تاتار ئالىمى مۇرات ئەپەندى تەرجىمھالى
Мурад Рамзи (1855-1934)
سۈرەتتىكى ياشانغان سەلللىك كىشى مۇرات رامىزان شەيىخ ئەپەندى .
مەن ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەردىن،سابىت داموللام ،مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ،مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق ..... قاتارلىق كىشلەرنىڭ چۆچەكتە مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇرات ئەپەندىدىن ئىلىم ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ بۇ كىشىگە قىزقىپ قالغان ئىدىم،ئازراق ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ ئالىمنىڭ سۈرتىنى تاپتىم ۋە قىسقىچە تەرجىمھالىنى يېزىپ چىقىپ، تورداشلارنىڭ پايدىلنىشىغا سۇندۇم .
تاتار خەلقنىڭ داڭلىق دىنى ئالىمى مۇرات ئەپەندى 1855-يىلى قازان شەھىرىدە تۇغۇلغان .
ئالتە يېشىدىن باشلاپ دادىسى ئابدۇللادىن دىنى ئىلىم ئېلىشنى باشلىغان ،11يېشىدا تاغىسى ئىسمائىل بىلەن قەشقەرگە بىرىپ 18يىشىغىچە قەشقەردە تۇرۇپ دىنى ئىلىم ئىلىپ،ئۇنىڭدىن كىيىن بۇخارا،سەمەرقەنىت ،تاشكەنىت قاتارلىق جايلاردا داڭلىق ئالىملاردىن دىنى ئىلىم ئالغان .
25 يېشىددىن باشلاپ تاشكەنىتتىكى دىنى ئالىملار سىپىگە قۇشۇلۇپ مۇددەرسلىك ھاياتىنى باشلىغان .
بۇ مەزگىلدە ئۇ سوپىزىم ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۆزىنىڭ سوپىزىم نەزەريىلىرىنى تەتقىق قىلشقا ئاساس سالغان .
كىيىن دىنى بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەككىگە بىرىپ، مەھمۇدىيە دارىئۇلۇمنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىغىنى ئۈچۈن ،بىر يىلدەك دەرىزە سىرتىدا تۇرۇپ دەرىس ئاڭلىغان .
يىل ئاخىردىكى ئىمتىھاندا ،سىنىپتىكى ھىچقايسى ئوقۇغۇچى جاۋاپ بىرەلمىگەن قىيىن سۇئالغا ،دەرىزە سىرتىدا تۇرۇپ توغرا جاۋاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەسمى ئوقوغۇچىلىققا قۇبۇل قىلىنغان .
ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ‹‹ شەيىخ ›› لىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ھەم شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان .
شۇ مەزگىلدا سوپىزىمنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن ‹‹ رىشاھات ›› ، ‹‹ مەكتۇبات ›› قاتارلىق پارىسچە ئەسەرلەرنى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلىپ 1899-يلى مەككىدە نەشىر قىلدۇرغان .
مۇرات ئەپەندى 1913-يىللاردا قازانغا كىلىپ ،بىرەر يىلدىن كىيىن يەنە مەككىگە ئائىلسىدىكىلەر بىلەن قايىتماقچى بولغاندا ،1- دۇنيا ئۇرشى پارتىلاپ يول ئىتىلىپ قالغاچقا ،مەككىگە شەرىقتىن ئايلىنىپ مىڭىش توغرا كىلىپ ،چۆچەككە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان .
بىراق ۋاقىت ئۇزارغانسىرى،چۆچەكنىڭ تۇرمۇشىغا كۈنۈپ قالغان ۋە كىينكى ئۆمرۈنى چۆچەكتە ئۆتكۈزگەن .
1929-يىلدىن باشلاپ قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلشنى باشلاپ ،1931-يىلى تاماملىغان بولسىمۇ كىيىنچە بۇ تەرجىمە يۇقۇلۇپ كىتىپ تېپىلمىغان .
مۇرات ئەپەندى چۆچەكتىكى قىزىل مەسچىتتە ئىماملىق قىلغان ھەم ئۇيغۇر بازىرى مەسچىتىدە ،دىنى بىلىم ۋە پەننى بىلىم بىردىغان مەدرىسىەگە مۇددەرىسلىك قىلغان .
مۇرات ئەپەندى 1934-يىلى 10-ئەينىڭ 5-كۈنى چۆچەكتە 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
|