قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5262|ئىنكاس: 59

ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندۈزى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

31

دوست

5060

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13250
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 175
تۆھپە : 1620
توردىكى ۋاقتى: 852
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 01:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىڭىز كېچىسى گۈزەل بولسۇنمۇ ياكى كۈندىزى ؟


     پادىشاھ ئارتور بىر دۆلەتكە ئەسىرگە چۈشۈپ قاپتۇ ، ئەسلى ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇماقچى بولغان پادىشاھ  ئۇنىڭ ياش ھەم ناھايىتى ئۈمىدۋار خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپ قىلىپ "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە نېمە ؟" دېگەن سوئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىسا  ئۇنى قۇيۇپ بەرمەكچى بوپتۇ .
ئارتور بۇ سوئالنى ئۆزى تونۇيدىغان ھەممە ئادەمدىن مەلىكە ، پادىچى ،ئەقىلدار ئىشقىلىپ ھەممىدىن سوراپمۇ ئۆزى قانائەت قىلغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمەپتۇ .
     بىرى ئۇنىڭغا شەھەر سىرتىدا بىر قېرى ئايال پېرىخون بار ، ئۇنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ، بىراق ھەقنى يۇقىرى ئالىدۇ تېخى غەلىتە تەلەپلەرنى قۇيۇپ تۇرۇۋالىدۇ دەپ ئۇچۇر بېرىپتۇ  .
      بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشايلا دەپ قاپتۇ ، ئارتورنىڭ باشقا تاللاش يولى قالمىغاچقا ئايال پېرىخوننى ئىزدەپ  بېرىشقا مەجبۇر بوپتۇ ، ئايال پېرىخون ئۇنىڭغا ئارتورنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ باتۇر چەۋەنداز جاۋىن بىلەن توي قىلىش شەرتى بىلەن سوئالنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە ماقۇل بوپتۇ.
ئارتور پېرىخوننىڭ  ئاران بىرتاللا چىشى قالغان ئاغزى، بەدىنىدىن چىققان سېسىق پۇراق ھەممە يەرنى بىر ئالغان دوك ھەم بەتبەشىرە ھالىتىنى چەۋەنداز جاۋىنىنىڭ ئېگىز ، كېلىشكەن قامىتى ، ئاقكۆڭۈل سەمىمىي ۋە باتۇرلۇقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ نېمە قىلارىنى ، نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قاپتۇ .
ئارتور پېرىخونغا " ياق ، مەن ئۆز ئەركىنلىكىم ئۈچۈن دوستۇمنى سىنىڭدەك بەتبەشىرە بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىسام بولمايدۇ ، بولمىسا مەن ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن " دەپتۇ .
     جاۋىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ ئارتورغا " سەن ۋە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىشنى خالايمەن " دەپتۇ .
     شۇنداق قىلىپ بۇ توي پۈتۈن جاھانغا پۈر كېتىپتۇ .
      پېرىخون ئارتورغا "ئاياللار ھەقىقى ئېھتىياجلىق نەرسە ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇش " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .كىشىلەر بۇ جاۋابقا قايىل بوپتۇ ، چۈنكى بۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەتتە . شۇنىڭ بىلەن ئارتور ئەركىنلىككە ئېرىشىپتۇ .توي مۇراسىمىدا پېرىخون تاماقنى قولى بىلەنلا ئېلىپ يەپ ، كېكىرىپ يەنە تېخى سەت گەپلەرنى قىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرۈۋىتىپتۇ ، ئارتور بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ بىراق جاۋىن بۇرۇنقىدەك كەمتەر ۋە خۇش پېئىل ھالىتىنى ساقلاپ مۇراسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
      توي كېچىسى جاۋىن كىشىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي پېرىخوننىڭ يېنىغا كىرىپتۇ ، ئۇ بارلىق ئىشلارنى قۇبۇل قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن ، كارىۋاتتا بەتبەشىرە پېرىخون بولماستىن بەلكى پەرىزاتتەك بىر نازىنىن ياتقانلىقىنى كۆرگەن جاۋىن ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قاپتۇ ، پېرىخون جاۋىندىن "مەن بىر كۈننىڭ يېرىمدە گۈزەل قىزغا قالغان يېرىمدە يىرگىنچلىك پېرىخونغا ئايلىنىپ قالىمەن ، سەن زادى مىنىڭ كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشىمنى خالامسەن ياكى كېچىسىمۇ ؟" دەپ سوراپتۇ .
      بۇ نېمىدېگەن رەھىمسىزلەرچە سورالغان سوئال ھە؟ سىزدىن سوراپ باقاي :ئەگەر سىز جاۋىنىنىڭ ئورنىدا بولغان بولسىڭىز قانداق جاۋاب بەرگەن بۇلاتتىڭىز ؟
      پسىخىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەن ساۋاقداشلار بىردەم سۈكۈتكە چۆمدى ئاندىن تالاش-تارتىش باشلىنىپ كەتتى ، جاۋابلار ھەرخىل بولسىمۇ يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ئىككىلا خىل . يەنى كۈندۈزى پېرىخون بۇلىشى كېرەك چۈنكى خوتۇن دېگەننى كۆز-كۆز قىلمىسىمۇ بولىدۇ يەنە بىرى كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشى كېرەك ، بۇنىڭدا باشقىلار ھەۋەس بىلەن قارايدۇ ، كەچ بولغاندا باشقا يەرگە بېرىپ كۆڭۈل ئاچسا بولىدۇ ، كېچىدە ئۇخلىغاندا قاپ-قاراڭغۇ تۇرسا سەتمۇ چىرايلىقمۇ بەرىبىر . جاۋابلارنى ئاڭلاپ مۇئەللىم  توغرا يا خاتا دېمىدى ، پەقەت ئەمەلىيەتتە ھېكايە تۈگىمىدى ، جاۋىن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپتۇ  دېدى .
    جاۋىن "سىز ئاياللارنىڭ ھەقىقى ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش دېگەن ئىدىڭىزغۇ ، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ " دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .ئايال پېرىخون كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ "مەن كۈندۈزى گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى ، كېچىسىمۇ گۈزەل ئايالغا ئايلىنىشنى تاللايمەن ، چۈنكى سەن مېنى ھەقىقى ھۆرمەت قىلىشنى بىلدىڭ " دەپتۇ .
     ھەممىمىز يەنە بىر قېتىم سۈكۈتكە چۆمدۇق ، چۈنكى ھېچكىم جاۋىنغا ئوخشاش جاۋاب بەرمىگەن ئىدى . بەزىدە بىز بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كىتىمىزمۇ قانداق ؟ تېخى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقى بىلەن كارىمىز يوق باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بىلەن تون پىچىپ كېتىشلىرىمىز بار .
باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ، چۈشىنىشنى بىلسىڭىز بەلكىم ئېرىشىدىغىنىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. چۈشىنىش ، ھۆرمەتلەش ، ئىشىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ گۆھەر سىزنى تېخىمۇ كۆپ ئالقىشلارغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ .

مەنبە : ئۇيغۇرئاي تەرجىمىسى

2

تېما

12

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 13:03:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك ھىكايە ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4374
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 13:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇننىڭ كىيىم رەڭگىگە بەك ئارلىشۋالسىمۇ ياخشى ئەمەس...

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2768
توردىكى ۋاقتى: 647
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 13:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىن ئارتور ئايال پادىشا كىلىپاتراغا ئۆيلەندى ...

0

تېما

0

دوست

6411

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 14:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىككەن ..خوتۇن دىگەن كۆز كۆز قىلىدىغان نەرسە ئەمەس .كۈندىزى سەت بولسىمۇ كىچىسى چىرايلىق بولسا بولىۋىردۇ ..

2

تېما

9

دوست

6680

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2586
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1546
تۆھپە : 997
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 15:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ، ھەممىنىڭ قەلبىنى ئېرىتكەن يەنىلا سەمىمىلىك ....

0

تېما

4

دوست

1272

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27377
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 15:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەقىقەتەن ياخشى تىمىكەن . خۇتۇن ئوزنىڭ بولغاندىكىن ئوزگە قەدىرلىك . ئامال بار كېچىسى گۇزەلراق بولغىنى ياخشى .
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )