قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5751|ئىنكاس: 21

ماۋزېدۇڭ1949-يىلى 16-دېكابىر موسكۋا زىيارىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26822
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 340
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-2 20:39:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماۋزېدۇڭ1949-يىلى 16-دېكابىر موسكۋاغا زىيارەتكەبارغاندا ئاچچىقىدا ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالدى. چۈنكى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنى سوتسىيا لىزىم يولىغا باشلىغان داھىي ئورنىدا ئەمەس، بەلكى خۇددىي تارىخشۇناس ئادام ئۇلەت ئېيىتقاندەك: بۇلغارىيە رەھبەرلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتەك قىلاتتى .                  
    ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا گەپنى يەنىلا جۇڭگوئىچكى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ستالىن بىلەن ماۋزېدوڭ ئىزچىل بىر-بىرىگە ئىشەنمەيتتى ۋە گۇمانلىناتتى. بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى بۇ ئىككەيلەن ئۆزلىرىنى كوممۇنىزمچى،مىللەتپەرۋەر دەپ قارايتى. ئۇلار ئاندا-ساندا كوممۇنىزملىق قېرىنداشلىق ئۈستىدەئالاھىدە مۇلاھىزىلەرنى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنى، دۇنيا خەلقىنى قانداق ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈستىدە سۆزلەشسىمۇ، ئاستىرتتىن بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك نەزىرىدەقارىشاتتى. ماۋزېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىزچىل دەرىجىدىن تاشقىرى مۇتەسسىپ دۆلەت،ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارغىلا قىزىقىدۇ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالمىغان يۇشۇرۇن دوست دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ قارايتتى. 20-ئەسىرنىڭ20-يىللىردا، ماۋزىدۇڭ جياڭ جيېشى ئارمىيەسى بىلەن بولغان قارشىلشىشتا پايدىسىزئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلەرنىڭ جياڭ جىيېشىغا تېخىمۇيېقىنلىقىنى بىلگەن. كېيىن ج ك پ ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبىلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شەقىي شىمالنىڭ رەھبىرى گاۋگاڭنى قوللىغانلىقىدىن ماۋزېدۇڭ قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ دائىم ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ج ك پ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆپ قېتىم ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: ئۇلار ئىلتىماسىمىزغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى، دەيدۇ.ستالىن ماۋزېدۇڭنى كوممۇنىزمچى بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھەقىقىي كوممۇنىزمچى ئەمەس.چۈنكى ماۋزېدوڭنىڭ پىرولېتارىياتلار بىلەن بولغان ئالاقىسى كەمچىل، يەنە كېلىپ جۇڭگودا ئەسلىدىنلا ئىشچىلار سىنىپ ئاز، ئۇ خۇددى دېھقانغىلا ئوخشاپ كېتىدۇ دەپ قاراپ، ج ك پ غا ئىشەنمىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگوغاتۈزۈكرەك ياردەم بەرمىگەن، بۇ ئەھۋاللارنى ئامېرىكىلىقلار بەش قولدەك بىلىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا، يەنئەندە زىيارەتتە بولغان غەرىبلىكلەر، دىپلوماتلار، مۇخبىرلار، دېكىس ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ج ك پ غا ھەمكارلىشىۋاتقان ئستىراتېگىيىلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ھەربىي ئاخباراتچىلىرى ج ك پ ئەمەلدارلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە ياردەم قىلمىدى دەپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئاشكارەئاغرىنىۋاتقانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان(ج ك پ ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى دىكىس ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىغا چوڭقۇرتەسىر قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار گومىنداڭ ئارمىيەسىنى كۆزگە ،ئېلىپمۇ قويمىغان). ئاشۇنداق ئالاھىدە تارىخىي پەيىتتە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىر قېتىملىق تىنچلىق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدىمۇ؟ ئەگەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يەنەئازراق ئەقلىنى ئىشلەتكەن بولسا، جۇغراپىيەلىك سىياسى جەھەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، مۇقىم بولمىغان كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا تاكى ۋەزىيەت ياخشىلانغۇچە ئازراق بولسىمۇ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتى. ئەڭ كۈلكىلىك بولغىنى شۇكى، ئامېرىكا دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ: ج ك پ لاگىرى «پۇلات تاختا» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەلەرىشى كومپارتىيە لاگىرىنى تېخىمۇ«پۇلات تاختا»غائايلاندۇرۇپ قويغان. ئەگەر ئاشۇ ئۆتۈپ كەتكەن تارىخ ئۈچۈن ئابىدە تىكلەشكە توغراكەلسە: مەلۇم دەرىجىدىن ئالغاندا ستالىن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونى بوزەك قىلىپ ھالاك قىلماقچى بولدى، دەپ يېزىشقا بولىدۇ.        
      ماۋزېدۇڭنىڭ جۇڭگودا ھوقۇقنى قولغا ئېلىشقا يېقىنلاشقانسېرى سىتالىن بىلەن ماۋزىدۇڭ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسېرى جىددىلىشىشكەباشلىدى. سىتالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايلىقى، مەنپەئەتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئىسسىققان بەدەلىگە «ئاتالمىش كوممۇنىزم»چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ۋۇجۇتقاچىقىرىشنى ھەرگىز خالىمايتتى. ئۇ، ئارمىيە ئارقىلىق بويسۇندۇرۇلىدىغان نەرسىلەرگەئىشىنەتتى، ئەگەر بۇ نەرسىلەر قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇلسا، مەخپىي ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇنى قاتتىق تېزگىنلەيتتى. كۆز ئالدىدىكى بۇ بىپايان سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ شانلىق ۋە ئۆزگىچە تارىخىي بولغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈگۈچىلەر ئۇنىڭ ياردىمىسىزمۇ تەختكە چىققان، يەنە كېلىپ ئۇنىغا قىلچىمۇ تەشەككۇر ئېيتىش نىيىنتى يوق ئىدى. ستالىن مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغاندا روھىي چۈشۈپ كېتەتتى. شۇڭا بۇئىككەيلەن ھەقىقىي تىركىشىشتىن ئىلگىرى ماۋزېدوڭ ستالىننىڭ يۇشۇرۇن رەقىبى ئىدى.      
     سىتالىن ماۋزىدۇڭ بىلەن ئىزچىل مۇئەييەن ئارىلىق ساقلاپ كەلگەن. سىتالىن تۇنجى قېتىم ماۋزىدۇڭنى 1947-يىلى ئىيۇلدا سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە كېلىشكە تەكلىپ قىلغان. بۇ، ھەرگىزمۇ تاساددىبىلىق ئەمەس. ئەينى چاغدا جياڭ جيېشىنىڭ قوشۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكتىن، چەت ئەل جامائەتچىلىكى ماۋ زېدۇڭنى ھازىر تەس كۈندە قالدى، دەپ پەرەز قىلىشقان. شۇڭا ماۋ زېدۇڭ: سىتالىن شۈھبىسىزكى مېنى جياڭ جيېشىغا يول قويسۇن دەيدىكەن، دەپ قاراپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىشنى رەت قىلغان. 1947-يىلنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى ج ك پ غاپايدىلىق بولۇشىغا ئەگىشىپ، سىتالىننىڭ پوزىتسىيىسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ،ماۋزىدۇڭنى ئاشكارە قولىغان بولسىمۇ، ج ك پ غا يەنىلا ھېچقانداق ياردەم بەرمىگەن.سىتالىن 1948-يىلى يانۋارغا كەلگەندە، يوگۇسلاۋىيە كومپارتىيىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مىلوۋان جىلاسقا: ئىلگىرى ماۋزىدۇڭ بىلەن جاڭ جيېشىنى ياراشتۇرىمەن دەپ خاتا ئويلاپتىمەن، ئامرېكىلىقلار ياۋروپاغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا گىرېتسىيە كومپارتىيەسىنىڭ پارتلاش ئالىدا تۇرغان ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشىنى ھەرگىزخالىمايمەن، ئەمما ئاسىيا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرېكىلىقلار ھەربىي كۈچىنى ئاسىياغا ھەرگىزمۇ يۆتكىمەيدۇ، دېگەن. ماۋ زېدوڭ 1948-يىلى مايدا ئۆزىنىڭ غەلبەقىلىشىغا تۇلۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن، سىتالىنغا خەت يېزىپ موسكىۋاغا بېرىپ سىتالىن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.چۈنكى جاڭ جيېشى تەخىتتىن چۈشۈش ئالدىدا تۇرغاچقا، ماۋ زېدۇڭ ئامال قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا گۇرۇھىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. بىراق سىتالىن جاۋاپ خېتىدە: جۇڭگو ئىنقلابىي ئۇرۇشى ئەڭ ھالقىلىق پەيىتتە تۇرۇۋاتىدۇ، رەئىس ماۋزېدۇڭ ھەربىي قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ياخشىسى جەڭگاھتىن ئايرىلماڭ،دەپ يازىدۇ ھەم ئۇ تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق بىلەن: رەئىس ماۋزىدۇڭ ئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرىنى ياخشى ئويلىنىپ باقارسىز، دەپ تولۇقلاپ قويىدۇ. سىرگېي گانچاروۋ، جونلوئىس، شۆ لىتەيلەر بىرلشىپ يازغان:« ئېنىق بولمىغان ھەمراھلار- سىتالىن، ماۋزېدۇڭ ۋە چاۋشيەن ئۇرۇشى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: ماۋزېدۇڭ ئۈچۈن ئېيتقانداسىتالىننىڭ ماۋزېدۇڭغا ئەدەپ بىلەن يازغان جاۋاپ خېتى ماۋ زېدۇڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغابېرىشىنى رەت قىلغانلىقى ئىدى. ماۋ زېدۇڭ ج ك پ ھەربىي باش قوماندانى بولغاچقا، بۇۋاقىتتا موسكۋاغا بېرىشنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ستالىندىندىمۇ ئېنىق بىلەتتى. بۇ مەسلىدە ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قىلىشنى ئۆگىتىشىگە مۇھتاج ئەمەس ئىدى.ماۋزېدۇڭ 1948-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ستالىن ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەلىبىنى تۈرلۈك باھانە بىلەن رەتقىلغان. بىراق سىتالىن1949 -يىلى يانۋاردا، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنى مىكوياننى جوڭگوغامەخپىي زىيارەتكە ئەۋەتكەن. چۈنكى ستالىن ئاخىرقى ھالقىلىق پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ئارىغا زىددىيەت سېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. سىتالىن ماۋزېدۇڭغا چاڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرئەتنى ئاستىلتىشنى ئاگاھلاندۇرغاندىلاماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ قورقۇنچاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن.                                                
    ماۋزېدۇڭ شۇ ۋاقىتتا سىتالىننىڭ ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن. ئۇئىلگىرى چاقچاق قىلىپ(ئەگەر بۇ راست چاقچاق بولسىلا): مەن ستالىننىڭ ماڭائىشىنىش-ئىشەنمەسلىكىدىن پەرۋايىم پەلەك، مېنى يەنە ئوڭچىل ئاغمىچى دەپقارايدۇ،دېگەن. ئەمما ماۋزېدۇڭ يەنىلا سىتالىننىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇھتاج ئىدى،شۇنداقلا موسكۋادا مەلۇم دەرىجىدە ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ماۋزېدۇڭ1949-يىلى ئاپرېلدا، سىتالىننىڭ بېيجىڭدىكى شەخسىي ۋەكىلى گېنرال ئىۋان كوۋالېۋغائۆزىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىش ئىستىكى بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ قېتىم سىتالىن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىلتىماسىنى يەنە رەت قىلغان بولسىمۇ، موسكوۋانىڭ ئىنكاسىئىلگىرىكىدىن يۇمشاق بولغان، يەنى ماۋ زېدۇڭنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرىدەپ ئاشكارە ماختىغان.1949 -يىلى دېكابىردا، ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىش تەكلىپى تەستىقلانغان. بىراق بۇ قېتىم تەكلىپ قىلىشتامازېدۇڭنىڭ جوڭگودىكى غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بولماستىن (ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى) بەلكى سىتالىننىڭ 70ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش نامى بىلەن سىتالىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن كوممۇنىزم لاگىرىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان. ماۋزېدۇڭ بۇ پائالىيەتكە سوتسىيالىستىك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدىلا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.                                             
     بۇ يەردىكى مەسلە شۇكى، ماۋ زېدۇڭ ھەرگىزمۇ سوۋىت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئويلىغاندەك ئاددىي ئادەم ئەمەس ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغان ،ئۆزىنىڭ جوڭگولۇق ئىكەنلىكىنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان، مۇستەقىل پىكىرلىك كىشى ئىدى. ئۇ، مەن ئىنقلابقا رەھبەرلىك قىلىش ئارقىلىق مۇھتاجلارغائەمەس، بەلكى مۇھىم تارىخىي شەخسكە ئايلاندىم، دەپ قارايتتى. خۇددىي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا ماۋزېدۇڭنىڭ غەلبىسىمۇ مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنەتتى،ئەمما ئوخشاشلا غەلىبە موسكۋانى خۇددىي پۇتى كۆيگەن توخودەك قاتتىق بىئارام قىلىۋەتكەن ئىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ ئاخىرىقى غەلبىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمىسى ئارسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلارماۋزېدۇڭنىڭ يوگۇسلاۋىيە رەھبىرى تىتونىڭ سىياسى قارىشى ئوخشاش بولماسلىق ۋەمۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلىش سەۋەبلىك كوممۇنىزم چوڭ ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بەكمۇ بىلگىسى بار ئىدى.سوۋېت ئىتتىپاقىلىقلار ماۋزېدۇڭنى موسكۋا بىلەن ئۈزۈل كېسىل ئادا جۇدا بولغان تىتوقاتارلىقلارغا ئوخشاش بولۇپ قېلىشدىن ئەنسىرەيتتى. ئەمەلىيەتتە، موسكۋا ماۋزېدۇڭنى تىتوچە يۇشۇرۇن ئۇنسۇر، پۇرسەت پىشىپ يىتىلسىلا ئۇ ئەڭ چوڭ تىتوچى ئۇنسۇرغائايلىندۇ، دەپ قارايتتى. ماۋزېدۇڭ سىتالىنغا قانداق قارىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىرنۇقتىغا يەنى جۇڭگونىڭ مەلۇم جەھەتتىن خەلقئارانىڭ جىددىي ئېتىراپ قىلىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايتتى. شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى دەل جۇڭگونىڭ كۆڭلىدىكى بىردىن بىر نامزات ئىدى. 1949-يىلى2-ئۆكتەبىر،يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ ئەتىسى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ جۇڭگونىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ، سىتالىن يەنىلا جۇڭگوغا ھەرقانداق دوستلۇقلۇقىنى ئىپادىلەشنى خالىمىدى.      نۇرغۇن تارىخىي كۈچلەر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەقىقىي بىرلىشىشىنى توسۇپ تۇراتتى،بىراق سىتالىننىڭ مەنمەنچىلىكى، شۇنداقلا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىسلىسىزئورنى ئۇلارنىڭ بىرلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى. 1949-يىلغا كەلگەندە، سىتالىن«ئۇلۇغ ستالىن»دەل ئاتىلىپ، خەلق چوقۇنىدىغان شەخسكە ئايلاندى. ماۋزېدۇڭنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇش تەجىربىسى كەمچىل ئىدى. سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ شەخسكەچوقۇنۇش مەدەنىيىتىگە 20 يىل بولغان بولسىمۇ، ماۋزېدۇڭ خۇددىي ئاۋۋال چىققان مۈڭگۈدىن كېيىن چىققان قۇلاق ئېشىپتۇ دېگەندەك بۇ جەھەتتە سىتالىندىن تېزلا ئېشىپ كەتتى. ئۇدەسلەپتە شەخىسكە چوقۇنۇشقا گۇمانىي نەزەردە بولغان بولسىمۇ، شەخسنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىغان ھەقىقىي چىنلىقنى تېزلا تونۇپ يەتتى. نۇرغۇن رەھبەرلىكقىلغۇچىلارغا ئوخشاشلا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ئىنقىلابقىمۇپايدىلىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ،ئۇنىڭ جۇڭگودىكى بىردىنبىر رەھبەرئىكەنلىكىنىڭ كۈنسېرى ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغاقويىدىغان ئىدىيە شەكىللىنىشكە باشلغان. ئەمەلىيەت، ماۋزېدۇڭنىڭ مەلۇم جەھەتتە سىتالىنغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقنى ئىسپاتلىدى. ئۇ، ئەتراپىدىكى كىشلەردىن گۇمانلانغانسېرى، ئۇلارنى ماڭا ئاستىرتتىن قەسىت قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇ، ئەتراپىدىكى يۇشۇرۇن «دۈشمەن»لەرنى تازلاشقا باشلىدى. شەخسكە چۇقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، نامرات، جاپاكەش دېھقانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى . خۇددىي لاسكېر ئېيتقاندەك: ماۋزېدۇڭنىڭ چاڭجىياڭ دەرياسىدا سۇ ئۈزگەنلىكىدەك ئاددىي ئىشمۇ تارىخنىڭ بۇرۇرۇلۇش نوقتىسى، دەپ تەشۋىق قىلىنغان. لاسكېر مۇنداق يازغان:«ئۇ، ئەڭ ئۇلۇغ ماركسىزىمچى بولۇپلا قالماستىن، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنقىلاب تالانىت ئىگىسى. ئۇ ئەزەلدىن خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ھەقىقەت، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر جۈملىسى باشقىلارنىڭ تۈمەن مىڭ جۈملىسىگە باراۋەر».              
    ماۋزىدۇڭ 1949-يىلى دېكابىردا، موسكۋاغا بولغان تۇنجى سەپىرىنى باشلىۋەتتى،«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»مۇخبىرى خاررىسون سالسىبۇرىي(كېيىن ئۇنىڭ موسكۋادىن ئەۋەتكەن خەۋەرلىرى پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن) نىڭ ئەسلەپ: «بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى سىتالىن ماۋزېدۇڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىە ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىغاسۈكۈت قىلىش پۇزىتسىيەسىدە بولغان ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى گېزىت- ژۇرناللىرىدىمۇ بۇمەسلە قىلچە تىلغا ئېلىنمىغان» دېدى.«ھەقىقەت گېزىتى»نىڭ ئاخىرىقى بېتىگە ۋە «ئۇچۇرلار گېزتى»دە قىسقا ئابزاسلىق خەۋەرلەرلا بېرلگەن. بۇنىڭدىن باشقا جايلاردا «جۇڭگو»دېگەن ئىبارە يوق ئىدى.ماۋزېدۇڭ موسكۋا سەپىرىگە ماڭغاندا، كىشىلەر يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىنى سەزگەن.               
    ماۋزېدۇڭ 16-دېكابىر موسكۋاغا يېتىپ بارغاندىمۇ ئاچچىقى تېخىغىچە يانمىغان ئىدى.سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنى سوتسىيالىزم يولىغاباشلاپ ماڭغان داھىيدەك مۇئامىلىگە قىلمىغان. خۇددىي ئامېرىكا خارۋاردئۇنىۋېرىسىتېتىنڭ پروفېسورى، ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلىسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابى، تارىخشۇناس ئادام ئۇلام ئېيىتقاندەك: «ئۇنىڭ بۇلغارىيە رەھبەرلىرىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتەك قىلاتتى». سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى مولوتوۋ بىلەن بۇلگانىن ۋاگزالغا ماۋزېدۇڭنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان. ماۋ زېدۇڭ چۈشلۈك مول تائام تەييارلاپ بۇ ئىككىسنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ دىپلوماتىيە قائىدىسىگە خىلاپ، دەپ زىياپەتكە بېرىشنى رەت قىلغان. كېيىن ماۋزېدۇڭ ئۇلارنى ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار بېرىشنى يەنىلا رەت قىلغان. ئەلۋەتتە، بۇيەردە چوڭ تىپتىكى كۈتىۋېلىش،تەبىرىكلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزىلمىگەن ئىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇقېتىمقى سەپىرى سىتالىن دۇنياسىدا،ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا كوممۇنىزم لاگىرىدىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.           
      ئەگەر ئۇ، سىتالىننىڭ كومۇنىزىم لاگىردىكى قېرىندىشى بولسا،بۇ ئالەمدە بىرلاكومۇنىزىم ئاغىسى بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئاغىسىنىڭ ئورنىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.           

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 23:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە بىر تەرەپلىمە يېزىلدىمۇ قانداق ؟سىتالىنىڭ شۇنچىۋالا ياخشىلىقلىرنى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويماپتىغۇ؟
سېۋىت قىزىل ئارمىيەسى شەرقى شىمالغا كىرىپ ياپۇنلاردىن ئولجا ئالغان ھەربى ئەشيا قورال ياراقلارنىڭ ھەمىسىنى  كۇمپارتىيە ئارمىيسىگە  بېرىۋەتتى بۇنىڭ بىلەن كۇمپارتىيەنىڭ كۇچى زور دەرجىدە ئاشتى دىگەندەك بىر ماقالىنى كورگەندەك قىلغان
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 23:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوڭلاردىن ، دۇنيادا سىتالىننىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالالىغان ئىككى دولەت رەھبىرى
بار ئۇلار بولسا بىرسى ماۋزۇدۇڭ ، بىرسى مۇستاپا كامال ، دەپ ئاڭلىغان .

9

تېما

5

دوست

6372

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1531
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 00:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەلۋەتتە بۇ ماقالىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى سىتالىننىڭ ماۋزىدوڭدىن ئىھتىيات قىلىدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىنى تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى تەرىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ . ئەمما سوۋىتنىڭ كومپارتىيەگەنىڭ دۆلەت قۇرۇشىدا قىلغان ياردەملىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس . سىتالىن بىر تەرەپتىن جوڭگۇ كومپارتىيەسىگە ياردەم بەرسە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىزگىنىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرىشى نورمال ئەھۋال . سىتالىن ئۆلگەندىن كېيىن جوڭگۇ پۈتۈنلەي سوۋىتنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلدى .  گەرچە ھازىر روسيە بىلەن خېلى ياخشى مۇناسىۋەتتە تۇرۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ پۇتىنمۇ سىتالىندەكلا جوڭگۇدىن ئىھتىيات قىلىدىغانلقى ئېنىق .

0

تېما

1

دوست

285

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16679
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 09:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماۋزۇدۇڭنى پەقەتلا جۇڭگۇدىن چىقىپ باقمىغان دەپ ئويلاپتىكەنمە

1

تېما

2

دوست

3557

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1076
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 13:17:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزىدۇڭ سىتالىن بىلەن سۆھپەتلەشكەندە ،سىتالىن ماۋزېدۇڭغا سوۋېتنىڭ كۇچىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۇچۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ياسىغان ۋودۋورد بومبىسىنىڭ بىر دودىلا 10نەچچە مىلىيون ئادەنى ئۆلتۇرەلەيدىغانلىقىنى دەپتىكەن،ماۋزېدۇڭ پىسەنىت قىلمىغان ھالدا‹ئارانلا 10نەچچە مىلىيونما؟›دىگەن سۆزى سىتالىننى قورقۇتىۋىېتىپتىكەن.

0

تېما

1

دوست

1076

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26367
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 17:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2014-6-3 23:18
بۇ ماقالە بىر تەرەپلىمە يېزىلدىمۇ قانداق ؟سىتالىنىڭ ش ...

سىز ئۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىغان بولغىيتىڭز بىلمىدىم، لېكىن ھەققىي ئەھۋال بولسا سۆۋىت ئارمىيسى شەرقى شىمالغا كىرگەندىن كىيىن ياپۇنيە كانتون ئارمىيسى قالدۇرۇپ كەتكەن زور تۈركۈمىدىكى قورال ياراق، ماددى ئەشيا ۋە زاۋۇت-كارخانلارنى سىبىرىيەگە يۆتكەپ كەتكەن، ھەتتا قورچاق مانجۇرىيە ھۆكۈمىتنىڭ ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرىمۇ قالمىغان. كوچىدا ئۇچۇرغانلا قىز چوكانلارغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )