قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2535|ئىنكاس: 12

زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ دوستلۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

2547

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 350
تۆھپە : 582
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 10:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ دوستلۇقى
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ)

  بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە كىشىلەر تەرىپىدىن بىردەك « بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدىب، ئۇلۇغ يازغۇچى، ئۇستاز يازغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن « كىشلەرگە كۆيۈمچان،مېھىرىبان، سەمىمىي، كەمتەر، ئاددى – ساددا ، ئاقكۆڭۈل، ئىجادكار، تۆھپىكارلارنىڭ سادىق دوستى، ھەۋەس – قىزىقىش دائىرسى كەڭ، مول بىلىم تىندۇرمىسىغا ئىگە تىرىشچان رەھبەر» دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ئالىمى، تەتقىقاتچى ۋە پېشقەدەم رەھبەر مىجىت ناسىر ئىككىسى 45 يىللىق ھايات سەپىرىدە تەسىرلىك، چىن ئىنسانىي دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. بۇ ھەقتىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر ھېلىھەم ئۇستازلاردىن شاگىرىتلارغا، چوڭلاردىن ياشلارغا زوق – شۇق بىلەن سۆزلىنىپ كەلمەكتە.
  زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاۋرال ئىتەكلىرىدىكى قەدىمي يېزا- سەھرالاردا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ھەر ئىككىلىسى نۇرغۇن -نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەت ، بېسىم – رىيازەتلەرنى چېكىپ ھاياتلىق يولىدا ئىستىقبال ئىزدەپ 1952-يىلى غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ ، ئاۋۋال « ئىلى مەكتەپ» تە، ئاندىن « ئىلى بىلىم يۇرتى»  ،« ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن» دە ساۋاقداش بولۇپ ئوقىغان. شۇ چاغدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىلىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى « ئىلى بىلىم يۇرتى» دىن ئىبارەت ئالىي بىلىم يۇرتى زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى بىر- بىرىدىن سىر يوشۇرمايدىغان ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئالغا باسىدىغان ھەقىقي دوستلارغا ئايلاندۇرغان. بىر يەكشەنبە كۈنى يازلىق ئارامگاھىدەك ياشلىق، ھايات سىمفۇنىيلىرى بىلەن ۋاڭ – چۇڭغا تولىدىغان ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى ( ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك خەلق باغچىسى) دا زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىر كەلگۈسى ئىستىقبال ، گۈزەل كېلەچەك توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، زوردۇن سابىر دوستى مىجىت ناسىرغا: « مەن كەلگۈسىدە داڭلىق يازغۇچى بولىمەن، سەن بىر ئالىم ياكى چوڭ كادىر بول » دېگەنىكەن، بۇ گەپ دوستى مىجىت ناسىرغا زور ئىشەنچ، ئىلھام – مەدەت بولغان. زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ كەمتەر، ئاقكۆڭۈل، كۆكسى – قارنى كەڭ، سەمىمىي، تىرىشچان ، قەيسەر خاراكتىر ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئورتاق قىزىقىش – ھەۋەس، ئورتاق پىكىر، ئورتاق ئالغا ئىنتىلىش ئۇلارنى مۇڭداش، سىرداش، ئىجىل – ئىناق دوستقا ئايلاندۇرغان.
      1957-يىلى 6-ئايدا « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن» دىكى ئوقۇش پۈتتۇردىغان بۇ سىنىپتىكى زوردۇن سابىر، مىجىت ناسىر، ئابدۇراخمان شېرىپ ،... قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ تەشكىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولغان.
   مىجىت ناسىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تاشكەنىت يېزا ئىگىلىك ئىنىستېتۇتىغا ، ئابدۇراخمان شېرىپ بۇ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تاشكەنت پېداگوگىكا ئىنستېتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئەپسۇس، شۇ كۈنلەردە زوردۇن سابىرنىڭ بېشىغا تاز يارىسى چىقىپ قالغاچقا،دۇختۇرخاننىڭ چەت ئەلگە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقالمىغان. ئۇ مائارىپ نازارىتىنىڭ بىر تۇتاش تەقسىماتى بىلەن لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستېتۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىلگەن. تەغدىر بۇ ئىككى دوستنى بەكمۇ يىراق ئىككى شەھەرگە ئاپىرىپ تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دوستىنىڭ دوستلۇق رېشتى ئۈزۈلۈپ قالمىغان. مىجىت ناسىر 1962-يىلى تاشكەنت يېزا ئىگلىك ئىنىستېتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېميەسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. زوردۇن سابىر 1964-يىلى پۈتۈن مەملىكەت مىيقاسىدا يۈرگۈزۈلگەن سىياسى ھەرىكەت « تۆتنى ئېنىقلاش ھەرىكىتى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، لەنجۇدىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستېتۇتىدىكى خىزمىتنى تاشلاپ ، ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە ، ئاندىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن. زوردۇن سابىر لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە بىر مەزگىل ساۋاقدىشى ۋە دوستى مىجىت ناسىرنىڭ ياتىقىدا تۇرغان. «دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتار» دېگەندەك مىجىت ناسىر بېشىغا كۈن چۈشكەن دوستى زوردۇن سابىرنىڭ بىشىنى دوستلارچە، قىرىنداشلارچە مېھرى- مۇھەببەتتە سىيلىغان. ھالىدىن خەۋەر ئالغان. زوردۇن سابىر غۇلجىغا كېتەر چاغدا بىر قۇر كاستۇم – بۇرۇلكا سوۋغا قىلىپ، كۆزى قىيمىغان ھالدا دوستى زوردۇن سابىرنى غۇلجىغا ئۇزۇتۇپ قويغان. بۇ ھەقتە يازغۇچى زوردۇن سابىر دوستى مىجىت ناسىرغا مۇنداق كۆڭۈل سۆزلىرنى قالدۇرۇغان : « مەن لەنجۇدىن كەلگەندە بىر مەزگىل ياتىقىڭدا تۇرغان ھەم كېينكى غېرىپسىنغان كۈنلەردىمۇ بىرگە بولدۇق، ھەم تاشلىمىدىڭ، ماڭا بىر قۇر كىيىم بەرگەنتىڭ ، بۇنى ئەسلىشىم ساڭا بىرەر قۇر كىيىم ياكى باشقا نەرسە سوۋغات خاتىرە قالدۇراي دېسەم، رەت قىلىپ كەلدىڭ، ئەمدى ماقۇل دېگىن، ئارىمىزدا يېزىپ قالدۇرغىدەك نۇرغۇن سۆھبەتلەر ۋە مۇھىم ئىشلار بولدى، پۇرستى كەلگەندە بۇنى يەنە نەقلەشتۇرىمەن» ( مىجىت ناسىر : « ئانا يۇرت، ئوغلىغا سالام» « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلى 2007 – يىللىق 5- سانىدىن ).
  يازغۇچى زوردۇن سابىر 1979-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەلگەن. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يازغۇچىلار جەمئيتىگە كەسپى يازغۇچىلىققا يۆتكەلگەندىن بۇيان تاكى ۋاپات بولغىچە 20 يىل ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە دوستى مىجىت ناسىر بىلەن بىللە ياشىغان، ھەپتىدە بىر قېتىم دىگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرغان. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى سەمىمىيەت، ئىشەنچ، ئىلھام – مەدەت ئاساسىغا قۇرۇلغان چىن ئىنسانىي دوستلۇقى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشقان. يازغۇچى زوردۇن سابىر يىڭى يازغان تېخى ئېلان قىلمىغان ئەسەرلىرىنى ئەڭ ئاۋۋال دوستى مىجىت ناسىرغا سۆزلەپ بېردىغان ، دوستى مىجىت ناسىردىن تەكلىپ – پىكىر ئېلىپ ئاندىن كۆڭۈل قانائەت تېپىپ، مەتبۇئاتقا يوللايدىغان ئېسىل يېزىقچىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايون، مەمىلىكەت دەرىجىلىك مۇكاپات، شان – شەرەپلەرگە نائىل بولغان چاغدا ئەڭ ئاۋۋال دوستى مىجىت ناسىرغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئالدىرغان. مىجىت ناسىرمۇ ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق دوست زوردۇن سابىرنى تەبرىكلىگەن، دوستىنىڭ خۇشاللىقىغا ھەمشىرىك بولغان. مىجىت ناسىرى دوستى زوردۇن سابىرنىڭ « تارىم » ژورنىلى 1979-يىلى 10- ساندا ئېلان قىلغان « دولان ياشلىرى » ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ ناھايتى ھاياجانلانغان، بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئۆزنىڭ « دولان ياشلىرى » ناملىق ھېكاينى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسراتىنى سۆزلەپ كىلىپ، بۇ ئەسەرگە « دولان ياشلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا، دەۋرىمىزدە مىللىتىمىزنىڭ بىر تۈپ خاراكتىرى، سەنئەتلىك پىسخىكىسى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن تۇنجى باشلامچى ئەسەر » دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن. بۇ باھا ، بۇ ئەدىب يازغۇچى زوردۇن سابىرغا ناھايتى زور رىغبەت ، ئىلھام – مەدەت بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئىزدىنىش » (2-قىسىم 1989-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ) ناملىق رومانى نەشر قىلغاندا ئوقۇرمەنلەر ئارسىدا ناھايىتى كۈچلۈك ئەدەبىي ھادىسە قوزغالغان.  ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى ئاچقان بىر قېتىملىق رومان ئىجادىيتى مۇھاكىمە يىغىندا نۇرغۇن يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلار « ئىزدىنىش » رومانى ھەققىدە كۆز – قاراشلىرىنى بەس – بەستە ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىن ئەھلى «‹ ئىزدىنىش› رومانىدىكى ئەلانىڭ مەسىت ئادىلەنى ياتىقىدا قاندۇرۇپ قالغان ۋاقىتتىكى ھالەتنى ئۇيغۇر پىسخىكىسىغا ئۇيغۇنمۇ ياكى ئۇيغۇن ئەمەسمۇ؟ » دېگەن مەسىلە ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە قىلغان. ئاخىرىدا بىر توپتىكىلەر : « بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر پىسخىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ» دەپ ، يەنە بىر توپتىكىلەر: « بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر پىسخىكىسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بۇ پاسسىپلىق، چىنلىق ئەمەس» دەپ قارىغان. زوردۇن سابىر بۇ ھەقتىكى كۆز – قاراشلىرىنى ھەرقانچە كۈچەپ ئىزاھلىغان ، چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ قارشى پىكىردىكىلەر قايىل بولمىغان. نەتىجىدە پىكىر بىرلىككە كەلمەي يىغىن ئاخىرلاشقان. بۇ يىغىندا چۈشكەن بەزى ئىلىمىي ئاساسى يوق، يولسىز پىكىلەردىن كۆڭلى يېرىم بولغان، ئىچىنى خۇددى مۈشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولغان يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ يىغىن تۈگەپ بىر كۈندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى كۆز – قاراشلىرىنى دوستى مىجىت ناسىرغا دەپ، ئۇنىڭ كۆز – قارشىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغان. شۇ چاغدا مىجىت ناسىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچلىق نازارىتىدە نازىر ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىر دوستى مىجىت ناسىرنىڭ ئىشخانىسىغا ئالدىراش كىرىپ، جىددي كەيپىياتتا بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەن. مىجىت ناسىرى« ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلى 2007 – يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلغان « ئانا يۇرت، ئوغلىغا سالام» ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: ‹‹ - زادى قايسىسى توغرا، ئېنىقراق قارىشىڭنى دېسەڭ، - دەپ يەنە سورىدى.
     ئىلگىرى زوردۇن ئىككىمىز مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ تۇرمۇشتا بولىدىغانلىقىنى سۆزلەشكەنىدۇق. مەن يەنە:
      - ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ دېگەنلىرى ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا، سۆزلىگۈچىلەر ئادەتتە شەخسىي كۆز قارىشى تۇرمۇش ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى ۋە ياكى بۇ ئىككىلا ئەھۋال بىرلەشكەن ئەمەلىيەت بويىچە سۆزلەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى نۇقتىدىن سۆزلىگىنى بىزگە بەلگۈسىز بولسىمۇ، ئامما مەلۇم ئەمەلىيەت ئاساسىغا ئىگە.
     ئەلانىڭ يۇرتىدا – ئۆسكەن مۇھىتىدا بۇنداق نازۇك تەرەپلەر قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ؟ بۇنى بىز بىلمەيمىز، ئەمەلىيەتتە، پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس. لېكىن شۇنداق تۇرمۇشتىكى ئەڭ نازۇك تەرەپلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. سەن يازغان بۇ ئەھۋالنىڭ پروتوتىپ مىساللىرى ماڭىمۇ ئايان.
     دىيارىمىز كەڭ، ھەر قايسى چوڭ رايونلارنىڭ ئىقلىمى، ئېكولوگىيەسى، ئىجتىمائىي ئامىل، تۇرمۇش ئادەتلىرى ئۆز – ئارا پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەردە ئۆزىگە خاس رايون پىسخىكىسى، رايون مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
     ھەر قايسى رايون خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئىندىۋىدىئاللىقىنى ‹رايون پىسخىكىسى› ئالاھىدىلىكى بويىچە قارىشىمىزغا توغرا كېلىدىكەن. بىر رايوننىڭ كۆز قارىشى بىلەن يەنە بىر رايوندىكى ئەھۋاللارغا قارىتا ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىشقا، سۆز ئېچىشقا بولمايدىكەن. ناۋادا مۇشۇ مەسىلىگە رايون پىسخىكىسى بويىچە قارىساق، تالىشىدىغان، رەنجىيدىغان ئەھۋاللار بولماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، - دېگەندەك مەزمۇنلارنى سۆزلىدىم.

       بۇ پىكىرىمنى 1994- يىلىدىكى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئەدەبىيات يىغىنىدا، سۆزۈمگە قىستۇرۇپ ئىسىملارنى ئاتىماي قوشۇمچە قىلدىم. يىغىندىن كېيىن، مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رايون پىسخىكىسى ھەققىدىكى دېگەنلىرىڭىز ھەم كارنىگنىڭ ئەسەرلىرى، پىسخىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى تەكىتلەپ قويغىنىڭىز مۇۋاپىق بولدى. بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغىمۇ دېگەندەك رىغبەتلەندۈرۈش سۆزى قىلدى. سۆزلىگۈچى، قەلەمكەشلەر ئۆز سۆزى، ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلاشنى تەبىئىي خالايدۇ. چۈنكى بۇ كۆپ قاتلاملىق مەنالارغا ئىگە. ئادىتىم بويىچە بىر ئەدىب دوستۇمنىڭ تۇنجى رومانىنى رادىئودىن ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تېلېفۇندا ياخشى يېزىلغانلىقىنى ئېيتتىم. كېيىن ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەم شۇڭغىچە كىشىلەر نېمە دەركىن دەپ ئەر – ئايال ئىككىسى تالاغا چىقىشتىنمۇ خىجىل بولۇپ يۈرۈپتىكەن. بۇنى چۈشنىشكە بولىدۇ. كەچتە ياتىقىمغا زوردۇن كىرىپ كەلدى.
        - رايون پىسخىكىسىنى تەكىلىگىنىڭ مۇۋاپىق بولدى. ئېھتىمال باشقىلارمۇ بۇنى ھېس قىلغاندۇر. يىغىن ياخشى ئېچىلدى. ھەتتا بەزىلەر تەسىرلىنىپ كۆز يېشىمۇ قىپتۇ...     ھەر قېتىملىق سۆھبىتىمىز كۆپىنچە ئەنە شۇنداق ئەدەبىيات، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەم بەزى زددىيەتلىك تىمىلاردا بولىدۇ. دەرۋەقە، ئاخىرىدا پىكىرىمىز مەركەزلىشىپ بەزىدە ئوقۇغۇچىلىق دەۋر، خىزمەتتىكى ئىشلار، دوستلارنى ئەسلىشىپ ئاخىرى كۆڭلىمىز ئېچىلىپ، خۇشال قايتىشاتتۇق››.
1997-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئيتى « يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى »نى ئۈرۈمچىدە « كىرۇرەن رېستۇرانى» دا ئاچقان.  شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىر بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا ناھايتى كۆڭۈل بۆلگەن. يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا قارىتا ياخشى تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەرگەن. يىغىندا مىجىت ناسىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپىقيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ مول ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.
مىجىت ناسىر ئۆز ئۆيدە ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان ئەينى چاغدا تاشكەنت يېزا ئىگلىك ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن چاغدا ئۇستازى ھۆرمەت بىلەن ئۆزىگە ياپقان توننى مۇشۇ يىغىندا زوردۇن سابىرغا چىن دوستلۇق يالدامىسى سۈپتىدە تەغدىم قىلغان.
     يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كىتىپ، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن. نەتىجىدە زوردۇن سابىر قەنت سېيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. زوردۇن سابىر قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە باشچىلاپ كېرىپ كېتىپ، دۇختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن. نەتىجىدە بۇ كېسەلنىڭ ئەگەشمە كېسەللىرى ئەدەپ كېتىپ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يۈرەك تېقىلما كېسىلى ئېغىرلاپ، يانچۇقىدىن دورىنى ئۈزمەيدىغان ھالغا كەلگەن.
      كۆزلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسىرى ئاجىزلاپ، 2000 گىرادۇس كۆز ئەينەك تاقىمىسا كۆرەلمەيدىغان ھالغان كەلگەن. چىشلىرى تامامەن چۈشۈپ كېتىپ، يالغان چىش سالمىسا بىر لۇقما ئاشنى يۇتالمايدىغان ھالغا كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ « ئانا يۇرت » ناملىق ترىلوگىيەسىنى جىددىي يېزىشقا باشچىلاپ كېرىپ كەتكەن.  شۇكۈنلەردە مىجىت ناسىر دوستى زوردۇن سابىرنى كۆرگەندە دوستىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بارغانسىرى ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇنى دۇختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، يازغۇچى زوردۇن سابىر « دۇختۇرخانىغا بارسام، چوقۇم بالنىستتا يات ، - دەيدۇ، بالنىسىتتا ياتسام، قولۇمدىكى روماننىڭ سىجىل يېزىلىشىغا تەسىر يىتىپ قالىدۇ » دەپ بانا – سەۋەپ كۆرسىتىپ تۇرۇۋالغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى ئۇدۇل قوشنىسى ئابلىمىت سادىقنىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكەن كۈنى مىجىت ناسىر ئۈرۈمچى  شەھىرى يەنئەن يولى 44- قۇرۇ يەنى ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئائىللىكلەر قۇراسىغا بېرىپ، ھازىردارلاردىن ھال سورىغان. ھازىدارلار قاتارىدا قول باغلاپ تۇرغان دوستى زوردۇن سابىر بىلەن خېلى ئۇزاق ھال – مۇڭ بولغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر گەپ ئارلىقىدا دوستى مىجىت ناسىرغا « ئاداش ، تۇيۇپ تۇرۋاتىمەن، مەن سەندىن بۇرۇن كېتىمەن، ئۇ كۈنلەردە سەن ئۈستىدە بولىسەن، ھەرھالدا بۇنىڭدىن خاتىرجەممەن...» دەپ كۆزىگە ياش ئالغان. مىجىت ناسىر دوستى زوردۇن سابىرغا : « ئاداش ،  ئۇنداق ئويلاردا بولما، دەرھال دۇختۇرخانىغا بارغىن، ئوبدان داۋالان، سېنىڭ ‹ئانا يۇرت › رومانمنىڭ يۇرۇقلۇققا چىقىشىنى بىر كۆرسەم ، ساڭا بىر قۇر كېيىم سوۋغا قىلىپ خاتىرە قالدۇرسام ... دېگەن ئارزۇيۇڭ بار ئىدىغۇ! » دەپ تەسەللى بەرگەن،ئۈمىد ئاتا قىلغان. تولىمۇ ئەپسۇس! مىجىت ناسىر 13- ئاۋغۇسىت سەھەر سائەت ئۈچلەردا تېلېفوننىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشىدىن دوستى زوردۇن سابىرنىڭ تويۇقسىز يىقىلىپ، ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى ، ئۈرۈمچى دوستلۇق دۇختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە جىددى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال كەنجى ئوغلىنى ئېلىپ، دوستلۇق دۇختۇرخانىسىغا بارغان. مىجىت ناسىر دوستى زوردۇن سابىرنىڭ ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال شىنجاڭ تىببىي ئىنىستېتۇت دۇختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى خىڭ شەننى چاقىرىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 13- ئاۋغۇسىت ئەتىگەن سائەت يەتتىدە يازغۇچى زوردۇن سابىر جانجىگەر دوستى مىجىت ناسىرنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئائىلە- تاۋابائاتلىرى قاتارىدا مىجىت  ناسىر، مەمتىمىن ھوشۇرلارمۇ ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا جۇدالىق ياشلىرىنى ئاققۇزغان. 14- ئاۋغۇسىت كۈنى « يازغۇچى زوردۇن سابىرنى دەپنە قىلىش ھەيئىتى » قۇرۇلغان. مىجىت ناسىر شۇ ھەيئەتنىڭ مەسئولى بولۇپ، دوستى زوردۇن سابىرنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ھازىدارلار قاتارىدا بېلىگە ئاق باغلاپ، ئۈرۈمچى گۈلساي ئاممىۋى قەبىرستانلىقىغا چىقىپ، مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ بېشىدا تۇرغان. 18- ئاۋغۇسىت كۈنى مىجىت ناسىر دوستى زوردۇن سابىردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان جۇدالىق ھېسلىرىنى، مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ ھىجران – ئازابلىرىنى، دوستلۇق يۈرەك سۆزلىرىنى ، سېغىنىش كۈيىنى « ئايرىلىش مېنۇتلىرىدىكى پىغانلىق ھېسلار» ناملىق مەرسىيەنامىسىدە مۇنداق ئىپادىلىگەن:‹‹ ئابرال ئېتىكىدە، دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كۆز ئېچىپ بوران – چاپقۇنلۇق ھايات يولىدا ئىستىقبال ئىزدەپ، ‹ئىزدىنىش› دە مۇناسىپ مول ھوسۇللۇق ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر پروزىسى ۋە ئەدەبىي تىلىغا زور تۆھپە قوشقان شۆھرەتلىك يازغۇچىمىز، ھەقىقەت كۆيچىسى، خەلقىمىزنىڭ دىلكەش دوستى زوردۇن سابىر ئەلنى ئېغىر قايغۇ، سۈكۈتتە تەلمۈرگەن يۈرەكلەرنى مەڭگۈلۈك داغى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ بىز بىلەن ۋىدالاشتى.
ئۇ، ئىمان – ئېتىقادلىق، لەۋزى ھالال خەلق يازغۇچىسى سۈپىتىدە ئۇرغۇپ تۇرغان يېتۈك تالانتى، كامالەتلىك قەلىمى بىلەن رېئال تۇرمۇشنى، خەلقنى، دېھقانلارنىڭ مۇڭىنى ئىپادىلەپ، دەۋر مېلودىيىسىنى دەۋرگە ئۇلاپ ئەل قەلبىدە مەڭگۈ يىقىلماس ئابىدە تىكلىدى.ئۇ، تۇرمۇشقا سادىق بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ سىرلىق، نازۇك قاتلاملىرىغا دادىل شۇڭغۇپ كىرىپ، ئۇيغۇر ھاياتىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىدە ئىپادىلەپ، زور ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
     ئۇ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر سىناقلىرى، ھاياتلىق سەپىرىدىكى تەتۈر نىسبەتلەرگە تىز پۈكمەي، يۈكسەك ھۆرمەت، شان – شەرەپلەر ئالدىدا مەغرۇرلانماي، كەمتەرىن، چىن ئىنسانغا خاس ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىشتەك پىداكارلىقى، ھەقىقي خەلق يازغۇچىسىغا خاس قەلەمكەشلىك ۋىجدانى بىلەن خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد ئېتىپ ئەلگە تەقدىم قىلالىدى.
ئۇ، بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك، باي – ئەلۋەك زېمىننىڭ گۈزەل تاغۇ – دەريالىرى، بىپايان ئېتىز – دالالىرى، ئىپار – ئەنبەر چېچىپ تۇرغان تۈمەنمىڭ خىل گۈل – گىياھلىرى، بۇندىكى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي گۈزەللىكىنى يارقىن، پاساھەتلىك خەلق تىلى بىلەن كامالەتكە يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەپ، بىزگە بۇ مۇقەددەس ئانا تۇپراقنىڭ قەدىر – قىممىتىنى يەنىمۇ تونۇتتى.
     ئۇ، كەمتەر، ئاق كۆڭۈل، چىقىشقاق، كۆكسى – قارنى دەريادەك كەڭ، سەبىي بالىلاردەك سەبىي، «ئاتا» دەك مېھرىبان ئىدى.
ئۇ، مۇتەپەككۈر يازغۇچى سۈپىتىدە ئۆتكۈر پىكىرلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى يورۇتۇپ، ھايات سەپىرىدە چىن ئىنسانىي تەبىئىتىنى نامايەن قىلىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا سان – ساناقسىز كىشىلەر بىلەن سىردىشىپ، دوستلىشىپ، ئۇنتۇلماس دوستلۇقنىڭ توزۇماس چېچەكلىرىنى ئېچىلدۇرۇپ ئارىمىزدىن كەتتى.
     ئۇ، ئۆزىنىڭ نادىر – ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ھازىرقىلارغا زور مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلدى. تەھقىقكى، ھايات ھەقىقەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ قىممىتى، ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنى يىللارسېرى ئېشىپ، بۈيۈكلىشىپ بارغۇسى ۋە تەدرىجىي دۇنياغا يۈزلەنگۈسى.
مەن بالىلىق دەۋرىمدە تونۇشقان، بىر دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان، ئۇلۇغۋار غايە، يۈكسەك ئارزۇلارنى بويلاپ كۈرەش داۋانلىرىدىن بىرلىكتە ئاشقان، ھاياتنىڭ ئېغىر سىناقلىرىدا تاۋلىنىپ دوستلاشقان بۇ پىكىرداش، ئۆمۈرلۈك دوستۇمنى ئالىي ھۆرمەت، چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەپ قالىمەن.
       مەن ئۇنىڭ دوستى ھەم زاماندىشى بولغانلىقىمدىن، بۇ مۇقەددەس ئانا تۇپراق ئەنە شۇنداق تالانتلىق يازغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.مەرھۇمنىڭ ئىجادىيەت چەشمىسىنىڭ مەنىۋى كۈچ – قۇدرىتى ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ بوستانلىق ۋە چۆللۈكلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەزىم ئىلى، تارىم دەريالىرىنىڭ سۇلىرىدەك تومۇرلارغا توختىماي ئاقسا، قىممىتى، ئۈستى قار، ئاستى گۈلباغلار بىلەن زىننەتلەنگەن تەڭرىتاغلىرىدەك مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇسى.
     ئەلۋىدا دوستۇم، تىنچ يات. ئەۋلادلار سېنى ئەسىرلەر بويى مەڭگۈ ياد ئەتكۈسى. قەبرەڭدىن توزۇماس گۈل – چېچەكلەر ئۈنگۈسى.
                                                1998- يىل 19- ئاۋغۇست    ›› .
   بۇ مەرسىيەنامە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 1998-يىللىق 5- ساندا ۋە « شىنجاڭ مەدەنىيتى » ژۇرنىلى 1998-يىللىق   5-،6- قوشما سانلىرىدا ئارقىمۇ  ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان. مىجىت ناسىر بۇ مەرسىيەنامىسىنى يەنە 2000 –يىلى 12- ئايدا مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « كۆڭۈل سوۋغىسى» ناملىق كىتابغىمۇ كىرگۈزگەن.
   يازغۇچى زوردۇن سابىر ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى دوستى مىجىت ناسىر بىلەن بىر ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىنىڭ تويىدا بىر دەستىرخاندا ئولتۇرۇپ تولىمۇ ھەسرەتلەنگەن ھالدا دوستى مىجىت ناسىرغا : « ئاداش، مەن بىرەر بالامنىڭ تويىنى كۆرسەم دېگەن ئارمىنىمغا يېتەلمەيدىغان ئوخشايمەن، باللىرىم ساڭا قالدى، تويىغا ئاتىدارچىلىق قىلارسەن...» دەپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز يېشى قىلغان. راست دېگەندەك، مىجىت ناسىر كېيىنكى كۈنلەردە مەرھۇم دوستى زوردۇن سابىرنىڭ مەشرەپ، مەۋلان، شۆھرەت ، نۇسرەت قاتارلىق ئوغۇللىرى توي قىلغاندا ئۇغۇللارنىڭ دادىسى ئورنىدا تۇرۇپ ئاتىدارچىلىق يەتكۈزگەن.
     2009–يىلى 3 –ئاينىڭ 12 –كۈنى،غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى شۆھرەت نېغمەت بىلەن مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۈرۈمچى يەنئەن يولى 44 –قورۇدىكى ئۆيىگە بېرىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ‹‹زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇش ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.مەكتەپ مودىرىمىز شۆھرەت نېغمەتنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئەدىب ئابلېكىم ھەسەن بىزنىڭ ‹‹ زوردون سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇشقا ماتېرىيال يىغقىلى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، 3 –ئاينىڭ 13 –كۈنى كەچتە ‹‹ پارلاق رېستۇرانى ›› دا بىر قىسىم پېشقەدەم رەھبەرلەر، ئۇستاز ئەدىب ۋە ياش ئەدىبلەرنى چاي سۆھبىتىگە چاقىردى. بۇ چاي سۆھبىتىدە ‹‹زوردون سابىر خاتىرە ئۆيى ›› نى قۇرۇش ھەققىدە كەڭ –كۇشادە سۆھبەت بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر ئاكا تۇنجى بولۇپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:‹‹ مەن 1961 –يىل 8 –ئاينىڭ 21 –كۈنى سابىق سوۋېىت ئىتتىپاقىنىڭ لېنېنگراد شەھرىگە بارغاندا ‹ پۇشكىن خاتىرە سارىيى › نى زىيارەت قىلغان، شۇ چاغدا بىزدىمۇ مۇشۇنداق يازغۇچى، شائىرلارنىڭ خاتىرە سارىيى بولغان بولسا - ھە!... دېگەنلەرنى خىيال قىلغان ئىدىم.مەن يەنە 2001 - يىل 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى غۇلجا شەھەرلىك 2 - ئۇتتۇرا ( ئۈمىد ) مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبىرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ‹ مەكتەپ تەزكىرە ئۆيى › نى زىيارەت قىلغان ؛ 2005 - يىل 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاتۇش ئىكساق ‹ ھۆسەينىيە مەكتىپى › دە ئۆتكۈزۈگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپىنىڭ 120يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ‹ مەكتەپ تەزكىرە ئۆيى › زىيارەت قىلغان. مۇشۇ كەمگىچە بىرەر ئۇيغۇر ئەدىبنىڭ خاتىرە ئۆيىنى كۆرۈپ باقمىغان. غۇلجا شەھەرلىك 2 –ئوتتورا مەكتەپتە ‹ زوردون سابىر خاتىرە ئۆي ›نىڭ قۇرۇلماقچى بولغانلىقى ناھايىتى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش... بۇ خاتىرە ئۆينى قۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۆز نامىمدىن، كۆپچىلىك نامىدىن سىلەرنىڭ بۇ خەيرلىك خىزمىتىڭلارنى چىن دىلىمدىن قوللايمەن.بۇ خاتىرە ئۆينىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى، تەربىيەۋى رولى كېيىن تېخىمۇ بىلىندۇ. زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرت رومانى نەشر قىلنىپ، نامى باشقىدىن ئۇلۇغلاندى، شان - شۆھرىتى ئاشتى، سىلەر مۇشۇنداق بىر تارىخي ئابىدە تىكلەش ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. بىز ئۆزىمىزنىڭ سەرخىل، گېگانت، تارىخىي تۆھپىكارلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك ››.
   ئەتىسى مىجىت ناسىرنىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا باردۇق. مىجىت ناسىر بىزگە قۇرۇلماقچى بولغان‹‹ زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆي›› ئاتاپ نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنى سوۋغا قىلغانىدى.
    يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن دوستلۇق كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن ئۆز ئەسەرلىرىدە دوستلۇققا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، دوستلار ئۈچۈن پېداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان بىر قاتار يارقىن پېرسۇناژلار ئوبرازلىرىنى ياراتقان. دوستلۇق ھەققىدە ئاجايىپ لىرىك تەسۋىرلەرنى ، مەنىلەرگە باي چوڭقۇر ھېكىمەتلەر پۈتكەن، خۇددى يازغۇچى زوردۇن سابىر « ئىزدىنىش» رومانىدا « جەمئىيەت شۇنچە ئاۋات، ئادەملەر شۇنچە تولا بولسىمۇ كۆڭلۈڭدىكى دوستلىرىڭدىن بىرەرى يىنىڭدا بولمىسا بەرىبىر چۆلدە ياشىغاندەك كۈن ئۆتكۈزسەن » دەپ ئېيتقاندەك يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىرنىڭ چىن ئىنسانىي دوستلۇقى بىزگە جانلىق بىر تەربىيە دەرسى،زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىر ئوتتۇرسىدىكى ئۈزۈلمەس دوستلۇق رېشتى بىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە. زوردۇن سابىر بىلەن مىجىت ناسىر ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق كۈيى بىزنى ھەر ۋاقىت ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشكە، دوستلارنى قەدىرلەشكە، يۇرت – ماكانىمىزنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرگۈسى !
( ‹‹ ئىلى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 2014 –يىلى 4 – ئاينىڭ 17 –كۈندىكى سان)

uyghuray

1

تېما

0

دوست

975

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 305
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 14:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرت رومانىنى نەچچە ئون قېتىملاپ ئۇقۇپ چىققان ئىدىم،مەرھۇم يازغۇچىنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي!!

3

تېما

0

دوست

5246

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1624
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 16:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زوردۇن سابىرنى ئۇنىڭ  موللاقچىلىقنى ئۈگۈنۈش
دىگەن ئەسىرىدىن تونۇغانتىم.
كىيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ چىقتىم.
ھەقىقەتەن ئىسىل يىزىلغان ئەسەرلەر.....

12

تېما

10

دوست

4225

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   74.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1360
توردىكى ۋاقتى: 1069
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 17:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALMEQI يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 16:35
مەن زوردۇن سابىرنى ئۇنىڭ  موللاقچىلىقنى ئۈگۈنۈش
دىگەن  ...

ئالمىچى، موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش زوردۇن سابىرنىڭ ئەمەس، زۇنۇن قادىرى نىڭ.
uyghuray

2

تېما

1

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17701
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 19:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئەدىبنىڭ دوستلىقى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت.

3

تېما

0

دوست

5246

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1624
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 20:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 17:44
ئالمىچى، موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش زوردۇن سابىرنىڭ ئەمە ...

ئۆزرە  ئۆزرە    بۇ خىلى بۇرۇنقى ئىشلار بولغاچقا ئىسىمدىن كۆتۈرلۈپ قاپتۇ

1

تېما

0

دوست

531

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23142
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 172
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 20:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شاھىد ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەدىب....ئانا يۇرۇت رومانىنى ئۇقۇغاندەك ھىچقانداق كىتاپنى بىرىلىپ ئۇقۇپ باقمىغان....زوردۇن سابىرنىڭ ئانا يۇرۇرت رومانى تىنىچ دوندىنممۇ ئىسىل كىتاپ،،،زوردۇن سابىر نىكولاي شولىخوفتىنمۇ كاتتا يازغۇچى،،،تارىم دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى،،ۋولگا دەرياسى  بىلەن دون دەرياسىدىنمۇ دولقۇنلۇق....نۇرىنىڭ ئوبرازى دەل غۇرۇرلۇق ئويغۇرنىڭ ئۈزى،،نەق مۇشۇ خىياللار ئانا يۇرۇت رومانىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن پەيدا بولغان تاتلىق تۇيغۇلاردۇر!!!

8

تېما

2

دوست

2586

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 455
تۆھپە : 469
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 23:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرېشىت زوردۇن سابىر ھەققىدىكى بۇ ئەسىرىڭنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم . زوردۇن سابىر ھەققىدىكى قەلەملىرىڭ ھەرگىز ھېرىپ قالمىسۇن . سەن بىزنىڭ ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىمىز توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى يېزىۋاتىسەن ، تەشەككۈر . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەردار يازغۇچىمىزنىڭ روھى ئەمىن تاپقاي ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )