- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5048
- نادىر
- 0
- يازما
- 487
ئۆسۈش
0.96%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 00:42
ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى بەزىلەر ئىلىم پەن ئارقىلىق بايقايدۇ بەزىلەر روھىيەت ئارقىلىق ھىس قىلىدۇ.ھەرئىككى تۈردە ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلىمى،ھىكمىتى،قۇدىرتى مەۋجۇتتۇر.
3 سۇئالنىڭ جاۋابى:
1. ئاللاھ ئىنساننى نىمە ئۈچۈن ياراتقان؟
جاۋاپ: ئاللاھ ئىنسانغا ئۆزنى تونۇتۇش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھنى تونۇش بىر ئىبادەتتۇر. ئاللاھ ئىنساننى ياخشىلىق ئۈچۈن ياراتتى.ياخشىلىق بىر ئىبادەتتۇر.قۇلچىلىق قىلىش ئۈچۈن ياراتتى.ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلىش ئىبادەتتۇر.....ئىبادەت ئۈچۈن ياراتتى.
3.<خودا ھەرقانداق نەرسىنى يارىتالامدۇ؟كۈچى يەتمىگەن نەرسىنىمۇ يارىتالامدۇ؟> دىگەن سۇئالغا
جاۋاپ: ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىنى يارىتىشقا قادىر. سىز دىگەن ھەرقانداق <نەرسە> نىڭ ئىسمى بولۇدۇ.(ئاللاھ ئىنسانغا شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۈگەتتى.قۇرئان كەرىم) سىز ئىسمىنى دەپ بىرىڭ.. دۇنيادىكى ھەرقانداق مەۋجۇتلۇق،يەنە شۇ دۇنيادىكى تۇپراقتىن، دىڭىزدىن قېزىپ ئىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ئايرۇپلان ماشىنا،كىيىم كىچەك،يىمەك ئىچمەك،كومپيۇتېر قاتارلىق ئىسىملار قويۇلۇدۇ.ئەگەر ئىسمىنى دەپ بىرەلمىسىڭىز <نەرسە>دەيدىغان شەيئى مەۋجۇت ئەمەس. يوق نەرسىنى ئاللاھتىن باشقا ھىچكىم يوقتىن بار قىلالمايدۇ.
3.<ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدە باشلىق باركەن.خۇدانىڭ ئۈستىدە نىمە باردۇ؟> دىگەن سۇئالغا
جاۋاپ: قانچىلىك چۇڭقۇر تەپەككۇر قىلسىڭىز قىلىڭ.ھەرقانچە شەيتان ۋەسۋەسىسى بىلەن چۇڭقۇر ئويلانسىڭىزمۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن مىڭە ئىشلىتىش دائىرسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيسىز.مەلۇم سەۋىيەگە كەلگەندە ئىنتايىن ئاجىز ئادەملىكىڭز مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. بۇ قانداق بولۇدۇ دەپ سورالغاندا، بەك ئاددىي: قولىڭىزغا بىر پارچە قەغەز بىلەن قەلەمنى ئىلىڭدە 1 نى يىزىپ كەينىگە توختىماي نۆل قويۇڭ. 1 گە بىر نۆل قويسىڭىز ئون بولۇدۇ.ئون نۆل قويسا ئون مىليارت بولۇدۇ.يۈز نول قويسا قانچە بولۇدۇ؟ دەپبىرىڭ.
بۇنى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئادەم دىيەلمەيدۇ.
يىڭى پەن تىخنىكا ئىنسان مىڭىسىنىڭ 3 پىرسەنتتىن 4 پىرسەنتكىچە ئىشلەيدىغانلىقىنى تىپىپ چىقتى.دىمەك ئادەم مىڭىسى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ئۆلچەمنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ.
يۇقارقى جاۋاپلاردۇنيادا قانچەمىليون دىنسىز بولسا ھەممىسىگەجاۋاپ بىرىشكە يىتەرلىك.
يا ئەقەللى مەنتىقىنى قوبۇل قىلمايدىغان،ياكى روھانىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغان ئادەملەردە كافىر ئالامىتى بولۇدۇ.
بۇنداق سۇئاللار دىندىن مۇستەسنا كىشىلەر ئارىسىدا بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ. كۆپۈنچە كىشىلەر كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان مەسىللەرگە جاۋاپ تاپالمىغاندا دىندىن ئۇزاقلىشىدۇ. ياكى سىرتىدىن <مۇسۇلمان>كۆرنۈپ ئىغىزدا خۇدا دەپ ئەمما ئەمىليەتتە ئىچكىي دۇنياسىدا يامانلىق، جىنايەت،ئىغىر گۇناھ، شەيتانىي ھەۋەس،قىمارۋازلىق،ئاق ،كۆك زەھەر ئىشتىراكچىسى، ئوغرلۇق قاتارلىق خەلققە زىيان زەخمەت كەلتۇردىغان، ئاتىنى بالىدىن ئايرىۋتىدىغان،قويمىچىلىق قىلدىغان تۇيۇقسىز نىيەتنى بۇزۇلىدىغان،كىشىلەرنى زار قاقشىتىدىغان ئىغىر گۇناھ پىسخولوگيسى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ مەنبەسى ئەنە شۇنداق خىياللارغا جاۋاپ تاپالماي ئىماننىڭ زەئىپلىشىشىدۇر.
ھەرقانداق سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمىگەنلىك سۇئالنىڭ جاۋابى يوقلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.
پەقەت ئادەملەرنىڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يامانلىقى ھاكاۋۇرلۇقى،كىبىرلىقى ھەسەتخورلۇقى بولمىغان كىشىلەرنى چەتكە قاقمايمىز.كەمسىتمەيمىز. كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغان مەسىللەرگە جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىمىز.ۋە قايىل قىلىمىز. ھەممىمىزنىڭ ئورتاق نوقتىسى ئۇيغۇر تىلىدۇر. ساپ ئىماندا،ئىلىم پەندە بىرلىككە كىلىمىز.
ئىزدنگۇچى:تەڭرىقۇت |
|