قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6706|ئىنكاس: 27

مۇرەككەپ گېن ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى(لاڭ شەنپىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

29

دوست

3907

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1242
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 22:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
مۇرەككەپ گېن ئۆزگەرتىش تەجرىبىسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

لاڭ شەن پىڭ
     ئىككى يىغىن مەزگىلىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىنغاندا گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر توغرۇلۇق مۇنازىرە ئەڭ قىزغىن بولدى ، 2013-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى برازىلىيە ، ئارگىنىتىنانىڭ ئۈچ خىل گېنى ئۆزگەرتىلگەن سويا پۇرچاق سورتىنى  ئىمپورت قىلىشىنى تەستىقلىدى ، بۇ خەۋەر جامائەتنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر قېتىملىق گېنى ئۆزگەرتىلگەن  يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنىڭ پىلتىسىغا ئوت يېقىۋەتتى . ئىككى ھەپتىدىن كىيىن "گېنى ئۆزگەرگەن سويا پۇرچاقنىڭ ئۆسمە كېسەللىكلىرى ۋە تۇغماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك "توغرىسىدىكى خەۋەر توردا ئۇچۇپ يۈردى ، مەيلى ئالىملار ياكى دېھقانلار بولسۇن ۋە ياكى شەرق ۋە غەرب بولسۇن گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ پايدا-زىيىنى توغرىسىدا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلار بىلەن قوللايدىغانلار ئوخشاش نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ .
  يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى ئەزىزلەر بۇنىڭغا ئىلمى ئاساسلار بىلەن ئەمەس بەلكى " بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىۋاتقان يالغۇز جۇڭگولۇقلارلا ئەمەس ، پۇقرالارنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرگە بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل بولغاچ مۇشۇنداق تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان " دەپ ئىنكاس قايتۇردى ،مەن گاڭگىراپلا قالدىم .
       يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېيىشىچە بۇ خىل سويا پۇرچاقنىڭ ئىمپورت قىلىشىنى ئۈچ يىللىق تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئاندىن تەستىقلىغان ، راستلا ئۈچ يىل تەجرىبە قىلىنغانمۇ ؟ مەن ماتېرىيالدىن ئىزدەپ باقتىم ، 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى  يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىر ئۇچۇر ئىلتىماس قىلغۇچىغا قايتۇرغان جاۋابىدا سىز ئىلتىماس قىلغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن سويا پۇرچاق ‘IntactaRR2Pro’نىڭ  بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەت ۋە ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالمىدۇق ،بۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس  " دېيىلگەن يەنى 5-ئاينىڭ 20- كۈنى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بۇ خىل سويا پۇرچاقنىڭ بىخەتەرلىك ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدىكى ھۆججەت ۋە ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ، بىراق 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىمپورت قىلىش تەستىقلانغان ئۈچ خىل سويا پۇرچاقنىڭ ئىچىدە مۇشۇ خىلىدىكىسى يەنى‘IntactaRR2Pro’ بار . 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئىلىم –پەن تەرەققىيات مەركىزى گېن بىخەتەرلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى نىڭ : بۇ قېتىم مىنىستىرلىق تەستىقلىغان پۇرچاق زىيانداش ھاشارات ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يوقىتىش دورىسىغا قارشىلىقى كۈچلۈك سورت “MON87701×MON89788” باشقىلار دەۋاتقان ‘IntactaRR2Pro’ ئەمەس شۇڭا "ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ قۇيرۇقىنى تۇتىدىغان " ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقتى . ھالبۇكى مانسانتو شىركىتى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان مەھسۇلات تىزىملىكىدە ‘IntactaRR2Pro’ دېگەن نامنى ئىشلەتكەن  بۇ ئېنىقلا ‘IntactaRR2Pro’نىڭ دەل گېنى ئۆزگەرتىلگەن سويا پۇرچاق “MON87701×MON89788” ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش ھۆججىتىدە ‘IntactaRR2Proنى مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغاندا ئىشلىتىدىغان رەسمىي نام دەپ كۆرسىتىلگەن . مانسانتو شىركىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىشلەتكەن ناممۇ دەل ‘IntactaRR2Pro .
      ھەقىقى ئەھۋالنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ چۈشەندىڭلارغۇ دەيمەن ، يەنە كېلىپ ئۈچ يىل تەجرىبە قىلغان بولسىڭىز تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاپ ئەھۋالنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بۇلامدۇ ياكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا  چىقىرىلغان نەتىجىمۇ بۇ ؟ بىز پۇقرالار بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمىز .
      گېن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مىنىڭ ئۇنى بۇنى دېگۈدەك سالاھىيىتىم يوق ، بىراق يۈەن لۇڭ پىڭ نىڭ(袁隆平شالغۇت شال مۇتەخەسسىسى ، ئاكادېمىك .شالغۇت شال ئاتىسى دېگەن نامى بار) سۆزى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ ، ئۇنىڭ ماۋۇ بىر جۈملە سۆزى ناھايىتى ئورۇنلۇق " گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ئىنسانلار سالامەتلىكىگە زىيىنى بۇلامدۇ يوق بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغاندا ئاندىن خۇلاسە چىقىرالىشىمىز مۇمكىن " ئۇنداقتا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقى زادى قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەجرىبىنى ئىشلىدى ؟ مەن ئېرىشكەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئاكادېمىك چىن جۈن شى مانسانتو شىركىتىنىڭ ھاۋالىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئىشلىگەن ئاندىن بۇنى يېزا –ئىگىلىك مىنىستىرلىقى پايدىلانغان ، دوكلاتتا تىلغا ئىلىنىشىچە " بىخەتەرلىك تەجرىبىسىدە بۇ خىل سورتلۇق سويا پۇرچاق (40-3-2)چاشقانغا يۈدۈرۈلۈپ 90 كۈن تەجرىبە قىلىنغان " دېمەك بۇ يۈەن لۈڭ پىڭ ئېيتقاندەك ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس بەلكى 90 كۈن تەجرىبە قىلىنغان .
     شۇڭا مەن چىن يېن جۈندىن گۇمانلىنىمەن ، فرانسىيىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان  تەجرىبىنى  ئىشلىگەن بولۇپ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى يېگەن ئەركەك چاشقاندا تۆت ئايدىن كىيىن تېنىدە ئۆسمە پەيدا بولغان چىشى چاشقاننىڭ بولسا يەتتە ئايدىن كىيىن ، چىن پىرافىسور پەقەت 3 ئاي تەجرىبە قىلغان تۇرسا ئەگەر 6ئاي ياكى 8 ئاي تەجرىبە قىلسىچۇ ؟ مىنىڭ تېخىمۇ بەك چۈشەنمەيدىغىنىم بۇ دېگەن مۇشۇنداق سورت يېتىشتۈرۈپ پۇل تاپىدىغان شىركەتنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن تەجرىبە ، يەنى سەن تەجرىبە ئىشلەپ بېرىسەن مەن پۇل بېرىمەن دېگەن گەپ ، رېپىرىمۇ مەن، توپچىمۇ مەن دېسە قاملىشامدۇ ؟ بۇ ئىلمى تەتقىقاتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ ؟
      چىن پىراففىسورنىڭ " گېنى ئۆزگەرتىلگەن پۇرچاقتا ئۆزگەرتىلگەن گېن تەركىبى قالمايدۇ ، چۈنكى گېن دېگىنىمىز ئاقسىل دېمەكتۇر ھالبۇكى ئاقسىل تەركىبى سويا پۇرچاق جەۋھىرىدىن ماي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يوقاپ كېتىدۇ " دېگەن سۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى ، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق چۈشەنچە بەردى : سويا پۇرچاق مېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سويا پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ 76% دە ئۆزگەرتىلگەن گېنلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .  گۇاڭجۇ ، نىڭ بو ، جېجىياڭ قاتارلىق رايونلاردىكى سويا پۇرچاق مېيىنى تەكشۈرگەندىمۇ تەركىبىدە ئۆزگەرتىلگەن گېن تەركىبى بارلىقى ئىسپاتلانغان . ئۇنداقتا جانابىي چىن جۈن شى پىرافىسور نېمىشقا ئۇنداق دەيدۇ ؟ بۇ يەنە بىر قېتىم پۇقرالارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى .
    نامەلۇم  يوشۇرۇن ئاپەت : ئىككى ئەۋلادتىن كىيىن قانداق قىلىمىز ؟
     گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر بەلكىم مەلۇم مەزگىلگىچە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن بىراق يۈەن پىرافىسور دېگەندەك ئىككى ئەۋلادتىن كىيىن مەسىلە چىقسا قانداق قىلىمىز ؟
     كۆپچىلىك ماۋۇ سانلىق مەلۇماتقا قارايلى : يەنە شۇ مانسانتو شىركىتى تەتقىق قىلىپ  يېتىشتۈرگەن كۆممىقوناق MON810 نى ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى ۋىينا ئونۋىرستىتىغا  سىناق تەجرىبىسى ئىشلەشنى ھاۋالە قىلغان ، تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىل كۆممىقوناقنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلغان چاشقاننىڭ  ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە  ئاجىزلاپ كەتكەن يەنە كېلىپ چاشقان بالىلىرىنىڭ جۇغى كىچىكلەپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ، مۇشۇ سەۋەبتىن فرانسىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بۇ خىل تىپتىكى كۆممىقوناق سورتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن ، بىزنىڭ جۇڭگودا  ئۇنى MON88017دەيدۇ ، 810نىڭ تېخىمۇ يېڭىلانغان سورتى يەنى 810 دا بولغان بارلىق زەھەرلىك توكسىنلاردىن باشقا يەنە بىرخىل ئىقتىدار يەنى ياۋا ئوت چۆپلەرگە قارشى زەھەرلىك توكسىن كۆپەيگەن دېگەن گەپ .  
     ئۇنىڭدىن باشقا 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى خىيلۇڭجىياڭ سويا پۇرچاق ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ شىياۋ ۋۇ نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە گېنى ئۆزگەرتىلگەن سويا پۇرچاق ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۆسمە كېسەللىكى ۋە تۇغماسلىقنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىسى بار ئىكەن ، شەندۇڭ بىلەن جىياڭسۇنى مىسالغا ئالايلى جىياڭسۇ ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان رايون ، بىراق شەندۇڭ ئۇنداق ئەمەس . جىياڭسۇلۇقلار گېنى ئۆزگەرتىلگەن سويا پۇرچاق مېيى ئىستېمال قىلىدىغان ئاساسلىق جاي بولۇپ شەندۇڭلۇقلار يەر ياڭىقى مېيى ئىستېمال قىلىدىكەن ، يەنە خۇبىي ، جېجىياڭ ، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرمۇ ئاساسلىق قىچا مېيى ئىستېمال قىلىدىغان رايونلار بولۇپ ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن .
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات ۋە خەۋەرلەر ئىلمىي يوسۇندا چىقىرىلغانمۇ يوق بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەجرىبە قىلىشى زۆرۈر ، چۈنكى پۇقرالارنىڭ ئىچىگە جىن چۈشتى ، مىنىڭ ئىچىمگە جىن چۈشتى ، مەنغۇ ئۆزۈمدىن ئانچە ئەنسىرىمەيمەن چۈنكى ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇم ، ئەنسىرەيدىغىنىم جۇڭگونىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ، بالىلار كىيىن قانداق قىلىدۇ ؟
     يەنە شۇ يۈئەن پىراففىسورنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالاي " زەھەرلىك ئاقسىل گېنىنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ، بىراق كىشىلەر بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگىمۇ زىيان كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قاراۋاتىدۇ ، ئۆزگەرتىلگەن گېنلارغا مەلۇم دەرىجىدە بۇلغىنىش ،  كۆپىيىش ، تارقىلىش دېگەندەك خەتەرلەر مەۋجۇت شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەردىن چاتاق چىقسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى ھەم كونترول قىلغىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭ مەسئولىيىتىدىنمۇ ھېچكىم چىقالمايدۇ ، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى يەنىمۇ ئۇزاق ۋاقىت تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك ،ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن ئۆتكەندە ئاندىن خۇلاسە چىقىرىشقا بۇلىۇ ، ئەگەر بۇنى ئادەم بەدىنىدە سىناق قىلىشقا توغرا كەلسە مەن بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتىمەن ." مەن يۇئەن پىراففىسورغا قايىل بولدۇم ئەگەر مېنى دېسە ھەرگىز تىزىملاتمايتتىم ، چۈنكى مەن گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك دېگەنگە قەتئىي قارشى . مېنىڭچە گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلانغۇچە پۇقرالارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىش ۋە تاللاش ھوقۇقى بار .
   ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلمايدۇ ، مەسىلەن تاماق ئۈستىلىدىكى ئاساسلىق يېمەكلىكى بۇغداي ،گۈرۈچ بولۇپ گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن ، قوشۇمچە يېمەكلىكلىرى تۇخۇم ، سۈت ، قۇش ۋە بېلىق گۆشلىرى بولۇپ ئاساسەن گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن ، بۇلار ئامېرىكىلىقلار كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ 70%نى ئىگىلەيدۇ. كۆپچىلىككە يەنە بىر سانلىق مەلۇماتنى يەتكۈزەي ، 1998-يىلى گېنى ئۆزگەرتىلگەن شوخلا ئامېرىكا ، ياۋروپا بازارلىرىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىلدى ، 2001-يىلى بەرەڭگە كانادا ، ئامېرىكا بازىرىدىن قوغلاندى بولدى . 2010-يىلى  قىزىلچا سىقىىپ چىقىرىلدى ، ئۇنداقتا بۇغدايچۇ ؟ بۇغداي 2001-يىلىلا مۇۋاقىيەتلىك بولغان يەنە كېلىپ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىراق ھازىرغىچە نېمىشقا ئامېرىكا بازىرىغا سىلىنمايدۇ ، سەۋەبى بۇغداي ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى .
     ياۋروپادا ئامېرىكىدىنمۇ قاتتىق ، مانساتتو ، باسىف ، بەيئېر قاتارلىق شىركەتلەر ئاساسەن ياۋروپادىكى تەشۋىقاتىدىن ۋاز كەچتى چۈنكى ياۋروپا بىرلەشمىسى تەستىقلىغان تەقدىردىمۇ دېھقانلار تېرىشقا ئۇنىمايدۇ ، دېھقانلار تېرىغان تەقدىردىمۇ ئىستېمالچىلار سېتىۋالمايدۇ .
     يۇقىرىقى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىدىن غەم قىلىشقا ئاساسى بار . ھازىر زور بىر تۈركۈم گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر ئىمپورت قىلىنغان بولسىمۇ بىز ھەممىدىن خەۋەرسىز ھەتتا قايسىسىنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن ، قايسىسىنىڭ ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمىز .شۇنداق بولغان ئىكەن گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنى دۆلىتىمىز بازىرىغا ئەكىرگۈچىلەرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئادىل ، ئوبيېكتىپ بولغان تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلەپ پۇقرالارنىڭ بۇ خىل يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇش مەسئۇلىيىتى بارمۇ قانداق ؟ ئەگەر شۇنداق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەنمىسە بىز پۇقرالار گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنى ئىمپورت قىلىشقا   قارشى تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمىز .
لاڭ شەن پىڭ مىكرو بىلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى .
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4120db8b0102ec3n.html
ئەسكەرتىش : ئىنگىلىزتىلىدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا يازمىدا تىلغا ئىلىنغان Monsanto Company، BASF SE قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ نامى توغرا ئاتالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئىنگىلىزتىلىدىن خەۋىرى بار تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

1

تېما

1

دوست

1401

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1971
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 329
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 16:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىك ماۋۇ سانلىق مەلۇماتقا قارايلى : يەنە شۇ مانسانتو شىركىتى تەتقىق قىلىپ  يېتىشتۈرگەن كۆممىقوناق MON810 نى ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى ۋىينا ئونۋىرستىتىغا  سىناق تەجرىبىسى ئىشلەشنى ھاۋالە قىلغان ، تەجرىبىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىل كۆممىقوناقنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلغان چاشقاننىڭ  ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە  ئاجىزلاپ كەتكەن يەنە كېلىپ چاشقان بالىلىرىنىڭ جۇغى كىچىكلەپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ، مۇشۇ سەۋەبتىن فرانسىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بۇ خىل تىپتىكى كۆممىقوناق سورتىنى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلىگەن ، بىزنىڭ جۇڭگودا  ئۇنى MON88017دەيدۇ ، 810نىڭ تېخىمۇ يېڭىلانغان سورتى يەنى 810 دا بولغان بارلىق زەھەرلىك توكسىنلاردىن باشقا يەنە بىرخىل ئىقتىدار يەنى ياۋا ئوت چۆپلەرگە قارشى زەھەرلىك توكسىن كۆپەيگەن دېگەن گەپ .

بىزنىڭ رايۇنلىرىمىزدا تېرىلىدىغان قۇناقلارنىڭ سورتى نىمىدۇ؟!
بىز قىممەت سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىدىغان قۇناق يېغى قانداق سورىتتىكى قۇناقتىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغاندۇ؟!
ھېلى ئازەگال يېغى دەۋاتقان، ھېلى گېنى ئۆزگەرگەن يىمەكلىك دەۋاتقان، ھېلى زىيانلىق  سۇت پاراشۇكى دەۋاتقان،... نىمە بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ بۇ يىمەك-ئىچمەك ساھەسى!...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1590

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 518
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 17:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . ناھايتتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز . داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز!

4

تېما

0

دوست

856

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16349
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 20:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ لاڭ شەنپىڭ دىگەن ئادەم مەسىلىلەرنى خىلى دادىل ئوتتۇرغا قويالايدۇ جۇمۇ ، ماقالىلىرى ئادەمنى شۇنداق جەلىپ قىلىدۇ.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

1

تېما

1

دوست

1556

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21777
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 21:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adilkanun يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 16:23
كۆپچىلىك ماۋۇ سانلىق مەلۇماتقا قارايلى : يەنە شۇ مانسا ...

بىزنىڭ رايۇنىمىزدا ( باي  ناھىيەسىدە ) تېرىلۋاتقان قۇناقلار ئاساسەن  704 ،  تىيەنيۈ  2- نۇمۇر ،  3- نۇمۇر قاتارلىق سورتلار  .  بۇ سورتلارنى  تەۋەلىكىمىزدىكى  ئۇرۇقچىلىق پونكىتلىرى تەتقىق قىلىپ  شالغۇتلاشتۇرۇلغان سورتلار .

0

تېما

8

دوست

9092

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   81.84%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10825
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 2919
توردىكى ۋاقتى: 454
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 21:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىك----- 21-ئەسىردىكى ئاتوم بومبىسى.

1

تېما

1

دوست

1401

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1971
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 329
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 22:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saednursi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 21:18
بىزنىڭ رايۇنىمىزدا ( باي  ناھىيەسىدە ) تېرىلۋاتقان قۇن ...

موللا تاپقاق بۇرادەر، بىلمەكچى بولغان ئۇچۇرنىلا قالدۇرۇپسىز!

رەھمەت سىزگە!

ئەلقانات

2

تېما

16

دوست

7593

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2210
توردىكى ۋاقتى: 1043
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 00:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشتىكى تارىم ھېلىقى قورقۇنۇچلۇق كۆممىقوناقنىڭ گېپىنى قىلغىلىمۇ خېلى بوپقالدى. قارىغاندا ئۇنىڭ دېگىنى راستكەندە!؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )