- تىزىملاتقان
- 2014-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 296
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
98.67%
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىنىم، مىنىڭچە ئىمتىھان ئالدىدا ياكى ئىمتىھاندىن چىققاندا بولسۇن ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇڭ. ھەرگىزمۇ مەن جاۋاپ بىرەلمەيدىغان سۇئاللار چىقسا قانداق قىلارمەن دەپ ئارتۇقچە دىلغۇل بولماڭ. لېكىن سەل جىددىيلەشمەيمۇ بولمايدۇ، شۇڭا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، بەت يۈزى رەتلىك بولسۇن. تەبئىي پەنلەرگە جاۋاپ يازغاندا فورمۇلا ئۆلچەملىك، قەدەم باسقۇچلار ئېنىق ئايرىلغان بولسۇن، ئىجتىمائىي پەنلەرگە جاۋاپ يازغاندا پىكىرىڭىز ئۆتكۈر، ئىملا توغرا بولسۇن، مىساللارنى دەل جايىدا كەلتۈرۈپ، ئىنتىھان سۇئالى نېمە مەقسەتتە مۇشۇنداق سورالدى، مەن نېمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن دېگەنلەرنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىپ ئاندىن جاۋابنى دەل جايىدا يېزىڭ، ئەلۋەتتە، ۋاقىت ئۆتكىلى ۋە نەق مەيداندىكى قابىلىيىتىڭىزنىڭ جارى قىلدۇرۇلىشى سىز ئۈچۈن يەنە بىر خىرىس دىيىشكە بولىدۇ، ئەگەر بۇ ئىككى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتالىسىڭىز بۇلار سىزگە ئارتۇقچىلىق يەنى پايدا ئېلىپ كىلىدۇ. ئىمتىھان جەريانىدا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، چۈنكى ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا سىز بەك توغرا ھەم ياخشى ھالەتتە جاۋاپ بىرەلمىگەن سۇئاللارغا ئىمتىھاندا ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ ياخىشى ھالەتتە جاۋاب بىرىشىڭىز مۇمكىن. يەنە بىرسى بۇ جەرياندا سىزدە ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك ھالىتى تولۇق بولسۇن، بىر ئىمتىھاننى ياخشى بىرەلمىدىم دەپ كېيىنكى ئىمتىھانغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغان پىسخىكىلىق يېڭىلىش بولۇپ قالمىسۇن، چوقۇم قىزغىنلىق بىلەن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا قەدەم بىسىڭ، مەن چوقۇم ھەممە سۇئاللارغا ياخىشى جاۋاب يازالايمەن دەپ كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇڭ. ئاخىرىدا ئەسكەتىدىغىنىم ئىمتىھانغا نەچچە كۈنلا قالدى، ئارام ئىلىش ياخشى بولسۇن، تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، ياخىشى روھىي ھالەتنى ئىمتىھان تۈگىگىچە، ئارزۇ توشقۇزغىچە، ھەر ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇڭ. نەچچە يىل ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئىشلىتىدىغان، ئۆزىڭىزنى بىر سىنايدىغان ۋاقىت كەلدى، ئامەت سىزگە يار بولسۇن، نۇرغۇن دوستلىرىڭىز، جاپاكەش ئاتا-ئانىلىرىڭىز، ئۇستازلىرىڭىز سىزنىڭ غەلبىسىرى ئالغا قاراپ ئىلگىرلىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ، تىرشىڭ! ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھاياتىڭىزدىكى يەنە بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. دادىل قەدەم بىسىڭ.
مۇنبەردىكى ئاكا-ھەدىلەر، ئىنى-سىڭىللارمۇ شۇنداق ياخشى پىكىرلەرنى تەۋسىيە قىپتۇ، چوڭلارمۇ، ئۇستازلىرىمىزمۇ بۇ گەپلەرنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىدۇ ئەلۋەتتە، لېكىن سىز بۇ خەتلىرىمىزنى كۆرگەندە بىر تەرەپتىن ئوقۇيسىز، بىر تەرەپتىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، مۇنداق قىلسام بولغۇندەك دەپ ئويلايسىز، كاللىڭىزغا ئورنايدۇ، بۇ خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ بىلىمىدەك ئىشقا ئايلىنىدۇ، ئىمتىھان مەزگىلىدىمۇ بىلىپ-بىلمەي مۇشۇ پىكىرلەر، ئەسكەرتمىلەر بويىچە قىلىسىز، بۇ چاغدا سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز تېخىمۇ ياخشى جارى بولىدۇ، دېگەن گەپ. گەرچە مەن كېينرەك خەت قايتۇرغان بولساممۇ، سىزگە زور مەدەتلەرنى تىلەۋاتىمەن. يولىڭىز ئاق يوللۇق بولسۇن، مەن قاتارلىق ئەتراپىڭىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىلەر سىلەرگە يار بولسۇن....غەيرەت قىلىڭلار... |
|