- تىزىملاتقان
- 2014-2-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1123
- نادىر
- 0
- يازما
- 115
ئۆسۈش
12.3%
|
masturam يوللىغان ۋاقتى 2014-5-26 23:17
ئىشقىلىپ ئىزدىنىشتەك پوداق يۈز پۇراپ قالمىساقلا خۇدۇغ ...
باغداشمۇ تايىنلىقكەن، بۇنى تەستىقلىماپتۇ
ئۇچۇر دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولمىش ئىنتېر تورى ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئويلىغانلىرىمىزنى بايان قىلىش، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشتىكى ئۈنۈملۈك قورال بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە ھەربىر ئۇيغۇر ئۆز ئوي- پىكرىنى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى جۈملىدىن توربەتلەردىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىككە سۇنۇۋاتىدۇ. بۇلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ۋە قوللاۋاتقان ئۇيغۇر توربەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتماي بولمايدۇ.
بىلىمخۇمار، زۇلپىقار، بىلگەجان، مارشال، ئوغۇز (oghuzkb)، قەيسەر، تاشپولات، تادۇبەگ، ئىلى يارۇق، ساھران، يۇلغۇنجان، روھلان، قۇتيار، نۇرقۇت، يۇلغۇن، توخۇتۇر، سارۋان، قاراخان، كۆكزات... ( ئىسمى چۈشۈپ قالغانلار بولسا ئەپۇ قىلغاي) دېگەندەك تورناملىرىدىكى ئۇستازلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشناىلىقىنى قاندۇرۇش، بىلىم تارقىتىش يولىدىكى مىننەتسىز ئەمگەكلىرىگىمۇ ئەل قاتارى كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر- ھاشقاللا ئېيتىش بىلەن بىرگە ھەممەيلەينىڭ ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن!
يىغىنچاقلىغاندا ھەممەيلەن يەنە شۇ خەلقىمىز ئۈچۈن كۆيۈپ- پىشىۋاتىمىز. يازغانلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىم كۆرسىكەن، بىلسىكەن، ئالغا باسسىكەن دەيدىكەنمىز. بۇنى بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ « بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ» دېگەن گېپى بىلەن ئىپادىلىسەم مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
قەدىرلىك تورداش، سىزچۇ ؟ سىز يەنىلا « بۇ xxx توربەتكە مەنسۇپ...» دەپ يۈرۈۋاتامسىز؟ تور بېتىڭىزدىكى مەزمۇننى باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ تەۋسىيە قىلىش، پرنتلاپ ئوقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چەكلىمە قويۇپ يۈرۈۋاتامسىز؟
سىز كىم ئۈچۈن يازىسىز؟
~~~~~~~~~~~~
قوشۇمچە؛
1- ئاپتورنى ئەسكەرتمەي تەۋسىيە قىلىشتەك ئەخلاقسىز قىلمىشقا پېقىرمۇ قارشى.
2- يازمىغا ھەق بېرىدىغان توربەت بولسا ، يازمىنى كۆچۈرۈشنى چەكلىسە قوللايمەن.
« بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ» |
|