ئۈرۈمچىدىن،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 5يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.ھازىر ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىلەش ئورنىدا.بىز ئالىمنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايەت كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى بايانىغا قاراپ باقايلى.
     --دادام كۆمۇركاندا ئىشلەيتتى.مەن 3-سىنىپقا چىققان يىلى ئاپام ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.مەن 10ياشتا،ئىنىم 7ياشتا يىتىم قالدۇق.بىر يىلدىن كېيىن دادام قايتا ئۆيلەندى.ئاپام تۈگەپ كېتىپ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقىنڭ دەردىنى جىق تارتقان بولغاچقا،دادمنىڭ قايتا ئۆيلەنگىنىدىن بەك خوش بولدۇق.لېكىن ئىش ئويلىغىنىمىزدەك بولمىدى.دادام كېچىلىك سىمېنىدا ئىشلەيتتى،ئەتتىگەن ئىشتىن چۈشۈپ چۈشكىچە ئۇخلايتتى،چۈشتىن كېيىن دوسلىرى بىلەن ھاراق ئىچەتتى،كۈندە دىگۈدەك مەس يۈرەتتى،دادامنىڭ نىمە سەۋەپتىن بۇنچىۋالا كۆپ ھاراق ئىچىدىغانلىغانىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتۇق .ھەپتىلەپ دادم بىلەن يۈز كۆرۈشۈش نېسىپ بولمايتتى.ئەتتىگەندە بىز مەكتەپكە ماڭغاندا دادام ئىشتىن كەلمەيتتى،بىز ئىشتىن كەلگەندە بولسا غەرق مەس ئۇخلايتتى،بىزنىڭ مەكتەپتە نىمە يەپ،نىمە كىيىپ يۈرىۋاتقانلىغىمىزنى سوراشقا چولىسى يوق ئىدى.ئۆگەي ئاپىمىز تۇغماس ئايال بولۇپ،قاپىغى يامان،ئاغزى بېزەپ ئايال ئىدى،دادام يوق چاغلاردا ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللايتتى،ئۇراتتى.ئۇنىڭغا چىش يېرىپ بىر نەرسە دىيەلمەيتتۇق.خورلانغان،تاياق يىگەن،ئاچ قالغان كۈنلەردە، ئىنىم بىلەن ئاپامنىڭ قەۋرىسىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا يىغلاپ قايتىپ كېلەتتۇق.قىشنىڭ قاتتىق سوغاق كۈنلىرىدە،يالاڭ كىيىم بىلەن دىر-دىر تىترەپ مەكتەپكە بارغان كۈنلىرىمىز كۈرمىڭ.مەكتەپتە ئاساسەن چۈشلۈك تاماق يەپ باققاننى بىلمەيمەن.تاماق يىيىش ئۈچۈن پۇل بولۇشى كېرەك،ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئايلاپ-يىللاپ پۇل دىگەننى كۆرۈپ باقمايتتۇق.ئىنىم مەكتەپكە كىرگەننىڭ ياقى جۈدەپ ساغىرىپ كېتىۋاتاتتى.  ئىنىم  بىلەن ئىككىمىز چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا ئۆيدىن ئېلىۋالغان بىرەر پارچە نان،بىرەر چاڭگال قاق دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن قوساقنى گوللايتتۇق.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە،خوشنا مەھەللىدىكى،بىر نەچچە بالىلار بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.ئۇلار مېنى مېھمان قىلدى،ئۇلار پۇلنى ئايىماي خەشلەيتتى،ئۇلارنىڭ مۇنچىۋالا پۇلنى نەدىن تاپىدىغانلىغىنى بىلمەيتتىم.“مېنىڭمۇ ئاشۇنداق جىق پۇلۇم بولسا-ھە﹗،ھېچ بولمىغاندا ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئاچ توق يۈرمەس ئىدۇق ”،دەپ ئويلاپ قالاتتىم.كېيىن بىلسەم ئۇلار قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدىن تۆمۈر-تەسەك ئوغۇرلاپ ساتىدىكەن.شۇنداق قىلىپ ئۆزەممۇ بىلىپ بىلمەي  شۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ قالدىم.بىز كېچىسى قۇرۇلۇش مەيدانلىرىغا تېگىش قىلاتتۇق.شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مېنىڭمۇ پۇلۇم بار بولدى،بۇنىڭ بەدىلىگە ھېچ بولمىغاندا ئىنىم بىلەن ئىككىمىز چۈشتەبىرۋاق ئىسسىق تاماق  يىيەلەيدىغان بولدۇق.ئوغۇرلۇقنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرساممۇ،ماڭا پۇل بولمىسا بولمايتتى.شۇڭا ھەممىگە تەۋەككۈل قىلىشقا رازى ئىدىم.
     ئوغۇرلۇق ئەدىگەنسىرى،قۇرۇلۇش مەيدانلىرىنىڭ باشقۇرۇشى چىڭپ كەتتى.ئەمدى بۇيەردىن بىر نەرسە ئوغۇرلاش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟.پۇل بولمىسا بولمايدۇ. ئاچ قالىدىغان گەپ.ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،مەكتىۋىمىزنىڭ 5دانە كومپىيۇتىر ئالغانلىغىدىن خەۋەر تاپتىم.ئاخشىمى مەكتەپتە ئادەتتە بىر بوۋاي كۈزەتچىلىك قىلاتتى.شېرىكلىرىمگە بۇخەۋەرنى يەتكۈزدۈم.شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى كەچتە 5دانە كومپىيوتېرنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتتۇق.ئەتىسى مەكتەپكە بارسام مەكتەپ ئىچى پاتپارقچىلىق بولۇپ كېتىپتۇ.شۇكۈنى نۇرغۇن ساقچىلار كەلدى. ساقچىلارنى كۆرۈپ جان-ئىمانىم چىقىپلا كەتتى.ئىككى كۈن تىنچ ئۆتتى،ئۆچۈنچى كۈنى تۇتۇلدۇم....
        ئالىمنىڭ كۆزلىرىدە ياش پىلىلداپ تۇراتتى،يۈرەكلىرىم جىغىلداپ كەتتى.ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش نىيىتىم بولسىمۇ،دەماللىققا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىم.
      -ئەمدى قانداق ئويلاردا بولۇۋاتىسەن؟--دىدىممەن ئوڭايسىزلىغىمنى يوشۇرماق بولۇپ.
     -قانۇن تورىغا چۈشكەن بىر قۇشمەن،--دىدى ئالىم لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ،--ئەگەر ئاتا-ئانام ئۇكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھالىدىن ئاز تولا خەۋەر ئالغان بولسىدى،بەلكىم بىر ئۆمۈر ئوغۇرلۇق قىلماسلىغىم مۈمكىن ئىدى،لېكىن ئۇنداق بولمىدى،5يىلدىن كېيىن تۇرمىدىن چىقساممۇ مەن دىگەن بەرىبىر ئوغرى.ئىنىم شۇتاپتا نەلەردە يۈرىدۇ؟،بۇماڭا نامەلۇم،ئۇنىڭمۇ تۇرمۇشنىڭ قىستىشى بىلەن يامان يولدا مېڭىپ قېلىشدىن  ئەنسىرەيمەن.ئۇنىڭغىمۇ پۇل بولمىسا بولمايدۇ.لېكىن شۇپۇل نەدە؟.بۇ ئىشلارغا بىز ئەيىپلىكمۇ؟....-ئالىم ئېغىر خۇرسىنىپ يەرگە قارىغىنىچە ئۇلتۇرۇپ كەتتى....
     ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن سىز بۇ ۋەقەلىكتىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟.ئالىمنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ،ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۆگەي ئانىسى چۆچەكلەردىكى شەخس ئەمەس.بىزنىڭ ئالىمنىڭ ئاتا –ئانىسىنى چۆچەكلەردىكى رەھىمسىز دادا،ياۋۇز ئۆگەي ئانا قىلىپ تەسۋىرلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. بۇلار  ئاتا-ئانا مېھرىگە تەشنا بولغان بىر نارەسىدىنىڭ قانۇن ئالدىدا قىلغان يۈرەك سۆزى.ئەگەر ئالىم ئائىلىدە ئاتا –ئانىسىدىن تېگىشلىك مېھرى مۇھەببەتكە ئېرىشەلىگەن،ئەقەللى تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلگەن بولسا بەلكىم ئۆزى دىگەندەك بىر ئۆمۈر ئوغۇرلۇق قىلماسلىغى مۈمكىن ئىدى،لېكىن ئۇنىڭغا ئامال بولمىغان.جەمىيىتىمىزدە شۇنداق ئاتا-ئانىلارمۇ باركى،ئۇلار بالا تېپىشنى بىلگەن بىلەن،بالا تەربىلەش،ئۇلارغا مېھرى مۇھەببەت ئاتا قىلىش،كۆيۈنۈش،ئاسراشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ھۈجەيرىدىكى كەمتۈكلۈك،كېسەللىك ۋە بىنورماللىق بالىلارنىڭ جىنايەت يولىغا مېڭىشىدىكى مەنبەدۇر.
     ياش –ئۆسمۈرلەر كەلگۈسىنى ياراتقۇچى ۋە ئەجداتلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىدە،تارىخ سەھنىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ھەر بىر دۆلەت،ھەر بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنىڭ قەنداق بولۇشى تامامەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشىگە باغلىق.ياخشى تەربىيەلەنمىگەن ياشلار كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلات تەربىيەلەپ چىقالمايدۇ.شۇڭا ھەربىر پەرزەنتنى ياخشى تەربىيەلەش،ئۇلارغا كۆيۈنۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.


(ھەقىقى بولغان ۋەقەگە ئاساسەن يېزىلدى،كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
      2012-يىلى 26-فېۋرال،ئۇرۇمچى.      

uyghuray

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28862
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 17:44:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ، ئاتا-ئانا قىلسا بالىغا دىگەن  سۆز تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان ھە!! بالىنىڭ ياش تۆكۇپ تۇرۇپ قىلغان سۆزلىرىنى ئوقۇپ مەنمۇ بىرقىسما بوپ قالدىم.

3

تېما

0

دوست

1593

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 17:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zayumka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 17:50  

ئۇسمۇر جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايەت يۇلىغا مىڭىپ قىلىشى سەۋەبلىرى :
-ئاتا-ئانىسىنىڭ بىلىمسىز قارا قورساقلىغى ،مەسئۇلىيەتسىزلىگى تۇپەيلىدىن بالىنى تەربىيەلەشكە توغرا ئۇسۇل قوللانمايدۇ بىر بولسا قاتتىق ئۇسۇل بىلەن باشقۇرۇپ بالىنى بەزلەشتۇرۇپ  رەھىمسىز ئۇرۇشقاق قويىدۇ  ياكى بەك ئەتىۋارلاپ بالىنى  شەخسيەتچى قىلىپ قويىدۇ .
پەرزەنىت ئالدىدا ھەددىن ئارتۇق شەخسىيەتچلىكنى مەنپىئەت پەرەسلىك بىلەن ياشاشقا ئۇزى ئۇلگە بولوپ بىرىدۇ .

پەرزەنىتنىڭ ئوگۇنۇش ،مىجەز ئۇزگىرىشى ،قاتارلىق ئۇزگىرىشىلەرنى ۋاختىدا بايقالمايدۇ .
پەرزنەتنىڭ كىچىكىدىن  بىلىمگەقىزىقىدىغان ،ئەخلاقلىق ،ساغلام يىتىلىشىگە ئىلمىي بالىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن يىتىكلەپ ماڭمايدۇ .
پەرزەنىتنىڭ سىرىق ،شەھۋانى نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىۋاتقانلىغىنى ۋە تەسىر قىلۋاتقانلىغىنى ۋاختىدا بايقالمايدۇ .

0

تېما

0

دوست

169

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27607
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 18:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىم ئاغرىيدۇ شۇ بالىلارغا .. كىچىك تۇرۇپ نىمە كۈن نىمە جاپا .  ئەتاپىمىزدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باللا نۇرغۇن ،، بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن . ھەر سەبى قىزلا ئوغۇللا . قاندا قىلىمىز . تەقدىر قىسمەت دىگەن بەزى ئاشۇندا رەھىمسىز .
uyghuray

----كىتابخۇمار----

9

تېما

82

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4758
توردىكى ۋاقتى: 972
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 20:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ....

2

تېما

0

دوست

853

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25947
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 20:12:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەغدىر

26

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 8532
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 20:16:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ باغرى تاش ئۇگەي ئانا ئىكەن

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6143
توردىكى ۋاقتى: 1635
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 21:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن ئىچىنىشىلىق-ھە! ھەممىمىز ئىناق ئائىلىنىڭ قەدرىگە يېتەيلى. ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتۈش ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )