قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4424|ئىنكاس: 32

دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەملەر بار ئىكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

2

دوست

7753

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1999
توردىكى ۋاقتى: 496
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 00:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    

    دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەملەر بار ئىكەن


    يىل 1930- يىللىرى.
   قەشقەرلىك ئىككى سودىگەر مەسلىھەتلىشىپ تۈركىيەگە ماتا، سەگەز (قېلىپ بىلەن ھەر خىل گۈل باسقان ماتا) قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ يولغا چىقىدۇ.
    بۇلار بەلكىم ئەينى يىللاردا تۈركىيەگە مەخسۇس تىجارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان تۇنجى كىشىلەر ياكى تۇنجى تۈركۈمدىكى كىشىلەر قاتارىدىن بولسا كېرەك.
    بۇلار شۇنداق قىلىپ بىرقانچە ئايلىق ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل دېگەن شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇلار بىر مىھمانخانىغا چۈشۈپ ماللىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئۆز كەسپىگە پىشقان، تەجرىبىلىك ئۇستا سودىگەرلەر بولۇپ، بۇ جەرىياندا تۈركىيەدە يۇڭنىڭ ئىنتايىن كۆپ ۋە ئەرزان ئىكەنلىگىنى بايقايدۇ.
    بۇلار ماللىرىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن مەسلىھەتلىشىپ بارلىق پۇلىسىغا يۇڭ سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن بۇ يۇڭنى نەدە ياخشىراق ئالىدىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىدۇ. بۇلار ئاخىرى گىرمانىيەدە يۇڭنىڭ بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ- دە، سوراپ يۈرۈپ ئىستانبۇلدىن گىرمانىيەگە ماڭىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ، ماللىرىنى پويىزغا بېسىپ، گىرمانىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.
    بۇلار ئۇرۇنلاشقان ۋاگۇندىكى كىشىلەر ئىچىدە ئۆزىنى توختاتقان، ئوتتۇرا ياشلىق بىر گىرمان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ نەزىرى ئىختىيارسىز ھالدا بىزنىڭ بۇ ئىككى نەپەر سودىگەرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇ كىشى كۆز ئەينىكىنىڭ ئاستىدىن سودىگەرلەرنى كۆزۈتۈشكە باشلايدۇ. قارىغۇدەك بولسا سودىگەرلەر خۇرجۇنلىرىنىڭ ئىزمىلىرىنى بىر- بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ئىتىپ تۆمۈر قۇلپا سېلىپ قويغان. ئۇ گىرمان بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچىدە، "دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئەخمەق ئادەملەر باركىنا" دەيدۇ.
    ئۇ ئادەم بۇ ئىككى سۇدىگەرگە قىزىقىپ قالىدۇ. قارىسا بۇ سودىگەرلەر پويىز پەنجىرىسىدىن ئەتىراپنى كۈزەتكەچ، ۋاي ئايە نەدۇ، ۋاي ماۋۇ ئورمانلىق ھەجەپ چىرايلىق ئىكەن، ۋاي ئاۋۇ شەھەر نېمە دېگەن چىرايلىق دېيىشىپ، ئۆز ئەھۋالى بىلەن مەشغۇل ئىكەن. ئۇ گىرمان ئاخىرى بۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ باقماقچى بولۇپ، بۇ ئىككى سودىگەرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېنگىلىزچە گەپ سورىغان ئىكەن، بىزنىڭ سودىگەرلەر قاراپ تۇرغان. گىرمان، ھە بۇلار ئېنگىلىزچىنى بىلمەيدىكەن دەپ ئېرەپچە گەپ سوراپتۇ. قارىسا بۇ سودىگەرلەر گىرمانغا قارىغىنىچە تۇرۇشۇپتۇ. دېمەككى ئەرەپچىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ گىرمان، بۇلار ئېنگىلىزچىنىمۇ، ئەرەپچىنىمۇ بىلمەيدىكەن، توختا مەن بۇلارغا بىر تۈركچە گەپ قىلىپ باقاي دەپ ئويلاپ، تارىختا تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان، ھازىر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تۈركى تىلى بويىچە تۈركچە ئەھۋال سورىغان ئىكەن ئۇلار ۋاي تەخسىر بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدىكەنلا دېيىشىپ، ھۆرمەت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەھۋاللىشىپتۇ.
    بۇلار ئۆزئارا تونۇشقاندىن كېيىن سودىگەرلەردىن بىرسى:
    - تەخسىر سىلە بىزگە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن بولسىلا دەپتۇ. گىرمان:
   - بولىدۇ، تەرجىمانلىق قىلىپ بىرەي، تەرجىمانلىق ھەققىنى قانداق دېيىشىمىز دەپ سوراپتۇ. سودىگەرلەر:
     - سىلە بىزگە بىر ھەپتىلىك تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن بولسىلا دەپ تەكلىپ قويۇپتۇ. گىرمان: ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، مەن بىر ھەپتە بويىچە توختىماي تەرجىمانلىق قىلىپ بېرەلمەيمەن. بۇنداق بولغاندا سىلەردىن بىكار ۋاقتىم ئۈچۈنمۇ پۇل ئالغان بولۇپ قالىمەن دەپتۇ. ئۇنداق بولسا دەپتۇ سودىگەرلەر:
  - بىر كۈنلۈكتىن دېيىشەيلى دەپتۇ. گىرمان:
  - بۇنداق قىلساقمۇ بومايدۇ. بىر كۈن دېگەنمۇ ئۇزۇن بىر ۋاقىت، تەرجىمانلىق قىلمىغان ۋاقتىمغا بىكارلا ھەق ئالغان بولۇپ قالىمەن دەپتۇ. سودىگەرلەر:
   - ئۇنداق بولسا بىر سائەتلىكتىن دېيىشەيلى دەپتۇ. گىرمان:
    - بۇمۇ بولمايدۇ، مۇنداق قىلايلى سىلەرگە تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن ھەر بىر سۆزۈم ئۈچۈن ھەق بېرىڭلار، تەرجىمانلىق قىلمىغان ۋاقتىمغا ھەق ئالمايمەن دەپتۇ.     بۇ گەپنى ئاڭلىغان سودىگەرلەر، ھەجەپمۇ ياخشى بىر ئادەمگە ئۇچىراپتۇق دېيىشىپ، خوشاللىق بىلەن ماقۇل بولۇشۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ كېلىشكەندىن كېيىن گىرمان سودىگەرلەرنىڭ ھەر بىر سورىغان سۇئالىغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەندىن كېيىن خاتىرسىغا تەرجىمە ھەققىنى يېزىپ مېڭىپتۇ.
    بۇلار شۇنداق قىلىپ بېرلىنغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن پويىزدىن چۈشۈپتۇ. گىرمان ئۇلاردىن ئەمدى نەگە بارىسىلەر دەپ سوراپتۇ. سودىگەرلەر بىز بىر مىھمانىانىغا چۈشكەن بولساق دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گىرمان يول بويىدا تۇرغان بىر ماشىنىنىڭ شوپۇرىغا ئىشارەت قىپتۇ. سودىگەرلەرنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئۆزىمۇ مىھمانخانىغا بېرىپ، بۇلارنى مىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بىز ئەتە ئەتىگەن كۆرۈشەيلى دەپ خوشلىشىپتۇ.
    ئەتىسى ئەتىگەندە گىرمان سودىگەرلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپتۇ. سالام- سائەتتىن كېيىن، گىرمان:
   - ئەمدى نېمە قىلىمىز دەپ سوراپتۇ. سودىگەرلەر:
    -بىز مۇسۇلمان چوشقا گۈشى يېمەيمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىسى بولسا تاماق يېگەن بولساق دەپتۇ. گىرمان بولىدۇ دەپ بۇلارنى ماشىنا بىلەن بىر ئاشخانىغا ئاپىرىپتۇ. تاماقتىن كېيىن گىرمان:
    - سىلەر مېلىڭلارنى ساتامسىلەر ياكى ئالدى بىلەن بۇ شەھەرنى كۆرۈپ باقامسىلەر دەپ سوراپتۇ. سودىگەرلەر، شۇنچە ئۇزاق يولنى بېسىپ كەپتۇق. بىز ئۆمرۈمىزدە بۇنداق چوڭ شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغان، ئالدى بىلەن بىر شەھەر ئايلىنايلى دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن گىرمان بۇ ئىككى سودىگەرنى ماشىنغا سېلىپ بېرلىننى ئايلاندۇرۇرۇشقا باشلاپتۇ. بۇلارنى گىرمان بىرقانچە زاۋۇت، توقۇمىچىلىق ڧاپرىكىسى، بىرقانچە چوڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش ئۇرۇنلىرى مەكتەپ، ئالى مەكتەپ... دېگەندەك يەرلەرنى ساياھەت قىلدۇرۇپتۇ. بىر ھەپتە بولدى دېگەندە سودىگەرلەر، ئەمدى بۇلار، مېلىمىزنى ساتىدىغان بىر يەر ئۇقۇشقان بولساق دەپتۇ. گىرمان بولىدۇ دەپ بۇلارنى بىر يۇڭ توقۇمىچىلىق ڧاپرىكىسىغا باشلاپ بېرىپتۇ. سودىگەرلەر ئەكەلگەن يۇڭلىرىنى ياخشى باھادا سېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ سودىگەرلەرنىڭ ئىشى تۈگەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سودىگەرلەر گىرمانغا، سىز بەكمۇ ياخشى ئادەم ئىكەنسىز ئەمدى كەتسەك قاچان كۆرىشىمىز بىلمەيمىز، شۇڭا سىزنى بىر مىھمان قىلىۋالغان بولساق دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان گىرمان بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
    ئەتىسى ئەتىگەندە گىرمان ئادەم بۇلارنىڭ ياتىقىغا كەپتۇ. سودىگەرلەر ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. گىرماننى باشلاپ چىقىپ، مىھمان قىلىپ رازى قىپتۇ. زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن گىرمان، ئەمدى مېنىڭمۇ سىلەرنى بىر مىھمان قىلىۋېلىش نىيىتىم بار، ئەتە چۈشتە مەن سىلەرنى ئالغىلى كېلىمەن دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇلار ئەتىسى چۈشتە گىرماننىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ چوڭ بىر رېستۇرانغا بېرىپتۇ. گىرمان بۇلارنى ياخشى مىھمان قىپتۇ. زىياپەتتىن كېيىن گىرمان ئەمدى بىر ھېساپ قىلىشايلى دەپتۇ. سودىگەرلەر ئەدەپ ۋە ھۆرمەت بىلەن خوش تەخسىر دېيىشىپتۇ. گىرمان يانچۇقىدىن خاتىرىسىنى چىقىرىپ بىر باشتىن ھېساپ قىلغان ئىكەن بۇ ئىككى سودىگەرنىڭ يۇڭ ساتقان بارلىق پۇلى ئۇ گىرماننىڭ ئالىدىغان ھەققىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەپتۇ. گىرمان ئۇلارغا قارىغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ روھى چۈشۈپ بېشى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ. گىرمان شۇنداق بىر چاۋاك چالغان ئىكەن بىر خادىم دەررۇ ئىككى چامىدان كۆتۈرۈپ كەپتۇ. گىرماننىڭ قول ئىشارىتى بىلەن خادىم ئۇ چامىدانلارنى شىرەنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ ئېچىپ قويۇپ، ھۆرمەت بىلەن يىراققا بېرىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ئىككى چامىدان لىققىدە پۇل بىلەن تولغان ئىكەن. گىرمان سودىگەرلەرگە قاراپ، مانا بۇ سىلەرنىڭ يۇڭ ساتقان پۇلۇڭلار، مانا بۇ خاتىرغا يېزىلغانلار بىزنىڭ ھېساۋاتىمىز. قالغان پۇلنى قانداق قىلىسىلەر دەپ سوراپتۇ. بۇ ئىككى سودىگەرلەر نېمە قىلىشىنى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي دېمى ئىچىگە چۈشكەن ھالدا بېشىنى مەيدىسىگىچە ساڭگىلىتىپ، تىرناق تاتىلاپ، ئولتۇرغان يېرىگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
    گىرمان بۇ ئىككى كىشىگە بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، مەن سىلەرنى پويىزدا دەسلەپتە كۆرگەن ۋاقتىمدىلا لاتا خۇجۇنغا تۆمۈر قۇلپا سالغىنىڭلارغا قاراپ سىلەرنىڭ ئىنتايىن نادان ئەمما بەكمۇ ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئىكەنلىگىڭلارنى ھېس قىلغان ئىدىم. سىلەر دېمىسىمۇ بەكمۇ نادان ئەمما بەكمۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ئىكەنسىلەر. گىرمانىيەگە كەلگەن تۇنجى كۆنى سىلەرنى مىھمانخانىغا ئېلىپ بارغان ماشىنا مېنىڭ ماشىنام، ئۇ مىھمانخانىمۇ مېنىڭ مىھمان خانام، سىلەرنى ئايلاندۇرغان شىركەت، توقۇمۇچىلىق ڧاپرىكىسىمۇ مېنىڭ، سىلەرنىڭ يۇڭۇڭلارنى سېتىۋالغان شىركەتمۇ مېنىڭ شىركىتىم. بۇنداق شىركەت ۋە ڧاپرىكىلىرىمدىن يەنە بىرقانچىسى بار. سىلەر بۇنداق نادانلارچە ۋە قارىغۇلارچە ياشىساڭلار بولمايدۇ.  بۇ بىر چامىدان بۇل سىلەرنىڭ بولسۇن، ماۋۇ بىر چامىدان پۇل مەندىن سىلەرگە يوللۇغۇم بولسۇن، مانا ماۋۇ سىلەرنىڭ بېرلىندىن موسكۇۋاغا ماڭىدىغان پويىز بېلىتىڭلار، قالغان ھەققىمنىمۇ كەچۈردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيقۇڭلارنى ئېچىڭلار، دۇنيا بۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ، ئەۋلاتلىرىڭلارنىڭ ياخشى تەربىيلىنىشى ئۈچۈن سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىپ بارقاندىن كېيىن بۇ پۇللارغا كۆپلەپ مەكتەپ ئېچىڭلار، ئەۋلاتلىرىڭلارنى يېتىشتۈرۈڭلار. ئەگەر سىلەر بۇ نادانلىقتىن ئۆز- ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزمىساڭلار باشقىلار سىلەرنى ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. قۇتقۇزۇپ قويمايدىلا ئەمەس، ھەر خىل چىرايلىق ناملار بىلەن، ئىسىملار بىلەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارنى كۆتەرتكۈزمەيدۇ. دۇنيادىن قانداق بولۇپ يوق بولۇپ كەتكىنىڭلارنى تۇيۇمايلا قالىسىلەر. ئۆزەڭلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدىكى شۇ بىچارە بولۇپ قالغان ھالىڭلارغا قاراڭلار! قانداق بولۇپ بۇ ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىڭلارنى ئوبدان ئويلاڭلار ۋە ھەرگىز ئۇنۇتماڭلار دەپ نەسىھەت قىلىدۇ ۋە سودىگەرلەرنى ئېلىپ چىقىپ، پويىز ئىستانزىسىگە بېرىپ مۇسكۇۋاغا ماڭىدىغان پويىزغا سېلىپ قويىدۇ.
    بويىز قوزغالغاندىن كېيىن بۇ ئىككى سودىگەر قېرىندىشىمىز بىر- بىرىگە قارىشىپ- توۋا، ئا بىر چامىدان پۇلنىغۇ قايتۇرۇپ بەردى، ئا يەنە بىر چامدان پۇلنى بىكاردىن- بىكارلا بېرىۋەتتىيا، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئاخماق ئادەملەر باركەن دېيىشىپ ياقىسىنى چىشلىشىدۇ.
     شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ بۇ ئىككى سودىگەر قېرىندىشىمىز مۇسكۇۋا ئارقىلىق ساق- سالامەت ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
      ھېكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن، بۇ ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگۈچىدىن:
   - بۇلار يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەكتەپ ئېچىپتىمۇ دەپ سورىدىم.
    سۇئالىمغا، نەدىكىنى، ياق دېگەن جاۋاپنى ئالدىم.

    مەنبەسى، ئۆز قەلىمىم
   

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28914
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:01:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دىمەي بولمىدى ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

6

تېما

1

دوست

2210

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4572
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 249
تۆھپە : 511
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قاملاشقان چۆچەككەن.

2

تېما

4

دوست

3269

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دەرىسلىك بولۇپتۇ ....................

0

تېما

0

دوست

2889

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16643
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 940
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:27:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،تىرىشماي بولمايدۇ.

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8823

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2600
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alkanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 10:04  

تېما ئىگىسىنىڭ  نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم، ھەم قوللاشنى بېسىۋەتتىم.

0

تېما

0

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 632
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلار ھەقىقىي ئاق كۆڭۈل ئادەمنى« نادان » دەپتۇ تېخى!

3

تېما

4

دوست

2312

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 475
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان يېزىلىپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )