بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagdax-bahadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 18:42
ياپون مەلىكىسى قانداق ياشاۋاتىدۇ ؟
ئوغلانى تەرجىمىسى
ماي ئېيىنىڭ ئوتتۇرلىردىكى بىر سەھەر ئىدى ، توكىيو قىزلار ئىنىستىتوتىنىڭ ئەتراپىدىكى يولدا بىر قىز سومكىسىنى يۈدۈپ جېنىنىڭ بارىچە يۈگرەۋاتاتتى ، ئېغىزىدا «كىچىكىدىغان بولدۇم ! كىچىكدىغان بولدۇم ! » دەپ ۋارقىراۋاتقاندەك قىلاتتى .
بۇ قىزنىڭ ئىسمى «ئەيزى» بولۇپ ، ھازىرقى ياپونيە تەڭرىقۇتىنىڭ نەۋرە قىزى، شۇنداقلا شاھزادە ۋە يازى بانۇ نىڭ بىردىنبىر بالىسى ، ئۇ «ئايال تەرەپتۇققانلار پادىشاھى» دەپ ئاتىلىدۇ . نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۇ كەلگۈسىدەياپونىيەنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇشى مومكىن . ياپونيەدىكى بىر راس ئىشلار ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئەيزىنىڭ مەكتەپكە يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان ھالىتىنى رەسىمگە تارتىۋالغان . ئەيزى بىلەن بىللە يۈگرىۋاتقان تۆت نەپەر قوغدىغۇچى بولۇپ ، ئۇلار ھەممىسى گۇمپا ماھىرلىرى .
ئەيزى ياپونيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايال پادىشاھى بولغان ئىكەن ، مۇشۇنداق مۇھىم ئەربابنى نىمىشقا ماشىنا بىلەن ئەكىلىپ ئەكەتمەيدۇ ؟ ئەمەليەتتە ، ئەيزى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى تۇرىۋاتقان توكىيو ئوردىسى ئۇنىڭ مەكتىپىدىن 15 مىنۇتلۇق ماشىنا مۇساپسى بولۇپ ، ئوردىدىكىلەر ئەيزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇنى ماشىنا بىلەن مەكتەپكە ئېلىپ كىلىشتە چىڭ تۇرغان ، لېكىن شاھزادىنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچىرىغان . شاھزادىنىڭ قارىشىچە ، ئەگەر ئەيزىنى بىۋاستە ئوقۇشقا ئاپىرىپ قويسا ،ناھايتى ئاسانلا ئەيزىنى ئالاھىدە قىلىپ قويۇپ ، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن باراۋەرئۆتۈشىگە دەخلىسى بولىدىكەن . شۇڭلاشقا ئۇنى پەقەت ئادەتتىكى كىشىلەر دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان ئايلانمىغا ئېلىپ كىلىپ ، ئۇنى ئۆزى مېڭىپ ئوقۇشقا بارغىلى سالىدىكەن .بۇنىڭ ئۈچۈن شاھزادە تېخى ئۆزى بېرىپ تەكشۈرۈپ ، شۇ ئايلانمىنى مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلار دىققەت قىلمايدۇ دەپ ھېسابلاپ ئۇنىڭغا بىكىتىپ بېرىپتۇ . ئاشۇ ئايلانمىدىن مەكتەپ ئىشكىگىچە 200 مىتىر ئارلىق بولۇپ ، ئىككى قىزىلچىراقتىن ئۆتىدىكەن ، ئوردىدا شاھزادىنىڭ پىكرىگە قارشى تۇرالمىغاچقا ، ئاخىرى ئەيزىنىڭ مېڭىپ بېرىشىغا قوشۇلغان .
نەتىجىدە ئەيزى كىچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، 200 مېتىر ئارلىقنى يۈگرەيدىغان نەتىجە كېلىپ چىققان . كىيىنچە ئوردا ئىچىدىكى مۇخبېرلاركولۇبىدىكى بىر مۇخبېرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، خانلىق ئوردا ساقچى ئەتىرتىدىن تۆت قوغدىغۇچىنى ئەۋەتكەن بولۇپ ، ئۇلار مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرىشكە يول قويۇلمايدىكەن ،ئۇلار ئەيزىگە ئەگىشىپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلگەندىن كىيىن ، ئەيزىنى ئۇنىڭ ئادەتتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن مەكتەپكە كىرگۈزۋىتىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقاساۋاقداشلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،4 قوغدىغۇچى بۆلۈنۈپ رازۋىتكا قىلىدىكەن . ئوقۇشتىن قويۇپ بەرگەندە ئىشىك سىرتىدا ساقلاپ تۇرىدىكەن ، بۇجەرياندا ئەيزىنىڭ ئالاھىدە بولۇۋېلىشىدىن ساقلىنىدىكەن . ئەيزى بۇ يىل باھاردى باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇردا ئوقۇشقا كىرگەن . ياپۇنىيەھۆكۈمتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى چوقۇم مەكتەپ تەمىنلىشى كېرەك ، ئۇلار پەقەت تاماق قۇتىسىنى ئېلىپ كەلسىلا بولدى . ئەيزىنىڭ مەكتىپىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە .
ئۇنداقتا ، ئەيزىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى مەخسۇس خادىملار يەتكۈزۈپ بېرەمدۇ ؟بۇ مومكىن ئەمەس . ئەيزىنىڭ تامىقى ئەتىگەندە ئۆيدىن ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ ،چۈشتە بالىلار بىلەن بىللە تاماقلىنىدۇ ، يەيدىغىنى بولسا سوغۇق تاماقا بىلەن سوغۇق سەي . بۇ يەردە بىر مەسىلە بار ، ئەيزىنىڭ تامىقىنى كىم ئىتىدۇ ؟ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە . ئەيزىنىڭ ئانىسى يازى خانىش ئىكەن . شاھزادە ئوردىسىدا تەبئىي ھالدا ئاشپەز بولسىمۇ ، لېكىن ، ھەر كۈنلۈك ئەيزىنىڭ تامىقىىدا خانىش چوقۇم ئۆز قولى بىلەن ئىتىدىكەن . ئۇ سەھەر سائەت 6بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيزىگە تاماق ئىتىشكە باشلايدىكەن . ھەر كۈنلۈك تامىقى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ ، توخۇم پىچىنىسى بىلەن بېلىق چوقۇم تامىقىدا بار ئىكەن . يازى خانىشنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدىمۇ ، ئۇمۇ ئانىسى ئىتىپ بەرگەن قۇتىلىق تاماقنى ئېلىپ مەكتىپىگەبارىدىكەن . بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىدقىلىدىكەن .
تاڭرىقۇت پادىشاھنىڭ نەۋرىسى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىز باسارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بۇ ياش قىز تېرىشىپ ئالاھىدەبولۇۋالماي ئادەتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزمەكتە . باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
مەنبە : http://blog.sina.com.cn/s/blog_4cd1c1670102e58h.html
|