قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6275|ئىنكاس: 65

ئوغلانى :مىللى كارخانىنىڭ ئەسكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 241
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 723
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 17:32:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مىللى كارخانىنىڭ ئەسكىسى

مەمەتتۇرسۇن ئابدىريىم ئوغلانى

   
         بەزى كارخانىلارنىڭ ئىلانلىرىنى كۆرۈپ كىشى تىترەپ كېتىدۇ . يەنى « تەمىناتى بەك يۇقرى » ، «بىز ساڭا بارلىق شارائىتنى بېرىمىز » ،«سەنمۇ خوجايىن بولالايسەن » دىگەندەك ، ئۇنى كۆرگەن كىشى يۈگۈرۈپ كىرگۈسى كېلىدۇ ، لېكىن بەزى ئىشلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ . ئاز بىر قىسىم يەنى ئادەم ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ دىگەن ئىشىنى قىلىپ بېرەلمەسلىكى ، پۇلغا تايىنىپلا دۇكاننى شېركەت  قىلىپ قۇرۇۋالغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇ دىگەن سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكى ،ھەتتا بەزى شېركەت خوجايىنلىرىنىڭ ساپاسىزلىقى ۋە نىيتىنىڭ يامانلىقى سەۋەبتىن  بىر قىسىم چەتئەلدە ۋە يۇقرى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن  ئىقتىساسلىق ياشلارنى گاڭگىرتىپ ئۇنى ئىچكىردىكى كارخانىلارغا كىتىشكە ياكى دۆلەت مەمۇرلۇقىغا كىرىپلا كىتىشىگە مەجبۇرلايدۇ . شۇنداقلا ئۇلار مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ياخشى  بولغان تەرەققىياتىغا دەخلى قىلماقتا .
     بىر كۈنى بىر ياش ئىمتاھان بەرگىنى كەلدى . خوجايىن بىر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى دېرىكتورىدىن ئىمتاھان ئالماقچى بولغان ئىدى .
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز .
ــ ۋەئەلەيكۇم ، ياخشى ، سەن نەدە ئوقۇغان ئۇكا ؟
ــ ئاۋىسترالىيەدە ئوقۇغان . ئاسپىرانتلىقنى xx ئونۋېرستىتىدا تاماملىدىم .
ــ ئاستىرۋىيە دەپ قوي ، ئۇ يەر ئەمىرىكىنىڭ ئىچىدىمۇ تېشىسىمۇ ؟ نىمە ئوقۇدۇڭ ئۇ يەردە ؟
ــ ياق ئاكا ، ئاۋىستىرالىيە ، ئۇ يەر ئامېرىكىغا تەۋە ئەمەس ، ئىككىسى ئايرىم ئىككى دۆلەت . مەن مالىيە باشقۇرۇش قوشۇمچە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدۇم .
ــ ئۇكا ، داداڭ نىمىشقىلىدۇ ؟
ــ پىنسىيگە چىققان كادىر .
ــ گىتتار چالالامسەن ؟ ھاراق ئىچىپ قويامسەن يەن ؟  مەسىلەن سورۇندا ھاراق -پاراق ئىچىپ قالساق سورۇننى قىزىتىپ دىگەندەك . خاتا چۈشەنمە ، دېرىكتور بولغان كىشى ھەممە سالادا بولمىسا بولمايدۇ ، ھاراق كەلسە قېقىپ قويۇپ، سورۇننى قىزىتىپ ئىشنى بىجىرىشكە ئاسان قىلىدۇ . چالالاسەن ؟ چەتئەل دىگەندە ئۇ مودىغۇ .
ــ ياق ،ئاكا ، مەن ئۈگۈنۈش  بىلەنلا بولۇپ بۇلارنى ئۈگۈنۈپ بولالمىغان ئىدىم . چالالمايمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتىن سىرت ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلۇمنى تاپقان ئىدىم ،شۇڭا ۋاقتىم يەتمىدى .ھاراقنىمۇ ئاغزىمغا ئالمايمەن .  
ــ ۋاي ئىسىت ... بىكار ئوقۇپ كەپسەن ، ھە راس ، نىمە ئىشلارنى قىلالايسەن ؟
ــ شېركەتنىڭ خادىملىرىنى باشقۇرۇش ، مالىيە ئشىلىرىنى تەكشۈرۈپ ، شېركەت لاھىيلىرىنى تۈزۈش ، ياكى ئىجرا قىلىش ، ئېلان -تاشۋىقات جەھەتتە مۇۋاپىق ئورۇن بەلگىلەپ ، شېركەتنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ نورمال يۈرگۈزۈلشىگە كاپالەتلىك قىلىش ... دىگەندەك ، يەنە باشقۇرۇشنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى بىلىمەن .
ــ ۋوي ئۇلارنى كىم بىلمەيدۇ ، ئىسمىنى چىرايلىق دەپ قويىدىكەن تېخى . مەن  خەت يېزىشتىن ساۋادىم تۇرۇپ شېركەتنىڭ جىمى ئىشلىرىنى ئېلىپ مېڭىۋاتىمەن . قارىغاندا سېنىڭمۇ ئوقۇغىنىڭ تايىنلىق ئوخشايدۇ .
ــ ...
ــ مەن ساڭا دەپ بېرەي ئۇكام ، ھازىر سەن تېخى خام ، ئالدى بىلەن تىلۋىزورنىڭ ، رادئونىڭ باشلىقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى قىلىسەن ، ئۇلارنىڭ دىگىنىنى بېرىسەن  ،دىمەك سېنىڭ ئىلان ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپلا ماڭىدۇ ، ئاندىن بىر قانچە  مەددانى تېپىپ كۈنىگە بىر مەدىكارنىڭ پۇلىنى بەرسەڭ مەھسۇلاتنى بازار -بازاردا توۋلايدۇ ، ئازراق كىرىم بولغاندىن كېيىن باشلىقلارنى ، ژۇرناللاردىكىلەرنى  مىھمان قىلىسەن ، ئاندىن سەن مىڭ كوينى ھەرقانداق يەردە ئىئانە قىلساڭمۇ سېنىڭ نامىڭ «ساخاۋەتچى » بولۇپ چىقىدۇ ، مېلىڭنى قىممەتلەشتۈرۈپ ، خەقتىن ئالغاننى خەخكە سالىسەن، ،چۈشەنمىدىڭما ؟ مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي ، يەنى شۇ كۆپ چىققان پۇلنى بولىشىغا كەمبەغەلدىن نەچچىنى  تېپىپ راسا ياردەم قىلسەن ،ھەر قېتىم  بىر نەچچە مۇخبېرنى ئەگەشتۈرۈپ بارىسەن  .ھېلىقى سەن ياردەم قلغانلار خۇشاللىقىدا ئۆيۈڭگە كېلىپ مالايلىقىڭنى قىلىدۇ .  ئانچۇ - مۇنچە بىرنىمىلەرنى يېزىپ   ياكى بىرسىگە پۇل بېرىپ يازدۇرۇپ ژۇرناللاردائىلان قىلىپ  تۇرىسەن ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى سېنى ساخاۋاتچى ، يازغۇچى ، كارخانىچى دەپ ئالقىشلايدۇ .بۇنىڭ بىلەن نامىڭ چىقىدۇ ، چولپاندىنمۇ يامان بولۇپ كىتىسەن .  دىمەك سەن سازدىن بىرەرنى بىلسەڭ ئىدىڭ ماڭا دەل لازىملىق كىشى بولاتتىڭ .
ــ ئاكا ،مەن شېركىتىڭىزنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ياخشى قىلالايمەن . بۇنىڭدا چاتاق يوق .
  ــ كىچىك بالا دە سەن ، مەن شۇنچە يىل تېرىشىپ ئاران پەيدا قىلغان ئىگىلىكىمنى دېرىكتور دەپ ساڭا تۇتقۇزۇپ قويارمەنمۇ ؟ سېنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭ پەقەت ماڭا ياردەملىشىپ يۈگۈر يىتىمنى قىلىسەن ، سورۇنغا بارىسەن ،يەنە بىر ئىش بار ، بىز ھەرگىز خىزمەتچىنى مۇقىم ئىشلەتمەيمىز ،مائاشمۇ بەرمەيمىز . ھەقسىز دىگۈدەك  ئىشلەيدۇ .
ــ قانداق دەيسىز ؟
ــ كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ - دە ، كىتابلا ئوقۇما ، تۇرمۇش ئۈگەن ، بوپتۇ ، سەن مەندە ئىشلىسەڭ ئۈگۈنۈپمۇ قالارسەن ، مەن ساڭا دەپ بېرەي : ئاۋال ھەممە يەردە ناھايتى چوڭ گەپلەر بىلەن خىزمەتچىلەرنى ئالىسەن ، ئۇلارنى خىزمەت ھەققى يۇقرى دەپ توختام تۈزۈشكە مەجبۇرلايسەن ، ئۇلار كېلىپلا قىزغىن ئىشلەيدۇ ، ھەممىسنىڭ ۋاقتىغا قاراپ بىر -ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئىككى -ئۈچ ئادەمنىڭ خىزمىتىنى بىر كىشىگە يۈكلەيسەن ، ئۇ ئىش تەس كېلىپ كەتمەكچى بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن توختامغا ئاساسەن ئۇ ئاي توشماي كەتسە پۇلنى بەرمەيسەن ،ئىشلىسىمۇ بىر ئادەمنى ئۈچ كىشلىك ئىشىلتىپ بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى بېرىمىز  . ئۇ بىزگە ئىككى ھەپتە ھەقسىز ئىشلەيدۇ ، دىمەك زىيان تارتمايسەن . يەنە بىر تۈركۈمنى «يۇقرى مائاش بار » دەپ ئېلىپ كىلىسەن . ئەگەر مۇقىم ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بولسا ئۇنى راسا  ئىشىلتىپ مائاشنى قىسىپ بېرىسەن .
ــ بۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتچىلەر چىدامدۇ ؟ رازى بولامدۇ ؟
ــ چىدىمايچۇ ؟  رازى بولسا بولمىسا مېنىڭ كارىم يوق ، ئۇلارنى ئاز مائاش بىلەن كۆپ ئىشلەتسەملا كۇپايە .
ــ بۇنداق قىلسىڭىز خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا دەخلىسى بولىدۇ ، ئۈنۈمنى يۇقرى كۆتۈرەلمەيسىز .
ــ ۋاي ئۇكام ،ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  دۆلەت مەمۇرلۇقتا ئىشلىمەيدىغان بالىلار دىگەن كۆپ ، ئۇلار ھازىر كارخانام بار دېسىڭىز  يۈگۈرۈپ كېلىدۇ ، ماڭا خىزمەتچى ئازمۇ دەمسىز ؟
ــ بۇ قىلغىنىڭىز مىللى كارخانىلارغا قىلىنغان ھاقارەت ، ھارامنى يىيىش ، سىز ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىسىز ، مەن كەتتىم .
ــ نىمە دەۋاتىسەن ؟ ھەي ھارىمى ، سەن چەتئەلدە ئوقۇساڭمۇ مۈڭگۈز چىقمايدۇ ، سەن يەنىلا مەندەك قارا قورساقنىڭ قولىدا  ئىشلەيمەن دەپ ئالدىمغا يالۋۇرۇپ كەلگەنسەن ؟ تولا ئىچىمنى سىقما ، سەندەك سويمىلارنى كۆپ كۆرگەنمەن .
ــ ئەمدى كارخانا دىگەندەكلەردە ئىشلەيدىغان بولسام ئىسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن .
  ــ يوقال ماڭ ...
      بۇ تۇرمۇشنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى ، ياكى ئەمەستۇر ،بەلكىم بۇنداقلارنى  كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ سىزمۇ ئوقۇغۇچىدەك تۇيغۇدا بولارسىز  ،  لېكىن  كارخانىلار مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساس ئىگىللىرىنى قەدىرلەڭ ، شۇنداقلا ئىقتىساس ئىگىللىرىمۇ  بىر  ناچار كىشىنى ياكى كاخانىنى كۆرۈپ پۈتۈن كارخانىلارغا باھا بەرمەڭ ، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇقۇشماسلىقلار ھامان تۈگەيدۇ . يادىڭىزدا بولسۇن ، مىللى كارخانا ئۇ بىرلا ئەمەس ،ئەسكىسى ئاز ،لېكىن  ياخشىللىرى يەنىلا كۆپ .

    2014-05-27
باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !

1

تېما

0

دوست

1661

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26211
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 494
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 17:48:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بىز ساڭا بارلىق شارائىتنى بېرىمىز » ،«سەنمۇ خوجايىن بولالايسەن »
دائىم تېلېۋىزوردا ئاڭلايدىغان شۇئارلارغۇ بۇ ، بۇ ماقالىنى ئوقۇسا ئادەمنىڭ مىللىي كارخانىلاردا ئىشلىگۈسى كەلمەيلا قالىدىكەن . بەلكىم ھەممىسى ئۇنداق ئەمەستۇ ، ئەمما ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇگۈنىسى قۇرۇلۇپ كىلەر يىلى تاپقىلى بولمايدىغان كارخانىلار كۆپ ، ياشلارنىڭ ھە دېسە دۆلەت مەمورىلىقىغا مەھكەم چاپلىشىۋىلىشىنىڭ ئاساسى شۇ . ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭ-ھە .
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ « - شېركەت دېسىلە ... ! » دىگەن سۆزى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ كەتكەندەك بولدى دېسە ؟ !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

2080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15789
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 638
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 18:46:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ 3 يىل ئىلگىرى مللى كارخانى دەپ ئۇكام بىلەن  قەشقەرگە كىلىپ ماشمىزنى ئالالماي سۇتلىشىپ يۇرۇرمىز  تەخى  ھاجى كارخانچى   

impiria سالونى

7

تېما

1

دوست

1693

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9092
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 118
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 276
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 18:54:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاندا لاۋزا كارخانىچىلار قالمىدى ھازىر. بولسىمۇ باردۇ، لېكىن بەكمۇ ئاز ساندا. مەنمۇ مىللىي كارخانىلاردا ئىشلەيمەن. مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ ساپاسىمۇ راۋۇرۇس يۇقىرىلاپ كەتتى. بەش قولنى تەڭ ئېغىزغا سالغىلى بولمىغاندەك، تىجارەت بىلىملىرىنى ئۈگەنسە، كارخانا باشقۇرۇش بىلىملىرى يېتىشمەيۋاتقان، ئۇنى ئۈگەنسە مالىيە بىلىملىرى كەملىك قىلىۋاتقان. . . . . ھەممە ئىشنى تەڭ قىلىپ بولالماي كارخانىچىلارنىڭمۇ مېڭىسى ئوچاق بولۇپ كېتىۋاتقان.
سىز بىلەن بىزدەك كارخانىدا ئىشلەۋاتقان ئادەملەرمۇ «ما مائاشنى ھالاللاپ ئالاي، ماۋۇ ئادەم مېنىڭ دادام ئەمەس، بىكارغا باقىدىغانغا» دەپ ئويلىماي كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلىسا بىچارە كارخانىچىمۇ كارخانىدىن تاپقان پايدىسىدىن بېرىدىغاندۇ ئاشۇ مائاشنى.
چاۋاك دېگەن ئىككى قولدىن تەڭ چىقىدىغان نەرسە. كارخانىغا كېلىشتىن ئاۋال، ماڭا قانداق شارائىت يارىتىپ بېرىسەن؟ قانچە پۇل مائاش بېرىسەن؟ سۇغۇرتا تۆلەپ بېرەمسەن؟ ئۆي ئىجارە ئېلىپ بېرەمسەن؟ دەپ سورايدىغان بىر مۇنچە سوئالنىڭ ئورنىغا مەن ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرىمەن؟ قايسى نىشانغا يېتىمەن؟ كونكىرت قايسى خىزمەتكە مەسئۇل بولىمەن؟ دەپ سوراپ، بېرىلگەن خىزمەتنى ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، كارخانىچىنىمۇ رازى قىلىپ، ئاندىن مانچىلىك قىممەت ياراتتىم، ئەمدى ماڭا مانچىلىك بەرسەڭ بولىدۇ. دىيەلىسىڭىز بولىدۇ. قېنى كارخانىچىدىن ئاغرىنىۋاتقان نوچىلار، قايسى شىركەتتە بىرەر خىزمەتكە مەسئۇل بولۇپ، قانچىلىك نەتىجە يارىتىپ باقتىڭىز؟
ئۆزىڭىز مەسئۇل بولغان خىزمەتتە سىز بولمىسىڭىز بولمىغۇدەك دەرىجىدە نەتىجە قازىنىپ بېقىڭە قېنى، قايسى كارخانىچى سىزنى ئارزۇلاپ ئىشلەتمەيدىكەن؟

0

تېما

0

دوست

79

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29075
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 19:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېىزلغان تىما بوپتۇ.ئىستىقبال سەھنىسىنى تىلىۋىزىيە ئىستانسسى بىلەنھەمكارلىشىپ يولغا قويغان شىركەتنىڭ باشلىقى ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن :ئىستىقبال سەھنىسىدە بولىۋاتقان سۆزلەرنىڭ80پىرسەنتى يالغان.ئۇلار شىركەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈنلا شۇنداق دەيدۇ ،دىگەنىدى.دۇنياۋى داڭلىق شىركەتلەر ئىنتايىن يۇقىرى سوممۇلۇق ئىش ھەققى بىلەن باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ.ئۇلار باشقۇرۇشنىڭ قانچىلىك موھىملىقىنى بىزدىن بەكرەك ھېس قىلغاچقا شۇنداقتۇ بەلكىم.لىكىن مىللى كارخانىلار ياخشىسى ئېلان تەشۋىقاتلاردا يالغاننى نۇمۇس قىلماي دەيدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتكەن بولسا

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 19:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارغا شىركەت قۇرغىلى 100يىلدىن ئۇزۇنراق بولدى، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرمىزغا ئەمدى10 - 20 يىل بولغاندۇ ، ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلدۇ ، ، ،

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 19:26:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىقابەت كۇچى خىللىلا كۇچلۇك نەچچە مىڭ خىزمەتچىسى بار  مەلۇم شىركەتنىڭ خوجايىنى بىرسىگە  مەن بىر چوڭ خوجايىن بولغان بىلەن مىنىڭ مۇشۇ سەۋيەمدە چەت ئەللەردىكى بەزى بىر شىركەتلەرنىڭ خىزمەتچىسى بولۇشقۇمۇ سەۋيەم يەتمەيدىكەن دىگەن ئىكەن

0

تېما

0

دوست

79

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   26.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29075
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 19:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALKUT15 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 19:26
رىقابەت كۇچى خىللىلا كۇچلۇك نەچچە مىڭ خىزمەتچىسى بار   ...

رادىل ئابلادىن باشقا كىمنىڭمۇ نەچچە مىڭ خىزمەتچىسى بار ئۇيغۇر كارخانىچلارنىڭ؟چەتئەللەردىكى بولسا ئۇ باشقا گەپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )