قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6366|ئىنكاس: 88

ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ زادى قانداق جاي

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

2

دوست

7753

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1999
توردىكى ۋاقتى: 496
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ زادى قانداق جاي


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر. مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ دوستۇم بۇ باغداش مۇنبىرىدىكى، "مەن كۆرگەن تۈركىيە" دېگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ تېمىنى تەييارلاپ ئەۋەتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ تېمىنى قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم.

ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ زادى قانداق جاي


   ئىستانبۇل دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەرلەردىن بىرسى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى 10 چوڭ شەھەردىن بىرسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا ئىستانبۇلدا نۇپۇسى بار، ساياھەتچىلەر، ئىقامەت (تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى) بىلەن ياشاۋاتقانلار، قانۇنسىز ياشاۋاتقانلار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 15- 16 مىليون ئەتىراپىدا نوپۇسى بار.
ئىستانبۇل شەھەر مەركىزى ھېساپلانغان يەرلەرنىڭ خەرىتىسى


    ئىستانبۇل جەمى 41 بېلېدىيە يەنى رايۇن (ياكى ناھىيە دەرىجىلىك رايۇن) دىن تەركىپ تاپقان. بۇلار تۆۋەندىكى بېلېدىيەلەر. زەيتىنبۇرنۇ نېمىشقا ئەڭ ئاخىرسىدا دەپ باشقىچە گۇمان قىلىپ قالماڭ! تۈركىيەدە بۇنداق ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە يېزىلىدۇ.



    تۈركىيەدە تەخمىنەن 300 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ (2009- يىلى 7- ئاينىڭ 8- 9- كۈنلىرى جۇمھۇر باشلىقى ئابدۇللا گۈل، باش مىنىستىر رەقەپ تاييىپ ئەردوغان، پارلامىنت باشلىقى بۈلەنت ئارىنچ قاتارلىق كىشىلەر تېلىۋىزۇردا ئېلان قىلغان)، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاساسەن ياۋرۇپا قىتئەسى تەرەپتە زەيتىنبۇرنۇ، ساپاكۆي ۋە ئاخساراي قاتارلىق جايلارغا يەرلەشكەن بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى تەرەپتىكىلەر بولسا ئاساسلىق ئۆرنەك مەھەللىسىگە يەرلەشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇيغۇرلار يەرلەشكەن رايۇن زەيتىنبۇرنۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    زەيتىنبۇرنۇدا تۈركىيە نۇپۇسى بولغان نۇپۇسلۇق جەمى 293مىڭ 313 كىشى (2013- يىلقى ئىستاتىسكا) ياشايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 147مىڭ 719 ئى ئەر، 144مىڭ 594 ئى ئاياللاردىن تەركىپ تاپقان.
    زەيتىنبۇرنۇنىڭ يەر مەي مەيدانى 11 مىڭ 16 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ھەر بىر  كۇۋادىرات كىلومېتىر يەرگە 20 مىڭ 639 كىشى (2000- يىلى) توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ نوپۇسى ئەڭ قۇيۇق رايۇنلىرى ئىچىدە 8- ئۇرۇندا تۇرىدۇ.




    تۈركىيە ناھايىتى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى 0.1% نى ئىگەللىيەلەيدىغان مىللەتلەردىن تەخمىنەن 70- 80 مىللەت بولىشى مۇمكىن. زەيتىنبۇرنۇغا باشقا رايۇنلارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ۋە ئابغانىستانلىقلار نىسبەتەن كۆپرەك يەرلەشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ خېلە كۆپ ساندىكىسى يا ئىقامەت بىلەن ياكى قانۇنسىز ياشايدۇ. ئەگەر مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا زەيتىنبۇرنۇنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 350مىڭ ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن زەيتىنبۇرنۇ ئىناقلىقنىڭ، ئىتتىپاقلىقنىڭ، ھاياتلىقنىڭ، تىنچلىقنىڭ، ھەر خىل تۈرك قان سېستىمىسىغا تەۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرگە ياشايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن خېلە نامى بار دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا زەيتىنبۇرنۇنىڭ سىموۋۇلى ياكى بەلگىسى بولسا، زەيتىن شېخى ۋە زەيتىن شېخى تىكىلگەن لوڭقىنى بىرلىكتە كۆتۈرۈپ تۇرغان 3 دانە قول بولۇپ تاللانغان.




    زەيتىنبۇرنۇ بېلېدىيە باشقانى مۇرات ئايدىن تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ بىرسى بولغان گىرېسۇنلۇق بولۇپ، ئاخ پارتىيە ئەزاسى ۋە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرسى. ئۇ بۇ قېتىمقى سايلامدا ئارقا- ئارقىدىن 3- قېتىم مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زەيتىنبۇرنۇ بېلېدىيە باشلىقى بولۇپ سايلاندى.


     زەيتىنبۇرنۇ ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدىغان بېلېدىيە بولۇپ، ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى يەنى ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك دەپ نامى بار ئېمىنۆنۈ، سۇلتان ئەخمەت مەسجىتلىرى بولغان مەركىزىگە ئۇدۇل ھېساپلىغاندا تەخمىنەن 5 كىلومېتىر، يول بىلەن ھېساپلىغاندا تەخمىنەن 8 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۆۋەندىكى خەرىتىدە ئاساسلىق يەرلەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، زەيتىنبۇرنۇنىڭ  زەيتىنبۇرنۇ دېگەن خېتى بىلەن بىر قىسىم جايلىرى خەرىتىدە كۆرۈلمەي قېپتۇ. ئەمما زەيتىنبۇرنۇنىڭ 80% يېرى بار.










    زەيتىنبۇرنۇ ئىستانبۇلنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرسى بولغان تاكسىمغا ۋە ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بوغاز كۆۋرۈكىگە (بۇ كۆۋرۈك 2 بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى بوغاز ئىچى كۆۋرۈكى بولۇپ 1560 مىتىر.يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1090 مېتىر) تەخمىنەن 12- 13 كىلومېتىر كېلىدۇ.
    بۇ تاكسىم مەيدانىنىڭ بۇرۇنقى كۆرۈنىشى


    بۇ ھازىرقى كۆرۈنىشىنىڭ بىر قىسمى. 2 يىل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ تەرەققى قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان بەزى كۈچلەر نامايىش قىلىپ تۇسۇپ قالماقچى بولغان كۆرۈنۈش. ھازىر تاكسىم مەيدانى تامامەن پىيادىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بارلىق قاتناش ۋاستىلىرى يەر ئاستىدىن ئۆتىدۇ.


بۇلار قىتئەلەرنى بىر- بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئىككى كۆۋرۈك. 3- سى بولسا بىرقانچە يىل ئىچىدە پۈتىدۇ.


    بۇ تاكسىمغا ياكى شىشلىگە تەۋە مىجىدىيە كۆينىڭ كۆرۈنىشى


    زەيتىنبۇرنۇ ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم جايلىرىدىن بىرسى بولۇپ، تۈركىيە قەدىمى ئىستانبۇلنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات قۇرۇلۇش پىلانىنى باشلاشنى زەيتىنبۇرنۇ قىلىپ بېكىتتى. بۇنى تۈركچە "پىلوت بۆلگە" دەپ ئاتايدۇ. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر زەيتىنبۇرنۇنىڭ يېڭى تەرەققىيات رايۇنلىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ۋە سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلار بولۇپ، ئاڭلىشىمچە بۇ بىنالاردىن بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزدىن ھازىرچە 15- 20 كىشى ئۆي سېتىۋېپتۇ. قانچە پۇل ئىكەنلىگىنى بىلمىدىم ئەمما نورمال ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى ئوتتۇرىچە ئايلىق 500 دوللار ئەتراپىدا بولسا، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىجارىسى 2000 دوللاردىن قىممەت ئوخشايدۇ.














    زەيتىنبۇرنۇ ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئەڭ تىز تەرەققى قىلىۋاتقان بېلېدىيە بولۇپ، ئىككى قىتئەنى دېڭىز ئاستىدىن تۇتاشتۇرىدىغان مارماراي ناملىق دۇنيانىڭ 4- چوڭ قۇرۇلىشى دەپ ئاتالغان، دېڭىز ئاستى تىز سۈرئەتلىك پويىزىنىڭ ياۋرۇپا قىتئەسى تەرەپنىڭ باش بېكىتىمۇ زەيتىنبۇ قىلىپ بېكىتىلگەن.






    مانا بۇ مارماراينىڭ ياۋرۇپا قىتئەسى زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمىدىكى باش بېكىتى








    تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بولسا زەيتىنبۇرنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان نۇرىپاشا مەھەللىسى ۋە زەيتىنبۇرنىنىڭ مەركىزى بولغان 58- بۇلۋار جەددىسى.








    بۇ زەيتىنبۇرنىدىكى داڭلىق سودا ساراي ئولىۋىئۇم. بۇ سودا سارىيىنىڭ يالغۇز زەيتىنبۇرنىدىلا ئەمەس ئىستانبۇلدىمۇ نامى بار.


    ئەمدى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئازىراق توختىلىپ ئۆتەي.
    تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە قىلىق قىياپەت، ئىش- ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ. ئاخىرقى 4- 5 يىل ئىچىدە بەزى كۆڭۈلسىز ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. مەسىلەن بۇندىن 3-4 يىل بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېدىمۇ، بىر ئادەمنىڭ 35 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىسى زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن زەيتىنبۇرنۇ سۈمەر مەھەللىسىدە ئۆلدى. تۇپراق بېشىغا مەنمۇ باردىم. بىرقانچە ئاياللارنىڭ بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ بۇزۇقچىلىق قىلغاننىڭ گېپىنى ئاڭلىدىم، تاكسىمدا جەمى 3-4 كىشىنىڭ ئۆزئارا بىر- بىرىدىن ھەققىنى ئالالماي بىر بۇلاڭچىلىققا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. شۇنچە يىلدىن بۇيان پۈتۈن بولۇپ ئۆتكەن مۇشۇنداق ۋەقەلەر 5-6 دىن ئاشمايدۇ. بۇلار مەنبەسى ئېنىق بولغان ئادەملەر، ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.
    300مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن 50- 60 يىل ئىچىدە مۇنچىلىك بىر ۋەقەنىڭ چىقىشى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ.
    يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 70- 80 مىللەتنىڭ ئىچىدە تۈركلەر تاكى جۇمھۇر باشلىقىدىن تارتىپ ئاددى خەلققىچە ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇچۇغراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىگە ئىشەنگەندەكلا ئىشىنىدۇ. 2006- يىللىرى يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بىرسى 2-3 ئۇيغۇرغا، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تىنچ، ئەڭ تىنچلىقپەرۋەر، ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىگى، ھەممە كۆچمەن مىللەرلەرنىڭ ئارخىپلىرى تەكشۈرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەقە سادىر قىلىش نىسپىتىنىڭ باشقا ھەرقانداق مىللەتنىڭكىدىن قانچە ھەسسىلەپ تۆۋەن ئىكەنلىگى ھۆرمەت ۋە مىننەتتارلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.
    زەيتىنبۇرنىنى مەركەز قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېيت- بايراملاردا خۇددى ۋەتەندىكىدەكلا جامائەت بولۇپ ھېيتلىشىدۇ، ئەخلاقى جەھەتكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بالىلىرىنى ۋەتەندىكىدەكلا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا تەتىل ۋاقىتلىرىدا ئانا تىل كۇرسلىرى ئېچىپ، بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇرچىنى بىلىپ چوڭ بولىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرسلىرىغا باشقا ئۆزبەك، قازاق، قىرغىزلارمۇ ھەۋەس قىلىشىپ بالىلىرىنى تەربىيلەشكە بېرىدۇ  تۆۋەندىكى سۈرەتلەر  يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئانا تىل كۇرسلىرىنى بۈتتۈرگەن غۇنچىلارنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ھۆكۈمەت زالىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ سۈرەتلىرى.






    تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەدەپ- ئەخلاقى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزلىرىگە بەكلا دىققەت قىلغاچقا تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىگە يىغىن زاللىرىنى، ساياھەت قىلىمەن دېسە بېلېدىيە ئاپتۇۋۇزلىرى بىلەن ھەقسىز خىزمەت بېرىدۇ. ھەتتا چەتئەللىكلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ئۇنۋېرىستىتلىرىگىمۇ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، دۆلەت ياردەم پۇلىسى بىلەن ئوقۇتىدۇ. ھەتتا مۇشۇنداق ئۇنۋېرىستېتلىرىدە دوكتۇر ۋە دوچەنت دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىرقانچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار. قىسقىسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە ئۆز نامىنى ئەڭ پاكىز ساقلىغان، بۇ دۆلەت، ھۆكۈمەت ۋە خەلقى تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ.
    ئەسلىدە مەن، "مەن كۆرگەن تۈركىيە" دېگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن 2 كۈن بويىچە مەخسۇس تەييارلىق قىلغان ئىدىم. كۆپ ئويلاندىم. گەپ جىق بولۇپ كەتمىسۇن، مەن ئەمدى مۇشۇ يەردە بۇ تېمىنى ئاياغلاشتۇراي.

    ھۆرمەت بىلەن

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلا
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

2707

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىماپتىمەن. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن كۆپكەن.
مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تۈركىيە بىزلەرگە ھەقىقەتەن
كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ......

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:42:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ۋاقتىدا ئەردوغان ئۈرۈمچىگە كەلگەندە شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خۇددى ئۇنى ئۆز داھىسىنى قارشى ئالغاندەك كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغىنىچە قارشى ئالغان ئىدىلەر .
ھازىرغىچە ھەيرانمەن ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ، كومىنىستىك پارتىيە ئۇيغۇر دىيارىغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدىلەر ، كىشىلەرنى ئاچ ھالەتتىن قۇتقۇزدىلەر ، ئۇلار ئىچىدىكى يېپىنچىسىز قالغانلارنى يېپىنچىلىق قىلدىلەر ...
ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ قايسى دۆلەت باشلىقى كەلسۇن ئۇيغۇر دىيارىغا ، خۇپىيانە كېلىپ ، خۇپىيانە كېتىدۇ . كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ، چىرايلىق ياراشقان دوپپىسىنى كۆرەلەيمىز ...
بىراق ماۋۇ ئەردوغان ئۇيغۇرغا ھېچنىمە قىلىپ بەرمەي تۇرۇپلا داھى بولۇۋالدى .
ساراڭ ئۇيغۇردە بىز ...

1

تېما

4

دوست

8178

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2111
توردىكى ۋاقتى: 644
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش بولدۇق.
يوللىغۇچىغا تەشەككۈرلەر!

4

تېما

0

دوست

417

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   58.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20072
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:17:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرنىدشىم ، تۈركىيەدىكى قېرنداشلىرمىزنىڭ ۋە شۇلار قاتارى بىللە ياشاۋاتقان تۈركى قېرىنداشلىرمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرنى بىلىپ كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى، سېغنىشىم ھەسسىلەپ ئاشتى، ئاللاھ ھەممىزنىڭ ئېشلىرنى ئاسان قىلغاي،  نامەرىتلەرگە خار قىلمىغاي، نائېلاجلىقتا قويمىغاي،

1

تېما

8

دوست

3433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېلىمىزنىڭ «ھاللىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بىر مۇخبىرى جۇڭگو-تۈركىيە دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ 40 يىللىقى خاتىرىلىنىش ھارپىسىدە تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات سەلىم ئەسەنلى ئەپەندىنى زىيارەت قىلغاندا، مۇخبىر تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، مۇرات سەلىم ئەسەنلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە سوئال بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خارجى مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇدىن مەلۇمات ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مەلۇمات 300 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بۇ دۆلەتتە ئىستىقامەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى! بىر زامانلاردا ئابدۇكەرىم رەھمان مۇئەللىمنىڭ بىر ماقالىسىدىن ئوقۇغان بولسام كېرەك، تۈركىيەنىڭ ئاماسيا بەلەدىيەسىدە ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ يەرلەشكەنلىكىنى يېزىپتىكەن. بۇلاردىن خەۋەر تېپىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆتكەن يۈزيىلنىڭ باشلىرىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋۋېتىشتىن كېيىن بارغان، دەپ بىلگەن ئىدۈك. ئەمدى بۇ ھەقتە تېما ئىگىسى قېرىندىشىمىز ناھايىتى ئوبدان خەۋەر بېرىپتۇ ھەم ئۇۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۈلگىسى بولۇپ ياشاۋاتقانلىقى ئالاھىدە غۇرۇرلىنىپ تىلغا ئاپتۇ. مەن بولۇپمۇ مۇشۇنىڭدىن خۇش بولدۇم، چۈنكى، ھازىر ئۇيغۇرلاردا باشقا مىللەت بىلەن بىللە ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەل ئېغىر (ئەلۋەتتە بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىدا سەل-پەل ئېغىر)! تۈركىيادە بولسا ئىجتىمائىي ئەخلاقتا ئۈلگە بولۇپ ياشاۋاتقان بولسا، دۆلىتىمىزدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆرنەك قىلسا بولغىدەك.

0

تېما

0

دوست

4250

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1350
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەق   ئۇچۇن    قەلەم    تەۋرەتكەن    قولىڭىزغا    ئاللا   مەڭگۇ    دەت    بەرمىسۇن   ،    تىمىڭىزنى    ئوقۇپ    ناھايىتى    ھاياجانلاندىم   .   ئۇللۇغ   ئاللا   چەتئەللەردىكى    شۇ   قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ    ئامان    قىلغاي   .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )