قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5078|ئىنكاس: 18

لوندوندىكى كۈنلىرىم ۋە«دەرۋىشلەر بايرىمى »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

0

دوست

822

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   64.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13385
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 05:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida



لوندوندىكى كۈنلىرىم ۋە«دەرۋىشلەر بايرىمى »


بۇ قىسىمدا تۆت بۆلەك تېما بار:
1. لوندون
   تۇنجى تەسىرات: زامانىۋىلىق بىلەن قەدىمىيلىك تولىمۇ كۈچلۈك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر شەھەركەن. بۇنداق دېيىشىم مەيلى ۋېنا، مەيلى رىم، مەيلى پارىژ ۋە ياكى ئىستانبول بولسۇن، شەھەرنىڭ كونا قىسمى ياخشى ھەم تەخمىنى ئايرىم ساقلانغان، يىڭى زامانغا خاس ئېگىز بىنالار شەھەرنىڭ ئايرىم بۆلەكچىسىگە، بولۇپمۇ كونا شەھەر قىسمىغا تەۋە بولمىغان قىسمىغا جايلىشىغلىق. لوندوندا بۇ ئىككى تەرەپنى ئايرىماق سەل قېيىنكەن، خۇددى گېرەلىشىپلا كەتكەندەك. بىر يېنىڭىزدا ئېگىز ئەينەك بىنالار، بىر يېنىڭىزدا نەچچە يۈز يىللىق تارىخى بار قورغانلار. تاكسىلىرىمۇ سىزگە سانائەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىدۇ، كونىچە قالپاق كىيگەن، تېنىشىپ قالغانلارغا يول كۆرسىتىدىغان ئادەملەر. ئۈستىدە سىمسىز ئىنتېرنېت بەلگىسى بار كونىچە تېلېفون بوتكىسى (بۇمۇ ياخشى ئۇسۇلكەن، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە ھەر ھالدا يېڭىچە فۇنكسىيە بىلەن داۋاملىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۋېتىپتۇ).
لوندوننىڭ شەھەر ئىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ھازىرچە لوندوننى مىلادى 121-يىلى خاتىرلەنگەن لاتىنچە لوندىنىيۇم دېگەن سۆزگە باغلايدۇ. شۇ چاغلاردا لوندوندا تەخمىنەن 60 مىڭ نوپۇس بولغان. تۇنجى ئاھالىلەر مەركىزى مىلادى 43-يىلى رىملىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن.
     كىڭىز كروس پويىز ۋوگزالىدىن چىقساقلا، ئوڭ تەرەپ 100 مېتىر دائىرىدە برىتانىيە كۈتۈپخانىسى بار ئىكەن، قىزىل خىشتا سېلىنغان بۇ بىنا قونچاق فىلىملىرىدەكلا ئەپسانىۋى، كىشىگە سۈر-رېئال تەسىر بېرىدىكەن. كىتابقا ئامراقلىقىمدىن يوقلىماي ئۆتكۈم كەلمىدى، ئەپسۇس كىتاب كۆرىدىغان يېرىگە كېرەلمىدىم، يەكشەنبە بولغاچقا ئىچىنى ئاچمايدىكەن، پەقەت ئېكىسكۇرسىيە زالى، ماگىزىن قاتارلىق بىر قانچە قىسمىلا ئوچۇق ئىكەن.

برىتانىيە كۈتۈپخانىسى

      مۇسۇلمان ئۈچۈن يات يۇرتتا قوساق غېمى چوڭ ئىش ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بىزدە ئىسسىق تاماققا ئاجايىپ كۆنگەن مىللەتكە ئىسسىق بىر نەرسە يېمىسە تاماق يېگەندەك بولمايدۇ. قىززىق يېرى بۇ سوغاقتا ياشايدىغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سوغاق، ئىچىملىكلىرىمۇ سوغاق، نەدە ئىسسىقتا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ ئىسسىق… ھەر ھالدا يېڭى تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش كۆپ قولايلىقلارنى ئەپ كېلىدۇ كىشىگە. يانفونۇمغا ئاۋازىمنى چىقىرىپ ”لوندوندىكى تۈرك رىستۇرانىلىرى“ دېسەملا، ئىنگىلىز تىلى ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ماڭا گۇگىل ئارقىلىق لوندوندىكى بارلىق ئاشخانىلارنىڭ خەرىتە ئورنى ھەم ئادرىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. خەرىتىدىكى ئورنۇمغا ئاساسەن ماڭا ئەڭ يېقىن تۈرك رىستۇرانىنى مىنۇت ئىچىدە تاپالايمەن. شۇنداق قىلىپ، چۈش ۋاقتىدىن ئەمدىلا ئۆتكەن بولغاچقا 300 مېتىر نېرىدا بىر تۈرك رېستۇرانى بارلىقنى تاپتىمدە خوشاللىقىمنى باسالماي يۈرۈپ كەتتىم. بېرىپ قارىغۇدەك بولسام، سىرتىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويۇپتۇ، رىستۇراننى ۋاقتىنچە توختاتتۇق، ئىچىنى يىڭىلاۋاتمىز دەپ. ھىم، تېخنىكا يەنە يېتەرلىك ئەمەسكەن، بولسا ئۇچۇرلار جانلىق، ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرسا قانداق ياخشى بولار ئىدى. ھازىرقى تەرەققىيات تېزلىكىدىن قارايدىغان بولساق، ئاز ۋاقتقا قالماي بۇ ئىشلارمۇ ئېنىق ئەمەلگە ئېشىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىلاننى ئۆزگەرتىپ ئىككىنچى بىر تۈرك ئاشخانىسىغا يۈرۈپ كەتتىم.
       پىيادە مېڭىش خوش ياقمىدى، نېمىلا دەيلى بۇ چوڭ شەھەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىم قىس. ئاپتۇبۇس ھەم مېترولار قىممەتچىلىك (شەھەرنىڭ 1-چەمبىرەك رايونىدا پەقەت بىر قېتىملىق ئاپتۇبۇس بېلىتى 2.4 فوند، مېترونىڭ 4.7 فوند، قوش قەۋەتلىك قىزىل رەڭلىك شەھەر ئايلىنىش ساياھەت ئاپتوبۇسى 30 فوندتىن يۇقرى ئىكەن، توردىن بالدۇر سېتىۋالسا ئەرزانراق توختايدىكەن)، ھەم داۋاملىق بېكەتتە ساقلايدىغان ئىش. شۇڭا شەھەر مەركىزى رايونىغا مۇقىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوماتىك ۋېلىسىپت ئىجارە سېستىمىسىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلدىم. نەچچە مىڭ ۋېلىسىپت شەھەرنىڭ ئاساسى ساياھەت رايونىدىكى 700 دىن ئوشۇق ئوخشاش بولمىغان ئورونلارغا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، 24 سائەتلىك ياكى بىر ھەپتىلىك ئارىيەت ئىلىش بېلىتىنى ئېلىۋالسىڭىز، يېرىم سائەت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ تۇرسىڭىزلا ئارتۇق خىراجەت تۆلىمەيدىكەنسىز. بانكا كارتىڭىز بىلەن كوچىدىلا ئاپتوماتىك ماشىنىدىن بېلىتىنى ئېلىپ 24 سائەتلىك ئىجارىگە پەقەت ئىككى فوندستېرلىڭلا تۆلەيدىكەنسىز، ئەلۋەتتە ئەجەللىك بىر شەرتى بار ئىكەن، ھەر قېتىم ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىز 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسە پۇل تۆلىمەيدىكەنسىز. ۋاقىت ئېشىپ كەتسە، ھەققى تىك سىز بويلاپ دېگۈدەك ئېشىپ ماڭىدىكەن. ئەمەلىيەتتە يولغا پىششىق بولسىڭىز 5 تىن 10 مىنۇتقىچە بىر ساياھەت نۇقتىسىدىن يەنە بىر ساياھەت نۇقتىسىغا بېرىپ بولىدىكەنسىز، شۇڭلاشقىمۇ 30 مىنۇت دېگەن بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەن. ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى خەرىتىدىن، ياكى يانفونىڭىزنى ئېچىپ ۋېلىسىپت تورى خەرىتىسىدىن ئەڭ يېقىن يەردىكى ۋېلىسىپت توختىتىش جايىنى ئاسانلا تاپالايدىكەنسىز. ياخشى يېرى بۇنداق جايلار يولنىڭ بويىدىلا بولىدىكەن، يىراقتىنلا پەرق قىلىپ بولىدىكەنسىز.

ئاپتوماتىك ۋېلىسپىت ئىجارە ئېلىش سېستىمىسى مەخسۇس نۇقتىلىرى

       ۋېلىسىپىتنىڭ ياردىمىدە رەت تەرتىۋى بويىچە شەرقى شىمالدىن باشلاپ دۇكانغا تولۇپ كەتكەن ئوكسفورد كوچىسى، پادىشاھ ئوردىسى بولغان باكىڭھەم ئوردىسى، ۋەستمىنىستېر خانىقاسى ۋە چېركاۋى، پارلامېنت سارىيى، تەمىز دەرياسى (تايمىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، لوندوننى ئوتتۇردىن كېسىپ ئۆتىدۇ)، لوندون كۆزى (بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدىغان چوڭ تىپتىكى ئايلانما چاق)، ترافالگا مەيدانى (لوندوننىڭ مەركىزىدىكى سىمۋوللۇق مەيدان)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىڭىز ئىنستىتۇتى (نۇرغۇنلىغان نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى، داڭلىق كىشىلەر چىققان)، سان-پائۇل چېركاۋى (لوندون شەھىرىنىڭ يەنە بىر سىمۋولى)، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، لوندون خاتىرە مۇنارى، لوندون مۇنارى، مۇنار كۆۋرۈكى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سارىيى قاتارلىقلارنى ئايلىنىپ چىقتىم. بىر قارىماققا شەھەرنىڭ ئاساسى رايونى بەكمۇ چوڭ ئەمەستەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە چوڭ تىپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاساسى نامايەندىلىرى بەك چوڭ بولمايدۇ، خۇددى بېيجىڭمۇ زىجىنچېڭنى مەركەز قىلغان ئىككىنچى ئايلانما ئېچىگە مەركەزلەشكەندەك.
ۋەستمىنىستېر خانقاسى
           گوتىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ چېركاۋ لوندوندىكى ئەڭ قەدىمى قۇرۇلۇشلاردىن بىرى بولۇپ، 11-ئەسىردىلا لوندوننى ياۋروپادا شۆھرەتكە ئىگە قىلغان چېركاۋلاردىن بىرى بولغان. تارىختا برىتانىيە پادىشاھلىرىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىقىش، توي ۋە ئۆلۈم مۇراسىملىرى بىردەك مۇشۇ چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن. خانىقانىڭ ئارقىسىدىلا ۋەستمىنىستېر ئوردىسى بولۇپ، 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە خان ئوردىسى بولغان. كېيىن پارلامېنىتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ، ھازىرغىچە شۇ رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. خانقانىڭ يان تەرىپى مەيدان بولۇپ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن تولۇپتۇ. كۆزۈمگە بەكرەك چۈشكىنى نېلسون ماندىلا بىلەن چېرچېلنىڭ بولدى.

ۋەستمىنىستېر خانىقاسى يان تەرىپى


پارلامىنېت سارىيى

سان پائۇل چېركاۋى
       بۇ چېركاۋنىڭ ئاساسى 7-ئەسىرگە تاقىشىدىغان بولۇپ ئەسلى گوتىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. 1666-يىلى لوندون شەھرى غايەت ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ شەھەر ئاساسەن ۋەيران بولغان. 3 يىلدىن كېيىنلا ئەسلى چېركاۋ ئاساسىدا باروك ئۇسلۇبىدا ھازىرقى چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ شەھەر لوندوننىڭ شەھەر سىمۋوللىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئىنگىلىز خەلقنىڭ مىللى كىملىك نامايەندىسى دەپمۇ قارىلىدىكەن. بۇ چېركاۋغا يېقىن يەردە شۇ ئوت ئاپىتىگە بېغىشلانغان خاتىرە مۇنارىمۇ باركەن.

سان-پائۇل چېركاۋى


لوندون كۆزى


پادىشاھ تۇرۇشلۇق جاي باكىڭھام سارىيى

           بۇ شەھەرنىڭ ماڭا ھەممىدىن ياققان يېرى چوڭ تېپتىكى مۇزېيلارنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ ھەقسىز بولۇشى بولدى، بۇنىسى كەم ئۇچرايدۇ. رىمدا بايرام كۈنلىرى مۇزىيخانىلار ھەقسىز، ئادەتتە ھەقلىق. گېرمانىيىدە مۇزېيلاردا ئومۇميۈزلۈك ھەق ئېلىنىدۇ، لېكىن خىلى ئەرزان. يورك ۋە ئېدىنبۇرگدا مۇزېيلار قىممەتچىلىك، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 فوندستېرلىڭ. ھەر ھالدا لوندوندا ھەقسىزلىرى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇزېيلار بىردەك ھەقسىز ئىكەن، پەقەت ئاممىۋى قاتناش سەل قىممەتتەك بېلىندى. شۇنداقتىمۇ ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش بەك قولايلىق بولىدىكەن. جۇغراپىيەگە پىششىقلىقىم تازا پايدا قىلدى. كىچىكىمدە خەرىتە سىزىشقا ئاجايىپ ئامراق ئىدىم، شۇڭا خەرىتىنى بىرلا كۆرۈۋالسام خۇددى كاللامغا GPS ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك كېتىۋېرىمەن (بەك پو ئېتىۋەتتىم، كەچۈرۈڭلار، پو ئېتىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ ئاڭلاپ شۇ). شۇنداق قىلىپ ۋېلىسىپت بىلەن يېرىم كۈندىلا لوندوندىكى ئاساسى يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم، يازدىكى كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ تازا پايدا قىلدى. ساياھەتچى بۇنداق كۆپ شەھەردىن پارىژ، رىملارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ماڭا ھەممىدىن يارىغىنى پارلامېنت بىناسى ۋە تۇتاش كەتكەن سائەت مۇنارىغا ئىشلىتىلگەن خىشنىڭ رەڭگى بولدى، كىشىگە شۇنداق يېقىملىق ھەم ئىسسىق كۆرۈنىدىكەن. يەنى قۇرۇلۇشنىڭ شەكلى قەدىمىيلىقنى ئەسلەتسە، رەڭگى يېڭىلىق سېزىمى بېرىدىكەن. تويماي قاراپ ئەتراپىدىن پەرۋانىدەك ئايلىنىپ كېتەلمەيلا قالدىم.

ئوت ئ‍اپىتى خاتىرە مۇنارى


پۇل مۇئامىلە مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش


ئەجدىرھا ھەيكىلى


لوندون مۇنارى (بۇرۇنقى خان ئوردىسى ۋە قورغان، 11-ئەسىرلەردە سېىلىنغان، ب د ت دۇنيا مەدەنىيەت نامايەندىلىرىگە كىرگەن)


تارىخى ئۇزۇن بولمىغان مۇنار كۆۋرۈكى


ئوڭ تەرەپتىكىسى لوندون مۇنار قورغىنى، سول تەرەپتىكىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى

            مۇنار كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىنىمدە كەچلىك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. توردىن لوندون ئۇيغۇر رېستوران دەپ ئىزدىسەم يىپەك يولى رېستورانى دەپ چىقىرىپ بەردىم، قارىماققا ئۇيغۇرلار ئاچقاندەكلا. لەغمەننى ئاجايىپ سېغىنغان قورساقنىڭ دەردىنى بىر چىقىرىش مەقسىتىدە لوندوننىڭ خىلىلا جەنۇبىغا جايلاشقان رىستۇرانغا قاراپ يولغا چىقتىم. خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ بارغىنىمغا چۇشلۇق ئىش بولمىدى، بەختكە قارشى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەسكەن، ئامما كىچىك ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ئادەم لىق تولۇپتۇ، خوجايىن ھەم كۈتكۈچىلىرىنى كۆرۈپلا 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتىم. قارىغاندا ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى لوندوندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يەنە ساقلايدىغاندەك قىلىمىز… … (ۋىنا، پارىژ، ميۇنخېن، فرانكفورت، ئىستانبول، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە بار.)

تۈرك قوي كاۋىپى

          ئۇيغۇر لەغمىنى يېيىش چۈشۈم غەرق بولغاندىن كېيىن، يەنىلا بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رېستۇرانىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. تەلىيىمگە ياتاققا قايتىش يولۇمدىلا بىرى بار ئىكەن، ئىمپېرىيە ئۇرۇش مۇزېيىنىڭ ئالدىدىلا. ۋېلىسىپىتنى رىستۇران ئالدىدىكى يولنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان مەخسۇس توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇپ، ئازادە ھەم ئۆزگىچە لايىھىلەنگەن رېستۇراندا كەچلىك تاماقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۋالدىم.
       ئىككىنچى كۈنلۈك سەپىرىمنىڭ كۈندۈزلۈك قىسمىنى لوندوندىكى مۇزېيلارغا ئايرىپ قويغان ئىدىم. مەنچە لوندونغا كەلگەن ئادەم لوندوندىكى مۇزېيلارنى كۆرمەي كەتمەسلىكى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا كۈنى پاتماس ئىمپېرىيە ئاتالغان برىتانىيە پۈتۈن دۇنيادىن ئاز نەرسە يىغمىغان. يەنە بىرىگە سانائەت ئىنقىلابى مۇشۇ دۆلەتتە باشلانغان. داڭلىق مۇزېيلاردىن برىتانىيە مۇزېيى، تەبىئەت مۇزېيى، ئىلىم-پەن مۇزېيى، ئۇرۇش مۇزېيى قاتارلىقلار بار. ئالدى بىلەن ھايدى باغچىسىنىڭ ئاستىغىلا جايلاشقان، تەبىئەت مۇزېيى بىلەن تام خوشنا ئىلىم-پەن مۇزېيىدىن باشلىدىم. ئۇنداق قىلمىسام كەسپىمىگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك بىر تۇيغىدا بولۇپ قالغۇدەكمەن. ئامما بۇ مۇزېي چوڭلارنىڭلا ئەمەس، بالىلارنىڭ ئېسىل مۇزېيى ئىكەن. كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇپ، تۆت قەۋەتلىك مۇزېينى تۈگىتىشمۇ ئاسان ئەمەسكەن. خۇددى ئىنسانىيەت تارىخىنى قايتىدىن، تېخىمۇ ئوبرازلىق كۆرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن كىشى. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى، كىچىك بالىلارنىڭ كۆپلۈكى بولدى. كۆپىنچىسى مۇئەللىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەپتۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇزېيدىكى پەننى مودېللاردىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپتۇ. مۇزېي خادىملىرى ئۇلارغا ئېرىنمەي ئىلىم-پەننىڭ قىزىقارلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرگىلى تۇرۇپتۇ. سەككىز ياش ۋاقتىمدا بۇزۇق رادىئونى ئېچىپ ئىچىنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى ئەسلەپ قالدىم، ئەگەر شۇ چاغدا مۇشۇنداق بىر مۇزېيغا كىرگەن بولسام قانچىلىك ھاياجانلىنار ئىدىم ھە؟ تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن… نىمە دېگەن بەخىتلىك بالىلار بۇ! شۇنداق قىلىپ ئەسلى ئۈچ سائەت پىلان قىلغان مۇزىيدا تۆت سائەت ئايلىنىپ، تەبىئەت مۇزېيىغا كىرىش پىلانىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەر ھالدا كېلەر قېتىم كېلىشكە ئازراق باھانە قالدى. چۈشلۈك تاماقنى ترافالگا مەيدانىغا بەش مىنۇتچە كىلىدىغان بىر تۈرك رىستۇرانىدا يەپ (گۇگىلغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت)، يولۇمنى برىتانىيە مۇزېيىغا قاراتتىم. ئەسلى پىلاندا سەنۇبەر خانىمنىڭ ناخشا كېچىلىكى يەتتىدە باشلىناتتى، خىيالىمدا برىتانىيە مۇزېيىنى تىز ۋاراقلاپ چىقىشقا ۋاقىت كەڭ يېتەتتى. بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تېلىفونىدىن ئەمەلىيەتتە پائالىيەتنىڭ سائەت بەشتىلا باشلىنىدىغىنىنى كېچىكىپ ئۇقۇپ قالدىم. برىتانىيە مۇزېيىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئەپسۇسلانغانچە ئۆتۈپ، مۇزېيغا يېقىنلا يەردىكى پائالىيەت ئورنى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ برۇنېي زالىغا يۈرۈپ كەتتىم.

تەبىئەت مۇزېيى


ئىلىم-پەن مۇزېيىدا فىزىكىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان بالىلار


ئىلىم-پەن مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش


ترافالگا مەيدانى


برىتانىيە مۇزېيى


تېلېفون بوتكىسى (سىمىسىز تور باركەن)


لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شاھ ئىنىستىتۇتى (King’s College)

2. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كىچىك تىپتىكى سوپىلار بايرىمى
       بۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىرىتانىيەدىكى چوڭ ئالىي ئوقۇللارنىڭ بېرى. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى سانىلا 150 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ بىر بۆلۈمچىسى بولغان ”شەرىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى مەكتىپى SOAS“ دىمۇ بەشمىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. دەل مۇشۇ بۆلەك بۇ يىل ئۇيغۇر دەرۋىش-سوپىلار تېمىسىنى ئاساس قىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىكەن. پائالىيەت مەزمۇنى كەسپى فوتوگراف لىسا خانىمنىڭ تەكلىماكاندا تارتقان سۈرەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، لوندوندىكى ئۇيغۇر ۋە برىتانىيەلىكلەردىن تەركىب تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشا-مۇزىكا نومۇرلىرى، دوكتۇر رەيچىل ھاررىس (مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ھەم تەتقىقاتچى) خانىمنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدا تارتىلغان سوپى-دەرۋىشلەر ھاياتىنى كۆرسەتكەن فىلىم ئارقىلىق سوپىلار ھەم ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى، ھەقسىز تاماق ۋە ئاخىرىدا ۋەتەندىن تەكلىپ قىلىنغان سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۈچ سەنئەتكارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئاپتۇ. پائالىيەتكە خىلى كۆپ مېھمانلار كەپتۇ. بولۇپمۇ سەنۇبەر خانىم مۇزىكا كەچلىكى ئۆتكۈزۈلگەن برۇنېي زالى نومۇرلار باشلىنىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇنلا لىق تولدى، كىرەلمىگەنلەر ئىشىك سىرتىدىن ئاڭلىدى. بۇ پائالىيەتكە ئاقا-خان مەدەنىيەت فوندى ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرىپتۇ. سەنئەتكارلىرىمىز ئاز كەم ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە دەم ئالماستىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيە، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن ئارىيەلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ بەردى. سەنۇبەر خانىم ھەم قىسقا ناخشىلىرىدىن بىر قانچىنى ئورۇنداپ بەردى. مۇزىكا ۋە ناخشا ئاۋازلىرى قەلبىمىزنى ئاچچىق-چۈچۈكلەرگە تولدۇرۇپ، روھىمىزنى ھىچ تۇيدۇرمايلى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ كەتتى. ئىچ-ئىچىمدىن نەقەدەر گۈزەل بىر مەدەنىيىتىمىز بار دەپ زوقلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن گېرمانىيەلىك ئىكەن، ئارلىقلاردا ئانچە-مۇنچە سوئاللارنى سوراپ تۇردى. پائالىيەتتە ماڭا بىردىن-بىر ياقمىغان يەر، تېخى يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بارلىقى بولدى. ئادەتتە ياۋروپادا كونسېرتلارغا ئومۇميۈزلۈك كىچىك بالا ئەكىرمەيدۇ. گەرچە بۇ كەچلىكتە تەسىرى بەك چوڭ بولمىغان بولسىمۇ، ئارىلىق ئارلىقلاردىكى ئاندا ساندا چىقىپ قالغان يىغا ئاۋازلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئوبدانلا تارتىدىكەن. ئەلۋەتتە، مۇساپىرچىلقىتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر خىل كىشىلىرىمىز بار، مەدەنىيەت سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھەم بۇنداق پائالىيەتلەرمۇ 10 يىلدا ئاران بىر كېلىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ئائىلىسىدە بالىسىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇشى مۇمكىن، كەلمەي دېسە چېدىيالمايدۇ… يەنىلا توغرا چۈشەنمەي ئامالىمىز يوق… ھەر ھالدا كىشىنى رازى قىلىدىغان بىر ئىش، ھېچكىمنىڭ تېلېفونى سايرىمىدى. ئادەتتە مۇشۇ يولداشلار بەك چاندۇرىدۇ، باشقا يەردە ئەمەس، تازا ئالىملار لېكسىيە سۆزلەۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىلمى سورۇنلاردا بۇلارنىڭ تېلېفونى سايراپ توختىمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ تېخى ئارقا-ئارقىدىن سايرايدۇ (ئۆزگىچە ئامراق بولسا كېرەك). بېيجىڭنىڭ پۇقرالارغا چەتكە چىققاندا ئەخلاق جەھەتتىن دىققەت قىلىش ھەققىدىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان چېغى. مەنچە، ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىز سەل خېرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ. ۋەتەندە بارغانچە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرىدىغان، باشقىلارنىڭ دەم ئىلىش، ئازادىلىكىگە دەخلى قىلىدىغان، قالايمىقان ئەخلەت تۆكىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قاپتۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىڭ يىل ئالدىدا يازغان ”قۇتادغۇبىلىك“ تىكى ئەخلاق دەستۇرلىرىمىزنى قايتىدىن تېپىۋالمىساق، ھەم چىڭ تۇتمىساق بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ.

پائالىيەت برۇنىي زالىدا باشلىنىپ كەتتى


فوتوگراف لىزا روس خانىم تەكلىماكاندىكى ھايات كەچۈرمىشلىرىنى چۈشەندۈرۋاتىدۇ


سەنۇبەر خانىم ناخشا كېچىلىكى باشلىنىش ئالدىدا، زال ئىچى بالدۇرلا تولۇپ كەتتى


غەلبىلىك ئاياغلاشتى

سىن ھۆججەتتىن پارچە:
رەسىملەر بەك كۆپ بولغاچقا بۇ يەرگە تاللاپ چىقاردىم. قىزىقساڭلار تۆۋەندىكى ئادرېستىن تولۇقىنى كۆرەلەيسىلەر:

3. بېرلىن شەھەر مۇزېيىنىڭ پروسسىيە مەدەنىيەت بايلىقلىرى تور بېتىگە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلەيدىغان ئوخشايمىز. تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىگە turfan دەپ كىرگۈزسىڭىز 100 يىللار بۇرۇن يۇرتىمىزدا تارتىلغان مىڭدىن ئوشۇق رەسىمنى كۆرەلەيسىز. قىزىققۇچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://www.smb-digital.de/eMuseumPlus
بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا دۈنخۇاڭ تەتقىقات تۈرى تور بېتىگىمۇ نۇرغۇن قول-يازمىلارنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. ئاڭلىسام يەنە داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىمىش. تۆۋەندىكى ئادرىستىن ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.
http://idp.bl.uk/

4. يېقىندا سېتۋالغان بىر قىسىم بىزگە ئائىت ئېسىل كىتابلار
l

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بەزى كىتابلار

          ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابلاردىن پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىسىلا نىسبەتەن يىڭى چىققان كىتابلار (2012-يىل). بېرى كرىستوف باۋمېر ئاپتورلىقىدىكى "مەركىزى ئاسىيا تارىخى" ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى تومى بولۇپ، بۇ تومدا ئاساسەن قەدىمقى زامان قىسمى سۆزلىنىپتۇ، ئاساسەن مىلادىدىن بۇرۇن تېپىلغان يادىكارلىقلار، شەھەر خارابىلىرى ئاساس قىلىنىپ مەدەنىيەت ھادىسىلىرى سىلىشتۇرۇپ ئۆتۈلۈپتۇ. بىزگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەرمۇ خېلى كۆپكەن: كىرورەن، خوتەندىن تېپىلغان موميالار، بۇيۇملار، تاشقا سىزىلغان رەسىملەر، تاش بالباللار (تاش ئادەم) دېگەندەك. كىتاب فوتو-سۈرەت قەغىزىدە ئىشلىنىپتۇ، رەسىملەر ھەم بەك كۆپكەن، كىتابمۇ ھەم چوڭ ئىشلەنگەچكە، رەسىملەر شۇنداق ئىنىق. ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇش قىممىتى بار كىتابكەن.يەنە بىر كىتاب فرېدېرىك سار ئاپتورلىقىدىكى "ئۇنۇتۇلغان مەدەنىيەت: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەرەب ئېستىلاسىدىن تۆمۈرلەڭگىچە بولغان ئالتۇن دەۋرى" (تەخمىنى مەنە تەرجىمىسى، ئۇدۇل تەرجىمىسى يوقالغان گۈللىنىش ياكى پاراسەت دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن). بۇ كىتاب ماڭا بەكلا يارىدى، رەسىملەرمۇ كۆپكەن، رەڭلىك رەسىملەرمۇ باركەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شۇ ئالتۇن دەۋرىدىكى مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ياخشى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

oghuzkb قەلىمى
يورك
17.05.2014

0

تېما

1

دوست

429

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   64.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:16:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانقا بىلەن چېركاۋنى ]پەرىقلەندۈرسىڭىز بوپتىكەن قېرىندىشىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

2009

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 608
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا مۇشۇ ئەنگىلىيەنىڭ ئاساسى قانۇنىدىن ئازراق
سۆزلەپ بەرسىڭىز. بىزدەك كاپىتالىستىك دۆلەتنىڭ
قانۇن نىزاملىرىنى بىلشكە قىزىقىدىغانلار بىر بىلىۋالساق.

0

تېما

7

دوست

2237

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 678
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خانىقا» ھەممە دىنغا ئورتاق خاس ئىسىمكىنە، بىلىۋالدۈك!

0

تېما

3

دوست

1300

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27920
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 384
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 11:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارغاندەك تۇيغۇغا  كەلدىم

15

تېما

1

دوست

2822

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 12:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قۇربانجان ئاكا:
تىمىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرىمەن.
مۇشۇ گېرمانلار بىلەن ئەگىلىيەلىكلەرنىڭ خاراكتىرىدا قانداق ئوخشىيماسلىق بار؟
ئادەتتە ياۋرۇپانلار ھەممىسى ئاق تەنلىككەن،ئۇلارىنڭ چىرايىغا قاراپ كىمىنڭ گېرمان
روس،ياكى ئىنگىلىز،ئىسپان ياكى فىرانسوز ئىكانلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
سىزدوكتۇرلۇق ئوقۇشۇم تۈگىدى دەۋاتقاندەك قىلغانىدىڭىز،ھازىرچۇ ۋەتەنگە
قايتىپ كىلەمسىز ياكى..؟
سىز گېرمانچىنى ئۆگەنمىدىم دەۋەتقاندەك قىلغانىدىڭىز يامەن خاتا كۆرۋالدىممۇ،مۇشۇنداق ھالەتتە سىز ئوقۇشىڭىزنى،تۇرمۇشىڭىزنى ئاشۇنداق گېرمانچە
ئاساس دۆلەتتە قانداق داۋام قىلالىدىڭىز؟
يورك دېگەن جاينى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

0

تېما

0

دوست

71

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28651
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 13:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئازادە شۇنداق راھەت ھىس قىلدىم،بىر بارالىغان بولسامكەن.
رەخمەت قېرىندىشىم شۇنداق ياخشى تىما يوللاپسىز.

0

تېما

0

دوست

288

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11451
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 94
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسىل تىما . رەخمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )