- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12948
- نادىر
- 19
- يازما
- 665
ئۆسۈش
7.37%
|
بۇرادەرلەر سىلەر يۇقىرىدا ئەمۋاينى چۆرىدەپ كۆپ مۇنازىرە قىپسىلەر. بەزىلەرنىڭ پىكىرنىڭ ئورام-ئاساسى بولسىمۇ بەزىلەرنىڭ يۈزەكى بوپ قاپتۇ. يەنە بەزىلەر تۇيۇق يولغا كىرىپ سۆز ئويۇنى قىپتۇ. نېمى دېمەكچى؟ بىلگىلى بولمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا مۇنازىرە ئەسلى بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەقسەدتىن چەتنەپ كېتىپتۇ ھەم ئىلمىيلىكتىن ھالقىپتۇ.
مەنمۇ بۇ ھەقتە بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىپ باقاي. ئاڭلاپ بېقىڭلار:
مەن ئەمۋاي توغرىلىق گەپ بولغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئاساس دەپ قارايمەن.
1> ئەمۋاينىڭ ھالال-ھاراملىقى ۋە ئىسلام سودا قېلىپىغا ئۇيغۇن كېلىش-كەلمەسلىكى. مەن بۇ توغرىدا كۆپ سۆزلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بىراق ئويچاننىڭ پىكىرى ۋە باشتىكى پەتىۋا مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى.
2> ئەمۋاينىڭ بىز بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى.
ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ماس كېلەمدۇ-يوق؟ بىر ئېغىز گەپ، ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ. بىراق ئەشۇ ئەمۋايچىلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلە ماختاپ-ئۇچۇرۇپ نامراتلىق سىزىقىدا ئاران ئۆرە تۇرىۋاتقان مېھنەتكەش خەلقىمنىڭ روزىغارىنى يۇلۇپ ئېلىۋاتىدۇ. ئەشۇ جاپاكەش خەلقىم ئەمۋايچىلارنىڭ ياغلىما سۆزلىرى، بەرگەن ۋەدىلىرى، كۆز ئالدىدىىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەجرىبىلىرى نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئالدىنۋاتىدۇ ( بۇ يەردىكى ئالدىنىش تاۋار جەھەتتىكى ئەمەس ئۆز ئىجتىسادىنى دەڭسىيەلمەسلىك جەھەتتىكى ئالدىنىش ئەلۋەتتە). ياكى ئۇلار بىلەن بولغان يۇقىرى-تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتى، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى، يېقىنلىق مۇناسىۋىتى يۈزىسىدىن تاپقانلىرىنى، ئەمۋاي ئۆز ئىقتىسادىي سەۋىيىسىگە ماس كەلمىسىمۇ ئىككى قوللاپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمۋاينىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيىتىدە تارتىۋېلىش بولمىسىمۇ ئازدۇرۇپ ئېلىۋېلىش بار. ئەمۋايچىلار بۇ كەسىپ بىلەن قانچە ئۇزۇن شۇغۇللانغانسېرى شۇنچە ئاچكۆز، شەخسىيەتچى، ئالدامچى بوپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆز خەلقىنى ئالداپ نەگە بارار؟! ئۇلار شۇ نۇتۇق قابىليىتى بىلەن ئۆزخەلقىنى مەدىنىي مائارىپقا رىغبەتلەندۈرسە، توغرا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئۇلارنى توغرا نىشانغا يېتەكلىسە، ئۇلارنىڭ پۇللىرىنى ھاراق-تاماكا، قىمار ھەم بۇزۇقچىلىقلارغا، ئەيشى-ئىشىرەتلەرگە خەجلىشىدىن توسۇپ، مەرىپەتكە دەسمىي سېلىشقا سەپەرۋەر قىلسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟!
ئەمۋاي بىلەن بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئەسلا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى بۇرمىلاپ، كاللىسىنى يۇيۇپ، ئەمۋاينى ساغلاملىقنىڭ تىلتۇمارى، ھاياتلىقنىڭ ئاساسىي، بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ شىپالىق تېپىشىنىڭ نىجاتلىق ئاساسى دەيدىغان ساختا ئىدىيەنى پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇدۇمىدىن ۋاز كېچىپ ئەشۇ خىل نەرسىلەرگە ئىنتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ نەسىل خارەكتېرلىك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. ھازىر قارايدىغا بولساق، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا شورپا قىلىپ بەرمىگەن بىلەن ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى قىممەت باھادا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. قېنى ئويلاپ باقايلى، شورپا بىلەن ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىدىن ئىقتىسادىي قىممىتى ۋە ئەمىلىي قىممىتىدىن قارىغاندا قايسىنىڭ قىممىتى يۇقىرى؟ ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي قىممىترى ئەمۋاينىڭ، ئەمىلىي قىممىتى شورپىنىڭ يۇقىر بولىدۇ.
3> مىللىي كارخانىلارغا بولغان تەسىرى: بىر قىسىم ئەمۋايچىلار ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مىللىي مەھسۇلاتلىرىمىزنى چۈشۈرىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئارمان شىركىتىنىڭ ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ «348 يۈئەنلىك بىر قۇتا ئەمۋاي ئاقسىل تاقىنى 16 يۈەنلىك 25 خالتا ئارمان تالقىنىغا تەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭدا تۆت قوينىڭ گۆشىنىڭ قۇۋۋىتى بار» دېيىش ئارقىلىق، خەلقىمىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرمىزنى قوللاش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرۋاتىدۇ. بايلىقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كۈچەيتىۋېتىۋاتىدۇ. بىر يەھۇدىي ئامال بار يەھۇدىينىڭ قولىدىن مال سېتىۋالىدىكەن. بىراق بىزدە ئۇنداق ئاڭنىڭ ئورنىغا ئۇنى يوقۇتۇشقا ئۇرىنىۋاتىمىز.
4> ئەخلاق جەھەتىن: ئەمۋايدا ئۆز ئۆيىدىن، خوتۇن-بالىلىرىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر توپ بار. ئۇلار دائىم جىنسىي پەرقىگە قارىماي يۇرت كېزىدۇ. ھەتتا بىر قورو، بىر ئۆنى ئىجارىگە ئېلىپ بىرگە تۇرۇش كۆپ ئۇچىرايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ساغلام بولغان ئائىلىلەرنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن نىكاھسىز بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنمۇ 1997-يىلى ئاقسۇغا ئەمۋاي تۇنجى كەلگەندە بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان. يەنە ئەشۇ ئەمۋايچىلار مېنىڭ سۆز قابىليىتىمدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەكىرگەن. بىراق 3 ئايدىن كېيىن چىقىپ كەتتىم.
بۇ نېمە ئۈچۈ؟
بۇنىڭدىن سەۋەب 2-، 3- ۋە 4-نۇقتىدا ناھايتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلدى.
ئاخىرقى تەلىپىم، مۇنبەر يۈزىدە ئىلمىي بولساڭلار، ئاساس بىلەن ئەقلىيلىكنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلساڭلار. ھاقارەتلىك ئىبارىلەر بىلەن ئۆزئارا ئىتىپاقلىققا، مىللىي ئۇيۇشۇشچانلىققا، تورنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىلمىيلىك ئارقىلىق قايىل قىلىش، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىزدەنگۈچىلەرنى، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزمىسەڭلار! |
|