قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1651|ئىنكاس: 4

تۈركلوگ تەتقىقاتچى مالوپ ۋە ئۇنىڭ قومۇل شىۋىسى ناملىق كىتابى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

65

تېما

0

دوست

3462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  128
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 792
تۆھپە : 519
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 13:22:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئاتاقلىق تۈركلوگ ، فولىكلور تەتقىقاتچى مالوپ ۋەئۇنىڭ
« ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى » ناملىق كىتابى
مۇھەممەت يۈسۈپ


         ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئېستېتىك نۇقتىئىنەزىرى ۋە بەدىئىي ھەۋەسلىرىنى ئېغىز ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق – قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى-ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى ، يەرلىك ئالاھىدىلىكى ، تىل ئالاھىدىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ،بىز بۇ پۈتمەس – تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقنى داۋاملىق قېزىپ ، رەتلەپ ، ئۆگىنىش ھەمدە ئۇنى ئۈلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك مەنىۋى ھاياتىمىزنى بېيىتىشىمىز ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك . قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئەڭ بۇرۇن خاتىرىلەپ ، توپلاپ ، دۇنياغا ئېلان قىلغان ، تەتقىق قىلغان ئالىم مالوپ ( 1880-1957 ) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
      ئاتاقلىق تۈركىلوگ ، پروفىسسور س. يې . مالوپ دۇنيا تۈركىلوگىيە تەتقىقاتىدا مول تەتقىقات ئەسەرلىرى بىلەن غايەت زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر ئالىم بولۇپلا قالماسىتىن ، بەلكى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاپ ، رەتلەپ ، تەتقىق قىلغان ھەمدە نەشىر قىلىپ دۇنياغا تارقاتقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەنمۇ تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىدا چەكسىز ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر ئالىم ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسىدۇر .
          ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلىق ئەدەبىياتىنى توپلاپ ، تەتقىق قىلىپ ، دۇنياغا ئېلان قىلغان مول تۆھپىلىرىنىڭ شاھىدى بولغان مۇھىم كىتابلىرى - « لوپنۇر تىلى » ، « ئالتۇن يارۇقنىڭ يەشمىسى – تەرجىمىسى » ، « سېرىق يۇغۇر تىلى » ، « شىنجاڭ ئۇيغۇر تىلى شىۋىسى – تېكىستى ، تەرجىمىسى ۋە لۇغىتى » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . بولۇپمۇ « ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى » ( 1954- يىل ، موسكۋا – لېنىنگراد ، سوۋېت  ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى نەشىر قىلغان ، 16فورماتلىق ، 202بەتلىك ) دېگەن كىتابىدا ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم قوشاق – نەزمە ، چۆچەك ، لەتىپە – پاراڭ ، ماقال- تەمسىل ، تېپىشماقلار بۇنىڭدىن 80يىل ئىلگىرىكى يازما خاتىرىلەنگەن تېكىستى بويىچە دۇنياغا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى ( بۇ تېكىستلار ئۇيغۇرچە – رۇسچە تەرجىمىسى ، سۆزلۈك لۇغىتى بىلەن ئېلان قىلىندى ) . بۇ كىتاپقا قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرىقى تۈرلىرى بويىچە ئاپتور ئۆز قەلىمى بىلەن ئەينى چاغدا (1914-يىللاردا ) يېزىلار ، تاغلىق رايونلارغا بېرىپ ، خاتىرىلەنگەن نۇرغۇن تېكىستلەر ( ناخشا – قوشاق ، بېيىتلەردىن 42سى ، پاراڭ ، ھېكايە ، چۆچەكتىن 46سى ، تېپىشماقلاردىن 156سى » كىرگۈزۈلۈپ ، دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلىق ئەدەبىياتى خەزىنىسىنى قېزىپ ، رەتلەشكە ئۆچمەس تۆھپە قوشۇلدى. بۇ كىتاپتا بىر قىسىم قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ يازما خاتىرىسى ئېلان قىلىنىپلا قالماي ، بەلكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى تېكىستلىرىنى(قۇمۇل شىۋىسى ) سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئاساسىدا فونېتىكا ، لېكسىكا جەھەتلەردىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ، يەرلىك سۆزلەر ئىزاھاتى – سېلىشتۇرما لۇغىتى بىلەن بىرگە ئېلان قىلىندى . شۇڭا ، مالوپنىڭ بۇ كىتابى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى تەتقىق قىلىشتىلا قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قۇمۇل خەلىق ئەدەبىياتىنى قېزىش ، توپلاش، رەتلەش ، تەتقىق قىلىشتىمۇ قىممەتلىك تارىخي ماتېرىيال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
         ئاتاقلىق تۈركلوگ ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسى مالوپ 1914-يىل 1-2-ئايلاردا قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي قۇمۇلغا كېلىپ ، خوتۇنتام ، شوپۇل ، قوراي قاتارلىق يىراق تاغ رايونلىرىغىچە بېرىپ ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىمىنى ئەينەن خاتىرىلەپ ، بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ، بىزنى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئىگە قىلدى.
      ئاپتور كىتابنىڭ « كىرىش سۆز » دەتەكىتلىگەندەك ، بۇ قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى نۇسخىسسى ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى – دېئالىكتى تەتقىقات ماتېرىيالى بولۇپ ، كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ھەممىسىلا قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ تېكىستلىرى .
        بۇ قىممەتلىك كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا 40يىلغا يېقىن بولغانلىقى ۋە چەت ئەلدە بېسىلغانلىقىدىن باشقا ، نەشىر قىلىنغان تراژىمۇ ئاز ( 300نۇسخا ) بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ كىتابنى ئالاھىدە تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۆزىمىزدە نەشىر قىلىنغان قۇمۇل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر كىتاپ ، توپلاملارغا كىرگۈزۈلمەي قالغان تېكىستلەرنى ۋە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ، پەرقلىق بولۇپ قالغان تېكىستلەرنى ياكى باشقا ۋارىيانتلىرىنى ئېنىقلاپ ، بۇنىڭدىن كېينىكى قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرىغا كىرگۈزۈش ، سېلىشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈش ، قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت مىللىي مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ پۈتمەس – تۈگىمەس بۇلاقنى تېخىمۇ قېزىپ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك . مالوپنىڭ بۇ ئەسىرىنى قولغا ئېلىپ ئېچىش بىلەنلا كۆزگە تاشلىنىپ ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى – ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا « ئىنقىلابىي قوشاقلار » دېگەن تېمىدا تۆمۈر خەلىپە ھەققىدىكى قوشاقلار بىر قەدەر تولۇق تېكىستى بىلەن كىرگۈزۈلگەنلىكى بولۇپ ، قۇمۇل خەلقىنىڭ شاھمەخسۇت ۋاڭنىڭ فېئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىىسىگە ، مىللىي زۇلۇمىغا قارشى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابىي كۆرۈشى توغرىسىدىكى قوشاقلىرىغا ئاپتور ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي پارتلىمىغان شارائىتتا « ئىنقىلابىي قوشاقلار » دەپ يۈكسەك باھا بەرگەنلىكىدە .
         بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى ، ئاتاقلىق تۈركلوگ ۋە فولىكلور تەتقىقاتچىسى مالوپ بۇ كىتاپنىڭ تۈنجى نەشىرىگە يازغان « كىرىش سۆز » قىسمىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆزىدە يېتىشتۇرۈلگەن تىل تەتقىقاتچى خادىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە كىشىنى خۇشال قىلارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ھەقتە ئالىي مۇھەررىر ، تىلشۇناس ، تەرجىمىشۇناس غولام غوپۇرى ، ئالىي لېكتور ئابدۇرېقىپ تۆمۈر ، لىكتور ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىق يولداشلار مۇھىم تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇمۇل خەلق ئەدەبىياتى تېكىستلىرىنى قېزىش ، توپلاش ، نەشىر قىلىش ساھەسىدىمۇ يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ، خەتتات ئېلى ئىسمايىل ، شائىر يەھيا سادىق ، بۇ خىزمەتنى قوللاپ، تەشكىللەپ كەلگەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۇسىنىڭ سابىق باشلىقى ئابدۇلئەزىز ئىسمايىل قاتارلىق يولداشلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىمىز .



    مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى قانۇنلۇق تارقىتىش ھوقوقى باغداش تور بېكىتىدە . رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ : بايقالسا قانۇنى مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

ئىنسان دىگەن نىم

100

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2392
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 17:07:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى لەيلى مەجنوننى ئىزدىگەندەك ئىزدەش كىرەككەن.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2379
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2011-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 17:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ     يازمىنى    ئوقۇپ     ئالدىنقى      قېتىم     يۇز    بەرگەن   بىر   ئىش        ئېسىمگە    كېلىۋاتىدۇ   ،   بىر     ناھىيە                تەۋەسىدىكى     ئۇيغۇرلار    بىلەن        قازاقلارنىڭ    تۇرمۇش   ئۆرپ-ئادەتلىرى    ،يىمەك-ئىچمىكى    ،كىيىم   -كېچەك    مەدىنيىتى    شۇنداقلا    ئۆلۈم - يىتىم   ،توي -  تۆكۈن    ۋەھاكازالارنى   بىر   ھەپتە   ئىچىدە    بىر  پارچە    قىلىپ    يېزىپ    ئاندىن      تەرجىمە    قىلىش  ۋەزىپىسى    چۈشۈپ     ،    بۇ     ۋەزىپىنى    ئورۇندىماقچى    بولغان    خەنزو   خىزمەتدىشىمىز    بىر     كىتابتىن    توختىماي    كۆچۈرۈپ     يېزىپ    كەتكەنتى  ،    بىر   ھەپتىگە    قالمايلا   بۇ    ۋەزىپىنى    ئورۇنداش    ئۈچۈن     .

ئۇ    كىتابنى   ئېلىپ    كۆرسەم     ئۇ   كىتابتا   نۇرۇز   بايرىمىنى     قازاق    خەلقىنىڭ  
بايرىمى    دەپ    يازغاندىن  سىرت    ،يەنە    بەك    كۆپ      خاتالىقلار    مەجۇتكەن     ،        ئەمما   ھەر     قانچە    چۈشەندۈرۈپمۇ     بۇ    ماتىريالنى    ئۆزگەرتكۈزەلمەي     ئاخىرى     ۋەزىپە    تاپشۇرغۇچىنى     ئىزدەپ     ئۇنىڭ    بىلەن   ماڭا     5   كۈنلۈك    ۋاقىت   بەرسە    مەن يازسام    دەپ    كېلىشىپ   ،كېچىنى     كۈندۈزگە    ئۇلاپ     دىگۈدەك        مىڭ  تەستە     پۇتتۇرۇپ    تاپشۇرۇپ    بەرگەنتىم     ،،،،، ئەمما    داۋاملىق     بىئارام     قىلىدىغان    بىر    ئىش    شۇ   چاغدىكى    ۋاقىت    تۈپەيلى     كەم    قالغان    يەرلەنىڭ   كۆپلىكى    .  چۈنكى    بىر    مەزمون    ئۈچۈن     يوقىرقىدەك     بىر     كىتاب    ياق   ياق  بىر   نەچچە     كىتاب      بولغان   بولسا       باشقىلارغا      كۆرسىتىپ    تۇرۇپ     ئاندىن    بىر  ھەپتىدە    بۇنداق    ئېغىر      ۋەزىپىنى    ئورۇندىغىلى    بولاتتى.

2

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2440
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 136
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 17:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا مېنڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىكى بىر دوستۇم بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنۋىرسىدىكى بىر يۇرتتىشىم بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇنداق بىر روسچە كىتابنى تەرجىمە قىلغان ئىدى، كېيىن ئاڭلىسام بۇ تەرجىمە ئەسەر قومۇل ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنىپتۇدەك، تېخى كۆرۇشكە نېسىپ بولمىدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )