قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5005|ئىنكاس: 24

قەيسەر مىجىت: ئۈچ يۇرت ھەققىدە ئۇچقۇر تۇيغۇلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

16

دوست

9771

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   95.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 45
مۇنبەر پۇلى: 807
تۆھپە : 3325
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:02:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


ئۈچ يۇرت ھەققىدە ئۇچقۇر تۇيغۇلار


قەيسەر مىجىت

   ئىلاۋە: ئالدى بىلەن ئاق بايراق كۆتۈرۈپ جاكالايدىغىنىم شۇكى مەن شائىر ئەمەس، پەقەتلا ھەۋەسكار. سەھەرلىرى قەھۋە ئىچكۈچە، پويىز ساقلىغۇچە ۋە ياكى پويىزدا كىتىۋاتقۇچە خىيالىمغا كەلگەنلىرىمنى شىئىرى شەكىلدە يىزىپ قويىمەن خالاس. شىئېردا كامالەتكە يەتكەن ئىسىمسىز ئەمەس، سىفىرلىق سالاھىيەت بىلەن مۇنبەرگە كىرىپ "چەتئەلدىكىلەر شىئېرنى پاخال قىلىۋەتتى" دەپ قاخشايدىغان بۇرادەر، جىددىلىشىپ كەتمىگەيسەن...
بەلكىم سىەن مەندەك ئۇزۇن يىل چەتئەلدە تۇرساڭ بۇ مىجەزىڭ بىلەن ساڭا كىلىدىغىنى چوقۇم بولمايدۇ، ساپ تۇيغۇ،  بەلكى كۆڭلۈڭنى باسىدۇ رەنجىش، كۆزۈڭنى ئۇيقۇ!
تۆۋەندىكىسى ئۈچ يۇرت ھەققىدە تۆككەن تۆكمىلىرىم، باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئىلىپ تۇراي دىدىمغۇ ....

**************************************************

1. ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى،
يىڭى كەلگەن چىغىمدا ساڭا،
نۇرغۇنلىغان ئادەمگە ئوخشاش،
ئوقۇپ بولۇپ كىتىمەن دىگەن.
كىچىكلىكتە "مۇساپىر" ھىس قىپ،
نىمە ئويلاپ نىمە دىمىگەن؟

ئۈرۈمچى،
قۇچاغلاندىم سەندە توققۇز يىل،
نائىل بولدۇم مۇھەببىتىڭگە.
مەي بوپ كەتتى مەندىكى كۆڭۈل.
سەندە تاپتىم  مۇھەببىتىمنى،
سەن زەررىچە بولمىدىڭ بىخىل!

ئۈرۈمچى،
كۆز ئالدىمدا ئاشۇ كوچىلار،
قول تۇتۇشۇپ ماڭغان كىم بىلەن؟
ھەر ئەسلىسەم قايتار ياشلىغىم،
ئۇ چاغ ھەجەپ تاتلىق چاغ ئىكەن.
مەن قىزىڭغا بەلكى دۈم چۇشكەن:)!

ئۈرۈمچى،
شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتسىمۇ،
سېغىنىمەن سىنى يۈرەكتىن.
ئەگەر كىتىپ قالسام بىر كۈنى،
ياشلىغىمنى ئىزدەيمەن سەندىن،
"كىلىدۇ" دەپ ئۈمىد كۈت مەندىن!


يىزىلدى، 29-ئافرىل سەھەر


2. قەشقەر نانلىرى

(بوستۇنغا يىڭى كەلگەن ئوقۇغۇچى سىڭىلچاق قەشقەر نانلرىنى ئالغاچ كەپتىكەن، بۈگۈن 1-ماي سەھەر شۇنى يەۋىتىپ..)


قەشقەر، قەشقەر -سۆيۈملۈك شەھەر،
سەن ھەر زامان قەلبىم تەختىدە.
مەندە قالدى گۈزەل ئەسلىمەڭ،
بەك سىغىندىم ئۇنى بىر دىمە!

يازاي دىسەم پۈتىدۇ داستان،
كۆيۈپ سىنىڭ مۇھەببىتىڭدە.
"شە" دەپ ئاتار ئىدۇق بىز سىنى،
ئۇلۇغ شەھەر-سەن بەك ئۆزگىچە!

لەغمەنلىرىڭ-لەڭپۇڭلىرىڭدا،
تەمى باردۇر-تەملىك خەلقىمنىڭ.
نانلىرىڭدا-كاۋاپلىرىڭدا،
ئىززىتى بار لەززەت-قۇۋۋەتنىڭ.

ھوزۇر بىلەن يىيىلدى بۈگۈن،
تونۇرۇڭدا يىقىلغان نىنىڭ،
ئوغلۇم قۇرۇق چايناپ كىتىپتۇ،
پەيزىسىنى سۈرۈپ ھوزۇرنىڭ!

كۈلۈپ كەتتىم ئوغلۇمغا قاراپ،
ئۇيغۇرلىغى بولغاچ نامايان.
  قەشقەر نىنى - ئۇيغۇرنىڭ نىنى،
بەخش ئەتتىڭ سۆيگۈ ھاياجان.

3. ئاتۇش سۆيگۈسى


دىدىم قەشقىرىم، دىدىم ئۈرۈمچەم،
دىمىدىم تېخى سىنى ئاتۇشۇم.
ئاشۇ سۇئالنى قويدى بىر قوشنام،
"يىزىڭ ئاتۇشنى، كۆڭلى قالمىسۇن!".

"چەكمەن چاپىنىم" ھەر دائىم بىرگە،
بارالمىساممۇ ئانا ئاتۇشقا.
ئۇندىن ئىزدەيمەن سايە ھەم راھەت،
ھايات تومۇزى قىينىغان چاغدا.

ئاللا خالىدەم ئەسلەپ كەتمەيمەن،
كۆڭلۈم چىچىلغان تىنجىق كۈنلەردە.
يامغۇر ئىزدەيمەن ئاسمانلىرىڭدىن،
راھەتلىك چاغلار بولسۇن ھەممىگە.

خىيال شۇڭقارىم ئۇچۇپ كىتىدۇ،
تەۋفىق روھىدىن مەدەتلەر سوراپ.
داموللام سۆزى بىرەر كۈچ -غەيرەت،
ئىمان-ئىدرەكتىن قەترىلەر يوللاپ!

ئاللا قەشقىرىم سەندە بار  تارخ،
ئاللا ئۈرۈمچەم سەندە بار سۆيگۈم.
ئاللا ئاتۇشۇم -ئىتەكلىرىڭدە،
قايتا تۇغۇلار خىيالىم -ئۆزۈم!


13-ماي سەھەردە يىزىلدى.



  

6

تېما

1

دوست

2475

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 11:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ؟ئەزىز تىنىڭىز سالامەتمۇ ؟ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۆز قەلبىدىكى سېغىنىش ،ھىسيات ،ئەلەملىرىنى ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلەپ ئۆزىنىڭ رۇھى -ھالىتىنى تەڭشەش ھۇقۇقى بار .سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ سېغىنىش ھىسياتىڭىزنى  شىئېرلىرىڭىز ئارقىلىق ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلەپ بىرىپسىز ،شىئېرىلىرىڭىزمۇ ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ .
مەن ئۆيلايمەن ئادەم ئاچ قالغاندا مەن ناۋاي ئەمەستىم نان ياقسام بولمايتتى ،مەن ئاشپەز ئەمەستىم تاماق ئەتسەم بولمايتتى دەپ ئولتۇرماستىن چۇقۇم قۇرساقنى تۇيغۇزۇشنىڭ غېمىنى قىلىش كىرەك ،شۇنداق بولغاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ .شىئېرنى شائىرلار يازسۇن ،ھىكايىنى يازغۇچى دەپ ئولتۇرساق ئەدەبىياتمىزنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇپ كىتەر ؟قالدۇرغان ئىلاۋىڭىزنى كۈرۈپ ،بىرسى بىر نەرسە يېزىپ بولغۇچە ۋاي مۇشۇ شىئېر بولدىمۇ ؟ۋاي مۇشۇ ھىكايە بولدىمۇ ؟........ئەنە ئاشۇنداق ئۆزى بىر پارچە ھەتتا بىرجۈملە سۆزنى جايلاپ يازالماي باشقىلارنى بىخ ھالىتىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيۋاتقان ئاتالمىش «ئوبزورچى »لىرىمىز كۆز ئالدىمغا كەلدى .مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ،تىللاش ،سۈكۈش ئەمەس ماختاش ،قوللاش كىرەك .
بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ،ئائىلىڭىزگە بەخىت ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەپ قەشقەردىن سىزگە ئوتلۇق سالام .نادىر يازمىللىرىڭىز ھەر ۋاقىت ئۈزۈلمىگەي .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

5

دوست

586

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 190
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 12:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتقا بولغان ساپ مۇھەببەتنى يۇرتتىن ئايرىلىپ باققان ئىنسانلا بىلەلەيدۇ.ئۆزى بىر ئىش قىلالماي باشقىلارنىڭ قىلغان ئشىدىن قۇسۇر تېپىپ يۈرىدىغان ئادەملەر ھەممىلا يەردە بار.باغداشتىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ ساقىلىغا يامىشىپ گۈلەڭگۈچ ئۇچۇپ باققۇسى كېلىدىغان بورادەرلەر باردەك.دوستۇم يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتىڭنى چۈشىنىمەن.ساڭا ئۇتۇق ئامەتلەر يار بولسۇن.

3

تېما

0

دوست

375

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   37.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12392
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 57
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 12:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

0

دوست

680

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28486
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 204
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 13:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيال شۇڭقارىم ئۇچۇپ كىتىدۇ،
تەۋفىق روھىدىن مەدەتلەر سوراپ.
داموللام سۆزى بىرەر كۈچ -غەيرەت،
ئىمان-ئىدرەكتىن قەترىلەر يوللاپ!

1

تېما

2

دوست

2581

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5239
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 395
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 13:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىندىم ئالتاينىڭ ئالتۇنلىرىنى ،
ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرلۈك بوستانلىرىنى .
                                                   -ئارىسلان .

0

تېما

0

دوست

532

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 15:26:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۈرۈمچىدىن كوپ نىمەتلەرگە ئىگە بولگاندە.......

13

تېما

7

دوست

3391

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 976
توردىكى ۋاقتى: 111
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 18:42:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتىپ بارىمەن سوغۇق شامالدا
تۆكۈلەر ئاسماندىن بۇلۇتنىڭ يىشى
چاچلىرىمنىڭ غىدىقى كىلىپ
ئويناپ كەتتى شامالدا ئۇسۇل

ئالدىمدىكى ئەمەس توپىلىق يول
ئاسفالىت- شەھەرنىڭ قاق باغرىدىكى
كۆزۈمنىڭ ئالدىدا بىر دۆۋە ئادەم
بەلكىم يوقتۇر بىر دانە پاشا

دوقمۇشتىكى سۈتچى ئايال
سەپ سالغاچ كىشىلەرنىڭ چىرايىغا
قوچۇپ قويار ئاق كورىسىدىكى
كەچكى قۇياشنىڭ ناتىۋان يۈزىنى

يالغۇز دەرەخنىڭ تۈۋىدىكى مەن
قاراپ تۇرارمەن يەنە بىر دەرەخكە....

(مۇساپىر خاتىرەمنىڭ 4-بىتى )
ئىچكى ھىسياتقا نە شىئىر ،نە نەزمە ،ياكى ھىكايە قىلىپ بولالمايدۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )