قومۇل ئارا ئاقيەردە ئابلاجان( ئۇلۇغ ئاللا ياتقان جايىنى جەننەت گۈلىستانىدا قىلغايلا)ئىسىملىك يېققىن بىر دوستۇم بار ئىدى ، بىكار بولساملا ئۆيىگە چىقىپ شاھمات ئوينىغاچ مۇڭدىشىپ قايتىپ كىلەتتىم . بىر كۈنى دوستۇمنى سېغىنىپ ئۆيىگە چىقسام ھويلىسىدا بىر ناتونۇش بۇۋاي ئولتۇرىدۇ ، ئەسسالامنىڭ چوڭىنى ئېيتىپ كىرىم كۆرۈشتۈم ۋە بۇۋاينىڭ ھەركەتلىرىدىن كۆزىنىڭ ئەما ئىكەنلىكىنى سەزدىم ،ئۇنىڭغىچە دوستۇم ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىككىمىزنى بىر – بىرىمىزگە تونۇشتۇردى ( بۇۋىمىزنىڭ ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ ) ، بۇۋاي ئىنتايىن خۇشخۇي ھەم پاراڭچى بولۇپ ، يېشى گەرچە سەكسەندىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ ناھايىتى تىتىك ئىدى ، بىز قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق ، بۇۋاي ياشلىقىدىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشككە باشلىدى . پاراڭ ئارلىقىدا ئۆزىنىڭ موشۇ مەھەلىدە بىر مەزگىل ئاتاقلىق ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغانلىقىنى دەپ بەرگەچ بېششىدىن ئۆتكەن كىچىك بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى ، بۇۋاي تۇغما ئەما بولۇپ ، كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسى سىرتقا يىتىلەپ چىقىپ ئويناۋاتقان بالىلارغا قوشۇپ قويدىكەن ، بالىلارمۇ بۇۋىمىزنىڭ ئەمالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقتىدا ئىگە بولۇپ تۇرىدىكەن . بىر كۈنى تۇيۇقسىز بۇ مەھەلىگە ئات يۈزلۈك ، ئىگىز بويلۇق بىر بالا پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، بۇ بالا سىرتقا چىققان ھامان بالىلار بۇ بالىنىڭ ئىگىزلىگىنى بىرەر نەرسىگە ئوخشۇتۇپ ۋاقىراپ ئۇ بالىنى تېرىكتۈردىكەن ، بالا قوغلاشسا ھەممىسى قاچىدىكەن . بىر كۈنى بالىلار شۇ ئىگىز بالىنى كۆرۈپ بىر نەچچىسى بۇۋىمىزغا بىز ئا تەرەپكە قاراپ « » دەپ ۋاقىرايمىز سەنمۇ شۇنداق ۋاقارغىن دەپتىكەن بۇۋىمىزمۇ ماقۇل بولۇپ بالىلار بىلەن تەڭ ۋاقىراپتۇ ، بىر چاغدا بۇۋىمىزنىڭ يېنىدىكى بالىلار قېچىشقا باشلاپتۇ ، بۇۋىمىز نىمە قىلىشنى بىلمەي ئورنىدا تەمتىرەپ قەپ – قاپتۇ شۇ چاغدا كۈچلۈك بىر قول بۇۋىمىزنىڭ بىلىكىنى قاتتىق سىقىپتۇ ، قولنىڭ ئىگىسى بۇۋىمىزدىن « - ئابايام ۋارقاغانلار ئىچىدە سىزمۇ بارغۇ دەيمەن ؟ » دەپ سوراپتۇ ، بۇۋىمىز ئەمدى تاياق يەيدىغان بولدۇم ، دەپ ئويلاپ نىمە دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ ، قولنىڭ ئىگىسى بۇۋىمىزغا « - سىزنىڭ كۆزىڭىز ئەما ئىكەن ، باشقا بالىلاردەك قاچالمايسىز ، بۇنداق ئىشلارنى بۇنىڭدىن كېيىن قىلماڭ ، بولمىسا ھەر ۋاقىت تۇتۇلدىغىنى سىز بولۇپ ، بىكاردىن – بىكار كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىۋالىسىز ، دەپ بىر مۇنچە تەنبىھ بىرىپتۇ ۋە تونۇشلۇق بىرىپ – مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇرېھىم ( قەبرىسى نۇرلارغا تولسۇن) ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئاغىنىلەردىن بولۇپ ئۆتەيلى ، دەپتۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇۋىمىز ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ ، ئۆتكۈر ئەپەندى شۇ چاغلاردا بۇۋىمىزنىڭ ئەمالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇۋىمىزغا نۇرغۇنلىغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بىرىپ بۇۋىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپتىكەن . بۇ گەرچە كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن پەزىلەتلىك ، باشقىلاردىن خاتالىق ئۆتسىمۇ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدىغان بىر زات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ . مەنبە : ئەسلىمەم . |