قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1602|ئىنكاس: 13

مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-28 09:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالامسىز ؟



              ئەگەر كىرىمىڭىزنى 2000يۇەن دىسەك،سىزمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتەلەيسىز.مەن بۇ 2000يۇەن پۇلنى سىزگە بەشكە بۆلۈپ بىرەي .بىرىنجى بۆلىگى 600يۇەن、ئىككىنجىسى 400يۇەن、ئۈچىنجىسى 300يۇەن、تۆتىنجىسى 200يۇەن、بەشىنجىسى 500يۇەن.
بىرىنجى بۆلىگىنى تۇرمۇشقا ئىشلىتىڭ.بۇنداق ئاز پۇل،ھەركۈنى 20يۇەندىن توغرا كىلىدۇ.ئەتىگەندە ھەسەل بىلەن نان-چاي بىلەن ناشتا قىلىسىز.چۈشتە تىز تاماقخانىدا بىر قاچا ئۆي تامىقى يەيسىز.كەچتە ئۆزىنىڭ خام سەي،سۈتلەر بىلەن غىزالىنىسىز.مۇشۇنداق قىلسىڭىز ھەر ئايلىق تاماق چىقىمىڭىز ئوتتۇرىچە ھىساپ بىلەن 500—600يۇەنگىچە بولىدۇ.ئەگەر سىز تېخى ياش بولسىڭىز ،سالامەتلىكىڭىزدە ۋاقتىنچە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەسلىگى مۇمكىن.لىكىن بۇنداق ئۇزۇقلىنىش بىلەن،نەچچە يىلغىچىمۇ ھىچقانداق سالامەتلىك مەسىلىسى چىقمايدۇ.
         ئىككىنجى بۆلىگىنى دوست تۇتۇشقا،مۇناسىۋەت تورىنى كىڭەيتىشكە ئىشلىتىڭ.تىلفۇن پۇلىڭىزغا 100يۇەن كەتسە.ھەرئايدا ئىككى قېتىم مىھمان چاقىرسىڭىز،ھەر قېتىمدا 150يۇەن.كىمنى چاقىرىسىز؟ئىسىڭىزدە بولسۇن،ئۆزىڭىزدىن ئىددىيىسى ئىلغار،سىزدىن پۇلىسى چىق ۋە سىز رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىلەر بولسۇن.ھەر ئايدا مىھمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز،بىر يىل ئىچىدە دوستلۇق چەمبىرىكىڭىز سىز ئۈچۈن قىممەت يارىتىشقا باشلايدۇ،سىزنىڭ نامىڭىز、تەسىر كۈچىڭىز、قوشۇمچە قىممىتىڭىز يۇقۇرى كۆتىرىلىشكە باشلايدۇ، ياخشى ھەم مەرت دىگەن ئوبرازىڭىز يارىتىلىشقا باشلايدۇ.
3-بۆلىگىنى ئۈگىنىش قىلىشقا ئىشلىتىڭ.ھەر ئايدا 50-100يۇەنگىچە كىتاپ سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىڭ.پۇل كۆپ ئەمەس،شۇڭا ئالغان كىتاۋىڭىزنى ئەستايىدىل كۆرىشىڭىز كىرەك،ئۈگىنىش قىلىشنى بىلىۋالغاندىن كىيىن روھىڭىزغا ئىشلىتەلەيسىز.ھەر بىركىتاپنى كۆرۈپ بولغاندا،ئۇنى ئۆز-سۆزىڭىزگە ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىڭ،بىلىمىڭىزنى بارشقىلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسىڭىز ئىناۋىتىڭىزنى ئۆسۈدۇ،ھەم باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان يېقىنلىغىنى ئاشۇرىدۇ.قېپقالغان 200يۇەننى ساقلاپ قويۇپ،ھەر يىلى بىر قېتىم كۇرسقا قاتنىشىپ تۇرۇڭ،ھەرگىز ئۈزۈپ قويماڭ.كىرىمىڭىز ئاۋۇغاندا ياكى باشقا جىقراق پۇل كىرىپ قالسا،تېخىمۇ يۇقۇرىراق تەربىلەش سىنىپلىرىغا كىرىپ ئوقۇڭ.شۇنداق قىلسىڭىز،بىر يولدىكىلەر بىلەن تونىشالايسىز،ھەم بىلمىگەننى  بىلىۋالسىز.
           4-بۆلىگىنى،ساياھەت قىلىشقا ئىشلىتىڭ،ھەر يىلى ئوزىڭىزنى بىر قىتىم ھاياھەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلاپ تۇرۇڭ.ھايات ئۈزلىكسىز ئۆزىنى چېنىقتۇرۇشقا باغلىق بولىدۇ.خالىغان يەرگە بارالايدىغان ئەركىن ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ.يەر شارى ئەمىلىيەتتە ئانچە چوڭمۇ ئەمەس،ھەر يىلى سىرتقا چىقىپ تۇرسىڭىز ،بىر نەچچە يىلغا بارمايلا بارمىغان يېرىڭىز قالمايدۇ.ساياھەت جەريانىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر،ھاياتىڭىزنىڭ ئىنىرگيىسى بولۇپ،تېخىمۇ قىزغىنلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشىشىڭىزنىڭ كاپالىتى.
          5-بۆلىگىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىڭ.ئاۋال ئۇنى يىغىپ قويۇپ،كىيىنچە ئۇنى پايچەك بازىرىغا سالسىڭىزمۇ،ياكى مال كىرگۈزىدىغان دەسمى قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.كىچىك تىجارەت بەك بىخەتەر،توردا توپ تارقىتىش ئورنىدىن ئازتولا بىرنىمە ئەكىلىپ ساتسىڭىزمۇبولىدۇ.زىيان چىقىپ قالسا ئانچە قوسىقىڭىز ئاغرىپ كەتمەيدۇ.ئەگەر پايدا ئالدىڭىزمۇ بولدى، ئىشەنچىڭىز بىلەن جۇرئىتىڭىز ئاشىدۇ.يەنە تېخى بىر ئىش قىلىش تەجىربىڭىز كۆپىيىدۇ.پۇلنى كۆپ تاپقانسىرى،تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەغلەغ سېلىش پىلانى تۈزۈڭ، بۇ ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنىڭ كاپالىتى بولىدۇ.
مۇشۇنداق بىر يىل تىرىشىپ،ئىككىنجى يىلى يەنىلا 2000يۇەن كىرىم ئۆزگەرمىسە،بۇ سىزنىڭ سەۋەنلىگىڭىزدىن بولىدۇ.بۇنداق ئىلگىرى باسمىسىڭىز ،قايسى يۈزىڭىز بىلەن ياشايسىز.
           ئايلىق كىرىمىڭىز 3000يۇەندىن تۆۋەن بولسا،چوقۇم قوشۇمچە كىرىم قىلىڭ.ئۆز خاسلىغىڭىز بولسۇن،ئۇنى بۇنى تاللاپ ئولتۇرسىڭىز،بۇنى قىلغىڭىز بولمىسا،ئۇنىڭغا قىزىقمىسىڭىز.ئەگەر كىرىمىڭىز تۆۋەن بولسا، چوقۇم تىرىشمىسىڭىز بولمايدۇ.ئامال بار تىجارەت قىلىڭ يەنى ساتىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ،مەسىلەن ئۆي سېتىش ۋاستىچىلىغى دىگەندەك، بۇ بىرخىل يامان ئەمەس قوشۇمچە خىزمەت،نۇرغۇن كىرەكلىك ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدۇ،ئۇچۇر يىغالايسىز،سېتىش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرەلەيسىز.
          بۇ بىر يىلدا كىيىم كىچەكنى ئازراق كىيىڭ.ئەڭ ياخشىسى قوشۇمچە كىرىمىڭىز دىن كەلگەن پۇلغا ئېلىڭ،بۇ ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلىغانلىق بولۇپ قالسۇن.كۆپرەك پۇل تاپقان ۋاختىڭىزدا،ياخشى كۆرگەن ئادەملىرىڭىزگە سوغا بىرىشنى ئۇنتۇماڭ،ئۇلارنىڭ مالىيە پىلانىڭىزنى قوللىغانلىغىغا رەخمەت ئېيتىڭ.ئۇلارغا بۇندىن كىيىنكى پىلانىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭ.
        ھەممىلا يەردە ياردەمگە مۇھتاج تىجارەتچىلەر بار ،قوشۇمچە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىڭ، ئىرادىڭىزنى ،سۆز قابىلىيىتىڭىزنى ئاشۇرۇۋالىسىز.ئىككىنجى يىلى كىرىمىڭىز 5000يۇەندىن ئاشىدۇ،بۇنداق بولمىسا زاماننىڭ كەينىدە قالغان بولىسىز.
مەيلى كىرىمىڭىز قانچىلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئۇنى بەشكە بۆلۈشنى ئىسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭ.بەدىنىڭىزگە مەبلەغ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ،بەدىنىڭىزنىڭ دائىم زەبەردەس تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.ئۈگىنىشكە مەبلەغ سېلىپ،ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.كىشىلىك مۇناسىۋەتكە مەبلەغ سېلىپ،مۇناسىۋەت تورىڭىزنى كۈچەيتىڭ.ساياھەت قىلىشقا مەبلەغ سېلىپ، نەزەر دائىرىڭىزنى كىڭەيتىڭ.كەلگۈسىڭىزگە مەبلەغ سېلىپ،كىرىمىڭىزنى كۆپەيتىڭ!
           بۇ بىر ياخشىلنىش دەۋرىلىگى بولغان كىشىلىك ھايات پىلانى،ھاياتنى پىلانلىغىلى بولىدۇ،ھازىردىن باشلاڭ!نامرات ۋاختىڭىزدا،ئۆيدە ئازراق ،تالادا كۆپرەك تۇرۇڭ.بېيىغان ۋاختىڭىزدا ئۆيدە كۆپرەك،تالادا ئازراق تۇرۇڭ! مانا بۇ تۇرمۇش سەنئىتى ھىساپلىنىدۇ.نامرات ۋاختىڭىزدا پۇلنى باشقىلارغا خەجلەپ بىرىڭ،بېيىغان ۋاختىڭىزدا پۇلنى ئۆزىڭىزگە خەشلەڭ.كۆپىنچە ئادەملەر بۇنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىدۇ.
         نامرات ۋاختىڭىزدا،بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ،باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.باي بولغاندا ،باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلدۇرىشىنى ئۈگىنىۋېلىڭ.كەمبەغەل ۋاختىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تەغدىم قىلىۋىتىڭ،باشقىلار سىزدىن پايدىلانسۇن.باي بولغاندا ئۆزىڭىزنى ياخشى ساقلاڭ، باشقىلار سىزدى  پايدىلنىپ كەتمىسۇن.بۇ سىرلىق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا بىلىدۇ.
          نامراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،تىجەيدىغان يەرگە كەلسە تىجەشلىك بولۇڭ،كىيىم-كىچەكنى ئازراق كىيىڭ،لىكىن نوچىراقتىن بىرنەچچىنى تەييارلاپ قويۇڭ.سىرتتا تاماق يەپ قالسىڭىز، چوقۇم باشقىلارنى سىز مىھمان قىلىڭ.مىھمان قىلسىڭىز،ئۆزىڭىزدىن بەكرەك تىرىشچان،غايىلىك ،ئىددىيىسى ئىلغار ئادەمنى مىھمان قىلىڭ.ياخشىغا يولۇقساڭ يالىسى ،قازانغا يولۇقساڭ قارىسى دىگەن گەپ بارغۇ؟

0

تېما

1

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 14:23:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئۇسۇلكەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 15:37:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىلى تۇرمۇشتا مۇشۇ بويۇنچە قىلىپ ماڭىدىغاندىن قانچىسى بار دەيسىز

4

تېما

7

دوست

1200

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28935
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 15:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى قىلىش بەك تەسكەن،لىكىن قىلالىسا بۇمۇ بىر ياخشى ئامالكەن..

ئانا تىلىم-جان ت

0

تېما

13

دوست

2071

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8290
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 164
تۆھپە : 552
توردىكى ۋاقتى: 770
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 16:21:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇل بويتاقلارغا ياكى بولمىسا بالىسى يوق يېڭى توي قىلغانلارغا ماس كەلگۈدەك ............پىلانىغۇ شۇنداق تۈزىمىز دەيلى لىكىن ھەر ئايدا ئويلىمىغان  چىقىملار كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ دە تۇرمۇش دىگەندە....

2

تېما

0

دوست

853

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25947
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 16:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ئۇسۇلكەن،

0

تېما

0

دوست

246

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15521
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 18:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-مىنڭ ئۇسۇلۇمغا 40پىرسەنت يېقىنلاشتى،مەن يەنىلا تىرىشسام بولغىدەك.

0

تېما

5

دوست

4529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1444
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-29 19:05:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توردىكى يىڭى تىما بوپتۇ.مىنىڭچە ياشلا پايدىلانسا بولغىدەك.پايدىلىنىش قىممىتى خىلى يۇقۇركەن.دىمىسىمۇ بىزدە ئىختىساتچانلىق بىلەن تۇرمۇش باشقۇرۇش يوق،ياكى كەم.مائاش ئالغاندا ئىنتايىن كەڭ قۇرساق ،مەرتلىشىپ كىتىپ ،ئاينىڭ ئاخىرىدا نامراتلىشىپ يوقاپ كىتىدىغان ‹‹نوچى››لار كۆپ.يەنە بىرسى مائاشىنى ئالدىن خەجلەپ بولىدىغانلامۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ.بولسا ياشلا كىردىد كارتىسى ئىشلەتمىگەن ياخشى.خۇددى چوڭ دادىسى پۇل سىلىپ قۇيىدىغاندەك ،خالىغانچە خەجلەۋىتىپ 56 كۇندىن كىيىن سىلىشقا مادارى
يوق ....ئۆزى بىلىدۇ دەردىنى.
ھازىر بىزنىڭ ياشلىرىمىز مەيلى قىز بالا بولسۇن،ئوغۇل بالا بولسۇن پۇل خەجلەشكە بەك ئامراق.ناھايىتى كەڭ قول.بىر ئولتۇرىشىدا بىرەر مىڭنىڭ بىشىغا سۇ قۇيىدۇ.قىزلار بولسا كىيىم كىچەك،زىبۇ زىننەتنىڭ دەردى.ئىشقىلىپ ئىختىسات ئىڭى تۆۋەن.بۇمۇ بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ‹‹ئىككى نان تاپسا بىرىدە داپ چالىدىغان››پىسخىكا ئالاھىدىلىگى بولسا كىرەك.لىكىن ھازىرقى باللا بولسا ‹‹بىر نان تاپسا ،يەنە بىرىنى ئارىيەت ئىلىپ داپ چالىدۇ.››
مىنىڭچە خەجلەشكە تىگىشلىك يەردە چوقۇم ‹‹مەرت››لەرچە خەجلەپ، خەجلىمەيدىغان يەردە‹‹پىخسىق››بولىۋالساق،ئۆزىمىزگە پايدىسى بار.مەسلەن ئاتا ئانىمىزغا،بالىلىرىمىزغا،سالامەتلىككە،ئۈگىنىش يىڭى بىلىم ئىلىش،كىتاپ سىتىۋىلىش قاتارلىقلارغا  خەجلىسەك بولىدۇ.لىكىن قارا قۇيۇق مىھماندارچىلىق،‹‹سالامىلىكۇم››دىگەنلى كىشىلەرنىڭ توي تۆكۈنلىرىگە  ،بىر قسىم يامان ئادەتلەرگە تاماكا چىكىش،ھاراق ئىچىش،يىتەرلىك كىيىم كىچىگى تۇرۇپ ،مودا قوغلىشىپ تۆپى تۆپىلەپ ئىلىش،پاسونى كونىرىدى دەپ زەرگەرنى باي قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ‹‹چىڭ››لىق قىلسىمۇ بولىدۇ.ھازىر ‹‹بازار ئىگىلىگى››.‹‹رىقابەت دەۋرى›› .‹‹يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش››كىرەك.ئائىلىنىمۇ ئىختىسات چانلىق بىلەن باشقۇرساق چوقۇم ھەممىمىز ‹‹باي››بولىمىز.‹‹باي››بولاي دىسىڭىز تىرشىڭ،ئىزدىنىڭ،بىلىملىك بولۇڭ،ئەڭ مۇھىمى ئىخساتچان بولۇڭ.مىڭ تەستە تاپقىنىڭىزنى چىچىۋەتمەڭ.يىغىپ قۇيسىڭىز چوڭ چوڭ ئىشنى قىلالايسىز.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )