قوي پاجىئەسى
(مەسەل)
مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى
بۇرۇنقى زاماندا بىر قوي پادىشاھلىقى ياشىغان ئىكەن ، ئۇلار شۇنداق خاتىرجەم ئىكەنكى ، بۇ يەردە بۆرە ،شىر ، يولۋاس قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلاردىن بىرسىمۇ يوق ئىكەن ، ئۇلارنىڭ كۈنلىرى شۇنچىلىك خاتىرجەم ئۆتىدىكەن ،پادىشاھىمۇ شۇنچىلىك ئادىل ، ئەقىللىق ئىكەن .
بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر ئۆچكە كەپتۇ ، بۇ ئۆچكىنىڭ ساقاللىرى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ ، قويلار ئۇنى كۆرۈپ پۇت قولىنى يەرگە تەككۈزمەي قويلار پادىشاھىنىڭ قېشىغا باشلاپ كەپتۇ . پادىشاھ ئۇنى كۆرۈپ ، ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئۆچكىدىن ئۈچ سۇئال سوراپتۇ .
ــ قەيەردىن كەلدىڭ ؟
ــ تۇپراقتىن كەلدىم . تۇپراققا كەتمەكچىمەن . ــ دەپتۇ ئۆچكە ئىنسانلاردىن يادىلۋالغان سۆزى بويىچە .
ــ بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭ ؟
ــ زىمىن تەڭرىنىڭ ، ئۇ بىزنى قەيەرگە بار دىسە ،بىز شۇيەرگە بارىمىز .
ــ ئۇنداقتا نىمىشقا ساقىلىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ؟
ــ بۇ دىگەن ئاقىلنىڭ سمولى ، قانچە ئەقىللىق بولسا شۇنچىلىك ئۇزۇن بولىدۇ .ــ دەپتۇ ئۆچكە كۆرەڭلەپ تۇرۇپ .
بۇ جاۋابلارنى ئاڭلىغان پادىشاھ ئۆزىدىنمۇ ئەقىللىق بۇ ئۆچكىنى ۋەزىر قىلىپ بىكىتىپتۇ ، ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى ناھايتى سىپايە ، ئىگىزگىمۇ تېز چىقالايدىغان بولغاچقا ئۆچكىگە ئاستا - ئاستا قايىل بولۇپ ، ئۇنىڭ گېپىنى پادىشاھتىن قالسىلا ئەڭ كۈچكە ئىگە قىلىپ بىكىتىپتۇ .
شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن قويلارنىڭ ئىچىدە ئۆچكىنىڭ ئەقىللىقلىقى تارقىلىپتۇ ، ھەممە قوي ئۇنىڭغا چوقۇنۇپتۇ ، ھەممە قوي دىگۈدەك ئىڭەكلىرىنى يەرگە سۈركەپ ساقىلىنى ئۆستۈرۈپ ئەقىللىق بولۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچەپتۇ . ھەتتا بەزى قويلارنىڭ ئىڭەكلىرى قاناپ ، گۆشلىرى چىقىپ ، سۆڭەكلىرىمۇ كۆرۈنۈپ قاپتۇ . بەزى قويلار ئۆچكىنىڭ دەرەخكە چىققانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى دوراپ دەرەخكە چىقىپتۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبلىك يەرگە چۈشۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ .
بۇ قىزغىنلىقنى كۆرگەن پادىشاھ ،ئۆچكە بىلەن ھەر كۈنلۈكى دۆلەت توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ ، ئۆچكىنىڭ ئادەملەردىن يادىلۋالغىنىنى دەپ بېرىشى بىلەن ئۆچكىگە قايىللىقى ئېشىپتۇ . ئۆچكە دۆلەت ئاتىسى بولۇپ بىكتىلىپتۇ .
پادىشاھ پۈتۈن قويلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، قويلارنىڭ پۈتۈن ئاماللار بىلەن ساقال قويۇشقا ، ئۆچكىدەك ئاۋاز چىقىرىشقا ، ئۆچكىدەك تاقلاشقا ، دەرەخكە يامىشىشقا ... ئىشقىلىپ ئۆچكە نىمە قىلسا شۇنى قىلىشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ .
بىر كۈنى بىر قوي ۋەزىر :
ــ ئالىلىرى ، بۇلارنىڭ تەبئىيتى قوي ، ئۆچكە ئەمەس ، ئۇلارنى بۇنداق قىينىسا چاتاق چىقارمىكىن . ــ دەپتۇ .
ــ ئۇنداقتا مەنمۇ بۇرۇن بىر قوي ئىدىمغۇ ــ دەپتۇ ئۆچكە يالغانچىلىق بىلەن .
بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ ئۇ قاپ يۈرەك قوينىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ .
كۈنلەر ئۆتۈپ ،ئايلار ئۆتۈپ نۇرغۇن قويلار ئۆلۈپتۇ ، نۇرغۇن قويلار مېيىپ بولۇپ كىسەل ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ . لېكىن ئۆچكىگە ئوخشايدىغان قويلار چىقماپتۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۆچكە پادىشاھنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ :
ــ ئالىلىرى ، مېنىڭ بىر ئامالىم بار ، مەن ئون قوينى باشلاپ كىتىپ ئىككى كۈندە كېلەي ، ئاندىن بۇ قويلار ئۆچكىگە ئايلىنىپ قېشىمغا كېلىدۇ .ــ دەپتۇ .
ــ ماقۇل ،ماقۇل ، ـــ دەپتۇ پادىشاھ خۇشال ھالدا .
ئۆچكە تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ باشلاپ كەلگەن قويلارنى بىر -بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ ياشىغان يېرىدىن ئون ئۆچكىنى باشلاپ كەپتۇ ، پادىشاھ بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ ، قويلارنى بۇ ئۆچكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكىنى ، ئۆچكىلەرنى ئۆزىنىڭ دادىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈشكە بۇيرۇق بېرىپتۇ .
بۇ ئۆچكلەر شۇنداق قىلىپ بۇ قويلار بىلەن خالىغانچە توي قىپتۇ ، نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، بۇنىڭدىن تۇغۇلغان قويلار يا قويغان ،يا ئۆچكىگە ئوخشىمايدىغان بىر مەخلۇق بولۇپ چىقىپتۇ ، بۇ تۇغۇلغان مەخلۇقلار بەكمۇ دۆت بولۇپ ، ئۆچكە نىمە دىسە شۇنى دەپتۇ .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھ ئۆلۈپتۇ ، ئورنىغا پاقلان پادىشاھلىق قىلىپتۇ ، كېيىنچە چاڭلىشىپ كەتكەن بۇ قويلار ئۆچكىنىڭ قۇتىرتىشى بىلەن ئۆچكە پادشاھلىق ئورنىغا چىقىپتۇ، قويلارنى قۇل قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ دىدىكى ۋە مالىيى قىلىپتۇ .
ساقاللىق ئۆچكە پادىشاھ بولغان بولسىمۇ ، ئۇ خەلقنى باشقۇرالماپتۇ ، قالايمىغان بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ ، خالىغانچە يەپ -ئىچىپتۇ ، ئىشقىۋازلىق قىپتۇ ، پۈتۈن پادىشاھلىق قالايمىغانچىلىققا تولۇپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ھەر كۈنى قىيا -چىيا ، زارلىنىش ، يىغا -زار قۇرۇماپتۇ . بۇنداق ۋاراڭ -چۇرۇڭ كۆپ بولغاچقا ، شۇ يەردىن ئۆتكەن كارۋانلار بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ بۇلارنى كۆرۈپ ، ھەممىنى تۇتۇپ كېتىپتۇ .
تىيەنجىن
2014-05-21
|