- تىزىملاتقان
- 2013-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1308
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
30.8%
|
بۇ ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.
دۇكانداردىن بىر كېچىدىلا شىركەت خوجايىنىغا ئۆزگىرىۋالغان قارا قورساقلار ئەتراپىمىزدا ھېلىھەم ساماندەك.
شەخسەن مەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام، 2004- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تاكى بۇلتۇر 11- ئايغىچە خەقنىڭ قولىدا ئىشلەپ كەلدىم. مائاش بەرمەسلىك، بەرسىمۇ ۋاقتىدا بەرمەسلىك، ئۈچ - تۆت ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر ئادەمگە يۈكلەش دېگەندەك ئىشلار ھازىرمۇ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
مەن 2005- يىلى 10- ئايدىن 2006- يىلى 6- ئايغىچە «21- ئەسىر كومپيۇتېر مەكتىپى» دە ئىشلىدىم. ئۇ مەزگىللەردە كۈنىگە ئاز دېگەندە سەككىز سائەتتىن 10 سائەتكىچە دەرس ئۆتۈپ (ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئېلىش بەزىدە بار، بەزىدە يوق)، ئالغان ئايلىق مائاشىم ئاران 500~550 يۈەنگىچە. 7~8 ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىمىزنىڭ مائاشى ئاساسەن ئوخشاش. شۇ چاغدىكى بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىجارە پۇلى 600 يۈەن (نەچچە كۈن ئىزدىگەندە ئاران چىقىدۇ تېخى). ئاخىرىدا مائاش ئۆستۈرۈش جىدىلى قىلغاندىن كېيىن ئۆستۈرگەن مائاشى ئاران 50 يۈەن. ئۇ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئەزەلدىن سائەتلىك ھەق بەرمەيدۇ.
ئۇنىىڭدىن كېيىن «ئۇلتاش مەكتىپى» دېگەن ئورۇندا سائىتىگە 10 يۈەن بويىچە ئىككى ئاي دەرس ئۆتتۈم. 106 سائەت دەرس ئۆتۈپ، 1060 يۈەن ھېسابلاپ چىقىلغان مائاشىمنى ئالاي دېگەندە، مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىن تۇرسۇن ۋە ئايالى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى «قۇياش گۈللىكى» ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىگە چاقىرىپ يىغىن ئېچىپ، دەبدەبىلىك ھالدا مەكتەپنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپ قولۇمغا ئاران 300 يۈەن تۇتقۇزۇپ يولغا سالغىنى ھېلىھەم ئېسىمدە. شۇ ۋاقىتتا 10 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مائاشقا تەۋە ئازغىنە پۇلنى ئېلىشىپ تارقىغان ئىدۇق.
كېيىن «ئىستىقبال چەت ئەل تىللىرى مەكتىپى» دە ئېلان لايىھىلەش خادىمى بولۇپ ئىشلىگەندە ماڭا نەچچە كىشىلىك خىزمەتنى يۈكلەپ قويۇپ، بىر كىشىلىك مائاش بىلەن ئىشلەتكىنى ھازىرمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ مەكتەپمۇ ئاخىرى ۋەيران بولۇپ، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ قايسى بىر مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ باقتى. ئۇمۇ ئاقماي مانا ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭلار مائارىپى ئىنىستىتۇتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇدەك. ۋەيران بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنمۇ قانداق يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يان دەرۋازىسى ئۇدۇلىدىكى ئەسلىدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىغا چىقىدىغان كوچا دوقمۇشىدا «رومان گۆش تائاملىرى» دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر ئاشخانا ئېچىۋاپتۇ.
بۇلتۇر، يەنى 2013- يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرى «شىنجاڭ دەۋران خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ «دېرىكتورى» ئابدىيىم ئەپەندىنىڭ يالۋۇرۇپ تەكلىپ قىلىشى بىلەن شۇ شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىقىنى قىلدىم. مەن بارغاندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قاراقاشلىق ئىككى قىز شۇ شىركەتتە قوشۇمچە ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئىككى قىز بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ دېرىكتورى دېگەن ئاداش قەشقەر يەكەندىكى زاۋۇتقا كېتىۋېلىپ قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ئۇ ئىككى قىزمۇ شىركەتنىڭ مائاش بەرمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتتىمۇ قانداق يوقاپ كەتتى. بىر تەرەپتىن ئويلىسام، ئارىمىزدىكى بىر قىسىم مۇناپىق شىركەت خوجايىنلىرى قىزلىرىمىزنى ئىشلىتىۋېلىپ مائاش بەرمەي، ئۇلارنى باشقا يوللارغا مېڭىشقا مەجبۇرلايدىغاندەك. ئۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىركەتكە شوپۇر ئالساق دەپ يالۋۇرۇپ تېلېفون قىلدى. ھە دەپ شوپۇرمۇ قوبۇل قىلىپ بەردىم. ئۇ شوپۇرنى يالغان ياۋىداق سۆزلەر بىلەن خوتەنگە ئالداپ ئاپىرىۋېلىپ ماشىنا ھەيدەشكە ئەمەس، مال سېتىشقا سېلىپتۇ. شوپۇرمۇ بىر ئايغا يېقىن ئىشلەپلا 1500 يۈەن مائاشىدىن 200 يۈەننى ئالالماي مىڭ تەسلىكتە ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى. ئارىدا شىركەتنىڭ پايچېكى ئىمامجان دېگەن كىشى ئاتۇشلۇق بىر قىزنى شىركەتكە سېتىش دېرىكتورى ھېسابىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ قىزمۇ 15 كۈن ئىشلەپلا مائاش ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ كېتىپ قالدى. بۇلتۇر 4- ئاينىڭ بېشدا شۇ شىركەتنىڭ خېنەندىكى زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان 700 يېشىك «黑卡» ئىچىملىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. شىركەتنىڭ مەن ئۇقۇشقان يىللىق ئىجارىسى 8000(سەككىز مىڭ) يۈەنلىك 60 كۋادرات مېتىرلىق ئىسكىلاتنى ئالغىلى پۇلى يوق، 400 يېشىك مالنى مال كەلگەن ھاۋالىلىك توشۇش ئورنىنىڭ ئۆزىدىن كۈنەس، قەشقەر، چاقىلىق قاتارلىق جايلارغا سېلىۋېتىپ، قالغان 300 يېشىك مالنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بېسىپ قويدۇق. ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئۇ مالدىن 270 يېشىكنى ئاران تۆگەتتۇق. قالغان 30 يېشىك مال مېنىڭ بىر يېرىم ئايلىق مائاشىم 4500 يۈەنگە ھېساب بۇلۇپ ماڭا قېپقالدى. ئەمەلىيەتتە ئىچكىردىن كەلگەن ھەر بىر يېشىك مال 22 يۈەندىن. شىركەتنىڭ «دېرىكتورى» نى ئىزدەپ ھەتتا خوتەن قاراقاشتىكى ئۆيىگىچىلىك باردىم. ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا تېلېفوننى ئالمىغان نوچى، خوتەننىڭ ئاممىۋى تېلېفون نومۇرىنى كۆرۈپ ئالدى، مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئازراق ھەيرانمۇ قالغان بولدى. ئەمما، ئۇ پۇلنى ھازىرغىچە ئالالماي يۈرىۋاتىمەن.
ئەتراپىمىزدا مانا مۇشۇنداق قورساق كۆپىكى ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭغا مەنلا ئەمەس، شەخسى شىركەت - كارخانىلاردا ئىشلەپ باققان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تالاي - تالاي مىساللارنى كەلتۈرەلەيدۇ. دەل ئەشۇنداق ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز بىر ئورۇندا ئوزاق ئىشلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭ زىيان تارتقۇچىسى ئىشلىگۈچىلەرلا ئەمەس، بەلكى شۇ شىركەت - كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرىدۇر.
ھېلىھەم «ئىستىقبال سەھنىسى» دە قوبۇل قىلىنغان ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ شۇ شىركەت - كارخانىلاردا بىر ئايمۇ ئىشلىمەي چىقىپ كەتكەنلىكلىرىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. سەۋەبىنى سورىسىڭىز ناھايىتى ئاددىي: ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، نەچچە ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر ئادەمگە يۈكلەپ بىر كىشىلىك ياكى يېرىم كىشىلىك مائاش بېرىش...
ئىشقىلىپ نېمىلا بولسۇن قېرىنداشلار سىلەرگە دەيدىغىنىم: ئامال بار ھۈنەر - كەسىپ ئىگەللەڭلار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ بىرەر شەخسى شىركەت - كارخانىغا كىرگە بولساڭلار ھەرگىز 3 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىمەڭلار. چۈنكى، ئۇ شىركەت - كارخانىلار سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ياكى كارخانىلىرىغا ئوخشاش 30~40 يىل كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى يېنىنى توملاش. شۇڭا، ئامال بار ھۈنەر - كەسىپ ئۆگىنىڭلار.
قورسىقىمنىڭ كۆپىكى خېلى بوشاپ قالدى دېسە . . . |
|