(بۇ يازما ياۋروپا ئېتتپاقى بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيتى شنجاڭ تارماق گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان شنجاڭ ‹‹ئۆسمۈر خوجايىنلار كۇلۇبى››نىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرىسگە يتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھس قىلغانلىرىمدۇر) سۆيۈملۈك سەبى ئوماق پەرزەنىتلىرىمىز- ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى ،مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ داۋامى، مەدەنىيتىمىزنىڭ ۋارسلىرى كەلگۈسىمىزنىڭ ئىگىلىرىدۇر. ھاياتلىقتىكى مۇۋەپپەقىيەت-ئەلۋەتتە بالىلىق دەۋردىكى تۇرمۇش ۋە مائارىپ سۈپىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك. نۇرغۇن پەرزەنىتلىمىز ئاتا-ئانىلىرى ۋە جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ياخشى ئۆسۈپ يىتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولسىمۇ،يەنە نۇرغۇن بالىلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەرخىل كىرزىسلار ئىچىدە ياشاپ كەلمەكتە.بۇلارنى بىلىش ۋە بىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئېقتىدارىمىز دائىرسدە چارە ئىزدەش –ئەقەللى ئادىمىيلىك ۋە ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىز. ئەلۋەتتە بۇ كىرزىسلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مۇناسۋەتلىك جەمىيەتلەر تەرىپىدىن تولۇق ئستاستىكا قىلىش ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى ،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. 1-ئىلىپ قېچىش،جىنايەتكە مەجبۇرلىنىش كىرزىسى سەبى،بىگۇناھ كىچىكلىرىمىز-رەھىمسز ،قەبىھلەر تەرىپىدىن ئالدىنپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرى ئىلىپ بىرىلىپ،ئوغرىلىققا ،زەھەرلىك چىكىملىك سودىسىغا سېلىنماقتا.ئۇلار ئاتا-ئانىسىدىن،بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن،ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن ئايرىلماقتا. 2-داۋالىنىش كىرزىسى تۇغما كېسەللىكلەر،ئىغىر يارىلىنىشلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇن بالىلار داۋالىنىشقا مۇھتاج،ئاتا-ئانىلارنىڭ نامراتلىقى ،داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېتىۋار سياسەتلىرىنىڭ يتەرلىك ئومۇملاشماسلىقى سەۋەپلىك نۇرغۇن بالىلار ھاياتىدىن ئايرىلماقتا ياكى ئۆمۈرلۈك ميپىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. 3-تاشلىۋىتىلىش ۋە يېتىملىك خەۋىپى: پەقەت ھسياتقا تايانغان ئەمما قانۇنى رەسمىيەت تولۇقسز ھالدا دۇنياغا كەلگەن نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلماي تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان .ئۇلارنى پەقەت ئويناشنىلا بىلىدىغان، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان رەھىمسز ياشلار ئالدۇرۋەتكەن.بەزىلىرى تۇغۇلغاندىن كىين مەسئۇلىيەتسز ئاتا-ئانىلار ئىگە بولۇشتىن قورقۇپ،ئۇلارنى سالاھىيتى يوق قارا نوپۇسقا ئايلاندۇرغان.بۇ يېتىملارنىڭ كەلگۈسى نامەلۇم. 4- غورۇر ،قەدىر-قىممەت كىرزىسى: بىر قسم ئاتا-ئانىلار ۋە جەمىيەت ئەزالىرىدا بالىلارنى چۇشىنىش يتەرسز ،تەربىيلەش ئۇسۇلى توغرا بولمىغانلىقتىن ۋاقىراش،تىللاش،تەنقىد قىلىش،كەمستىش ،سىلىشتۇرۇپ ھاقارەت قىلىش، ئۇرۇش ئەھۋالى مەۋجۇت.بۇخىل بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئشەنچى ۋە غورۇرىغا قىلىنغان ھاقارەت ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە ياكى جەمىيەتكە بولغان ئشەنچىنى يوقىتىۋىتىدۇ. 5-نامراتلىق كىرزىسى: بالىلار ئۆزىنىڭ كىمنىڭ بالىسى بولۇشنى بەلگىلىيەلمەيدۇ،نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ياخشى تاماق،ياخشى كىيم،ياخشى ئۆي،ياخشى ئويۇنچۇق،ياخشى مائارىپ،ياخشى دورا دىن بەھرىمەن بولۇشى نسبىتى تۆۋەن بولۇۋاتقان بالىلىرىمىز ھىلىھەم كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇلار نۇقتىلىق ھالدا ئوزۇقلۇق ۋە مائارىپ ياردىمىگە مۇھتاج. 6-بالىلىق ئەركىنلىكى تارتىۋىلىنىش كىرزىسى بالىلارنىڭ بالىلارغا خاس قىزىزىقىشى،ئويۇنلىرى،بىخارامان قىلىقلىرى، خاس تەپەككۇرى بولىدۇ،ئۇلار سورىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئىرىشەلمەسلىك-ئۇلارنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا قىلىنغان تارتىۋىلىش بولىدۇ.ئۇلارغا باشقا بالىلار بىلەن ئوينايدىغان مۇھىت،پۇرسەت ۋە ئويۇنچۇقلارنى ھازىرلاپ بەرمەسلىك-ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى بىر توسالغۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئەركىن تەسەۋۇرى ۋە ساغلام تۇيغۇسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى ئۆز يولىدا مۇۋاپىق يتەكلەش زۆرۈر 7-ئاتا-ئانىلارنىڭ مىھرى-مۇھەببىيتى يتەرلىك بولماسلىق كىرزىسى بالىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئوزۇق ۋە مائارىپ-مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەمرا بولۇشىدۇر.نۆۋەتتە ياش ئاتا-ئانىلار خىزمەت،زىياپەت ،كۆڭۈل ئىچىش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن بالىلارغا كۆپ ھەمرا بولمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.بۇ بالىلارنىڭ بالىلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن زىيانلىق،بۇ بالىلاردا شەپقەتسز ۋە شەخسيەتچى خاراكېتر پەيدا قىلىدۇ. 8-بالىلارنى ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ جەھەتتىكى كىرزىسلار 1-بالىلارنى ئوقۇتماسلىق مەسىلىسى:بەزى ئاتا-ئانىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن بالىلارنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان پوزىتسيەسى سەۋەبلىك، مەكتەپكە بەرمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.مەيلى نىمە بولسۇن،بالىلار مەجبۇرى مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىدىن ئايرىلماسلىقى كىرەك. 2-مائارىپ تىلى ۋە مائارىپ متودى مەسىلىسى-بالىلار ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئۇسۇلدا، ئۆزلۈك مائارىپى يىتەرسز ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ چۈشىنىش،ھەزىم قىلىش دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بىلىملەرنى مەجبۇرى سىڭدۇرۇش مائارىپشۇناسلىق ئىلمى تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئەمەس. بالىلار ئۆز تىل-يېزىقى ،ئۆز مەدەنىيتى ئاساسىدا تەربىيلەنسە،ئەقلى قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئۆتكۈر،ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. 3- مىھرى-مۇھەببەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىك تەربىيسنىڭ يتەرسزلىكى-بالىلار قۇتۇپلاشقان ئىدىيە ۋە لىنىيە بىلەن تەربىيلىنىش،ئاسانلا باشقىلارنى ئۆزىگە دۈشمەن دەپ قاراش، نامرات بالىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق،ئاتا-ئانسنىڭ ئىجتىمائى ئورنىغا قاراپ دوست-دۈشمەن تېپىش ، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان كىشلەر،مەدەنىيەت ئەھلى،باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىك قىلىشتەك خاتا تەربىيە ئۇسۇلى مەۋجۇت. باشقىلارغا ياردەم قىلمايدىغان،شەخسيەتچى،رەھىمسز بالىلار نىمە ئۈچۈن كۆپىيدۇ؟بۇنىڭغا ساغلام مائارىپ جاۋاپ تاپىدۇ. 4-ئېقتىدار تەربىيسى يتەرسز:مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۇرۇش ئىقتىدارى تەربىيسى،ھەمكارلىشش تەربىيسى،سەمىمىيەت ۋە ئەپۇچانلىق تەربىيسى،تەقلىد قىلىش ۋە ئىجات قىلىش كۇچىنى يىتلدۇرۇش،ئەركىن تەسەۋۋۇرغا يتەكلەش–بالىلار مائارىپىدىكى مۇھىم نۇقتىلاردۇر. بالىلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپ چىچەن،شوخ،ئىجادى تۇيغۇلارغا باي ۋە يېڭىلىققا ھىرىسمەن .ئەمما ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپ،ئۇلار مۇھتاج بولۇۋاتقان شارائىت يوق،ئازرۇ بىلەن رىئاللىقنىڭ تەتۇر تاناسىپلىقى بالىلار ئۈچۈن بىر ئاپەت بولماقتا.بۇ كەلگۈسىمىزگە مەسئۇلىيەت بىلەن قارايدىغانلار ئۈچۈن بىر سىگنال.باشقىلارنىڭ بالىلىرى بىزنىڭمۇ بالىمىز!بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش-مەۋجۇتلۇقىمىز،ھاياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر!
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى (جۈمە) |