قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3627|ئىنكاس: 36

كۈندەش ئايالنىڭ ئاخىرقى پۇشايمىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

203

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29403
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-1 22:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بىرقانچە دوسلىرىم بىلەن دەريا بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق.سۇئۈزۈش،بەسلىشىش بىلەن كەيپىياتىمىز ناھايىتى قىزغىن ئىدى.تۇيۇقسىزئارىمىزدىكى بىردوستىمىز بايلىق!بايلىق!ئۈزەم تاپتىم،ھېچكىمنى شىرىك قىلمايمەن،دەپ ھاياجانلىق توۋلاپ  كەتتى.دەرھال ھەممىمىز ئۇتەرەپكە ئوقتەك ئېتىلدۇق.راسلا ئۇ بىر بولاقنى مەيدىسىگە تۇتۇۋالغان ئىدى.بەزىلەر بېرىپلا تارتىشقا ،ھەممىمىز تەڭ كەلگەن ،تەڭ بۆلۈشىمىز دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى.راستىنى دىسەم مىنىڭمۇ ھەسەتخورلۇقۇم تۇتقان ئىدى. ئاخىرى ئۇ بولاق ئېچىلىپ  تەڭ تەقسىملىنىش ، ئۇ دوستىمىزغا بىر كىشىلىك ئارتۇق بىرىلىش قارار قىلىندى.ئەمما ئۇ بولاقنىڭ ھەسرەت بىلەن تولغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟بولاق ئېچىلىشى بىلەنلا ھەممىمىز يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بۇشۇشۇپ كەتتۇق.ئەمما ھەرھالدا ئۇبولاق قۇرۇق ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ ئىچىدىن چىققىنى بىرنەچچە پارچە خەت-چەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن بەزى دوسلىرىمىز بېشىنى قاشلىغىنىچە تارقىلىپ كىتىشتى.  ئەمما مەن ئىككى دوستۇم بىلەن قېلىپ بۇخەتلەرگە نىمىلەر يېزىلغانلىغىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇق.ئۇ بىرئايالنىڭ ئۆلىۋېلىش ئالدىدا يازغان  ھەسرەت خاتىرىسى ئىدى.خەت لىپاپىسى ئۈستىگە مۇنداق يېزىغلىق تۇراتتى.
     مەن بۇگۈن دەل 50ياشقاكىردىم.مەن ئاخىرىقى ئۆمرۈمنى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم.ئەمدى مىنىڭ چىدىغۇچىلىغىم قالمىدى.خەيرى-خوش ئازاپلىق دۈنيا!ئچىدىكى ۋاراقچىلارغا يېزىلغىنى:مەن بەك شور پىشانە ئىكەنمەن،تۇلىمۇ دوت ئىكەنمەن.مەن بەختىمنى ئۈزەم ۋەيران قىلغان بىر تەلەيسىز ئىنسانمەن.ئەسلى مىنىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك بىر ئائىلەم بارئىكەندۇق.مەن ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئائىلەمنى قەدىرلىسەم  ،باللىرىمنىڭ بەختىگە ئولتۇرمىسام بۇپتىكەن.يولدۇشۇم مىنى قەدىرلەپ،ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،شۇنداق مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەممىنى تەل قىلىپ  بەرگەندىكىن،بارلىق دۇشمەن ۋە يامانلىقلاردىن قوغداپ ئىسسىق ئائىلىدە ساقلىغاندىكىن رەھمەت ئيتسام بۇپتىكەن.شۇكرى دەپ ئىبادىتىمنى قىلىپ باللىرىمنى ياخشى بېقىپ ،تەربىيەلەپ تۆھپىكار ،ھۆرمەتلىك  ،ئىسل بەخىتلىك ئاياللاردىن بۇلۇپ ئۆتكەن بولسام نىمە دىگەن ياخشى ھە!.مەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىنى قۇبۇل قىلماي،كۇندەشلىكىم تۇتسا سەن بۇزۇلدۇڭ،سەن خۇتۇن ئالدىڭ، مىنى ياخشى كۆرمەيسەن  دەپ جىدەللەشمىگەن، كۆڭلىنى چەگمىگەن بولسام ياخشى بۇپتىكەن.

    مەن پىكرىمدە چىڭ تۇرسام ئۇ نىيىتىدىن يانىدۇ دەپ خاتا ئويلاپ قاپتىمەن.ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقانسىرىم ئۇنى شۇنچە  يۇقۇتۇپ قويدۇم.ئەسلى مەن قانچە بەدەل تۆلىسەممۇ ، ھەرقانداق نەرسىدىن كەچسەممۇ  يولدۇشۇمنى يۇقۇتۇپ قويماسلىقىم كىرەك ئىكەن.پىكرىگە ھۆرمەت،بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىپ ياخشى تۇرمۇشىمىزنى ساقلاپ قالغان بولسام كۆپ ياخشى بۇلاتتىكەن.ئۇ ماڭا (سەن خاتىرجەم بول ،مەن سىنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، ھېچكىمنى ساڭا تەڭ قىلمايمەن،مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئارلاشما،قەلبىمدىكى ئوبرازىڭغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزۈپ سالما.بالىلارنىڭ كاللىسنى چاچمايلى،قەلبىنى جاراھەتلەندۇرمەيلى،چاندۇرماي ئۇتۇپ كىتەيلى.،ھەممە ئشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ،ماڭا ئىشەنگىن بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلىسە)دەپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىسام بۇپتىكەن.مەن ئۇ تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە ‹‹چىراغ تۇۋى قاراڭغۇ دىگەندەك›› ھەرگىز يەتمەپتىمەن.ئارىمىزدىكى جىدەل كۇنسىرى يامانلىشىپ باردى.ھەتتا باللىرىمىز ئۇرۇشماڭلا ئۇتۇنۇپ قالايلى.ئۇرۇشماڭلاردەپ پۇت-قوللۇرىمىزغا ئېسىلۋالسىمۇ پەرۋا قىلماپتىكەنمەن.جىدەل كۈپەيگەنسىرى ئارىمىز شۇنچە يىراقلىشىپ كەتتى.ئاخىرى مەنمۇ ئەركىشى دىگەن بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كىتەرمىدى ،مەن دىگەن ياش ،چىرايلىق تۇرسام.بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئەرلەر،يىگىتلەر كۆپقۇ دەپ ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتۇق.بالىلارنىمۇ ئارىشتۇق.ئەمما ئاجراشقاندىن كىيىن مىنى ئەرزىتمىدىمۇ ياكى باللىرىمدىن ئەنسىردىمۇ مەن ئويلىغان ئۇنداق نوچى ئەرلەرنىڭ قارىسىمۇ كۇرەنمەيتتى.ئاخىرى باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر نەچچەقېتىم ياتلىق بولغان بولساممۇ تۇنجى يولدۇشۇمدەك ئسىل،باللىرىمنىڭ ئۆزدادىسىدەك مىھرىبان ئادەمنى قەتئي ئۇچرىتالمىدىم.ئۇ ئەرلەرنىڭ بىرسى بېخىل بولسا بىرسى تاياقچى ،بىرسى ھاراقكەش بولسا يەنە بىرسى دەييۈز بۇلۇپ چىقتى.ئۈزەم شۇنداق خورلىنىشقا رازى بۇلۇپ باللىرىمنى سىغدۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ئاخىرى  ھېچكىم -ھېچكىمگە ياخشى بۇلالماي مەن تۇل باللىرىم يىتىم قالدى. مەن باللىرىمغا يۈز كىلەلمەيمەن.مەن ھېچكىمگە يۈز كىلەلمەيمەن.شۇ بۇرۇنقى يولدۇشۇمنىڭ دۇئاسى تۇتتىمۇ ياكى شۇ تۇرمۇشۇمنىڭ قەدرى ئۈتەلدىمۇ.مىنىڭ كۇنسىرى ھالىم خارابلاشتى.تىنىم ئاجىزلاشتى.كىسەللەر چىرمىۋالدى.ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان ،تەسەللى بىرىدىغان دوسلىرىممۇ يىراقلاشتى.ماڭا بۇلۇشۇپ بىرىدىغان دوسلىرىم پىشاڭ سېلىشتىن باشقىغا ئەزقاتمىدى.پىشاڭ سالغانسىرى دەردىم شۇنچە ئېشىپ باردى.ئاخىرى بۇدەرت -ئەلەملەردىن بۇرۇنراق قۇتۇلاي دىگەن قارارغا كەلدىم.مىنى كەچۈرۈڭلار!

0

تېما

1

دوست

857

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2239
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 18:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بوپتۇ بۇياقتىكى ئازاپتىن قۇتۇلۇپ ئۇياكتىكى ئازاپقا تۇتۇلماقچى بولسا ئۆلىۋالسۇن ..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1216

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 18:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي

0

تېما

3

دوست

2083

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21573
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 19:18:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن دەپ،ياشلىقىدا چىرايىغا بەدىنىگە ياشلىقىغا،ئەرلەرنىڭ پۇل مىلىغا ئىشەنگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي

0

تېما

1

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27409
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 19:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە  ئىش   بولسىمو  ئۆلىۋىلىشنى  قوللىمايمەن

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3251
توردىكى ۋاقتى: 835
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 20:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار ھەر قانچە بولسىمۇ 2 قىتىم نىكاھلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك.  

2

تېما

4

دوست

128

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29388
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 21:03:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ماڭا (سەن خاتىرجەم بول ،مەن سىنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، ھېچكىمنى ساڭا تەڭ قىلمايمەن،مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئارلاشما،قەلبىمدىكى ئوبرازىڭغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزۈپ سالما.بالىلارنىڭ كاللىسنى چاچمايلى،قەلبىنى جاراھەتلەندۇرمەيلى،چاندۇرماي ئۇتۇپ كىتەيلى.،ھەممە ئشلار ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ،ماڭا ئىشەنگىن بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلىسە)دەپ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىسام بۇپتىكەن.
نىكاھلاپ ئالغان خوتۇندۇ؟نىمداق مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما دەيدۇ؟بۇ ئاداش خوتۇن ئالدىمۇ ياكى بالا تۇغۇپ ئۆي ئىشى قىلىدىغان ئائىلە خىزمەتچىسى ئالدىمۇ؟توۋا،ھە...

0

تېما

0

دوست

144

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29098
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 22:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 20:26
خاتالاشتىڭىز،،بەزى چاغلاردا ئۈلىۋېلىش ئەڭ ياخشى تال ...

خاتالاشقىنى  سىز  ،  سىز  قايسى  دىنغا  ئتقات  قىلىسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )