قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 821|ئىنكاس: 7

خىرە سىيمالار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

11

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3748
تۆھپە : 2909
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 19:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئىمىر يانغىن  

     ئىچىملىكنىڭ قاڭسىق پۇرىقى ۋە تاماكىنىڭ قويۇق ئىس تۈتەكلىرى قاپلىغان ،مۇڭلۇق گىتتار ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىلىپ يۈرەكنى تىترىتىدىغان مۇھەببەت ناخشىسى ،بىربىرىگە جاراڭلىق سوقۇلۇلىۋاتقان رومكىلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرغان ياتاق ئىچىدە ،بىر نەچچە ئوغۇل ساۋاقداش خۇش كەيىپلىك بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئوتۇراتتى :
ــ ئاداش ،بۈگۈن ئاپامنى قانداق ئالدىۋەتتىم بىلەمسەن ؟ـ دېدى بىرسى .
ــ ھە قانداق ئالدىدىڭ ؟ــ ھەممىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشتى .
ــ  «ئاپا ئەتە مۇئەللىمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن ،ساۋاقداشلار پۇل يىغىپ تەبرىىكلىمەكچىدۇق » ،دېسەم «ياخشى بوپتۇ ،ئوبدان ئويلاپسىلەر ،بالام .مەن ھازىرلا ساڭا پۇل ئەۋەتەي ...» دەپلا 300 يۈەن پۇل ئەۋەتىپتۇ .ھا ... ھا ... ھا...
ــ  ھى ...ھى... ئەجەپ يامان جۇمۇ ،سەن ! ...لېكىن ،مەن ئۇ ئۇسۇلنى ئالدىنقى قېتىم ئىشلىتىپ بولغان .بۇ قېتىم قانداق ئالدىۋەتتىم ،بىلەمسىلەر؟ــ دېدى بىرسى سۆز قىستۇرۇپ ،«ئاپا ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتۇم يارلانغانىدى ،دوختۇرغا كۆرنۈشكە پۇل يوق !» دېسەم ،«ۋاي،جېنىم بالام ...»دەپ ئەنسىرەپ ،مىڭ يۈەن پۇلنى ئەۋەتىپتۇ .ھا...ھا...ھا...باللار بىلەن دېسكوخانىغا كىرىپ تازا قايناپتىمىز ...
ــ مەنچۇ؟ــ دېدى يەنە بىرسى مەنمۇنلۇق بىلەن ،«كىتاپنى تولا ئوقۇپ ،كۆرۈش قۇۋىتىم بەك ئاجىزلاپ كەتتى ،ئاپا دوختۇر كۆزئەينەك تاقىمىساڭ ،قارىغۇ بولۇپ قالىسەن ،دېدى» دېسەم ،شۇ كۈنىلا كارتامدا  مىڭ يۈەن پۇل پەيدا بولدى. ھېلىقى خان قىز بىلەن نەچچە كۈن تازا ياشاپتۇق ...
   ئۇلار ئانىلىرىنى قانداق ئالداشقانلىقلىرىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ،خۇددى ئاجايىپ بىر كاتتا ئىشنى روياپقا چىقارغاندەك تەنتەنە قىلىپ سۆزلەشتى .
2  
ـــ دادىسى ،ئوغلۇمنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى .«شۇ جىنىم بالام ياقا يۇرتتا ئاچ قۇرساق قالغانمىدۇ ؟»دەپ ئەنسىراۋاتىمەن .كېچىسى ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ .بۈگۈن تېلېفۇن قىپتىكەن «ئەتە مۇئەللمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ،پۇل يىغىدىكەنمىز » دەپ .سىلىگە مەسلىھەت سالماي ،ئالدىنقى ئايدا سىلى ئېلىپ بەرگەن ئالتۇن ھالقىنى زەرگەرگە سېتىپ پۇلىنى بالىغا ئەۋەتىۋەتتىم ...ئەمدى شۇ بالىمىزنىڭ باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسۇن دەپ ...
*                     *                         *                       *                                *                               *
ـــــ  سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي ،مېنى ئىشتىن بوشاتمىساڭلار ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلۇم پۇتى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتىكەن ،بەك ئەنسىرەپ قالدىم .سىلەردىن خۇش بولۇپ قالاي ...
*                     *                         *                       *                                *                               *
ـــــ   ئۇھ !  بالىنى ئاران ئوقۇشقا ماڭدۇرۋالدۇق ،ئەمدى بىر ئاماللارنى قىلىپ قوشنىلاردىن ئالغان قەرزنى تۆلىۋەتسەك ،تەتىل بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە قالغان ئوقۇش پۇلىنى غەملىۋالساق بولاتتى ...
ـــــ   ئانىسى سىلىگە دورا ئالدىغان پۇلنىمۇ بىرۋەتتىڭلمۇ؟
ـــــ   ھە ،مەن كىيىن ئېلىپ يەرمەن ،بەك بولمىسا كالىنى ساتارمىز ...
ـــــ  قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟! شۇ بالىمىز يىراق يەردە قىينىلىپ قالمىسۇن .سىلى خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسىگە يەنە بىرقېتىم بېرىپ كەلسەڭلا ،ئائىلە ئەھۋالىمىزنى دەپ باقساق ،ئازراق ياردەم پۇلى ھەل قىلغىلى بولارمۇ؟!...
3
     «زامانغا لايىق مودا كىيىنگەن » بىرنەچچە قىز كوچىدا پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى .بۇ دەل «8-مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى خانىم-قىزلاربايرىمى كۈنى بولۇپ ،ئۇلار بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ،ئالدىراپ رېستۇرانغا قاراپ يول ئالغانىدى .تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى :
ــ بالام ،بۈگۈن ئىدارىدىن ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىزگە 500 يۈەندىن پۇل تارقىتىپتىكەن كارتاڭغا 400 يۈەن پۇل سېلىۋەتتىم ،بانكىغا بىرىپ تەكشۇرۈپ پۇلنى ئېلىۋالغىن ...
ـــ ۋىييەي،ئانا... ئاران 400 يۈەن سالدىڭىزما؟ مېنى بۇ خەقنىڭ يۇرت«ئاچ قېلىپ ئۆلسۇن!...»دەيدىكەنسزــ ھە؟ سالسىڭىز جىقراق سېلىڭ ،بولمىسا ئوقۇماي قايتىپ كېتەي ، بولدى!جاننى بۇنداق قىينىغۇچە...
ـــ ماقۇل ،بالام ماقۇل!ـــ ئانىنىڭ يىغا ئارىلاش تىترەك ئاۋازى ئاڭلاندى .قىز ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ،مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلىۋەتكەندىن كېيىن ،ئانىسىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشنىمۇ ئۇنتۇپ يانفۇننى قويىۋەتتى .
جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىدى !
كۆچۈرگەندە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28678
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 21:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ سانلىق بولمىسىمۇ مۇشۇنداق سىدونىتلىرىمىز يەنىلا بار.ئۇلارمۇ ئوڭشىلىدۇ،ئەمما بۇنى چۇشۇنۇپ يەتكەندە،بەلكىم شۇ جاپاكەشلەر بۇ دۇنيادا بولماسلىقى مۇمكىن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

4

دوست

1170

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 00:28:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ھازىر جەمىيتىمىزدە ئۇنداق سىتودىنتلار يوق ئەمەس .ئەمەليەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا يېزىپسىز ،رەھمەت سىزگە ،بۇ تىمىنى ئاشۇنداقلار كۆرسىتى كاشكى .

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

2503

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 713
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 17:24:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق ئىستۇدېنتلار جىق ھازىرقى جەمئىيەتتە.

0

تېما

7

دوست

2799

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 834
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 00:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياراتقۇچىمىز ھەر بىر سىتودىنىىتنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ  بەرگەي!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28991
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 13:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە قىز

9

تېما

3

دوست

2223

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 22:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھازىر مەكتەپلەردە ئارلىشىدىغان ئادەمگە دىكقەت قىلمىسا، يامان يوللارغا كىرىپ قالىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )