- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2544
- نادىر
- 0
- يازما
- 189
ئۆسۈش
18.13%
|
مىنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىممۇ 4كۈندىن كىيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بىرىدۇ...
مىنىڭچە يۇقىرىدىكى تورداشلار بەكلا ياخشى مەسلىھەت بىرىپتۇ،بولۇپمۇ ‹بۆرە بالىسى›نىڭ مەسلىھەتى بەكلا يارىدى...
مەن بىر ماتىماتىكىچى...شۇڭا ماتىماتىكا ئىمتاھانى بىرىشتىكى تەجرىبىنى سىزگە قىسقىچە تونۇشتۇراي،پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس..
تاللاش سۇئالىدا :مىنىڭچە ياخشى ئۆگەنگەن بولسىڭىزلا ئالدىنقى 8 نى ھەتتا 10نى ناھايىتى تېزلا ئىشلەپ بولالايسىز.لىكىن تېز ئىشلەيمەن دەپ ئەستايىدىل بولمىسىڭىز بولمايدۇ.مەسىلەن:كومپىلىكىس سان توغرۇلۇق تاللاش سۇئالىدا تەلەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ،(بولۇپمۇ قوشما كومپىلىكىس سانىغا ئائىت سۇئاللاردا)...
ئۇندىن باشقائالگورىزىم سۇئالىدىمۇ ئەستايىدىل بولماي(يەنى ماس قىممەتلەرنىڭ پاراللىل يېزىلىشىغا ئەھمىيەت بەرمەي،چۇۋالچاق يېزىپ جاۋابىنى خاتا تاللاپ قويۇش)...
ئاندىن يەنە سىتىرومىتىيەدىكى تەكشىلىك نەزىرىيەلىرى سۇئاللىرىدا ،سىنىپ ئىچىنى پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىشتا ئەستايىدىل بولۇڭ...نۇرغۇن ياخشى ئوقۇغۇچىللىرىمىز ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئەڭ ئاددى ھىساپلىنىدىغان مۇشۇنداق سۇئالدىمۇ نۇمۇر كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋال بار...
مىنىڭچە 11-12 سۇئالنى تېز سۈرئەتتە ئىشلەپ بولۇشقا كۆزىڭىز يەتمىسە تاشلاپ قۇيۇپ تۇرۇڭ..
بوش ئورۇن سۇئاللىرىدا مىنىڭچە (يەنىلا دەيدىغىنىم ياخشى ئۆگەنگەن بولسىڭىز)13-14-15-سۇئالنى ئاساسەن ئىشلىيەلەيسىز...16-سۇئالدىمۇ ئىشەنچىڭىز بولمىسا يېشىش سۇئالىغا ئۆتۈڭ...
بۇ جەرياننى كۆپ بولغاندا 45-50 مىنۇتتا ئىشلەپ بولۇشقا تىرىشىڭ.
يېشىش سۇئاللىرى مىنىڭچە نۇمۇر ئېلىشتىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سورۇن.بولۇپمۇ17-18-19- سۇئاللاردا سىز مىخانىكىلىق مەشىقنى كۈچەيتكەن بولسىڭىزلا نۇمۇر ئېلىشىڭىزدا گەپ يوق...بۇ سۇئاللاردا يەنىلا ئوقۇغۇچىلاردىكى ئاجىزلىق سىتاتىستىكىغا مۇناسىۋەتلىك سۇئاللاردا بېرىلىشىنى ئۇزۇن دەپ ئەستايىدىل ئوقۇماسلىق.ئەستايىدىل ئوقۇمايلا بىرىنجى تەلىپىدىكى ئەڭ ئەڭ ئاددى
(باشلانغۇچنىڭ باللىرىمۇ ئىشلىيەلىگىدەك دەرىجىدىكى ئاددى)سۇئالنى خاتا ئىشلەپ قۇيىشى مۈمكىن...ئىككىنجى تەلەپتە تەقسىمات كۆپرەك كۈرۈلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭدىمۇ ئەستايىدىل بولماسلىق، ھۇرۇنلۇق ،خوش ياقماسلىق سەۋەبىدىن ئەمەلىيەتتە ئىشلىيەلەيدىغان سۇئالغا كۈچىمەسلىك مەۋجۇت...
مىنىڭچە20-21-سۇئالنىڭ بىرىنجى تارمىقىدا ياخشىراق تەھلىل قىلسىڭىزلا ئۇنىمۇ ناھايىتى تېزلا ئىشلەپ بولالايسىز.ئىككىنجى تارمىقى (بەزىدە3-تارمىقى )نى مىنىڭچە تاشلاپ قۇيۇپ تۇرۇپ ،ئاخىرىدىكى 22-23-24 تىن بىرنى تاللاشنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ،ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىۋىلىڭ(ئامال بار 10 نۇمۇرنى تۇلۇق ئېلىشقا تىرىشىڭ)...مىنىڭچە مۇشۇ بىرنى تاللايدىغان ئاخىرقى سۇئالدا ئوقۇغۇچىلارغا بىرىنجى تارمىقى ئاسان بىلىنىدۇ،لىكىن ئىككىنجى تارماققا كۈچىمەسلىك ئەھۋالى بار،سىز مۇشۇ 3كۈن ئىچىدە مۇشۇ يەرنى پۇختىلاڭ...
بۇ جەرياننى ئامال بار 45-50 مىنۇتتا تۈگىتىڭ.قالغان20-30 مىنۇت ۋاختىڭىزدا ئالدى بىلەن چوڭ سۇئالدىكى قېلىپ قالغان ئىككىنجى تارماقلارنى ئۆزىڭىز ئىشلىيەلىگۈدەك يەرگىچە بار تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەڭ(5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ۋاقىتنى ئىشلىتىڭ)
ئاندىن تاللاش ۋە بوش ئورۇندىكى قېلىپ قالغان سۇئالنى ئىشلەڭ...
نۇمۇر ئېلىشتا بىز ئەڭ بىخىل ئادەمنىڭ رولىنى ئوينىشىمىز،يەنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشىپ-تىرمىشىپ،ئىشلىيەلىگىدەك يەرنىڭ ھەممىنى قەغەزگە يېزىپ(بۇنداق دىسەم ئاساسسىز ،قالايمىقان نەرسە يازماڭ)نۇمۇرنى تىرىپ-قىدىرىپ ،تاتىلاپ يۈرۈپ ئالىمىز...
مىنىڭچە ھەر بىر سۇئالنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆز ۋاختىدىلا تەكشۈرۈپ مېڭىڭ .كىيىن تەكشۈرىمەن دىگىنىڭىزگە چەكلىك ۋاقىت يار بەرمەيدۇ.ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىكى ئەڭ ئېغىر بېسىمنىڭ بىرى ۋاقىتنىڭ ئازلىقى...لىكىن سىز ھەدىسىلا ۋاقىت توشۇپ كىتەرمۇ دەپ تەمكىنلىكىڭىزنى يوقاتماي،سالماقلىق بىلەن ئىشلەڭ...
ۇقىرىدىكى تورداشلارمۇ دەپتۇ،جىددىيلەشسىڭىزلا بىلىدىغان نەرسىڭىزنى ئۇنتىيسىز،شۇڭا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ،ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ.ئاللاھتىن ياردەم تىلەڭ،بۇ ۋاقىتتىكى بىردىنبىر ياردەمچىڭىز ئاللاھ،ئۇ سىزگە مەدەت بىرىدۇ...
مىنىڭچىمۇ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتقىچە مۇزاكىرىنى بوشاشتۇرماڭ.مۇشۇ بىر قانچە كۈننى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل سۇئال ئىشلەڭ.جەڭگىۋارلىقىڭىزنى بىرمىنۇت يوقىتىدىكەنسىز بىر سائەت ئارقىغا چېكىنىسىز،بىر ھەپتە يوقىتىدىكەنسىز بىر ئاي چېكىنىسىز...ھەر ۋاقىت جەڭگىۋار تۇرۇڭ.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆزى بىر جەڭ...
|
|