- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12325
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار :
شىنجاڭ ئابىدە بىئو - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن باغداش ئېلىكتىرون پەن تېخنىكا شىركىتى بىرلىكتە پىلانلاپ ھەقسىز تارقاتقان باغداش تورى ئەپ دېتالى ئىشلىنىپ رەسمىي تارقىتىلغان 72 سائەت ئىچىدە 5000 غا يېققىن قېتىم چۈشۈرۈلۈپ ئىشلىتىلدى . چۈشۈرگىچىلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە شۇنداقلا تورداشلار ھەرخىل ئۇسۇلاللار بىلەن ياخشى باھالارنى بەرمەكتە .
چۈشەنچە: ئەپ دېتالى بولسا (ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى APP ) يانفۇن قاتارلىق كۆچمە ئالاقە قوراللىرىغا بىۋاستە قاچىلاپ پايدىلىنىدىغان قوللىنىشچان دېتال بولۇپ ، ھازىر كۆپچىلىك ئىشلىتىۋاتقان ئۈندىدارمۇ بىر خىل ئەپ دېتالى ، دىيارىمىزدا نۇرتورى ، ئوكيان تورى قاتارلىق ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئەپ دېتاللىرى بار . باغداش تورى كىشىلەرنىڭ تورنى تېخىمۇ قولايلىق ۋە ھەرۋاقىت خالىغان يەردە زىيارەت قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ئەپ دېتالنى ئىشلەپ تارقاتقان . سىز باغداش ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا يانفۇن ئارقىلىق باغداشتىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى ، مۇنبەردىكى مۇنازىرىلەرنى بىمالال كۆرەلەيسىز .
بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈشتە قىينالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ،بىر قىسىم تورداشلارغا ئۈندىداردا ، تېلفۇندا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئەپنى چۈشۈرىشىگە ياردەملەشتۇق . تۆۋەندە تورداشلارغا ئەپ دېتالى ۋە ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈشنى قىسقىچە رەسىملىك چۈشەندۈرىمىز !
1.ئالما تېلفۇنلىرىغا باغداش ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش :
ئالما تېلفۇنلىرىغا ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈشتە بىۋاستە ئالما ئەپ بازىرىدىن چۈشىرىمىز ، ئالما تېلفۇنلىرىدا (APP store) ئالما ئەپ بازىرى بار : ئالما ئەپ بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن ئىزدەش رايونىغا ئىزدەش سۆزىنى كىرگۈزىمىز يەنى bagdax دەپ كىرگۈزگەندىن كېيىن باغداش ئەپ دېتالىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ،ئارقىدىن چۈشۈرۈشنى باسىمىز ، چۈشۈرۈشنى باسقاندىن كېيىن سىزدىن ID نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر سورايدۇ ، ئەگەر سىزدە ID نومۇرى بولسا شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،
ئەگەر ID نومۇرى يوق تورداشلار باشقىلارنىڭىنى ئىشلەتسە ياكى بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسسا بولىدۇ . يوقىرىقى چۈشۈرۈش جەريانى تۆۋەنكى رەسىمدە سۈرەتلىك چۈشەندۈرىلدى :
2. ئاندىرود تېلفۇنلىرىغا ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش :
ئاندىرود تېلفۇنلىرىدا تور كۆرگۈچنى ئاچىمىز ، تور كۆرگۈچنىڭ ئادىرىس كىرگۈزۈش ئورنىغا :http://app.bagdax.cn بۇ ئادىرىسنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ ، ئېچىلغان بەتتە ئاندىدود تېلفۇنلىرىغا چۈشۈرۈش يەنە تېلفۇنغا چۈشۈرۈش دىگەن كۇنۇپكا بار بولۇپ مۇشۇ كۇنۇپكا ئارقىلىق چۈشۈرۈشكە بولىدۇ .
تورداشلارنىڭ يوقىرىقى ئۇسۇللار بويىچە چۈشىرىۋېلىشىنى سورايمىز :
مەسلىھەت سورىماقچى ياكى تەكلىپ -پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەنكى ئالاقىلىشىش نومۇرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىڭ :
ئۈندىدار : 137183568 چ چ : 137183568 ، 893125702 ،تېلىفۇن : 0991-5155117 يانفۇن : 13999846529 ، 14799325290
|
|