قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11956|ئىنكاس: 54

تاشپولات: نېرۋا ئىلمى دوكتورى ياش ئۇيغۇر ئالىمى ئەلقەم تۇرسۇن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

225

تېما

74

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 560
تۆھپە : 4218
توردىكى ۋاقتى: 292
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 13:06:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 13:05  

نېرۋا ئىلمى دوكتورى ياش ئۇيغۇر ئالىمى ئەلقەم تۇرسۇن

تاشپولات روزى

7-resim.jpg


دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ھازىرغىچە خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا 18 پارچە تىببى تەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلغاچ، ياپۇنىيە ۋە ئامىرىكىدا ئىچىلغان دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمى دوكلات يىغىنلىرىدا 20 قىتىمدىن ئارتۇق ئلمى دوكلات بىرىدۇ. دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا، ھارماس-تالماس تىرىشچانلىقى بىلەن تەجرىبىخانىسىدىكى چەتئەللىك ھەتتا ياپۇنلۇقلاردىنمۇ ئىشىپ چۇشۇپ، پەخىرلەنگۇدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. كىيىنكى دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقات جەريانىدىمۇ تىرىشىىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. تۆۋەندە ئۇكام دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

بالىلىق دەۋىر ۋە تەربىيە


دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيا ناھىيە يېيىق تاغلىق يېزىسىدا تىببى خادىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ يىزىدا ئەينى ۋاقىتتا 400 ئەتراپىدا ئاھالە بار بولۇپ، بالىلار ئۈچۈن كوڭۇل ئېچىش پائالىيىتى بولسا يېزىنىڭ بۇرجىگىنى بېسىپ ياتقان ئېگىز  قۇم بارخانلىرىغا يامىشىپ چىقىپ ئويناش بىلەن چەكلىنىپ قالاتتى. شۇڭا كۆپىنچە بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ۋە مەكتەپتىن كىيىنكى ۋاقىتلىرىنى  ئۆيدە ئىنى سىڭىللىرىنى بېقىش ۋە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەم قىلغاچ ئانىسىدىن ھىكايە ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا، ھازىرغىچە ئۆزىگە دائېم مىزان قىلىپ كەلگەن "سەۋەپ قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ"، "كۆڭۇل قويغان ئادەمگە، قىيىن ئىش يوق ئالەمدە" دىگەن ھىكمەتلەرنى، ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ئەمىلي مىساللار ئارقىلىق شۇ چاغلاردا چۈشۈنۈپ يەتكەن. دوكتور ئەلقەم، ھاياتىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان تەربىيىلەرنى مۇشۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ئانىسىدىن ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ . ئۇنىڭ ئېلىپبە ساۋادى چىققاندىن كىيىن دادىسىنىڭ قوللىشى بىلەن نۇرغۇن تەربىيىۋى كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇپ كىتابقا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ.                                                               
ئۇ 10 ياش چىغىدا نىيا ناھىيە ئىچىگە كۆچۈپ كىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە شۇ يەردە ئوقۇيدۇ. بۇ جەرياندا دەرىسلىكلەردە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپلا قالماستىن،  ئالتىنچى يىللىقتا "مىنىڭ يېزام " ناملىق ئەسىرىنى ناھىيىلىك رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىش بىلەن، "ئۆسمۈر يازغۇچى" لىق دەۋرىنى باشلايدۇ. ھەم ھازىرغىچە ئۆز ھاياتىدا يىتەكچى بولغان كۈندىلىك خاتىرە يازمىلىرىنى يىزىشنى باشلايدۇ. دادىسىدىن شاھمات ئويناشنى ئۈگۈنۈپ، تەڭ تۈشلىرى ئىچىدىكى شاھمات ماھىرى بولۇپ چىقىدۇ. ئۇ شاھماتتا "ئات" نىڭ بىر نوختىدا تۇرۇپ سەككىز ئورۇنغا سەكرەپ چۈشەلەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا سەل قارىسىلا "چاتاق" چىقىدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىپ ،"ئات" ئۇقۇمىنى ئۆز تۇرمىشىدىكى مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن  ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئۇچۇن ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، گەرچە بىر ئۆمۈر يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەم تەربىيەلەشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، دادىسىنىڭ  تەسىرىدە تىببى ساھەدە خىزمەت  قىلىشقا بەل باغلايدۇ.
                                                
1-resim.jpg

  ئاتا-ئانا، چوڭ ئانا ۋە ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن بىرگە.   


ئالى مەكتەپ ،خىزمەت ۋە تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى


ئۇ تىببى ئىنىستىتوتنىڭ  داۋالاش كەسپىگە ئوقۇشقا  كىرگەندىن كىيىن، ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ تىرىشىپ  ئۈگىنىدۇ. تۇنجى يىلى، بىر جۈملىمۇ خەنزۇچە سۆزلىشەلمەيدىغان ھالىتىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ، كىچە – كۇندۇز ئىخلاس بىلەن تىرىشىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا، چەتئەل تىلى ئۇگۇنۇش ئىستىگى بولسىمۇ، دادىسىنىڭ " ئىككى  توشقاننى تەڭلا قوغلىساڭ، ھىچقايسىنى تۇتالمايسەن، شۇڭا ئالدى بىلەن بىرنى قوغلاپ تۇت" دىگەن تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇچىنى ئاساسلىق ئۇگۇنۇش بىلەن بىرگە، تىل ئۇگۇنۇشتىكى تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، بۇلارنى  كىيىن ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ناھا يىتى تىز ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىدۇ. ئۇ تىببى كەسىپ  دەرىسلىكلەرنى تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇگەنگەچ، كۇندە بىر سائەت مۇقىم ۋاقىت چىقىرىپ، ئېنگىلىز تىلىنى دىگۈدەك ئۆزلىكىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئۈگۈنۈپ، تۆت يىل ئىچىدە " ئالى مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى تۆتىنچى ۋە ئالتىنچى دەرىجىلەردىن ئۆتىدۇ ( ئالتىنچى دەرىجىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  بىر يىلدىن كىيىن ئۆتىدۇ). ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، تىببى تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىشقا قىزىقىپ، تەتقىقاتچى دوكتۇرلارغا ناھايىتى ھەۋەس قىلىدۇ ۋە تەتقىقاتچى دوكتۇر بولۇشقا بەل باغلايدۇ. دادىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە قىزىقتۇرىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى پەن مىراسى ۋە ئەڭگۈشتەرى بولغان  ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمىنى تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئاساسى پەن تەتقىقاتچىسى بولۇشنى كۆزلەيدۇ. تىببى ئىنىستوتنى "باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى" بىلەن پۇتتۇرگەندىن كىيىن، شۇ يىلى يەنى 1997-يىلى "ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى" دا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئالى بىلىم يۇرتىدا بىرتەرەپتىن فارماكولوگىيە (دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش مىخانىزىمىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) دەرسى ئۆتكەچ،  ئىشتىياق بىلەن ئۇيغۇر تىبابەت ئاساسى نەزىرىيەلىرىنى ۋە دورىلىرىنى ئۈگۈنىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇر تىبابىتىنى تەتقىق قىلىش ئۇچۇن، ئۇيغۇر تىبابىتىدە كىسەللىك دەپ قارايدىغان مەلۇم كىسەللىك ھالىتىنى ھايۋانلاردا پەيدا قىلىپ ( يەنى، مەلۇم  كىسەلگە گىرىپتار بولغان "ھايۋان مودىلى "  پەيدا قىلىپ) ، ئاندىن ئۇ كىسەلنى داۋالايدىغان دورىنىڭ تەسىر مىخانىزىمىنى  تەتقىق قىلىش كىرەكلىكىنى ھىس قىلىدۇ.ئۇيغۇر تىبابىتىدە دىئاگۇنۇز قويۇلىدىغان  ئىنسانلارنىڭ كىسىلىنى ھايۋانلاردا پەيدا قىلىپ، تەتقىقاتقا ئىشلىتىدىغان " ئىشەنچىلىك كىسەل مودىلى" بەرپا قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ، ئۇنى بۇ خىل تەتقىقاتنى بۇرۇنراق باشلىغان "جوڭگو تىبابىتى" دىن ئۈگۈنۈپ كىلىپ ئاندىن ئۇرۇنۇپ بىقىشنى نىيەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم كۆپ تەرەپلىمە قوللاشلارغا ئىرىشىش ئارقىلىق، "جېجىياڭ جوڭگو  تىبابىتى ئىنىستوتى" غا بىرىپ، دورا  ئۆسۈملۈك " ئادىراسماننىڭ ساچقاننىڭ  ئۈگۈنۈش ۋە ئەستە ساقلاش جەريانىغا بولغان تەسىرى" نى تەتقىق قىلغاچ، جوڭگو تىبابىتىنىڭ فارماكولوگىيىلىك تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۈگۈنىدۇ.  يىتەكچى پىراففىسسورى لى دا پېڭ ئۆزى تەتقىق قىلغان راكقا قارشى ئۆسۈملۈك دورىنى كىلىنكىلىق داۋالاشقىچە ئىلىپ چىقىپ شەخسى دورا زاۋۇدى  ۋە شىركىتى قۇرغان بولۇپ، دوكتۇر ئەلقەمگە ئەقلى جەھەتتىن جىق تەسىركۆرسىتىدۇ.  2002 – يىلى ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئالغاندىن كىيىن، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كىلىپ،  ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىزدىنىشنى باشلايدۇ.  ئۇيغۇر تىبابىتىدە، كۆپىنچە كۆپخىل ئۆسۈملۈك دورىلارنى قوشۇپ "مۈرەككەپ دورا" قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قايسى ئۆسۈملۈك دورىنىڭ قايسى تەركىبىنىڭ كىسەلگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلمەك تەس، لېكىن بىر خىللا  يەككە ئۆسۈملۈك دورىنى ئىشلەتسە، ئۇنىڭ تەسىرى ئاجىز بولۇپ چىقىدۇ. دوكتۇر ئەلقەم، ئەجدادلار ئۇزۇن يىللىق سىناش ئارقىلىق ئوخشاش داۋالاش تەسىرى بىرىدىغان بىر خىل تەركىپلەرنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان ئوخشىمىغان ئۆسۈملۈك دورىلارنى قوشۇپ ئىشلىتپ، بۇ دورىلارنىڭ داۋالاش تەسىرىنى كۈچەيىتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر تىبابىتىدە سەۋەبى ئوخشىشىپ كىتىدىغان كىسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئوخشىمىغان نامدىكى مۇرەككەپ دورىلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق ئىشلىتىلگەن ئۆسۈملۈك دورىلارنى تىزىملاپ، بۇ ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق مەۋجۇت بولغان يەككە تەركىپنى، مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئىنىقلاپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى سەۋدا خىلىتى ئائىلىسىدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلارنىڭ ئىچىدە بادرەنجى بۇيا ھىندى ۋە گاۋزىبان قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەكرار ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇلاردىكى ئورتاق تەركىپنىڭ  "ئارتۇق سەۋدا"  دىن كىلىپ چىقىدىغان ياشانغانلاردىكى ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالاش تەسىرىنى  تەتقىق قىلىشنى مەخسەت  قىلىدۇ.
بۇ يىللاردا خوتەن شەھىرىدە  ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن  ھەقسىز "ئىلىم ئال" كۈتۈپخانىسى قۇرۇش بىلەن بىرگە ھەقسىز ئىنگىلىز تىلى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئىچىپ، كىچىك ۋاختىدىكى ئادەم تەربىيىلەش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

چەتئەلگە چىقىش


دەل شۇ ۋاقىتلاردا،2002 -يىلى سەھيە مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان ئېنگىلىز تىلى سەۋىيە ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ، ئاپتونۇم رايون بويىچە بىرىنچى بولىدۇ ھەم شۇ يىلى چەتئەلگە چىقىش سالاھىيەت تىل ئۆلچەم سىزىقىدىن ئۆتكەن بىرلا شىنجاڭلىق بولىدۇ.  مەملىكەت بويىچە شۇ يىلى مۇشۇ ئۆلچەمدىن ئۆتكەنلەر3000  دىن ئارتۇق بولۇپ، پەقەت  300 كىشىلا چەتئەلگە چىقىش ئوقۇش مۇكاپاتى ئلتىماس قىلىشقا  يول قويىلىدۇ. ئۇ بۇ 300 ساننىڭ ئىچىدە تاللىنىپ، "ياپۇنىيە ساساكاۋا مالىيە جۇغلانمىسى تەتقىقات ياردەم پۇلى" غا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىرىشىدۇ. جوڭگو سەھيە مىنىستىرلىكى  بۇ 300 ئىلتىماستىن 150 نى تاللاپ  "ياپۇنىيە ساساكاۋا  مالىيە جۇغلانمىسى" غا يوللايدۇ ئاندىن ئۇلار بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ  تەتقىقات  تېمىسىغا ئاساسەن 78 كىشىنى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن " ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى بادرەنجى بۇيا تەركىبىنىڭ ياشانغانلاردىكى ئۇنتۇغاقلىقنى داۋالاش ھەققىدە  ئىزدىنىش" دىگەن تەتقىقات تېمىسى بىلەن تاللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياپۇنىيەگە چىقىپ تەتقىقات قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىدۇ. 2004- يىلى ياپۇنىيەگە  چىققاندىن كىيىن بۇ تەتقىقات تېمىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ  چىقىپ، ماقالىسىنى خەلىقئارالىق نوپۇزلوق ژۇرنالدا  ئىلان قىلىدۇ.  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ياپۇنىيەدىكى  ئۆز ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارغا تونۇشتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولۇپلا قالماستىن ، ياپۇنىيەگە سىلىشتۇرغاندا كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش سەۋىيىسى تۆۋەن  رايۇندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى يەنە كىلىپ شۇنچە ياشانغاندىمۇ ئۇنتۇغاقلىق  كىسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئازلىقىنى ياپۇنىيە  ئالىملارغا تونۇشتۇرىدۇ. شۇنداقلا  بۇلارنى ئۇيغۇر  تىبابەت ئىلمىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنىڭ يۇقىرى  ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلق ئارىسىدا  كەڭ ئوموملاشقانلىقىنى،شۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەن ساغلام كىشىلەرنىڭ بادرەنجى بۇيا ۋە شۇ تۇردىكى ئۆسۈملۈك دورىلارنى چاي ۋە باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۇشەندۈرۈپ، پايۇنلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. شۇنداقلا  بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى ياپۇنىيە  ۋە ئامىرىكىدا ئىچىلغان خەلىقئارالىق نىرۋا  ئىلمى تەتقىقات  يىغىنلىرىدا  دوكلات قىلىدۇ. مۇشۇ تەتقىقات جەريانىدا، "ياپۇنىيە دورىگەرلىك ئۇيۇشمىسى" نىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر تىبابىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئىككى سائەتلىك لىكسىيە سۆزلەيدۇ.

2-resim.jpg

           ساساكاۋا تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇزۇتۇش زالىدا.         




3-resim.jpg



ئۇيغۇر تىبابىتىنى تونۇشتۇرۇش لىكسىيەسىنىڭ باش بېتى.


4-resim.jpg


دوكتۇرلوق ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپتە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە تىبابىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ تام گىزىتى ئىلانى.


دوكتۇرلۇق ئوقۇش ۋە تەتقىقات پائالىيىتى


2005- يىلى 4- ئايدا ناگويا ئونۋېرستىتىنىڭ "ھۈجەيرە ئاخبارات مېدىستىنا" كەسپى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۇقۇشىغا قۇبۇل قىلىنىپ، 2008- يىلى 9- ئايدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ.
ياپۇنيەدە مېدىستىنا كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش ۋاقتى ئادەتتە تۆت يىلدىن بەش يىلغىچە بۇلۇپ، دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن تەتقىقاتقا بولغان ئۇرغۇپ تاشقان ئىشتياقنىڭ تۈرتكىسىدە، شەنبە-يەكشەنبە، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەم تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز تەجىربىخانىدا ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۇچ يىرىم يىلدا ئېلىشقا مۇيەسسەر بۇلىدۇ.
ئۇ تۇرۇشلۇق تەجىربىخانىدىكى باشقا ياپۇنيىلىك ۋە جۇڭگۇلۇقلار تۆت-بەش يىلدا ئاندىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بۇلۇپ، دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن كۆزگە كۆرىنەرلىك نەتىجە بىلەن ئۆزى بىلەن بىرگە ئوقۇشقا كەلگەن جۇڭگۇلۇق ۋە ياپۇنيىلىقلارنى يەڭگەنلىگىدىن ناھايىتى پەخىر ھىس قىلىدۇ.  ئوقۇش پۈتتۈرۈشىنىڭ ئالدىدا ئۆزى لاھىيلەپ ئىشلىگەن ئۇچ پارچە تەتقىقات ماقالىسنى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژورناللارد ئېلان قىلىپ بولغان بۇلۇپ، بۇ ئۇچ يېرىم يىلدا تاماملىغان ۋە تۆھپە قوشقان باشقا 5 پارچە ماقالىسنى داۋاملىق ئېلان قىلىدۇ.
ئۇچ يېرىم يىللىق ئوقۇش- تەتقىقات جەريانىدا " ئۇئېخارا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى"  ئالىدۇ. يەنە ناگويا ئۈنۋېرستىتىنىڭ “نەمۇنىلىقلار مەركزى” (Center of Excellence, COE) نىڭ دائىملىق تەتقىقات خادىمى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. ئىككى يىل COE تەتقىقاتچىسى بۇلۇش جەريانىدا تۇنجى بىر يىللىق تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ئېلىش بىلەن بىرگە ئىككى قېتىم "COE تەتقىقات فوندى" ئالىدۇ. ئىقتسادى جەھەتتىن تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولغاچقا، پۈتۈن ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى ئۈگۈنىشكە ۋە تەتقىقات خىزمىتىگە قارىتىپ، تەتقىقات نەتىجىسىدە ياپۇنيىلىكلەر بىلەن تەڭمۇ-تەڭ بولۇشقا ھەتتاكى ئېشىپ چۈشۈشكە تىرىشىدۇ ھەم قىلالايدۇ.  ئۇنىڭ تەجىربەخانىدا سەرىپ قىلغان ۋاختى باشقا ياپۇنيىلىكلەردىنمۇ كۆپ بولغاچقا، باشقىلار ئۇنى "تەجىربەخانا ئەرۋاھى" دەپمۇ ئاتاپ قۇيىدۇ. ئوقۇشنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇ ئۆزى لاھىيلەپ ئىشلىگەن تەجرىبە نەتىجىسى ئۆزى يىتەكلەۋاتقان ياپۇنيىلىك ئوقۇغۇچىسى تەرىپىدىن "مەكتەپ ئىچىدىكى يىللىق 100 پارچە يېڭى تەتقىقات نەتىجىسنى باھالاش مۇسابىقىسىدە " ئېلان قېلىنىپ "ئەڭ ياخشى نەتىجە" مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ نەتىجە تەجىربىخانىسنىڭ 16 يىللىق تارىخىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان 20 دىن ئارتۇق دوكتۇر ئاسپىرانتلارنىڭ ئىچىدىكى "تۇنجى قېتىملىقى" بۇلۇپ، بۇ نەتىجە دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇنغا زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ياپۇنلۇق كەسىپداشلىرنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى ياللۇغلىنىشنى باشلىغۇچى ئامىل دەپ قارالغان TNF-a ( ئۆسمە نېكروزلاشتۇرغىچى ئامىل) مالېكولىسىنىڭ ئەلىزخايمېر كېسىلىنىڭ (ياشانغانلاردىكى مېڭە يىگىلەش تىپىدىكى ئۇنتىغاقلىق كېسىلى) باشلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى ھايۋانات مودىلىدا مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مۇشۇ نەتىجىلىرى بىلەن شۇ يىلى "ناگويا ئونۋېرستىتى ئوقۇتۇش ياردەمچىسى" لىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ھەم  ياپۇنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارالىق مىڭە  ئىلمى تەتقىقات يىىغىنىدا بىر  دوكلات گۇرۇپىسىنىڭ يىغىن باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىق سالايىتىدە مۇشۇنداق بولالىغىنىدىن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.  ئۇ مۇشۇ ياخشى باھالاشقا ئېرىشكەن ماقالىسنى داۋاملىق ئىشلەپ سالىدومايىد  (thalidomide)دەپ ئاتىلىدىغان، TNF-a نىڭ خەۋەرچى RNA نى پارچىلاپ،  ئەلىزخايمېر كىسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقىنى تەجىربىخانا ھايۋانلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماقالىسنى "پائالىيەتلىك مېڭە تەتقىقاتى" (Behavioral Brain Research) ژورنىلىغا يوللايدۇ ۋە ماقالىسى بەش كۈندىلا قۇبۇل قىلىنىپ ھەيرانلىق، خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كىلىدۇ (ئادەتتە ئوڭۇشلۇق بولغاندا ماقالە قۇبۇل قىلىنىشقا ئۇچتىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدۇ). بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادىكى باشقا تەتقىقات ئورونلىرىنىڭ سالىدومايىدنىڭ ئەلىزخايمېر كېسلىنى داۋالاشقا بولغان تەتقىقات قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئىلگىرلەپ ئىزدىنىشلەرگە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلنىشقا تۈرتكە بۇلىدۇ. ھازىر ئامىرىكىدىكى دورا شىركەتلىرى سالىدومايىدنىڭ ئەلىزخايمېر كېسلىنى دۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى كېلىنكىلىك تەتقىقاتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئلىپ بىرىۋاتىدۇ. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇننىڭ تەجرىبە نەتىجىسى بۇ كېلىنكىلىق تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىپ بېكىتلگەن.  ئەگەر كېلىنكىلىك تەتقىقاتنىڭ 3- باسقۇچى ئۈنۈملۈك بولسا، ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) نىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىشكە باشلايدىكەن. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن بۇ دورىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئەينى ۋاقتتا پاتنېت ئىلتىماس قىلمىغان بۇلۇپ، ئەگەر بۇ دورا ئەلىزخايمېر كېسلىنى داۋالاشتا بازارغا سېلىنسىمۇ ئۇنىڭىغا ھېچقانداق ئىقتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئەمما دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن "بۇ نەتىجە ماڭا زور روھى مەدەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ، ماڭا شۇ كۇپايە" دەيدۇ.

5-resim.jpg

ياپۇنىيەدە تۇنجى قىتىم قاتناشقان ئىلمى تەتقىقات يىغىنىدا يىتەكچىسى بىلەن بىرگە. ئارقا  كۆرۈنۈشتە  بادرەنجى بۇيا نىڭ ئۇنتۇغاقلىقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى.

6-resim.jpg

دوكتۇرلوق ئۇنۋانى تارقىتىش مۇراسىمىدىن كىيىنكى كۆرۈنۈش.


دوكتۇرلۇقتىن كېينكى تەتقىقات پائالىيەتلىرى


دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا، ئامىرىكا خاۋراد ئۈنۋېرستىتى بىلەن ئىرلاندىيە دابلىن ئۈنۋېرستېتى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن ئەلىزخايمىر كېسلىنىڭ پاتالوگىيەسنى ھەمكارلىشىپ تەتقىقات قىلىدىغان، ئەلىزخايمىر كېسلىنىڭ تەتقىقاتىدا ئاساسلىق كۆزگە كۈرۈنگەن گۇرۇپىنىڭ دوكتۇر ئاشتىلىق تەتقىقاتچى خادىملىقىغا تەكلىپ قىلىنغان بۇلۇپ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان (ئەمما  بىر يىلنىڭ ئالدىدا پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن) يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى "باشقا يەرگە كەتمەي مىنىڭ يېڭىدىن قۇرغان تەجىرىبىخانامدا ئىشلە" دىگەن گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، يىتەكچىسىنى ھۆرمەتلەش يۇزىسىدىن بارماقچى بولغان تەتقىقات گۇرۇپىسنىڭ باش يىتەكچىسىگە ھازىر يىتەكچىسىدىن يۈز ئۆرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ھۆزۈر خالىق ئېيتىپ تەكلىپنى رەت قىلىدۇ. ئۇ كىشىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا چۈشەنگەنلىكىنى  ئېيتىدۇ ( خارۋاد ئونۋېرستىدىكى ئۇ پىراففىسسور بىلەن ھازىرمۇ ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ياپۇنىيەدە تەتقىقات فوندى ئىلتىماس قىلىشقا كىرىشىپ، ياپۇنيە سەھىيە مېنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان " خەتەرلىك خېمىيىلىك ماددىلارنى تەتقىت قىلىش" گۇرۇپىسنىڭ تەتقىقات خىزمەت ئورنىغا ئىرىشىدۇ. بۇ گۇرۇپىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسى بولسا تاماكىنىڭ تەركىۋىدىكى "تاماكا ئىشقارى" دەپ ئاتىلىدىغان نىكوتىن دىگەن ماددىنىڭ قورساقتىكى يىتىلىۋاتقان بوۋاقنىڭ مېڭە فونكىتسىيە تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرنى تەتقىت قىلىش بولىدۇ. ياپۇنىيەدە ياشانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۇغۇش نىسپىتى ئازلاۋاتقان بۇلۇپ، ياپۇنيە ھۆكۈمىتى تۇغۇلۇۋاتقان بوۋاقلارنىڭ ئەقلى ۋە جىسمانى سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىۋاتقان ئامىللارنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ئۇلارنىڭ يېڭى ئەۋلاتلارغا بولغان تەسىرنى ئازايتىش ئارقىلىق ياپۇن مىللەتلىرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادى مەبلەغ چىقىرىدۇ. خەلقئارادا ھاملىدار ئاياللارنىڭ تاماكا چەكمەسلىگى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا  باشقىلارنىڭ تاماكا چەكمەسلىكى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، تاماكىغا خۇمار بولغان كۆپ كىشىلەر بۇنىڭغا ئانچە پىسەنىت قىلمايدۇ. يەنە كىلىپ تاماكا شىركەتلىرى تاماكىدىن ئىلغاپ ئالغان نىكوتىننىڭ تاماكىنىڭ خۇمارىنى باسىدىغانلىقى پەش كەلتۈرۈپ، تاماكا تاشلىيالمايدىغان ھاملىدار ئاياللار ھاملىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چىكىشنىڭ ئورنىغا نىكوتىنلىق مەسھۇلاتلارنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى، نىكوتىننىڭ قورساقتىكى بوۋاققا بولغان تەسىرىنىڭ تاماكىدىن ناھايىتى زور دەرىجىدە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ، ئۆز مەسھۇلاتلىرنىڭ بازىرىنىڭ كاساتلىشىپ كەتمەسلكىگە تىرىشىدۇ. دەسلىۋىدە بۇ سەپسەتىلەرنى قوللىغان تەتقىقاتچىلار كېيىن قوللاشتىن يېنىۋالغان ھەم  ئۇنىڭغا قارشى بەزى ماقالىلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھەر خىل تەجىربىخانلارنىڭ تەتقىقات شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن خۇلاسىدە بىرلىككە كىلىش تەس بولىدۇ. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن شۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ، نىكوتىننى تەتقىت قىلىش جەريانىدا تالاش تارتىش قىلىۋاتقان ھەر خىل مەسىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك بىر تەجىرىبە لاھىيلەپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نىكوتىن ئىشلىتىشنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بوۋاقنىڭ روھى ۋە ئەقلىي پائالىيىتىگە بولغان تەسىرى ھەم ئۇنىڭ مىخانىزىمنى تەجىربىخانا ھايۋاناتلىرىدا تەتقىت قىلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى ھامىلدار ۋاقتىدا نىكوتىن ئىشلىتىش (ياكى تاماكا چىكىش) نىڭ توغۇلغاندىن كېينكى ئەۋلاتلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ زېرەكىلىكگە كاپالەت بولىدىغان نورئادىرنالىن دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنىڭ ئەمىلى ئىشلىتىلىشنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دىققىتى چېچىلاڭغۇ بۇلۇش، ئەنسىزلىك ھىس قىلىش، ئۆز-ئارا ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى پاسسىپ بۇلۇش قاتارلىق ئاجىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇ توغۇرلۇق ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ بىرسى مەخسۇس  ياخشى ماقالىلارنى تۇنۇشتۇردىغان "يۇقىرى نۇرلۇق تەتقىقات" (highbeam research) ناملىق پەننى گىزىتتە تۇنۇشتۇرۇلۇشقا ئىرىشىدۇ. دوكتۇر ئەلقەم مۇشۇ تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات  نەتىجىلىرىنىڭ ئۆز خەلقى ئۇچۇنمۇ خىزمەت قىلالىشىنى ئۇمۇت قىلىدۇ.

Tibbi kesiptin Dokturliq.jpg


2010- يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ،ساغلاملىق پەنلىرى غەربى ئونۋېرستىتى (Western University of Health Sciences) غا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىغا كىلىپ،ئۆزى ئۇزۇندىن بىرى قىزىقىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى قەرەللىك قۇستۇرۇش ئارقىلىق مىڭە ساغلاملىقىنى ساقلاش ۋە مىجەزىنى تەڭشەش ئۇسۇلىنىڭ (ئۇيغۇر تىبابىتى دەرىسلىگىدە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە دىيىلىدۇ) ھازىرقى زامان ئىلمى ئاساسىنى ئىزدىنىدۇ. ھەم ئاشقازان ئۇچەي غىدىقلىنىپ ھايۋان قۇستۇرۇلغاندا، ھايۋاننىڭ مىڭە غولىمۇ (نۇرغۇنلىغان نىرۋا فونكىتسىيە مەركەزلىرى جايلاشقان ۋە ئۆتۈشىدىغان ئورۇن)  غېدىقلىنىپ، يەرلىك ئورۇندىكى مىڭە ھۆجەيدەرىسىدىكى 2-ئۇچۇرچى دەپ ئاتىلىدىغان cAMP مىقدارىنىڭ يۇقىرىلايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ نىشان مالىكولىسى PKA (نىرۋا ھۈجەيرىسىنى قوغداش رولىغا ئىگە ئاقسىل) نىڭ ئاكتىپلىقىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇلارنىڭ مىڭىدىكى ئازلىشى بولسا روھسىزلىنىش ۋە ئۇنتۇغاقلىق كىسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلارنى مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بۇ كىسەللەر داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. ئەجدادلارنىڭ كۈزۈتۇش خۇلاسىسىنىڭ نەقەدەر ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى چۇشۇنىدۇ.  بۇنداق قۇسالايدىغان ھايۋان مودىلى كوپ ئەمەس بولۇپ، ئامىرىكىدا مۇشۇ تەجرىبەخانىدىلا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىدىكى  ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائت تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەلۇم شارائىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ (ھايۋاننىڭ تىنى كىچىك بولغاچقا).شۇڭا ئۇ يەنە بۇرۇنقى كەسپىگە قايتىپ، ئەلىزخايمېر كېسىلىنىڭ قان تۇمۇر پاتالوگىيىسى ۋە ئىمونىت سېستىمىسىغا ئائىت تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ھازىر شۇ مەكتەپتە "يىتىلگەن مىڭىدىكى غول ھۆجەيرە" تەتقىقاتىغا  كىرىشىپ، راك كېسلىنى داۋالاشتىن كېينكى ئۇنتىغاق بۇلۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، راكقا قارشى دورىلارنىڭ مېڭە غول ھۆجەيرىسىدىن باشلاپ يىتىلگەن نېرۋا ھۆجەيرسىگىچە بولغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە مىخانىزىمنى ئىزدىنىدۇ ۋە ماقالىلىرىنى ژۇرناللارغا يوللاۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن نىكوتىنغا يۇلۇقۇشنىڭ ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق، ياشانغان چاغدىكى مىڭە غول ھۆجەيرىسنىڭ نورمال تەرەقىياتىغا بولغان تەسىرى ھەقىقىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ئامىرىكا نىرۋا پەنلىرى جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ يىقىندا پىسخوفارماكولوگىيە )  (Psychopharmacology   ژۇرنىلىنىڭ قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ماقالىلارنى كەسپى جەھەتتىكى باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندى.

ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئايالى دوكتۇر زوھرە تۈمۈرمۇ شۇ مەكتەپتە راك ئىلمى بويىچە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىش مىخانىزىمىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلغاچ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىن بادرەنجى بۇيا  ۋە باشقىلارنىڭ راكقا قارشى ئۈنۈمىنى تەكشۈرىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دوكتۇر ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقاتىغا داۋاملىق تۆھپە قوشقۇسى. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ  پەرزەنتلىرىگە ساغلاملىق ۋە بەخت تىلەيمەن.

8-resim.jpg

خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە تەجرىبەخانا ئارام ئىلىش ئۆيىدە.


پايدىلىش ماتىرىيالى

1. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئلمى ماقالىلىرىنى ئامىرىكا تىببى پەنلەر كۈتۈپخانىسىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىدىن تاپالايسىز.(18 - ماقالىسى بىر ھەپتە بۇرۇن قوبۇل قىلىندى).
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/?term=Alkam+Tursun
2. سالىدومايىد نىڭ ئامىرىكىدىكى كىلىنكىلىق تەتقىقات ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تاپالايسىز.
http://www.alzforum.org/therapeutics/thalidomide
3. نىكوتىن- ماقالىسى ھەققىدىكى گىزىت خەۋىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن تاپالايسىز.
http://www.highbeam.com/doc/1G1-320015987.html


uyghuray

1

تېما

2

دوست

4882

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   96.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1476
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 13:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.ئەلقەم تۇرسانغا ئوخشاش دوكتۇرلىرىمىزنىڭ كۆپلاپ چىقىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.

0

تېما

4

دوست

2022

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28321
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 13:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شان شوھرىتىمىزنى كۇندىن كۇنگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىلىم پەرۋانىلىرى، يۇلۇڭلار نۇرلۇق بولسۇن!
ھەر قىتىم ئارىمىزدىن تۇنۇلىۋاتقان ئالىملىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا قەلبىمدە بىر تەرەپتىن چەكسىز پەخىرلىنىش ھىسىياتى بولسا بىر تەرەپتىن ئەينى چاغدا چەتئەل تىلىنى پىششىق ئۇگىنىپ تىخىمۇ كوپ بىلىم ئىگىلىيەلمەي ھوكۇمەتنىڭ خىزمەت قۇينىغا «تۇمۇر دەپتەر» گە يىزىلىشنى ئەلا بىلىپ، ئىرىقتىكى لاي سۇدەك ئوتۇپ كەتكەن كۇنلەرگە ئەپسۇسلىنىمەن.....

4

تېما

5

دوست

5118

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 1497
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 14:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى بىزلەرگە تۇنۇتۇپ كىلىۋاتقان مىھنەتكەشلىرىمىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!
uyghuray

0

تېما

1

دوست

1392

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25486
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 14:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ!  لەنىتى تىلۋىزيە ئىستاسلىرى مۇشۇنداق ئالىملىرمىزنى بولسىمۇ تونۇشتۇرسا بولتى،نەدىكى تۈكى يوق ناخشلنى قويىۋەرگۈچە!

2

تېما

8

دوست

6494

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 1936
توردىكى ۋاقتى: 580
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:35:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر.

2

تېما

7

دوست

901

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28753
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 15:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ

186

تېما

14

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1922
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7663
توردىكى ۋاقتى: 1682
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-3 16:18:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە تەربيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. رەھمەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )