- تىزىملاتقان
- 2013-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1308
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
30.8%
|
bahadir2han يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 18:54
ئاندا لاۋزا كارخانىچىلار قالمىدى ھازىر. بولسىمۇ باردۇ ...
«...تىجارەت بىلىملىرىنى ئۈگەنسە، كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى يېتىشمەيۋاتقان، ئۇنى ئۈگەنسە مالىيە بىلىملىرى كەملىك قىلىۋاتقان. . . . . ھەممە ئىشنى تەڭ قىلىپ بولالماي كارخانىچىلارنىڭمۇ مېڭىسى ئوچاق بولۇپ كېتىۋاتقان...»
سىز يۇقىرىدا دېگەندەك ھەممە ئىشنى كارخانىچى ئۆزى قىلىپ كېتەلىگەن بولسىدى، ئۇنىڭ شىركەت - كارخانىسىغا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق خىزمەتچى كەتمەيتتى. ئەشۇ شىركەت خوجايىنلىرى نەپسى تويماسلىق قىلىپ ھەممىنى ئۆزەم قىلىمەن دېگەچكە شىركىتى راۋاج تاپالماي ۋەيران بولىدىغان گەپ.
كارخانىچى، شىركەت خوجايىنلىرى دەرمانغا تۇشلۇق مائاش بېرەلمىگەچكە ياكى نەچچە ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر ئادەمگە يۈكلەپ بىر ياكى يېرىم كىشىلىك مائاش بەرگەچكە خىزمەتچىلەر كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلايدۇ دە. ئەگەر مائاشىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ۋاقتىدا بەرسۇنچۇ قېنى، شۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەر «خوجايىن» لارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ بەك ئاكتىپ، جەڭگىۋار ئىشلەپ بېرىدۇ.
خوش، ئەمدى كېيىنكى گىپىڭىزگە كېلەيلۇق، بىر ئادەم بىر شىركەتتە ئىشلىشى ئۈچۈن شىركەت ياكى كارخانا شۇ كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى كېرەك. مائاشنى سورىماي ئىشلەپ ھەر قانچە قىممەت ياراتسىمۇ بېرىدىغان مائاشى ئىككى توك توك. نېمىشقا مائاشىنى سورىمىغۇدەك؟ ئەجىبا ئۇ خىزمەتچى تالادا يېتىپ قوپىشى كېرەكما؟ ھاۋا يەپ سۇ كېكىرىشى كېرەكمۇ يە؟ دەرەخ شاخلىرىدىن كىيىم تىكىپ كىيسۇنمۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۇرمۇشى بار: تۇرىدىغانغا ئۆي بولۇشى، يەيدىغانغا ئاش، كىيىدىغانغا كىيىم بولۇشى كېرەك. شۇلارغا پۇل كېتىدۇ. سىز دېگەندەك مائاشنى سورىماي ئىشلەپ ئاي ئاخىرىدا ئالغان مائاش يا ئۆي ئىجارىسىگە، يا قورساققا، يا داۋالىنىشقا يەتمىسە سىز شىركىتىڭىزدىن «ئالە مانى» دەپ تۇتاملاپ پۇل بەرمەيدىغانسىز؟ «سۇغۇرتا» ئىشىغا كەلسەك، ھازىرمۇ نۇرغۇن شەخسى شىركەت،كارخانا، ئورۇنلار سۇغۇرتا تۆلىمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چىقىم كۆپ كېتىدۇ دەپ. ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلەرگە دەيدىغىنى: «سۇغۇرتا ئالامسەن» ياكى «پۇل ئالامسەن؟» دېگەندىن ئىبارەت. بىر خىزمەتچىنىڭ ئايلىق سۇغۇرتا پۇلىنى 910 يۈەن دېسەك، بۇنىڭ 700 يۈەندىن كۆپ قىسمىنى شىركەت تۆلىشى كېرەك. مانا مۇشۇ پۇلىنى تۆلىمەسلىك ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان شىركەتلە خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغا 200~300 يۈەن قوشۇپ بېرىپلا قۇتۇلماقتا.
بىر گەپنى ناھايىتى ياخشى دەپسىز: «...كونكىرت قايسى خىزمەتكە مەسئۇل بولىمەن؟ دەپ سوراپ، بېرىلگەن خىزمەتنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ...» سىزچە، ئۇيغۇر كارخانا - شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كونكرت خىزمەتلىرىگە ئارىلىشىۋالمايدىكەندە؟ ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرىمەن دېسىڭىز، ئۇلار تازىلىقتىن تارتىپ سېتىشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يۈكلىگىلى تاس قالىدۇ سىزگە. نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسەن دېگەن ئىكەن، ھەر بىر ئىشقا قارىتا بىر كىشىلىكتىن مائاشنى قوشۇپ ماڭالىسا بولىدۇ. مەسىلەن بىر خىزمەتچى ئېلان - تەشۋىقات لايىھەلىسە، مال سېتىپ چىقىرالىسا، تېلېفون ئېلىپ مەسلىھەتچىلىك قىلالىسا، ماشىنا ھەيدەپ شوپۇرلۇق قىلسا، بازار تەكشۈرۈشكە چىقسا... مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم - ئايرىم ھەق ھېسابلاپ بېرەلىسە ئاندىن ئۇ شىركەتكە قول قويساق بولىدۇ. ئەپسۇس، بۇ تۈركىيە ئەمەس، پىراۋام با، ماشىنا ھەيدىيەلەيمەن دېسىڭىز ماشىنا ھەيدىمىگەن تەقدىردىمۇ 200~300 لىرا قوشۇپ بېرىدىغان. بىراق بۇ شىنجاڭ، سىزنىڭ قىلالايمەن دېگەن ئىشىڭىزغا قارىتا ھەممىسىگە ئايرىم ھەق ھېسابلاپ بېرەلمىسىمۇ، قىلالايمەن دېگەن ئىشىڭىزنىڭ ھەممىسىگە سالىدۇ.
سىزدىن سوراپ باقاي، ئەجىبا سىز ئىشلىگەن شىركەت ياكى كارخانىدا ھەممە ئىشچى - خىزمەتچى خوجايىنىڭىزدىن رازى، نەچچە يىلدىن بېرى بىرمۇ خىزمەتچى كېتىپ قالماي ئىشلەۋاتقانمىدۇ؟
شۇڭا سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، قېنى سىزنى ئەشۇ خوجايىنىڭىز قاچانغىچە ئارزۇلاپ ئىشلىتىدىكىن؟ |
|