قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2766|ئىنكاس: 15

«كورىيلىكلەردىن نەرىمىز كەم»دىن تۇغۇلغان سۇئاللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

949

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 17:41:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كورىيلىكلەردىن نەرىمىز كەم»دىن تۇغۇلغان سۇئاللار
تۇنيۇقۇق
    مول-ھوسۇللۇق تەرجىمانىمىز سېيىت تىلىۋالدى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان «كورىيلىكلەردىن نەرىمىز كەم»دېگەن كىتابى كىتابخانلاردا خېلى بورۇن كۆرگەن بولساممۇ ،لېكىن ئۇ چاغلاردا مېنىڭ كورىيلىكلەر ھەققىدىكى چۈشەنچەم تېلىۋىزورلاردا ئۈزۈلدۈرمەي بىرىۋاتقان كورىيەنىڭ تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن نېرىسىغا ئۆتەلمىگەچكە بۇ كىتابقا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن .         
    بۇ قېتىم يەنە ئادىتىم بويىچە كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب قويغۇلارنى بىر قاتار ئايلىنىپ يەنە بۇ كىتابنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ بېقىپلا ئۆزەممۇ سەزمەي بىرنەچچە بەت ئوقۇۋېتىپتىمەن.شۇنىڭ بىلەن كىتابنى ئېلىپ ئۆيۈمگە كېلىپ بىر ئوقۇغانچە ئوقۇۋېتەي دەپ باشلىۋىدىم ئوقۇپ كېتىۋېتىپ تۇرۇپ-تۇرۇپ توختاشقا،كىتابنى قويۇپ سۈكۈتكە چۆكۈشكە،ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.
    جاڭ خۇڭجىې تەرىپىدىن يېزىلغان  «كورىيلىكلەردىن نەرىمىز كەم»ناملىق بۇ كىتاب2007-يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قېلىنغان بولۇپ جەمئىي 12بابتىن تەركىب تاپقان.
بىرىنچى باب: ياپۇنىيدىن ئۆگىنىش كېرەكمۇ؟ كورىيەدىنمۇ( كېرىش سۆز ئورنىدا)
ئىككىنچى باپ: كورىيلىكلەردىن نەرىمىز كەم؟
ۈچىنچى باب: جۇڭگۇلۇقلار بىلەن كورىيلىكلەرنىڭ مىللەت خاسلىقىدىكى پەرىقلەر
تۆتىنچى باب:كورىيلىكلەر ئەنئەنىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟
بەشىنچى باپ:كورىيلىكلەردىكلى مىللەتپەرۋەرلىك
ئالتىنچى باب: كورىيە چىرىكلىككە قانداق قارشى تۇرغان؟
يەتتىنچى باب:كورىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ مائارىپىدىن سېلىشتۇرما؟
سەككىزىنچى باب:كورىيە يېزىلار مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلدى؟
توققۇزىنچى باب: يىگانە ئارالنىڭ شان-شەرىپى
ئونىنچى باب:كورىيە مودىسنىڭ سىرى
ئون بىرىنچى باب:سېئول خاتىرىلىرى
ئون ئىككىنچى باب: يەنە شۇ ھاجەتخانىنىڭ گىپى( خاتىمە ئورنىدا)
      كىتاب ئاپتۇرى قەدىمدىن تارتىپ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەت جەھەتتە ئىنتايىن يېقىن بولغان جۇڭگۇ بىلەن كورىيەنى ،جۈملىدىن جۇڭگۇلۇقلار بىلەن كورىيانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ،بولۇپمۇ مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زامانىۋىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەپچىللىك بىلەن ماسلاشتۇرۇپ مەيلى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە بولسۇن ياكى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى قوغداش جەھەتتە بولسۇن ئۇتۇق قازانغان كورىيانلار بىلەن ئەخلاق كىرىزىسى يامراپ كەتكەن،تەرەققىياتنى ئەنئەنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش دەپ بىرتەرەپلىمە چۈشەنگەن جۇڭگولۇقلارنى ھەرتەرەپتىن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ خىل پەرىقلەرنىڭ مەنبەسى ۋە سەۋەبى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەنگەن ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
     ئاپتۇرنىڭ سېلىشتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئىككى مىللەتنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى،مەدەنىيەت ئەنئەنىسى،مىللىي خاراكتىر يېقىنقى زاماندىكى زامانىۋېيلىشىش مۇساپىسىدىكى ئىسلاھات قاتارلىق نوقتىلاردىن چىقىپ ئوبىكتىپ ۋە توغرا ئاساسلار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ نىمە ئۈچۈن كورىيدەك بولالمىغانلىقى،بولۇپمۇ تارىختا جوڭگۇدىنمۇ قالاق بىر مىللەتنىڭ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا جۇڭگۇدىن كىيىن ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئەكسىنچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھەرقايسى تەرەپلەردىن جۇڭگودىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە كىشىنى قايىل قىلىدىغان كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئادەمنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ .
     ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە،گەرچە بۇ ئىككى مىللەت تارىختىن بويان مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت،پەلسەپە ۋە مىللىي خاراكتىر جەھەتتىن مەنبەداش تۇرۇپمۇ بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كورىيلىكلەرنىڭ ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان ئۆلگىلىك بىرمىللەتكە ئايلىنىشى ،تەرەققىيات جەھەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئادىمىيلىك جەھەتتە بارغانسىرى چىكىنىۋاتقان جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تۈگىمەس سۇئاللارغا دۇچ كىلىشىنىڭ   ئاساسلىق مەنبەسىنى كورىيانلارنىڭ ئۆز مىللىتىدىكى قاششاقلىقلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش بىلەن ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىشنى تۇقۇنۇشتۇرۇپ قويمىغانلىقى.جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز مىللەت خاسلىقىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ سەۋەبىنى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئەمەس ،بەلكى نامۇۋاپىق جەمئىيەت تۈزۈمىدىن ئىزدەپ تاپقانلىقى .نەتىجىدە تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىنى قوغدىدىغانلىقى دەپ قارىغان. ھەمدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ نامۇۋاپىق جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ مىللىي خاراكتىرغا كۆرسىتدىغان تەسىرى ئۈسىتىدە توختىلىپ ئادەم ئۈچۈن ئېيىتقاندا ،خاراكتىر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ،تەقدىر خاراكتىرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .مىللەت ئۈچۈن ئېيىتقاندا ،تارىخ خاراكتىرنى بەلگىلەيدۇ،خاراكتىر بولسا تارىخقا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنىڭ  ماھىيەتتە ئوزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن  مىللىي خاراكتىر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.بۇخۇددى بىرشەخىسنىڭ خاراكتىرى شۇ شەخىس ئۈسۈپ يىتىلگەن ئائىلە ۋە مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش بىر مىللەتمۇ ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن تارىخنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسانلار بىرتەرەپتىن ئۆزلىرى تارىخ يارىتىدۇ ۋە يەنە بىر تەرەپتىن شۇ تارىخنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.بۇ خىل تەسىر نۇقۇل تارىخ كەچۇرمىشلەر شەكلىدە،ئەدەبىي ئىجادىيەت شەكلىدە ،سىياسي ياكى ئاۋامنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرى شەكلىدە ئالدى بىلەن شەخىسنىڭ ئادىمىيلىك خاراكتىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئاندىن تەدرىجى ھالدا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مىللىي خاركتىرىنى ھاسىل قىلدۇ.
      مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا،مىللىي خاراكتىرنىڭ قانداق بولىشىنى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتكە تەۋە بولغان شەخىسلەرنىڭ ئادىمىيلىك خاراكتىرى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا پەلسەپە،ئەدەبىيات،تارىخ،سىياسەت قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئادىمىيەت پەنلىرى دەپ ئاتىلىشى،ھەمدە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەلسەپىنىڭ بىر مىللەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويىلىشى، دۇنيانىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات جەريانىغا بولۇپمۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ ھازىرقى زامان تەرەققىياتىنىڭ ئۇلى بولغان ئەدەبىيات سەنئەت گۈللىنىشىمۇ دەل ئادىمىيەت پەنلىرىدىكى بورۇلۇشتىن باشلانغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.ئادىمىيلىك خاراكتىر بىلەن مىللىي خاراكتىر بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇپ ،شەخىسكە نىسبەتەن،بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نۇقسانلىق ھەرىكەت ئەندىزىسىنى بۇزماي  ئۆزىنىڭ  خاراكتىرىنى ئۆزگەرتەلىشى مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش ،بىر مىللەتنىڭ جەمئىيەت مىخانىزىمىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ قالاق مىللەت خاسلىقىنى ئوڭشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ئىلغار  كىشىلىك خاراكتىر بولغاندىلا ئىلغار جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى ئاندىن ئىلغار   مىللەت خاسلىقىنى ياراتقىلى بولىدۇ .
      ئۇنداقتا،جۇڭگولۇقلار ۋە كورىيانلىقلارنىڭ مىللىي خاراكتىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلىك خاراكتىرنىڭ يىلتىزى نەدە ؟
ئاپتۇربۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ئالدى بىلەن كورىيانلاردا كوڭزى ئۇدۇمى خېلى مۇكەممەل ساقلانغاچ بولغاچقا ،كورىينىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدا ئەخلاق،ئىجتىمائىي پاكلىق،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جەمئىيەت ئەزالىرنىڭ روھىي قىياپىتى دېگەنلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى، كورىيانلار ئۆز مىللىتىدىكى قاششاقلىقلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش بىلەن ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىشنى تۇقۇنۇشتۇرۇپ قويغان ئەمەس.جۈملىدىن ئۇلارئۆز مىللەت خاسلىقىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ سەۋەبىنى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ئەمەس ،بەلكى نامۇۋاپىق جەمئىيەت تۈزۈمىدىن ئىزدەپ تاپقانلىقىنى  .نەتىجىدە تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن بىرگە ئەنئەنىنى قوغداشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرەلىگەن دەپ قارىغان. ھەتتاكى،كورىيدە ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا ئوقۇتىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھازىرغىچە ساقلانغانلىقى.بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلاردىن گۇيا قەدىمقى تالىپلارغا ئوخشاش مەكتەپكە كىرىپ بىر يىلغىچە «تۆت كىتابنى يادلاپ بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە، «جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىتىقادىدا راست بىلەن يالغان،تاللاش بىلەن شاللاش ئارىلىشىپ كەتكەن.جۈملىدىن جۇڭگۇلۇقلار ئىشى ئوڭغا تارتقان ۋاقىتتا كوڭزىچىلىققا بەيئەت قىلىدۇ.پالاكەت باسقان چاغلاردا بولسا كوڭزىچىلىقنى تاشلاپ بۇددا بىلەن تەرىقەتچىلىككە تىۋىنىدۇ.باشقىلارغا چاقىرىق ۋە مۇراجەت قىلغاندا ئۈچ ئەركان –بەش ئەھكامنىڭ ھەققانىيتىنى دەبدەبە بىلەن كۆرسىتىدۇ.ئەمەلىي مەسلىگە ئۆتكەندە بولسا ھەمىشە گەپنى ئەگىتىپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا نەپ ئىزدەيدۇ.»دەپ ھەسرەت چىكىدۇ.جۇڭگۇدىن ئىبارەت ئەينى ۋاقىتتا كورىيەگە ئوخشاش قوشنا ئەللەرنى مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن چوڭ مىلەتنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نىسبەتەن ئاپتۇر ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ ئاخىرى قانداق ھالەتكە بېرىشى ئۇنىڭ گىنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش،جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مىللەت خاسلىقىدىكى سەلبى تەرەپلەرنىڭ يىلتىزىنى دەل جۇڭگۇۇقلارنىڭ تارىخىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ .ھەمدە جۇڭگۇنىڭ تارىخىنى ۋاراقلىغانسىرى ئادىمىيلىكنىڭ تەدرىيجى ئاجىزلاپ بارغانلىقىنى ،ئالىيجاناپلىق ،رەھىمدىللىك،سەمىمىيلىك،راستچىللىق،كەڭ قۇرساقلىق ۋە ئىززەت ،ھۆرمەت دېگەنلەرنىڭ تەدرىيجى ئازىيىپ،ئۇنىڭ ئاخىرى گۇمانخورلۇق،شەىسىيەتچىلىك،كاززاپلىق،مەككارلىق ،رەزىللىك ۋە ئىپلاسلىقلارغا  ئورۇن بوشىتىۋاتقان ساختا مەدەنىيەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .
     چۈنكى،جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىنتايىن ئەگرى-توقاي ۋە مۇرەككەپلىككە تولغان تارىخى، بولۇپمۇ توختاۋىسىز يىڭىلىنىپ تۇرغان خانلىق تەخىتنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي ۋېجداننى مەسخىرىگە كۆمدى.بۇنىڭ بىلەن كۆپ سانلىق ئىنسانلاردىكى قايىتماس روھ،ئىرادە ،جاسارەت،ئىشەنىچ ۋە راستچىللىق تەدرىيجى يۇقاشقا باشلىدى .ساپ دىللىق ئىرادە ھەر قېتىملىق ئاشۇنداقدىشۋارچىلىقلار داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ، جەمئىيەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەخلاق ۋە ئەركان –ئەھكاملاربارا-بارا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى.ھەرقانداق بىر قۇشۇن نەدىن سەپ تارتىپ كەلمىسۇن،ئۇ مۇشۇ تۇپراققا قەدەم قويغان ھامان بوينىغا «ئىتائەتمەنلىك»تامغىسى بېسىپ،كۈجە ئۈستىلى ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ«خۇش كەپسىلەر»دەيدىغانلار ئۈزۈلمەي چىقىپ ئوزاق زامانلار مابەينىدە شەكىللەنگەن ساداقەتمەنلىك،ئادالەتپەرۋەرلىكتەك ئەخلاقى قاراشلار ھاكىمىيەت ئالماشقان چاغلاردىكى يىگانە ھەققانىيەتچىلەردە ئىپادىلىنىدىغان قانلىق ئابىدىگە،ئاددىي پۇقرالارنىڭ بالىلارچە ئۆكتىلىرىگە ،ھاراقكەشلەرنىڭ شىركەيىپ بولغاندىن كىيىنكى دەبدەبىلىك قەسەملىرىگە ئايلىنىپ قالدى.چۈنكى«ساداقەتمەنلىك،ئادالەتپەرۋەرلىك»نىڭ چىرايلىق،ئەمما گېزى كەلگەندە بىر بۇردا نانغىمۇ يارىمايدىغان مەنىۋىي بىزەك ئىكەنلىكىنى سەزگەن ئاۋام ئۇنى چۆرۈپ تاشلاپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇرساقنىڭ غېمىگە چۈشۈپ كەتتى.مەن بۇنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ دىشۋارچىلىقلارنى بەك جىق تارتىپ ئازاپ-ئۇقۇبەت،ساختىلىق،ئالدامچىلىقلارغا تۈيۈپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.ئەڭ مۇھىمى، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتى ئومۇميۈزلۈك دەھشەتلىك ئاياغ-ئاستى قېلىندى،ئادىمىي ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ كۇرسى قالمىغاچقا ،ھەممىگە چىدايدىغان،ھەممىگە خوش-خوش دەپ تۇرىدىغان ،بىپەرۋا ،لايغەزەللىك بۇ ئەلدە بازار تېپىشقا باشلىغان.
       پۇلات ھەرقانچە پۇختا بولسىمۇ،لېكىن ئۈنى ئالدى-كەينى قاتلاۋەرسە ھامان بىر كۈنى كاردىن چىققىنىغا ئوخشاش،ھەرقانداق چىداملىق مىللەتمۇ يۇقىرىقىدەك ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ تۈگىمەس تالاپەتلىرى ۋەجىدىن ئاخىرى پەرۋاسىز گاراڭلاردىن بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا« يىگىرمە تۆت تارىخ»نى جۇڭگۇدىكى يىگىرمە تۆت قېتىملىق بالايىئاپەتنىڭ دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ.
     شۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر روھ بىلەن تەننى ،چوڭ قائىدىلەر بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراشقا ئادەتلەندى.بۇنىڭ بىلەن « مەردلىك قىلىپ ئۆلگەندىن كۆرە،قۇلاقنى يۇپۇرۇپ جان ساقلىغان تۈزۈك»،«ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ »دېگەندەك ئاللىقاندەك جۇڭگۇچە ئەقل-پاراسەتلەر بارلىققا كەلدى.ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ياپۇنغا قارشى ئورۇش مەزگىلدىكى ساماندەك ساتقىننى كىممۇ تارىخي تاسادىپىيلىقنىڭ مەھسۇلى دىيەلىسۇن؟ھەممەيلەن بىپەرۋا –لايغەزەللەردىنمىكىن –تاڭ بىز خەق نەچچە مىڭ يىللىق گۈلدۈر-غالاپلار دەستىدە كۆرمىگەننى كۆرۈپ ،ئاخىرى غەزەپلىنىش دېگەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق دىيىش ئارقىلىق بۇنىڭ بىلەن ھەممىگە چىدايدىغان،ھەممىگە «بوپتىلا ،ئۈتۈپ كىتىدۇ »دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدەك پۈچەكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن  ئادىمىيلىك خاراكتىرئۈستىدىن شىكايەت قىلىدۇ
       شۇ نەرسە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇكى، ئاپتۇر مۇلاھىزە جەريانىدا يۇقىرىدەك تارىخى تراگىدىيلەرنىڭ مەنبەسىنى جۇڭگودىكى تارىختىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان  نامۇۋاپىق جەمئىيەت تۈزۈمىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،  پادىشاھلارنىڭ شەرمەندىلەرچە ئويۇنغا سېلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەيىر –ساخاۋەت «ئۈچ ئەركان ،بەش ئەھكام»نىڭ رولى ئەمەلىيەتتە ۋەيران قىلىۋېتىلدى .بىز خەق تارىختىن بويان بەك ئالدىنىپ كەتكەچكە ،ھېچقانداق نەرسىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەيمىز ،ھەتتا بىرىمىزگىمۇ ئىشەنمەيمىز دەپ قارايدۇ . جۇڭگو تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق چىنشىخۇۋاڭدىن باشلاپ ھەر قېتىم تەخىتكە چىققان پادىشاھلار ئالدى بىلەن قانداق قىلسام «تەختى-بەختىمنى ئەبەدىي ئامان ساقلىيالايمەن؟»دېگەن مەسىلە ئۈستىدىلا ئويلىنىدىغان بولغاچقا ھەرقانداق سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى خەلق مەنپەئەتى ئۈستىگە ئەمەس،بەلكى ھاكىمىيەت ئىگىسىنىڭ مەنپەتى ئۈستىگ قۇرۇلغان .ھەمدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مۇشۇ يۈسۈندا داۋاملىشىپ كەلگەن.بۇنىڭ سەۋەبى ھۆكۈمران سىنىپ نۇپۇس جەھەتتە ھەرقانچە ئاز بولسىمۇ،ئۇ مۇتلەق ھوقۇقنى ئىلكىگە ئالغانلىقىتىن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى يۈلىنىشكە قاراپ بورايدۇ.ئۇ يۈلىنىش كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ھەرقانچە بىمەنە،ئورۇنسىز بولسىمۇ لېكىن جەمئىيەت ئاشۇ يۈلىنىشكە قاراپ غىڭ قىلماي ماڭىدۇ .جۇڭگۇدا نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان يولغا قۇيۇلغان پۈتۈنلەي تالىپلارنىڭ ئىدىيەۋېي ئېڭىنى بوغۇش مەقسىتىدە لاھىيەلەنگەن ئەمەلدارلارنى تاللاش كېجۈي تۈزۈمى دەل بۇنىڭ مىسالى .ئۇلارنىڭ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشىغا يول قويۇلمايىتتى.دېمەك،بۇ خىل تۈزۈمنى ئەمەلدار تاللاش دېگەندىن كۆرە مۇستەبىت تۈزۈمگە قورۇقچى تاللاش دىگەن تۈزۈك .چۈنكى بۇخىل ئەمىر-مەرۈپ دوگمىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىلچە پايدىسىز بولغىنى بىلەن ھۆكۈمرانلار سىنىپى ئۈچۈن رولى چوڭ ئىدى .
     شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا تۈزۈمنى ئۆزگەرتەمدۇق ياكى ئادەمنى ئۆزگەرتەمدۇق دېگەن مەسىلىگە قارىتا لۇشۇن 1925-يىلى «ئەڭ مۇھىمى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مىللەت خاسلىقىنى ئۆزگەرتىش .ئۇنداق بولمايدىكەن،مەيلى مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرمايلى،مەيلى جۇمھۇرىيەت قۇرمايلى ۋە ئالىقانداق ئىزىم،پىزىملارنى قۇرمايلى ھەممىسى بەرىبىر ،قاش-كۆزنى بوياپ قىلىپلا بولدى قىلغان ئىش پۈتمەيدۇ!»دېگەن داڭلىق باياننى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مىللەت خاسلىقىدىكى مەسىلە-ھەممەە مەسىلىنىڭ ئانىسى ئىدى.جۇڭگۇلۇقلارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ باشقىدىن ئادەم قىلغاندىلا ،ئاندىن جۇڭگۇدا زامانىۋېيلاشتۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇۈ
نۆۋەتتە،كۆپلىگەن مىللەت ۋە رايۇنلاردا تەرەققىيات مەسىلىسىدە مۇشۇنداق ئادەم بىلەن تۈزۈمنىڭ بىر-بىرىگە بولغان توختاۋىسىز تەسىرىنى قانداق قىلغاندا ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشقا بۇرالدۇرۇش مەسىلىسى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقاندا،جۇڭگۇ بۇ مەسىلىدە قانداق قىلدى؟
      پۈتكۈل دۇنيا تارىخىدا ھېچقايسى دۆلەتنىڭ زامانىۋېيلىشىش يولى جۇڭگونىڭكىدەك ئەگرى- تۇقاي،جاپالىق ۋە ئەگرى –توقاي بولغان ئەمەس.بىر ئەسىردىن بويان بىز مەدەنىيەتنى «بالا-قازانىڭ ئانىسى دەپ بىلىپ بىرەر يېڭىى مەدەنىيەتنىڭ شامىلى چىقار-چىقمايلا ھەدىسىلا ئۇ «ئىزىم»،بۇ «ئىزىم»لار ھەققىدىكى تالاش-تارتىش ،جەڭگى-جىدەلنىڭ پاتقىقىغا بەكمۇ چوڭقۇر پېتىپ كەتتۇق.ئەجداتلاردىن قالغان كوڭزى مەدەنىيتى ۋە ئىسىل ئەنئەنىنى فىئودالىزىمنىڭ ئەخلەتلىرى قاتارىدا ئاساسەن چۆرۈپ تۈگەتتۇق.تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا، ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي  تەرەققىياتى بولسا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئەخلاقى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى يۈز نەچچە يىلدىن بويان ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بارغان سىياسى ھەرىكەتلەر ۋەجىدىن كوڭزى-مىڭزى ئوتتۇرىغا قويغان«مۇلايىملىق،ئاق كۆڭۈللۈك،ھۆرمەت،ئىززەت»،«كەمتەرلىك ۋە ئەپۇچانلىق »ھەققىدىكى تەلىماتلارنىڭ ۋەتۋەرىكى چىقىپ كەتتى.بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ «ماددا ئەلاچىلىقى»ۋە«پۇلپەرەسلىك»ئەۋىج ئالدى. بىزنىڭ ئۆپچۆرىمىزدىكى «زامانىۋېيلىشىش»قانداقتۇر بېيجىڭدىكى قۇرشاۋ ھويلىلارنى ،جېجىياڭدىكى تېمى ئاق،كاھىشلىرى قارا كىچىك بازارلارنى ،فۇجىيەندىكى تۇپا راۋاقلارنى ،يۈننەدىكى ئاسما راۋاقلارنى يەريۈزىدىن يۇقىتىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئەينەك تاملىقبىنالارنى دەسسىتىشتىن:شىرەيىمىزدىكى شوۋېگۈرۈچ،چىلىما كۆكتات ۋە چايلارنىڭ ئورنىغا ماكدونالد –ھامبۇرگ بولكىلىرى،كوكا كولا ،مارۇژنىلارنى ئالماشتۇرۇشتىن دېرەك بىرىۋاتىدۇ .تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھمىيتى سانسىزئىمارەتلەرنى ئۈن-تىنسىزلا بۇزۇپ تاشلىدۇق.دۇنيا بۇيىچە سانى ئەڭ كۆپ قەدىمقى تەۋەررۈك كىتابلار جۇڭگۇ كىتابخانىلىرىدا تۇپا بېسىپ تۇرۇپتۇ.نېمىشقىدۇر ئاشۇ كىتابلاردىن گۇيا ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئەسكى چۇرۇق بىلەن كىگىز پايپاقلارنىڭ ھەشەمەتلىك سارايلارغا ياراشماي قېلىشىدىن قورققاندەك قاچىدىغاندەك قاچىدىغان بولۇپ كەتتۇق .
      ئىلگىرىكى جۇڭگۇلۇقلاردا ئەزەلدىن خوجايىنلىق تۇيغۇسى بولۇپ باقمىغاچقا ،بۇ دۆلەت باشقىلارنىڭ شەخسى مۈلكىلا بولۇپ كەلدى.چۈنكى،قۇل بولغان ئادەمدە خوجايىنىىڭ تەئەللۇقاتىنى ئاسراش ئېڭى بولمايدۇ.شۇڭا ،كىشىلەر ھويلا ئىچىدىكى تەئەللۇقاتىنى كۆز قارىچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدۇ-يۇ،لېكىن ھويلا تېمىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرنى بۇزۇشقا ئىنتىلىدۇ.
    جۇڭگۇلۇقلار ئەزەلدىن بۇيان كۈرنىڭ تالاپەتنى باشتىن كەچۈرۈپ ،كۆرمىگىنى قالمىغان خەلق.شۇڭا جاھانسازلىققا  كامىل،مۇرەسسەگە ئۇستا،ماسلىشىشقا ماھىر،كۈچى يەتسە ئېلىشىدۇ،كۈچى يەتمىگۈدەك بولسا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىدۇ.
    كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا مەندىمۇ شۇنداق بىر سۇئال توغۇلدى.ئەگەردە بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز،مىللىي خاراكتىرىمىز ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە توغرا كەلسە بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزدىكى ئاجىزلىقلار نەدە؟ بۇ ئاجىزلىقلارنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئويلىنىشقا توغرا كەلسە بۇنى قەيەردىن ئىزدەيمىز ؟
     تارىخىتىن بويان ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيي تاپقان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۆرنەك ئېلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخ سەھنىسىدە جۇلالاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز .ياپۇنلۇقلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تەرەققىياتى ياۋرۇپالىقلارنى ئۆرنەك قىلىشتىن باشلانغان بولسا،كورىيلىكلەرئىشنى  يايۇنىيلىكلەرنى ئۆرنەك قىلىشتىن باشلىغان ئىكەن.ئەمدى بۆگۈنكى كۈنگەن كەلگەندە جۇڭگۇ كورىيلىكلەرنى ئۆلگە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
   ئۇنداقتا،بىز كىمنى ئۆلگە قىلىمىز ؟ مۇبادا بىزمۇ «XXXلەردىن نەرىمىز كەم»دەپ ئويلىنشقا توغرا كەلسە ،بۇ بوش ئورۇننىڭ ئورنىغا نىمە دەپ يازساق مۇۋاپىق بولار؟
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى  لوپ

2

تېما

0

دوست

853

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25947
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 20:05:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداش باش بىتىدىكى خەۋەرلەر نىمىشقا چىقمايدۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

55

تېما

4

دوست

9976

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   99.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 2112
توردىكى ۋاقتى: 2161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 20:11:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolf-man تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 20:19  

دىيشسەك گەپ تۇلا - ئىيتىشساق دەرت تۇلا .

كورىيەلىك مۇسۇلمانلار
./thread-21159-1-1.html

12

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2025
تۆھپە : 2143
توردىكى ۋاقتى: 473
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 20:25:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خويمۇ ئىېغىر خىياللارغا چۆكۈپ كەتتىمغۇ مەن .

0

تېما

1

دوست

2158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25524
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 646
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 21:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈكۈت سەۋىرلەر ......

0

تېما

0

دوست

1577

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   57.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26873
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 21:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرشىئالاغا چىقتىم ئالدىم بىر ئېرىق ھەۋزى كەۋسەر سۇلىرىدا سۇغۇرۇپ تېرىدىم تېرىق ئاينى ئوغاق قىلپ ئورۇدۇم ئۇنى تاڭ شامىلىدا سورىدىم ئۇنى توۋا دەيمەن قاراپباقسام يەنى شۇ تېرىق


ئەۋلىيا مۇقامىغا يەتسە ئىشەك - ئىشەكتۇ ئۇ بەرىبىر - بەرىبىر ئىشەك

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25326
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 4220
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 22:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە يېقىنمۇ كەلمەيدىغان كىتابتەك قىلىدۇ، مۇندەرىجىدىن قارىغاندا.
خەنسۇلاردا بازار تاپقان كىتاب بىزدە ناتايىن.  

0

تېما

3

دوست

1049

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28035
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 330
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-30 23:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگىمۇ  خېلى ماس كېلىدىكەن ، تورداشلارنىڭ قايتا  قايتا ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن .

‹‹  تارىخىتىن بويان ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيي تاپقان مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۆرنەك ئېلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخ سەھنىسىدە جۇلالاپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. ››

مېنىڭچە يۇقۇرىقى بىر جۈملە بىز ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )